باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 478 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەبۇ مەنسۇر ئەل ماتۇرىدى
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 09:53

ئەبۇ مەنسۇر ئەل ماتۇرىدى

ئەبۇ مەنسۇر ئەل ماتۇرىدى



تولۇق ئىسىم شەرىفلىرى - مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىبنى مەھمۇد ئەل ماتۇرىدى ئەس سەمەرقەندى.
   ماتۇرىد - سەمەرقەند ئەتراپىدىكى بىر قىشلاقنىڭ نامى. ئۇ يەر ھازىرمۇ بۇزۇلغان شەكىلدە «ماترىت» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەسلى مەنبەلەردە ئيتىلىشىچە، قىشلاقنىڭ نامى ئەرەپچە «ماتۇرد؟» دىگەن سۆزدىن ئېلىنغان.مەنىسى «نىمە دىمەكچىسەن؟» دۇر. ئېيتىلىشىچە، شەيىخ ئەبۇ مەنسۇر كالام ئىلىمىنى ئۈگۈتىۋاتقان پەيىتلەردە شاگىرىتلىرى كۆپىيىپ كەتكەن ۋە ئۇلار ئۆز ئارا مۇنازىرە قىلىشقاندا بىر بىرىگە ئەرەپ تىلىدا كۆپۈنچە «ماتۇرىد؟» دەپ مۇراجەت قىلغان. شۇ سۆز كۆپچىلىكنىڭ قۇلىقىغا كۆپ ئاڭلانغاچ، شەيىخ شاگىرتىنى ماتۇرىدىيلار، قىشلاق نامى بولسا «ماتۇرىد» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانكەن. (زەرنۇجي، تەلىم ئەل مۇتەئەلىم شەرھى)
  نەسەبلىرى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن چاغلىرىدا ئۆز ئۆيىدىن جاي بەرگەن مەشھۇر ساھابە - ئەبۇ ئەييۇب خالىد ئىبنى زەيىد ئىبنى كۇلەيب ئەل ئەنسارى ھەزرەتلىرىگە بېرىپ يىتىدۇ، دەپ نەقىل قىلىنىدۇ.بۇ نىسبەتنى بەزى مۇئەررىخلەر رەت قىلىدۇ.
  تۇغۇلغان يىللىرى ھەققىدە تارىخى مەنبەلەردە قەتئىي مەلۇمات يوق، لېكىن، تەخمىنىي مەلۇماتلار بىرىلگەن. مەسىلەن ئۇنىڭ ئابباسىيلار خەلىفىللىرىدىن (232ـ 247 ھ) مۇتەۋەككىل دەۋردە ياشىغانلىقى مەلۇم.  يەنە، مۇھەممەد ئىبنى مۇقاتىل ئەر رازىي (248ـ ؟ۋاپاتى) ۋە ناسىر ئىبنى يەھيا ئەل بەلىخي (268ـ؟ ۋاپاتى) كەبى ئۇستازلىرىدىن دەرس ئالغانلىقلىرى نەزەرگە ئېلىنسا، شەيىخنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى 283 ھ، دەپ تەخمىن قىلىش مۇمكىن.
   لىكىن، «ئىسلام قامۇسى» دا تۇغۇلغان يىللىرى مىلادى 870ـ يىلى دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭغا ئاساسەن 2000ـ يىلى شەيىخ تەۋەللۇتىنىڭ 1130 يىللىقى نىشانلاندى. بۇ ھىساپقا كۆرە، شەيىخنىڭ تۇغۇلغان يىللىرى 257ھ توغرا كىلىدۇ.
   ۋاپات تاپقان ۋاقتى توغرىسىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك سان ھ333 ھىساپلىنىدۇ. بۇ مىلادى 944ـ يىلغا توغرا كىلىدۇ.
   ماتۇرىدىيە ئۆلىمالىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن ئەبۇ مۇئىن ئەن نەسەفىي (438ـ508ھ) ئۆزىنىڭ «تەپسىرەتۇل ئادىللا» كىتاۋىدا تۆۋەندىكىدەك يازىدۇ:«ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىدىي ۋاپات تاپقىنىدا يېقىن شاگىرىتلىرىدىن بىرى ئەبۇلقاسىم ئەلھەكىم ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا تۆۋەندىكى پۈتۈكنى يازدۇرغان ئىكەن:
    «بۇ قەبرە نەپەسلىرى مىقدارى ئىلىمنى ئۆزىدە جەم قىلغان، جىمى كۈچىنى ئۇ ئىلىمنى تارقىتىش ۋە ئۈگۈتۈش بىلەن تۈگەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن دىنى ئەسەرلىرى ماختاشقا سازاۋەر بولغان ۋە ئۆز ئۆمۈرىدىن خىلمۇ خىل مىۋىلەرنى ئالغان زاتنىڭ قەبرىسىدۇر».
   شەيىخ ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىدىينىڭ قەبرىسى سەمەرقەنىد شەھرىنىڭ چوكاردىزا قەبرىستانلىقىدا ئىكەنلىكى ئىشەنچىلىك مەنبەلەر ۋە ئىلمى تەتقىقاتلار ئاساسىدا ئىسپاتلاندى. شۇنىڭغا ئاساسەن 2000ـ يىلى مايدا ئۆزبىكىستان مۇسۇلمانلار ئىدارىسىدىن بۇ توغرىسىدا پەتىۋا چىقىرىلدى.

  شەيىخنىڭ ئىلمى ئۇنۋانلىرى

  ـــ ئىمامۇل ھۇدا (ھىدايەتكە ئىنتىلگۈچى ئىمام)
  ـــ قۇدۋەتۇ ئەھلى سۈننە (ئەھلى سۈننەت پىشۋاسى)
  ـــ مۇسەھھىھۇ ئەقائىدىل مۇسلىمىن (مۇسۇلمانلار ئەقائىدىنى ئىسلاھ قىلغۇچى)
  ـــ ئىمامۇل مۇتەككاللىمىن (كالام ئىلىمى ئالىملىرىنىڭ پىشۋاسى)
  ـــ رەبىبۇ ئەھلى سۈننە (ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە تەربىيىسىنى ئالغان)
  ـــ ئەل ئىمام، ئەززاھىد (دۇنيانى تەرك ئەتكەن ئىمام)
  ـــ ئەششەيىخ ئەل ئىمام ۋە ھاكازالار...



شەيىخنىڭ ئۇستازلىرى

شەيىخ ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىدىينىڭ ئۇستازلىرى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە نۇئمان ئىبنى سابىتنىڭ شاگىرتلىرى ۋە شاگىرتلىرىنىڭ شاگىرىتلىرى بولغا نلاردۇر. ئۇلاردىن بەزىللىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز.
  1.  ئەبۇ نەسىر ئەل ئىيازىي(ئەھمەد ئىبنى ئابباس). بۇ زات ئەبۇ بەكرى ئەھمەد ئىبنى ئىسھاق ئەل ئەل جۇزجانيدىن تەلىم ئالغان. شەيىخ ئەبۇ مەنسۇر ھەم فىقھى دەرسىدە ئەبۇ نەسىر بىلەن بىرلىكتە، ئەل جۇزجانىيدا ئوقۇغان.
   2.  مۇھەممەد ئىبنى مۇقاتىل ئەر رازىي. راي شەھرىنىڭ قازىسى بولغان بۇ زات ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى - مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەل شەيبانىيدا ئوقۇغان. ئىمام بۇخارىي بۇ كىشىدىن ھەدىس ئاڭلىغان. ھاكىم ۋەى تىرمىزىيلارمۇ بۇ زاتتىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ۋاپاتلىرى توغرىسىدا ھىجىريە 248 ياكى 242 - يىللىرى كۆرسىتىلگەن.
   3.  ئەبۇ بەكرى ئەھمەد ئىبنى ئىسھاق ئەل جۈزجانىي. دادىسىنىڭ ئىسمى سۇبىھ ياكى سۇباھىي ئىكەنلىكىدە مۇئەررىخلەر ئىختىلاپ قىلىشقان. بۇ زات فىقھى ئىلمىي ئۇسۇللىرى ۋە فۇرۇلىرى ساھەسىدە، شۇنىڭدەك ئەنۋائى فۇنۇندا يۇقىرى دەرىجىگە ئىرىشكەن. «ئەلفەرۇق ۋەتتەميىز»،«تەۋبە» ۋە باشقا كىتاپلارنىڭ مۇئەللىفىدۇر. ئەبۇ بەكىر ئەل جۈزجانىي ئەبۇ ھەنىفەنىڭ يىرىك شاگىرىتلىرىدىن مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ھۇزۇرىدا دەرىس ئاڭلىغان ئەبۇ سۇلايمان ئەل جۈزجانىيدىن دەرس ئالغان. ھىجىريە 268ـ يىلى ۋاپات بولغان.
    4.    ناسىر ئىبنى يەھيا ئەلبەلىخي. بۇ زاتمۇ مەزكۇر ئۇستازلىرى كەبى ئەبۇ سۇلايمان ئەلجۈزجانىي، ئەبۇ مۇتە ئەلھەكىم ئابدۇللاھ ئەلبەلىخي ۋە ئەبۇ مۇقاتىل ھەفىس ئەسسەمەرقەنتىيدىن دەرس ئالغان ھەنەفىي مەكتىپىگە مەنسۇپ فىقھى ۋە كالام ئۆلىمالىرىدىندۇر.



     شەيىخنىڭ شاگىرىتلىرى

    ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىدىي ھەزرەتلىرى ئەقىدە پېنىدىكى سۈننىي - ھەنەفىي يۆنىلىشىنى داۋام قىلىپ، كۆپ ئىزدىنىشلەردىن كىيىن ماتۇرىدىي مەكتىپىگە ئاساس سالدى. شۇ ئەسنادا كۆپلەپ شاگىرىتلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقتى. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بەزى مەشھۇرلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بىرىمىز:
   1. ئەبۇلقاسىم ئىسھاق ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى زەيىد ئەلقازى ئەلھەكىم ئەسسەمەرقەنىتىي (ۋاپاتى ھىجىريە 335 ياكى 341ـ يىلى). ئۇ شەيىخ ماتۇرىدىينىڭ ئەڭ يىرىك شاگىرىتلىرىدىن بىرى بولۇپ، تەسەۋۋۇف ئىلىمىنى بەلىخ ماشايىخلىرىدىن، فىقھى ۋە كالام ئىلىمىنى شەيىخ ئەبۇ مەنسۇردىن ئالغان. ئۇزۇق مەزگىل سەمەرقەنىتتە قازىلىق  ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئەسەرلىرىدىن «ساۋادى ئەزەم»، «ئىمان» رىسالىسى مەشھۇردۇر.
   2 . ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى سائىد ئەررۇستۇفاغنىي ئەسسەمەرقەنتىي. ھەنەفىيە فىقھىسى ۋە ئۇسۇلى بويۇنچە شۆھرەت قازانغان. ئۇ بىلەن ئۇستازى شەيىخ ماتۇرىدىي ئوتتۇرسىدا مۇجتەھىد خاتالىقىغا ئائىت مەسىلىدە ئىختىلاپ بولغان. «ئىرشادۇل مۇختەدىي»،«ئەززاۋاھىد ۋەلۋافائىد»، «ئەلئەسىلەتۇ ۋەلئەجۋىبا»،«بايانۇسسۈننەتى ۋەلجامائە» دىگەندەك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى. ۋاپاتى ھىجىريە 350ـ يىلى.
    3.  ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇلكەرىم ئىبنى مۇسا ئىبنى ئەيسا ئەل بەزدەۋىي.بۇ زات فىقھى ئىلىمىدا مەشھۇر بولغان. ئۇنىڭ تەربىيلىشىدىن يىرىك ماتۇرىدىيە ئۆلىمالىرى مەيدانغا كەگەن. بۇ زات ئۆزى ھىجىريە 390ـ يىلدا ۋاپات بولغان.
   4. ئەبۇ ئەھمەد ئىبنى ئەبۇنەسىر ئەھمەد ئىبنى ئەلئابباس ئەلئىيازىي. ئەبۇ مەنسۇر ھەزرەتلىرىنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر ئەلئىيازىينىڭ ئوغلى. فىقھى، نۇتۇق ۋە تەقۋادا بىنەرىز بولغانلىقى نەقىل قىلىنىدۇ.
   5.  ئەبۇ ئابدۇرەھمان ئىبنى ئابىللەيىس ئەل بۇخارىي. كالام ۋە فىقھى ئىلىملىرىنى ئەبۇ مەنسۇر ھەزرەتلىرىدىن ئالغان. ئۇ ئەبۇلقاسىم ئەلھەكىم ئەسسەمەرقەنتىي بىلەن كۆپ ۋاقىت بىرلىكتە ئىلىم تەھسىل قىلغان.



  
  
ماتۇرىدىيە ئۆلىمالىرى

   1. ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلبەزداۋىي. ئەبۇليۇسىر مۇھەممەد ئەلبەزداۋىينىڭ ئاكىسى. ھەر ئىككىسى شەيىخ ئەبۇ مەنسۇرنىڭ يېقىن شاگىرتى سانالمىش ئابدۇلكەرىم ئەلبەزداۋىي ئەۋلادلىرىدىن. ئەبۇلھەسن ھىجىريە 483ـ يىلى ۋاپات بولغان.
  2.  ئەبۇليۇسىر مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلكەرىم ئەلبەزداۋىي. ئەلكىرزىي ئەسسادىر دىگەن ئۇنۋان بىلەن تونۇلغان. ھىجىريە 421ـ يىلى تۇغۇلغان. ئىمام كىندىيگە ئوخشاش پەيلاسوپلارنىڭ پەلسەپەسىنى ۋە مۇئتەزىللەر يازغان كىتاپلارنى ئۆيدە ساقلاشمۇ زىيانلىق دەپ بىلەر ئىدى. ئۇلارنى مۇتئالە قىلىپ باققاندىن كىيىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن. ھەتتا، ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىينىڭ كىتاپلىرىنىمۇ خاتالىرىنى ئايرىيالمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئوقۇشى دۇرۇس ئەمەس دىگەن. ئۇسۇل ۋە فۇرۇ بابىدا كۆپ كىتاپلارنى تەسنىف ئەتكەن. سەمەرقەنىتتە قازىلىق قىلغان ۋە ھەدىس ئىلىمىدىن دەرىس بەرگەن. «ئۇسۇل ئەددىن»،«ئەل ماتۇرىد»،«ئەل مەبسۇت»، قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. شاگىرىتلىرى نەجمىددىن ئۈمەر ئىبنى مۇھەممەد ئەننەسەفىي، ئوسمان ئىبنى ئەلى ئەل پەيكاندىي، ئەھمەد ئىبنى ناسىر ئەل بۇخارىي، ئۆز ئوغلى قازى ئەبۇل مەئالىي ئەھمەد ۋە باشقىلار. ھىجىريە 493ـ يىلى ۋاپات بولغان.
   3.  ئەبۇل مۇئىن مەيمۇن ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇتەمىد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مەكھۇل ئابىل فەزلان نەسەفىي. ھىجىريە 438ـ يىلى تۇغۇلۇپ، 508ـ يىلدا ۋاپات بولغان. ئۇستازلىرى نامەلۇم. شاگىرىتلىرى - ئالائۇددىن ئەبۇ بەكىر مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەس سەمەرقەنتىي، مەھمۇد ئىبنى ئەھمەد ئەس سوغارجىي، ئابدۇرەشىد ئىبنى ئەبى ھەنىفە ئەل ۋەلۋالىجىي، ئىمام غەززالىي بىلەن باقىللانىي ئەشئەرىيە ئەقىدىسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تەشۋىقاتچىللىرى ناسالغىنىدەك، ئەبۇ مۇئىن ئەن نەفەسىي ماتۇرىدىيە ئەقىدىسىنىڭ ئەڭ يىرىك نامايەندىللىرىدىندۇر. كىتاپلىرىدىن «تەپسىرۇل ئەدىللە»،«بەھرۇل كالام»،«تەمھىد»،«مەناھىجۇل ئەئىممە» قاتارلىقلار بار.
   4.  ئەبۇ ھەفىس ئۈمەر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى لوقمان نەجمىددىن ئەن نەفەسىي. ھىجىريە 461ـ يىلى نەسەفتە تۇغۇلۇپ، 537ـ يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ كىشى 550 نەپەر يىرىك ئۇستازىدىن دەرس ئالغان. ئۇستازلىرى توغرىسىدا ئالاھىدە بىر كىتاپ يازغان. شاگىرىتلىرىدىن - ئۆز ئوغلى ئەبۇ لەيىس ئەھمەد ئىبنى ئۆمەر، مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم تەرپۇشتىي، ئۈمەر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئۈمەر ئاقىلىي قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن. ئۇ يۈزگە يېقىن ئەسەر يازغان. «ئەت تەپسىر فى تەپسىرۇلقۇرئان»،«سەھىھۇل بۇخارى شەرھىسى»،«كىتابۇل قەنىت فىي ئۆلىمائىي سەمەرقەنىد»،«بۇخارا تارىخى»،«ئەل ئەقائىد ئەننەفەسىيە» قاتارلىق رىسالىللىرى ھىجىمى كىچىك بولىشىغا قارىماي، ھازىرقى كۈنگىچە ئەقىدە پېنىدە مەشھۇر قوللانما ۋەزىپىسىنى بىجىرىپ كەلمەكتە.
   5. ئەبۇل بەراكات ھافىزىددىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مەھمۇد ئەننەفەسىي. نەسەف شەھرىدە تۇغۇلۇپ، ھىجىريە 701ـ يىلى ۋاپات بولغان. مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن ــ  «مادارىكۇت تەنزىل» تەپسىرى، فىقھىغا دائىر «كانزۇد دەقائىد»،«ئەل ۋافىي»،«ئەل كافىي» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
   6.  ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ بەكىر نۇرىددىن ئەس سەبۇنىي ئەل بۇخارىي. ھىجىريە 580ـ يىلى ۋاپات تاپقان ۋە بۇخارادىكى «يەتتە قازى» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. مۇھەممەد ئىبنى ئەبدىس ساتتار  ئەك كەردارىي ئۇنىڭ شاگىتىدۇر. كىتاپلىرىدىن «ئەل ھىدايە فىي ئىلمى كالام» ۋە ئۇنىڭ شەرھىسى مەشھۇردۇر. 
   7. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋاھىد ئابدۇ ھەمىد ئىبنى مەسئۇد ئىبنى مۇھەممەدىن سەئىددىن ئەس سىۋاسىي ئەل ئىسكەندەرىي ئەل قاھىرىي ئەل ھەنەفىي. ھىجىريە 780 ياكى 788ـ يىلى تۇغۇلۇپ، 861ـ يىلى قاھىرەدە ۋاپات بولغان. ئىسلامى پەنلەرنىڭ كۆپۈنچىسىدە ئىمتىياز ھاسىل قىلغان. «ئەل ھىدايە» كىتابىنى سىراجىدىن ئۈمەر ئىبنى ئەلى (قارىل ھىدايە) دە ئوقۇغان. ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىيدىن ھەدىس ئاڭلىغان. ئەقىل زاكاۋەتتە ئۇستازلىرىنىمۇ تاڭ قالدۇرغان. ئەسەرلىرى بەك كۆپ. «ئەل ھىدايە» گە يازغان «فەتھەل قادىر» ناملىق شەرھىسى توققۇز تومىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ كامال ئىبنى ھۇمامەنىڭ شاھ ئەسەرلىرى ھىساپلىنىدۇ. «ئەل مۇسايارە» كىتاۋى ماتۇرىدىيە ئەقىدىسىگە دائىر بولۇپ، ئەڭ مۇھىم مەنبەلەردىندۇر.

    8.  موللا ئەلى قارى ئىبنى سۇلتان مۇھەممەد ئەل ھىرەۋىي ئەل مەككىي. ھىجىريە 1014ـ يىلى ۋاپات بولغان ۋە مەككىدىكى «جەننەتۇل مۇئەللا» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. ئەسەرلىرى بەكمۇ كۆپ. مەشھۇرلىرى «مىرقات»، بۇ «مىشكات»نىڭ شەرىسى. «مۇختەسەرۇل ۋىقايەنىڭ» شەرھىسى، «ئەلفىقھۇل ئەكبەر» شەرھىسى، «شاتىبىيە» شەرھىسى، «مەۋزۇ ھەدىسلەر» ۋە باشقىلار.  ئەلى قارىنىڭ ھۆسۈنخەت تالانتى بولغانلىقى ئۈچۈن، يىلدا بىردىن قۇرئان كەرىمنى كۆچۈرۈپ سېتىپ، شۇنىڭ خىراجىتى بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن.
    9.   ئەلى ئىبنى ئوسمان ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان ئەبۇ مۇھەممەد سىراجىددىن ئەل ئاشىي ئەل فەرغانىي. كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى. مۇتۇرىدىيە ئەقىدىسىنى نەزمىي ئۇسۇلدا يېزىپ، ئۇنى «بەدئۇل ئەمالىي» دەپ ئاتىغان. ھىجىريە 569ـ يىلى ۋاپات بولغان.
    10.   ئابدۇشۈكۈر ئەس سالىمي. بۇ كىشىنىڭ ماتۇرىدىيە ئەقىدىسىگە ئائىت «ئەت تەمھىد» ناملىق كتاۋى ئۆلىمالار ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ، يازما ۋە باسما نۇسخىللىرى بىزگەىچە يىتىپ كەلگەن.
ماتۇرىدىيە ئەقىدىسىگە ئاساسلىنىپ ئىجات قىلغان ۋە بىباھا ئەسەرلەرنى قالدۇرغان ئۆلىمالار رويىخىتىنى يەنە سانىساق نۇرغۇن. لىكىن بۇ مۇختەسەر رىسالىمىزدە ئۇنىڭ ئورنىغا ئەقىدىمىزگە ئائىت باشقا مۇھىمراق مەلۇماتلارنى بىرىشنى قوبۇل كۆردۇق.



  ئەبۇ مەنسۇر ئەل ماتۇرىدىينىڭ ئەسەرلىرى

   1. «تەۋىلاتۇ ئەھلى سۈننە» ياكى «تەۋىلاتۇل قۇرئان». سەككىز توملۇق بۇ ئەسەر قۇرئانى كەرىمنىڭ تەپسىرىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسەن ئىسلامى ئەقىدىگە ئائىت تۈرلۈك قاراشلار بايان قىلىنىپ، ماتۇرىدىيە ئەقىدىسى ئاساسىدا ئۇلارغا باھا بىرىلگەن. بۇ تەپسىرىنى ئەل ماتۇرىدىينىڭ شاھ ئەسىرى دەپ ئاتىشىمز مۇمكىن. ئۇنىڭ قوليازما نۇسخىللىرى مىسىر، مەككە، دەمەشىق، ھىندىستان، تۈركىيە ۋە تاشكەنت كۈتۈپخانلىرىدا ساقلانماقتا. تاشكەنىت نۇسخىسى تەخمىنەن 700 يىللار ئىلگىرى كۆچۈرۈلگەن. ئەسەرنىڭ بىرىنجى جىلىدى مىسىردا نەشىر قىلىنغان. تەپسىرگە ئالائۇددىن ئەبۇ بەكىر مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەسسەمەرقەنتىي شەرھى يازغان.
   2.  «كىتابۇت تەۋھىد». كالام ئىلىمىگە ئائىت ئەڭ مۇھىم ئەسەر. ماتۇرىدىيە ئەقىدىسىگە ئائىت بارچە ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ بىرىنجى ۋە ئاساسىي مەنبەسى ھىساپلىنىدۇ. ئەسەر ھازىر ئۆزبەك تىلىغا ئۆرۈلمەكتە.
   3.  «شەرھۇل فىقھۇل ئەكبەر». ئەبۇ ھەنىفە قەلىمىگە تەۋە ئەقىدە پېنىدىكى تۇنجى ئەسەر «ئەل فىقھى ئەل ئەكبەر»نىڭ شەرھىسى. بەزى ئۆلىمالار بۇ شەرھى ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىدىي قەلىمىگە تەۋە ئەمەس، بەلكى ئەبۇ لەيىس ئەسسەمەرقەنتىيگە مەنسۇپ دەپ قارايدۇ.

   4.  «رىسالە فىل ئەقىدە».
   5 . رىسالە فى ئىمان.
   6. «ئەل مەقالات».
   7. «بايانۇ ۋەخمىل مۇئتەزىلە».
   8. «رەددۇ تەھزىبىل جەدەل».
   9.  «رەددۇ فائىدىل فۇسساق».
   10. «رەددۇ ئەۋائىلىل ئەدىللە».
   11. «رەددۇ ئۇسۇلۇل خەمسە»
   12. «ئەرەددۇ ئەلەل قەرامىتە»
   13 . «رەددۇل ئىمامە»
   14. «مەخازۇش شەرىئە»
  15. «كىتابۇل جەدەل»


مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ ئاخىرقى ئىككىسى فىقھىغا دائىر، باشتىكىللىرى بولسا ئەقىدىگە دائىر كىتاپلاردۇر.

ماتۇرىدىيە نەزىريەسىنىڭ ئوتتۇرھاللىقى

    ئەۋۋال شۇنى قەيىت قىلىپ ئۆتۈش كىرەككى، ماتۇرىدىيە ئەقائىدىنى پەقەت ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىدى ئۆزى ئىختىرا قىلغان ئەمەس. بەلكى ئەقائىدنىڭ ئاساسلىرى، ئەركانلىرى ۋە بەنىدلىرى شۇ ۋاقىتقىچە مەلۇم دەرىجىدە شەكىللەنگەن ئىدى. ئەقىدە ئىلىمى تابىئىنلار دەۋرىدىن باشلاپ، يەنى ھىجرەتنىڭ ئىككىنجى ئەسىرىدە مۇستەققىل پەن سۈپىتىدە زاھىر بولۇشقا باشلىغان. مەشھۇر تابىئىنلاردىن ھەسەن بەسىرىي ئەقىدە مەسىلىللىرى بويۇنچە دەرس بەرگەنلىكى، مۇئتەزىلە ئېقىمىنىڭ باشلىنىشى ھەم شۇ دەۋىرگە توغرا كىلىدىغانلىقى تارىخى مەنبەلەردە يېزىلغان. ئەبۇ ھەنىفە ياشىغان دەۋىردە بولسا ئىسلام نىقابى بىلەن تۈرلۈك ئېقىم ۋە پىرقىلەرنىڭ يۈزلەپ تۈرلىرى مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن كۆرىشىش ئۈچۈن بولسا ئەقىدە مۇستەھكەم بولىشى زۆرۈر ئىدى. بۇ مەسىلىلەرگە ئەبۇ ھەنىفە بىپەرىق قاراپ تۇرمىدى، بەلكى ئەقىدە پېنىگە ئائىت بىرىنجى ئەسەر «فىقھۇل ئەكبەر»، ئوسمان ئەل بەتتىيگە يازغان رەددىيە، بەش ۋەسىيەتنامىسىنى يېزىپ قالدۇردى. دىمەك، مەزھىپىمىز ئاساسچىسى ئەبۇ ھەنىفە نوئمان ئىبنى سابىت رەھىمەھۇللاھى ئەلەيھى پەقەت فۇقھالار پىشۋاسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەقىدە ۋە كالام ئىلىمىغا ئاساس سالغان بۈيۈك سىمالاردىن بولغان. شەيىخ ئەبۇ مەنسۇر ھەزرەتلىرى دىنى تەلىمنى ھەنەفىيە ئۆلىمالىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مەشھۇر نامايەندىللىرىدىن ئالغانلىقى ۋە دىنى پەنلەر بويۇنچە قانچىلىك چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىگە يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى گۇۋاھلىق بىرىدۇ.
    شەيىخ ياشىغان دەۋىردە ئەقىدە ئۆلىمالىرى ئىككى ئاساسىي مەنبەگە يۆلەنگەن ئىدى. بىرىنجىسى - ئايەت ۋە ھەدىسلەر، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ ئىجما ۋە ئىجتىھاتلىرى، يەنى نەقلىي دەلىللەر.
   ئىككىنجىسى ــ ئەقلىي دەلىللەر. شەيىخ ئەبۇ مەنسۇر بولسا باشقىللىرىغا تەقلىد قىلمىدى، بەلكى نەقلىي دەلىللەر بىلەن ئەقلىي دەلىللەرنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن خۇلاسە چىقارغان. ئەقلىي دەلىللەر دىگەندە پەلسەپە، نۇتۇق ۋە تەبئىي پەنلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ. ۋەھالەنكى، سەلەف ئۆلىمالىرنىڭ كۆپچىلىكى بۇ دەلىللەرنى تەن ئالماس ئىدى، بەلكى نەقلىي دەلىللەرنىڭ ئۆزى بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى.  شەيىخ بولسا، بۇ ئىككىلىسىدىن مۇناسىپ رەۋىشتە ئىستىفادە ئىتىپ، ئوتتۇرھاللىقنى قىلغان ئىكەن.
    دەرھەقىقەت، نەقلىي دەلىللەرنى ياخشى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئەقلىي دەلىللەرنىمۇ پۇختا بىلىش كىرەكلىكىنى ھىچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. ئەقىل ئىمكانىيىتىنىڭمۇ چىگىراسى بولىدىغانلىقى نەزەرگە ئېلىپ، شەيىخ كۆپ جايلاردا ئىنسان ئەقلى ناھايىتى كۆپ ھەقىقەتلەرنى ئىدراك ئىتىشكە قادىر ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەقىلنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان ئەڭ بۈيۈك نىئمەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن ئاقىلانە پايدىلىنىش زۆرۆر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.



   ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئېقىملارغا بۆلۈنۈپ كىتىشى

    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيىتتىكى:«يەھۇدىيلار 71 پىرقىگە، ناسارالار 72 پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى. مىنىڭ ئۈممىتىم 73 پىرقىگە بۆلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى جەننەتنى تېپىپ ئامان قالىدۇ، قالغانلىرى بولسا دوۋزاخ ئەھلىدىندۇر» (بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇت ۋە تىرمىزىي رىۋايەتلىرى).
    مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇ مۆجىزۋىي بىشارەتلىرى ۋاپاتىدىن كىيىن ئۆز تەستىقىنى تاپتى. ئۇ پىرقىلەردىن قەدەرىيە، مۇرجىئە ۋە خاۋارىجلارنى ئۆز ھەدىس شەرىپلىرىدە ناممۇ نام كەلتۈرۈپ، ئۇلاردى ھەزەر بولۇشنى ۋەسىيەت قىلغان.
    خۇلەفائىي راشىدىنلار زامانىدىن تاكى ئىمام ماتۇرىدىي زامانىسىغىچە، ئاساسەن، يۇقۇردىكى پىرقە ۋە ئېقىملار پەيدا بولۇپ، ئۈممەتى مۇھەممەدىيە ئوتتۇرسىغا تەفرىقە سېلىش ۋە روھى ھاياتلىرىنى پىتنە پاسات بىلەن تولدۇرۇشقا ھەركەت قىلغان ئىدى.
     ئۇلارــ قەدەرىيە، مۇرجىئە، خاۋارىج، شىئە، مۇئتەزىلە، رافىزىيلار، سەبەئىيە، زىرارىيە، جەھمىيە، باتىنىيە، قەرامىتە، خۇررامىيە، كەررامىيە، جارۇدىيە، سۇلايمانىيە، بۇترىيە، بايانىيە، مۇغىرىيە، جەناھىيە، مەنسۇرىيە، خەتتابىيە، ھۇلۇلىيە، ئەزارىقا، نەجەدات، سۇفرىيە، ئەجارىدە، خازىمىيە، شەھبىيە، مەلۇمىيە، مەجھۇلىيە، مەبادىيە، راشىدىيە، مۇكەررەمىيە، ھەمزىيە، ئىبراھىمىيە، ۋاقىفە، ھەفسىيە، ھارىسىيە، يەزىدىيە، مەيمۇنىيە، مۇئتەزىلە پىرقىللىرىدىن ــ ۋاسىلىيە، ئەمرىيە، ھۇزەلىيە، نەززامىيە، مۇردارىيە، مەمەرىيە، سەمانىيە، جاھىزىيە، خابىتىيە، ھىمارىيە، خەتابىيە، شەخلامىيە، ئەسھابى سالىھ قۇببە، مەرىسىيە، كەئبىيە، جۇببائىيە، بەھشامىيە،  مۇرجىئە پىرقىللىرىدىن ــ ئەبۇ شىمىر، مۇھەممەد ئىبنى شەبىب ۋە خالىدىي پىرقىللىرى، يەنە مۇرجىئە ــ يۇنۇسىيە، غەسسانىيە، سەۋبانىيە، سۇمەنىيە، مۇستەدرىكە، كەررامىيلاردىن ــ ھەقائىقىيە، تەرئىقىيە، ئىشقىيە.
    دىمەك يۇقۇردا زىكىر قىلىنغىنلىرىدىن 20 پىرقە رافىزىيلەر، 20 پىرقە خاۋارىجلار، 20 پىرقە قەدەرىي ۋە مۇرجىئەلەر، 12 پىرقە قالغان نەججارىيە، بەكرىيە، زىرارىيە، جەھمىيە، كەررامىيە قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئېقىملارغا تەقسىملىنىپ چىقىلسا، ئومۇمىي سانى ھەدىس شەرىفلەردە ئېيتىلغان 72 ئاداشقان پىرقىنىڭ سانىغا توغرا كىلىپ قالىدۇ.
     73ـ پىرقىسى بولسا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە دەپ ئاتالغان، يۇقۇردىكى ھەدىستە ئېيتىپ ئۆتۈلگەن نىجات تاپقۇچى پىرقە. ئەبۇ ھەنىفە (ئىمام ئەزەم)، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ھەنبەلى، ئەۋزائىي، شەۋرىي كەبى مۇجتەھىد ئەللامىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىزداش، مەسلەكداشلىرى ئۇ پىرقىگە مەنسۇپتۇر. كەڭرەك قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، بۇ سائادەتمەن جامائەگە جانابى رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن تارتىپ، ساھابىھى كىرەملەر، تابىئىنلار، تەبئىي تابىئىنلار، فىقھى مەزھەپلەرنىڭ ئاساسچىللىرىغا ئوخشىغان مۇجتەھىد ئىماملار، مۇھەددىسلەر، ئەرەپ تىلى نەھۋى ۋە ئەدەبىياتى نامايەندىللىرى، قىرائەت ۋە تەجۋىد راۋىيلىرى، تەسەۋۋۇپ شەيىخلىرى، ئەھلى تەرىقەتلەر قاتارلىق سالىھۇـ زاھىد بەندىلەر ۋە تۈرلۈك بۇزۇق ئېقىملارغا ئەگىشىپ كەتمىگەن مۇسۇلمانلار كىرىدۇ.
 


  ماتۇرىدىيە ئەقىدىسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

    يۇقۇردا زىكىر قىلغىنىمىزدەك، ماتۇرىدىيە ئەقىدىسىگە دائىر مەسىلىلەرنى شەيىخ ماتۇرىدىينىڭ يەككە ئۆزلىرى تۈزۈپ، تەرتىپكە سالغان ئەمەس. بەلكى ئۇ زاتقا قەدەر ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسى شەكىللىنىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. ماتۇرىدىي ھەزرەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرى شۇنىڭدىن ئىبارەت بولغانكى، ئەشۇ دەۋىردىكى ئەقىدىۋىي ئېقىملارنىڭ تەسىرىنى قىرقىش، ئۇلارنىڭ ئىددىئالىرىغا رەددىيە بىرىش، كۈچلۈك ۋە ئاساسلىق دەلىللەر بىلەن ھەقىقىي ئىسلام ئەقىدىسىنى ھىمايە قىلىش، ئىلمى كالام، مەنتىق ۋە مۇنازىرە قائىدىللىرىگە رىئايە قىلغان ئاساسدا خەسملەر جاھالىتىگە ئىلمۇـ مەرىفەت بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ، چىن ئىخلاسلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەقىدىگە دائىر مۇھىم قوللانمىلار تەييارلاپ بىرىشنى نىيەت قىلغان ئىدى.
   مەلۇمكى، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسى ئەشۇ دەۋىردە ئۈچ بۈيۈك شەخىس تەرپىدىن ھىمايە قىلىنغان ۋە ئاساسىي رۇكۇنلىرى ئىشلەپ چىقىلىپ، شاگىرىتلىرى ۋە كىتاپلىرى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا تەقدىم قىلىنغان ئىدى. ئۇلاردىن بىرىنجىسى ــ ئەبۇ ھەسەن ئەشئەرىي (ھ 260ـ 331) باغداتتا، ئىككىنجىسى ــ ئەبۇ جەئفەر تاھاۋىي مىسىردا ۋە ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىدىي ماۋەرائۇننەھىردا سۈننىي ئەقىدىنىڭ ھىمايىچىللىرى سۈپىتىدە تارىختا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان.
     بىز ــ ماتۇرىدىيلار ئۈچۈن ياخشى بىلىپ، دائىما نەزەردە تۇتۇپ يۈرۈشى زۆرۆر بولغان بىر نەچچە مۇھىم مەسىلىلەر بار. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
    1.  ماتۇرىدىيە ئەقىدىسى بىلەن ئەشئەرىيە ئەقىدىسى ئوتتۇرسىدا بىر نەچچە مەسىلىلەردە قارمۇـ قارشىلىق بار. ئۇلارنى بەزى ئالىملار 15كە يېقىن، باشقىللىرى 40قا يېقىن، ھەتتا، 50كە يېقىن ساناپ ئۆتكەن.  ئۇلاردىن ئاساسلىقلىرى ــ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى زاتىي ۋە فەلىي سۈپەتلەرگە بۆلۈش، سۈپەتلىرى ئەينى زاتمۇ ياكى غەيرى زاتلىقى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ كالامىنى بىۋاستە ئاڭلىغانمۇ ياكى بىلۋاستىمۇ، ئىرادە بىلەن رىزا بىرمۇ ياكى، ئاللاھنى كۆرۈشنىڭ جائىزلىقىغا ئەشئەرى ئەقلى دەلىل كەلتۈرگەن، ماتۇرىدىي نەقلىي، قەبىھ ئىشنىڭ سادىر قىلىنىشى بەندىدىمۇ ئۇ ھەم ئاللاھتىنمۇ ــ بۇنىڭغا ماتۇرىدىي ھۈسنى قۇبىھ ھەممىسى ئاللاھتىن، پەقەت بىھىكمەت ئەمەس، دەيدۇ. ئەشئەرىي، ئىنسان ئۆز تاقىتىدىن تاشقىرى ئىشقا تەكلىپ قىلىنىشى مۇمكىن، دەيدۇ. ماتۇرىدىي بۇنى مۇمكىن ئەمەس، دەيدۇ.   شۇنىڭدەك ئاللاھنى ئەقىل بىلەن تونۇش ۋاجىپمۇ ياكى نەقىل بىلەنمۇ دىگەن مەسىلىدە، ماتۇرىدىي ئەقىل بىلەن دىگەن. ئىمان بىلەن ئىسلامنىڭ بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى، بەخىتلىك ۋە بەخىتسىز ئىنسانلار ئاخىرقى ئاقىۋەتتە ئۆزگىرىپ - ئالمىشىپ قېلىشى مۇمكىنلىكى، قىلىنىدىغان ياخشى ۋە يامان ئەمەللەر بەندىنىڭ كەسپى ۋە ئاللاھنىڭ يارىتىلىشى بىلەن ھاسىل بولىشى، مۇقەللىدنىڭ ئىمانى مەقبۇل ئىكەنلىكى، ئىماننىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى نۇرى، قۇۋۋىتى ئېشىپ ياكى كىمىيىپ تۇرىشى، ئىماننىڭ رۇكۇنلىرى ئىككى، يەنى ئىقرار ۋە تەسدىقدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، ئەمەللەر ئىمان تەركىبىگە كىرمەسلىكى، بەلكى ساۋاپلار ۋە گۇناھلار ئالاھىدە ھىساپقا ئېلىنىشىغا ئوخشىغان مەسىلىلەردە ئىمام ئەشئەرى بىزنىڭ ماتۇرىدىيە ئەقىدىمىزنىڭ قارشىسىنى تەقدىر قىلغان.
     2.  ماتۇرىدىيەنىڭ مۇئتەزىلە ئەقىدىسىدىن پەرىقلىرى. ئەۋۋەل بىلمەك كېرەككى، دىنى پەنلەر قاتارىغا كالام ئىلىمىنىڭ كىرىشىگە ئاساسىي سەۋەپ شۇ مۇئتەزىلە تائىفەسىنىڭ ئەقلى مۇنازىرلىرى ۋە قارشىلىقلىرى بولغان. ئۇلار ئەشئەرىيە ۋە ماتۇرىدىيەلەرگە ئوخشاش ئەقىلنى نەقلى دەلىللەردى كىيىنگە ئەمەس، بەلكى بىرىنجى ئويۇنغا قويغان. ئەقىل ۋە پىكىرنى ئاساسىي مەنبە قىلىۋىلىپ، ئۇنىڭغا توغرا كەلمىسە، ھەتتاكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئىناۋەتكە ئالماي، بەلكى نۇسۇسنى ئەقىلگە بوي سۇندۇرماكچى بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ شەيىخ ماتۇرىدىي ھەزرەتلىرى باشقا ئېقىملارغا قارىغاندە كۆپرەك مۇئتەزىلە ئەقىدىسىنىڭ پىكىرلىرىگە قارشى رەددىيەلەر بىلەن چىققان. ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە پىكىرى دەلىللىرىنى رەت قىلىش ئۈچۈن، بۈيۈك كالام ئىلىمى بىلەن شۇغۇللىنىشقا توغرا كەلگەن ۋە ئۇ زات شۇ ئۇسلۇپ بىلەن ئەھلى سۈننە ئەقىدىسىنى ھىمايە قىلىشقا مۇيەسسەر بولغان.  مۇئتەزىللە پىكىرلىرىنىڭ ماتۇرىدىيە ئەقىدىسىگە زىت قاراشلىرى ئاساسەن تۆۋەندىكى قاراشلاردا ئاساسىنى تاپقان. ئۇلار ئېيتىدۇكى:
   1. ئاللاھنىڭ ئىسمى ۋە سۈپەتلىرى ئەزەلىي ئەمەس، ئۇلار ھىچقانداق مەنا ۋە مەزمۇنغا ئىگە ئەمەس. ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن سۈپەتلىرى بىر نەرسە.
  2.ئاللاھنى بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس.
  3. قۇرئان مەخلۇق، ئۇ ئەزەلىي ئەمەس.
  4.بەندىنىڭ پايدىسىنى كۆزلەپ ئىش قىلىش ئاللاھنىڭ زىممىسىگە ۋاجىپ.
  5.بەندىنىڭ قۇدرىتى ۋە تاقىتى ئاللاھقا باغلىق ئەمەس. فەللەرىنى بەندىنىڭ ئۆزى يارىتىدۇ.
  6.قەتىل قىلىنغان كىشى ئەجىلىدىن ئالدىن ئۆلگەن بولىدۇ.
  7.ھالال نەرسە ــ رىزىق، لىكىن ھارام نەرسە ــ رىزىق ئەمەس.
  8.ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ھادىسدۇر، قەدىم ئەمەس.
  9.ئاللاھ پەقەت ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىدۇ. يامانلىق ئۇنىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرىدۇر.
10.  ئەمەللەر ئىماننىڭ تەركىبىگە كىرىدۇ. بەلكى ئەمەل ئىماننىڭ ئاساسى رۇكۇنىدۇر.
11.  ئىمان ئازىيىپ ، كۆپىيىپ تۇرغۇچى نەرسىدۇر.
12.  گۇناھى كەبىرە قىلغان مۇسۇلمان ئىمان بىلەن كۇفۇر ئوتتۇرسىدا قالىدۇ.
13.  گۇناھى كەبىرە ئىگىللىرى دوۋزاختا ئەبەدى قالىدۇ.
14.  شاپائەت پەقەت ياخشى ئادەملەرگە نىسبەتەن قىلىنىدۇ. گۇناھلارنى ھىچكىم شاپائەت قىلمايدۇ.
15.  جەننەت بىلەن دوۋزاخ ھەنۇز يارىتىلمىغان.
16.  قەبرىدىكى ئازاپ ياكى راھەت، قيامەت تارازىسى، پىلسىرات، ھەۋزى كەۋسەرگە ئوخشىغانلارنىڭ ھەممىسى يوق نەرسە.
17. ئەۋلىيالاردا ھىچقانداق كارامەت بولمايدۇ.
18.  مۇقەللىد (باشقىلارغا تەقلىدى مۇسۇلمانمەن دەپ يۈرگۈچى كىشى)نىڭ ئىمانى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
      زىكىر قىلىنغان نۇقتىلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، مۇئتەزىلە پىرقىسى بىزنىڭ ماتۇرىدىيە ئەقىدىمىزگە خىلاپ ھالدا ئالاھىدە نەزىريەگە ئاساس سالغان. نازۇك ۋە قالتىس يېرى شۇكى، مەزكۇر ئېيتىپ ئۆتۈلگەن 18 مەسىلىنى ئانچە مۇنچە ئەقلى بار، زىيالىلار، ھەتتا ئۆلىمالار ھەم بىلىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ سۈننى، ھەنەفىي، ماتۇرىدىي ئەقىمىزگە ئائىت كىتاپلارنى كۆپ مۇتائىلە قىلىش ۋە دىلغا جاي قىلىش ئەڭ زۆرۈر ئىشلاردىندۇر.
     3. سۈننى ــ ھەنەفىي مۇسۇلمانلار يەنە شۇنى ياخشى بىلىپ قېلىشى كىرەككى، ھەنەفىي مەزھىپىمىزگە ھەسەت قىلغانلىرىدەك، ماتۇرىدىيە ئەقىدىمىزگىمۇ ھەسەت كۆزى بىلەن قاراش، ئۇنىڭ شەنىگە تۆھمەت ياغدۇرۇش ھازىرمۇ توختىغان ئەمەس. ئەقىدە پېنىگە ئائىت يېزىلىپ كىلىۋاتقان ئەسەرلەرنى مۇتائىلە قىلىپ كۆرسىڭىز، بۇنىڭ گۇۋاھى بولىسىز. ئەرەپ دۇنياسىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ 90% تىدە دىگۈدەك ماتۇرىدىيە ئەقىدىسىنى بۇزۇپ كۆرسىتىشلەر، ھەتتا ئەھلى سۈننە ۋالجامائە ئەقىدىسىدىن چىقىرۋىتىشلار، ئەشئەرىيە ئەقىدىسىنى بولسا، مۇتلەقا كەمچىلىكلىرنى كۆرسەتمەسلىك، بەلكى ئۇنى يىگانە توغرا ئەقىدە دەپ تەلقىن قىلىش ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا مىسال قىلىپ رىيازلىق ئەرەپ يازغۇچىسى ئەھمەد ئىبنى ئەۋەزۇللاھ ئىبنى داخىل ئەل لۇھەيبىنىڭ «ئەل ماتۇرىدىيە دىراسەتەن ۋە تەقۋىمەن» ناملىق كىتابى، دوكتۇر ئەھمەت قاسىمنىڭ «مۇقەددىمەت ئىبنى رۇشىد» كىتابى، ۋاھىددۇددىنخان، ئابدۇللاھ ھەلىم قۇنبۇس، فەتھىي يەكەن، ئابدۇلجاببارغا ئوخشىغان يازغۇچىلارنىڭ كىتابى، «شەرھۇل ئۇسۇلى خەمسە» كىتابى ۋە باشقىللىرىنى كەلتۈرشىمىز مۇمكىن.
     لىكىن ئۆزى ئەرەپ ياكى غەرپ يازغۇچىللىرى تۇرۇپ، ماتۇرىدىيە ھەققىدە ئىنساپ بىلەن ھەقىقەتنى يازغان ئالىملارمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى كىشىنى خوش قىلىدۇ. بۇنىڭغا شەيىخ ماتۇرىدى ۋە ئىلمى كالامغا ئائىت پىكىرلىرى توغرىسىدا كاتتا بىر كىتاپ يازغان ئەرەپ ئالىمى دوكتۇر ئەلى ئابدۇلفەتتاھ ئەل مەغرىبى، ئەبۇ مەنسۇر قەلىمىگە مەنسۇپ «ئەتتەۋھىد» كىتابىنى تەھقىق قىلىپ، نەشىرگە تەييارلىغان ئالىم دوكتۇر فەتھۇللاھ خۇلەيىف ۋە نىمىس ئالىمى ئۇلرىخ رۇدالفنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇلار شەيىخ ئەبۇ مەنسۇ ۋە ئۇنىڭ مىراسلىرىنى خالىسانە باھالىغانلار.


   تۈگىدى

ماتۇرىدىيلار توغۇرلۇق ئۇيغۇرچە ماتىرياللاردا ئۇچۇرتالمىدىم. ئاخىرى ئىزدەپ يۈرۈپ ئۆزبىك تىلىدىكى بۇ ماتىريال ئۇچراپ قېلىپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم
[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2012-03-23 11:49قايتا تەھرىرلىد ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
maslakdax
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1430
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 363
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە363دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 4331 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-05-10

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
مۇشۇ ئەسەر بىلەن  نۇر رىسالىسىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدىكىنى كۆرسەك  قانداق ياخشى بولاتتى-ھە.
بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭلۈم ئىدى يا،
كۆڭلۈمنى ئوق قىلغۇچە بويۇم بولدى يا.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10262
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 180
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
ئۆسۈش: 1390 %
مۇنبەر پۇلى: 2575 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-09
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 12:32

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
دوستلىشىش
سەيياھ921
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11230
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-23
ئاخىرقى: 2012-03-23
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 12:40

ئاپتۇر (تاھىربەگ) نىڭ يازمىسىغا

ئەسسىلامۇ - ئەلەيكۇم قېرىندىشىم تاھىربەك اللاھ سىزدىن رازى بولسۇن .
       نىمە سەۋەپتىن بىلمىدىم سەيياھ0999 نامىدىكى بارلىق يازمىلار ئۆچۇرلۇپتۇ . بولمىسا مىنىڭ قانۇن ئىڭىم خىلى يۇقۇرى ، مەن تىخى باياملا < بايرام ھەۋەسكارلىرىغا خۇش خەۋەر > دىگەن يازمىنى يوللىغان  ،مەن يوللىغان بايراملارنىڭ ھەممىسى قانۇنلۇق بايراملار . مەن پەقەت 3-ئايدىكىنى يوللىغان . قالغان 11 ئاينىڭ بارتى تىخى .  دەسلەپتلا سىز ئىنكاس يىزىپسىزكەن .خۇش بولغان ئىدىم .ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز سەۋەبىنى بىلىپ باققان بولسىڭىز .
بۇ ئىنكاسنى كۆرگەن باشقۇرغۇچىلار چۇشەنچە بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ .
مىنىڭ خەت ساندۇقۇم :jahankazdi0999@yahoo.cn
ئەگەر باشقۇرغۇچىلار نىڭ ئورۇنلۇق  سەۋەبى بولمىسا ، مىنىڭ ھوقۇقىمغا دەخلى قىلغان بولىدۇ.
ھەم سىلەرنىڭ ئادىللىقىڭلاردىن گۇمانلىنىشقا ھەقلىقمەن .
اللاغا ئامانەت بولۇڭلار .
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 13:06

3-قەۋەت (سەيياھ921) نىڭ يازمىسىغا

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇ تېمىنى كىمنىڭ ئۆچۈرگەنلىكىنى بىلەلمىدىم. بەلكىم جىدەلگە سەۋەپچى بولۇپ قالمىسۇن دىگەن مەقسەتتە ئۆچۈرۈلگەندۇ.
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1609
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1609دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16867 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 13:12

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، ئەھمىيەتلىك  تېمىلىرىڭىز ئۈچۈن  اللە رەھمەت قىلسۇن ، اميىن !
اللا
دوستلىشىش
سەيياھ921
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11230
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-23
ئاخىرقى: 2012-03-23
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 13:23

4-قەۋەت (تاھىربەگ) نىڭ يازمىسىغا

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تاھىربەگ :
     تىمىنى ئۆچۇرسە ياكى چەكلىسە مەيلىتى ، مىنىڭ ( سەيياھ0999) دىگەن ئەزا نامىمنى مەڭگۇ چەكلەپتۇ ، ھەمدە ھازىرقى قەدەر مۇنبەرگە يوللىغان بارلىق يازمىلىرىمنى ھەم ئىنكاسلىرىمنى  تاقاپتۇ ، بۇنىڭ زۆرۇرۇيتى بارمۇ ؟ باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى  چۇشۇنەلمىدىم . ھازىرغىچە ھىچ باشقۇرغۇچى ماڭا بۇ جەھەتتىن چۇشەنچە بەرمىدى . مەن كەڭساي مۇنبىردىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ چۇشەنچە بىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن .
[ بۇ يازمىنىسەيياھ921 2012-03-23 17:01قايتا تەھرىرلى ]
دوستلىشىش
مېھمان
مېھمانمىز ،ئاللاھ ساھىبخان .
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7772
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 118
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 1285 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-08
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 16:05

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاھىربەگ، يازمىلىرىڭىز بەك ئېسىل جۇمۇ . ئاللاھ قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن .
ئەگەر ئېتقاد قىلىۋاتقىنىڭدىكىدەك ياشىماس ئىكەنسەن ، ياشاۋاتقىنىڭدىكىدەك ئېتقاددا سەن.
-ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1209
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1209دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 12883 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-10
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 18:09

يەنە بىر كۆرۋىتەيچۇ.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 20:29

ماتۇرىدى ۋە ئەشئەرىيلەر توغۇرلۇق سورايدىغان سۇئاللار بولسا تاشلىمايمىزمۇ؟  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ