باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1515 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر تىلى ئۈگۈنىۋاتقان ئامېركىلىقنىڭ نەزىردىكى ئۇيغۇر
دوستلىشىش
ئابدۈللاھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10593
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 1225 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-31
ئاخىرقى: 2012-04-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-22 18:27

ئۇيغۇر تىلى ئۈگۈنىۋاتقان ئامېركىلىقنىڭ نەزىردىكى ئۇيغۇر

   ئۇيغۇر تىلى ئۈگۈنىۋاتقان ئامېركىلىقنىڭ نەزىردىكى ئۇيغۇر 8 WXQ Oo8  
.P8&5i)'P,  
h`^jyoF"(  
eA2@Nkw~)  
H\ F :95  
   مەن بۇ يىگىت بىلەن تاسادىپىي پۇرسەتتە تونۇشۇپ قالغاندىم. ئۇنىڭ تىلغا بولغان ئىشتىياقى مەندە ئۇنىڭغا ئۆزگىچە ھۆرمەت ۋە قىزىقىش قوزغىغاندى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا خېلى راۋان سۆزلەيتى، مەن بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئەنگىلىيەلىككە ئۇيغۇر تىلىدىن ئالتە ئايدەك دەرس ئۆتكەندىم. شۇ  ۋاقىتتا بىزگە شۇنداق ئاددىي تۇيۇلىدىغان بۇ ئانا تىلنىڭ نەقەدەر تەس ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر ھېس قىلغان ھەم چەتئەللەرگە ئۇيغۇر تىلى ئۈگىتىدىغان ماتېرىيالنىڭ تايىنى يوق خېلى قىينالدىم. شۇڭا بۇ يىگىتنىڭ تىل ئۆگىنىش جەھەتتىكى ھېس-تۇيغۇ، تەجىربىلىرىنى بىلىپ بېقىش نىيىتىدە  ئۇنىڭ بىلەن تەپسلىي سۆھبەتلىشىش ئويۇمنىڭ قوزغالغانلىقىنى دىسەم  ئۇ تولىمۇ رازىمەنلىك بىلەن ماقۇل بولدى. بۇ سۆھبەت ئەسلى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغاندى، بىراق ۋاقىتنىڭ سەل جىددىي بوپ قېلىش سەۋەبىدىن، ئۇ ‹‹بەزى سۆزلەرنى تېپىپ بولالمايدىكەنمەن›› دەپ ئىنگىلىزچە جاۋاپ يازدى. مەن ھېچ يېرىنى ئۆزگەرتىمەي، ھېچنىمە قوشماي ئۇيغۇر تىلىغا ئەينەن تەرجىمە قىلدىم. ئۇ بەزى سۇئاللارغا جاۋاپ  بېرىشنى خوپ كۆرمىدى، شۇنىڭ بىلەن سۇئاللىرىم جاۋابسىز قالدى... @>,^":`#  
+$ 'Zf0U  
wr$("A(  
  -باشتا ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.   0CnOL!3.I  
|jGf 
  -ماقۇل، ئىسمىم ۋىنسېنت مالىك(Vincent Malic). بۇ يىل 23ياشقا كىردىم. فىلىپپىن قان تىپىدىكى ئامېركىلىقمەن. ئائىلىمىزدە ئاتا-ئانام، 16ياشقا كىرگەن ئنىم ئانجرو ۋە مەن تۆت جان بار. ئاتا-ئانام فىلىپپىندا تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە چوڭ بولغان. بوۋام 2-دۇنيا ئۇرشىدا ياپۇنلار بىلەن جەڭ قىلىغان كىشى ئىكەن. ئۇ ۋاقىتتا، فىلىپپىن ئامېرىكىغا قارام زېمىن بولغانلىقى ئۈچۈن، بوۋامنىڭ باتۇرلىقىغا‹‹ئامېرىكا گىراژدان››لىقى ئىنئام قىلغانكەن. ئامېرىكا قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئامرىكا گىراژدانلىقىدىكى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بالىسى تەبئىي ھالدا ئامېرىكا گىراژدانى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتام تۇغۇلىشىدىنلا ئامېرىكا گىراژدانى. &* M!lxDN  
*& BQTZ6  
^UP`%egR  
مەن يىگىتلىك يېشىغا يەتكەندىن كېيىن، ئاتام ئامېرىكا گىراژدانلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئانامنى ئېلىپ ئامېرىكىغا بېرىپ ھەربىي قىسىمدىن خىزمەت تېپىشنى قارار قىلىغان. بۇ  مەن تۇغۇلماستا يەنى 1970-يىللاردا بولغان ئىش. ئاتام ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن ئۇچقۇچۇلۇق كۇرسىغا قاتنشىپ سالاھىيەت ھازىرلارپ، كېيىن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى 141-Cنىڭ ئۇچقۇچىسى بوپتىكەن. مەن كالفورنىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تۇغۇلغانكەنمەن. بىراق مەن ئالتە ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا ئائىلىمىز بويىچە تېننىس شىتاتىنىڭ مەپىس دېگەن يىرىگە كۆچۈپ كەلدۇق. مەن مۇشۇ يەرنى يۇرتۇم دەپ قارايمەن. ئانام ئاممىۋى سەھىيە كەسپىدە ئوقۇپ 1992-يىلى ئىنىم تۇغۇلغانغا قەدەر، بىر تېببىي لابوراتورىيىدە ئىشلىگەندى. ئاتا –ئانامنىڭ ئەسلىي يۇرتى ئاسىيادا ۋە ئاتام ئۇچقۇچى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ  ئۇ دۇنيادىكى ھەممە جايغا توختىماي ئۇچۇپ تۇراتتى ۋە بارغان يەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي بۇيۇملىرىدىن ئالغاچ كېلەتتى. ئاتامنىڭ يەتتە قىتئەنى ئايلانغانلىقىنى، شىمالىي قۇتۇپتىن جەنۇبى قۇتۇپقىچە بېرىپ باققانلىقىنى ئويلىسام، ئۇنىڭىدىن شۇنداق پەخىرلىنىپ كىتىمەن. شۇڭا مەندىمۇ كىچىكىمدىنلا باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە شۇلارنىڭ يۇرتىغا زىيارەتكە بېرىش ئىشقى قوزغالغاندى. مەن لوس ئانجىلىستىكى جەنۇبىي كالفورنىيە ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ۋاقتىمدا‹‹ئىنسانشۇناسلىق ۋە شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى›› دېگەن كەسىپنى تاللىدىم. مۇشۇنداق كەسىپلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە ئاتامغا ئوخشاش باشقا مەدەنىيەتلەرنى چۈشىنىش ۋە شۇ يەردە ياشاش پۇرسىتىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ئاخىرىدا ئىشەنگىنىم راسىت بولۇپ چىقتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۆپىنچە ۋاقتىم چەت دۆلەت ــــ جۇڭگۇدا ئۆتتى.
>^u2cAi3[  
qU \w=  
*3+4[WT0]a  
   شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىڭىز قانداق باشلانغان؟ ‹‹ئۇيغۇر›› دىگەن خەتنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە قانداق ھېس قىلغانتىڭىز؟ Hus)c3Ty7  
P\E<9*V  
\ [;0 KV_  
  ج - مەن مەكتەپتە شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى كەسپىنى تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، 2005-يىلى ــ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشۇمنىڭ ئىككىنچى يىلى، جياڭسۇدىكى نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا تىزىملاتتىم. 2005-يىلى فېۋىرالدا مەن ئۇ مەكتەپتە تۆت ئاي خەنزۇ تىلى ئۆگەندىم. مەۋسۇم ئاخىرىدا دوستۇم بىلەن باشقا جايلارغا ساياھەتكە بېرىشنى قارار قىلدۇق. ئۇ ۋاقىتتا جۇڭگۇنىڭ شەرقىي قىسىمى بولغان جياڭسۇدا تۆت ئاي تۇرغاچقا بىر جياڭسۇ، شاڭخەي ۋە ياكى بېيجىڭغا ئوخشىمايدىغان بىر شەھەرگە بېرىپ بېقىشنى خالاپ قالدۇق. P0;n9>g  
p?02C# p  
4S7v:1~xe  
بىراق بىزگە نەگە بېرىشنى جەزىملەشتۈرەلمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز ئاددىي بىر ئۇسۇلنى تاپتۇق: جۇڭگۇ خەرىتسىنى ئېچىپ بېيجىڭغا قەيەر ئەڭ يىراق بولسا شۇ يەرگە بارايلى، دىيىشتۇق. ئەلۋەتتە، ھەممىڭلارغا تونۇشلۇق بولغىنىدەك، نەنجىڭغا ئەڭ يىراق جاي ـــ شىنجاڭ  ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى بولۇپ چىقىتى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ بىزنىڭ 2005-يىلى ساياھەت قىلىدىغان نىشانىمىز بولۇپ بەلگىلەندى. بىز ئۈرۈمچىگە نەنجىڭدىن ئايروپىلاندا كەلدۇق.  ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ئالتاي ۋە قەشقەرگە ساياھەتكە باردۇق. vx{}} /B]J  
wi!?BCseq  
?w$kue  
ئۇ ۋاقىتتا دوستۇم بىلەن مەن ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئىنتايىن ئاز نەرسە بىلەتتۇق. ئىنگىلىز تىلى ياكى خەنزۇ تىلىدا ‹‹غ›› تاۋۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىز ‹‹ئۇيغۇر›› دېگەن خەتنى قانداق تەلەپپۇز قىلىشنىمۇ بىلمەيتۇق. بىزنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ بىلگىنىمىزـ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان، تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى بولدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ بىزگە باشقا يۇرۇتقا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە تۇيغۇ ئاتا قىلدى. مەن ‹‹ئۇيغۇر›› دېگەن خەتنى تۇنجى كۆرگەندە،  ئەرەب - ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن تونۇماپتىكەنمەن.
|44Ploz2b  
\P[Y`LYL  
RTYvS5 G  
   ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قارارىغا قانداق كەپقالدىڭىز؟  -uS!\  
'B |JAi?  
e[1hz_ v  
  ج - مەن 2005يىلى شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەندە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ناھايىتى قىزىقىپ قالدىم. سىزگىمۇ ئايان، بىزنىڭ ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق بىلىدىغىنىمىز يوقنىڭ ئورنىدا. گەرچە بىز ‹‹يىپەك يولى›› توغرۇلۇق تارىخىي كىتابلاردا ئاز-تولا بىر نەرسە ئۆگەنگەن بولساقمۇ، ھازىرقى زامانىۋى مەركىزىي ئاسىيا توغرۇلۇق جىق نەرسە بىلمەيمىز. نۇرغۇن ئامېركىلىق قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىگە ئوخشاش شەھەرلەرنى خەرىتىدىن تاپالماسىلىقمۇ مۇمكىن. شۇڭا شىنجاڭ مەن ئۈچۈن يېپيېڭى بىر جەريان بولدى. +w`2kv  
i$Ul(?  
3l~^06D  
ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم مۇسۇلمانلار يۇرتىغا كېلىپ باققان بولدۇم. سىز بۇ يۇرۇتتىن ھېيتگاھقا ئوخشاش مەسچىتلەرنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاپپاق غوجا مەقبەرىسىگە ئوخشاش ئەنئەنۋىي نەققاشلىقنى تاپالايسىز. بۇلار ئىنتايىن گۈزەل! يەنە بىر مىسال-ئۇيغۇر تائاملىرى. مەن ھاياتىمدا ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك مەززىلىك تائام  يەپ باقمىغان. شىنجاڭغا كېلىپ پولۇ، لەڭمەن، نان ۋە كاۋاپلارنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە تۇنجى قېتىم قادىر بولالىدىم. ئۇيغۇر تائاملىرى ھەقىقەتەن بەك مەززىلىك ئىكەن. مەن يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى مېھماندوست مىللەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. گەرچە مەن باشقا يۇرۇتتىن كەلگەن ساياھەتچى بولساممۇ ئۇ ۋاقىتتا تېخى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەلمەيتىم. ئۇيغۇرلار ماڭا ئىنتايىن دىلكەش ۋە سەمىمىي مۇئامىلە قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا شىنجاڭدا ئىككى ھەپتە تۇردۇم. ھېس قىلىشىمچە  ئىككى ھەپتىدە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئاز-تولا بىر بىلگىلى بولغان بىلەن، بىر مىللەتنى ئوبدانراق چۈشىنىشكە ھەرگىز يىتەرلىك ۋاقىت ئەمەس ئىدى. ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى سەن بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئارقىلىقلار، ئۇ مىللەتنىڭ قانداق مىللەتلىكىنى چۈشىنەلەيسەن.
X0HZH?V+  
=IZT(8  
}rUN_.n4z  
  ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنى قاچان باشلىغانتىڭىز؟ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن قايسى مەكتەپنى تاللىدىڭىز؟ باشتا قايسى كىتابلارنى دەرسلىك قىلىپ ئىشلەتتىڭىز؟ ئۇيغۇر تىلىنى دەسلەپ ئۆگىنىشكە باشلىغاندىكى تەسىراتىڭىز قانداق بولدى؟ "Fr.fhh'~  
j^sg6.Z*  
!/b>sN}  
  ج - مەن ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپلا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىدىغان جاي ئىزدەشكە باشلىدىم.  ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئۆتىدىغان يەر يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن. مىڭلىغان ئالىي مەكتەپ ئىچىدە ئاران بەشتەك ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىلى دەرسى تەسىس قىلغانكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تېخى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەچكە، بېرىپلا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنى باشلىيالمىدىم ، يازلىق تەتىلدىلا ئۆگىنەلىدىم. تىرىشقانغا بېرىدۇ دېگەندەك، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتىقىقاتى بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق ئورۇن بولغان ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنۋېرسىتىتى يازلىق تەتىلدە ئۇيغۇر تىلىدىن ئۇنۋېرسال يىتىشتۈرۈش سىنىپى ئېچىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپلا، 2006-يىلى يازدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنى باشلاش ئۈچۈن مەكتەپكە ئىلتىماس سۇندۇم. ‹‹ خۇدا بەرسە پەيغەمبەرمۇ غىڭ قىلالماپتۇ›› دىگەندەك، مەن ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنىپلا قالماستىن يەنە تېخى پۈتۈن سوممىلىق ئوقۇش پۇلىغا ئېرىشىپتىمەن. شۇنداق قىلىپ 2006-يىلى يازدا سەككىز ھەپتە ئۇيغۇر تىلى ئۆگەندىم. بۇ سىنىپتا دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە كۈنىگە تۆت سائەتتىن مۇنتىزىم تەربىيلەندۇق. ئائىلە تاپشۇرىقى بەك جىق بېرىلەتتى.مەن كىچە-كىچىلەپ ئۇيغۇر تىلى تاپشۇرىقىنى ئىشلەيتتىم. گەرچە ئوقۇغان ۋاقتىمىز ئاران سەككىز ھەپتە بولسىمۇ  بىز بەك جىق نەرسە بىلىۋالدۇق. ئۆگىنىشىمىز شۇنداق قىزىقارلىق بولغانلىقى ئۈچۈن مەن كېلەر يىلى يەنە ئىلتىماس سۇنۇشنى قارار قىلىدىم ، ئىلتىماس سۇنۇپ يەنە تەلىيىم كەلدى. بۇ قېتىم ئوتتۇرا سەۋيىلىك ئۇيغۇر تىلى سىنىپىغا قاتناشتىم. بىزدە مۇنتىزىم  دەرسلىك ماتېرىيالى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل ماتېرىياللارنى دەرسلىك قىلىپ ئىشلەتتۇق. ماتېرىياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچىدىن سېتىۋېلىنىپ ئامېرىكىغا ئاپىرىلغاندى. بەختىمىزگە  ئۇيغۇر تىلى دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىم ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىشكە ئۆزىنى بېغىشلىغان، ئىشتىياقلىق مۇئەللىملەر ئىكەن. ئۇيغۇر تىلى ئۆگۈنىشنى تۇنجى باشلىغاندا كاللامغا كەلگىنى، ئۇيغۇرچە خەت يېزىش خەنزۇچە خەت يېزىشقا قارىغاندا خېلى بەك ئاسان بولغىنى بىلەن، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى ئىنگىلىز تىلى ۋە قىينىنچىلىقنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ تىلنى ئۆگىنىشكە ئەرزىيتتى. چۈنكى گىرامماتىكىنى ئىگىلسەملا  مەن شىنجاڭ  ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يېڭى بىر بالداقتا تۇرۇپ چۈشىنەلەيتىم ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشالايتتىم.
g{)dP!}  
KfEx"94  
y-b%T|p9  
  سىز شىنجاڭغا كەلگىلى قانچىلىك بولدى؟ بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ قېلىشىڭىزغا نېمە سەۋەب بولدى؟ C3f' {}  
KK4`l}Fk:n  
.hb:s,0mP  
  ج - شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقىنىمغا بىر يېرىم يىلدەك بوپتۇ، 2007-يىلى مارتتا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا بۇ يەرگە كېلىشنى قارار قىلدىم. چۈنكى مەن مۇشۇ يەردە تۇرۇش ئارقىلىقلار ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەش ئىقتىدارىمىنى ئاشۇرالايمەن. ئاۋغوستتا كورلىغا باردىم ۋە شۇ يەردىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ 2008-يىلى مارتقىچە ئىشلىدىم. شۇ مەزگىللەردە دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى بىكار ۋاقتىمىدا قىلىدىغان ئىشىم ئۇيغۇر تىلىنى مەشىق قىلىش بولدى. ئەمەلىيەتتە مەن بىكار ۋاقتىمنىڭ كۆپ قىسىمىنى كورلىدا ئېچىلغان بىر تەربىيلەش مەركىزىدىكى ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشۇپ ۋە شۇلار بىلەن ئۆتكۈزدۇم. مەن مارتتا ئامېرىكىغا بېرىپ، ئاۋغوستتا يەنە شىنجاڭغا قايتىپ كەلدىم. بۇ قېتىم مەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە شىنجاڭ يىزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىتىنى تاللىدىم ھەم ھازىرغىچە مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن. مىنىڭ بىر يېرىم يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا تۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىم ئۇيغۇر تىلىمنى ياخشىلاش بولدى.
~vhE|f  
PdFKs+Z`  
S3%FHS  
   ئۇيغۇرلارنىڭ سىزگە تەسىر قىلغان ئىشىدىن بىرەنى سۆزلەپ بىرەلەمسىز؟ Jt<_zn_FG  
^/>(6>S^M  
/Iy]DU8  
   ج - ھا،ھا،ھا... مەن سىزگە بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي - بۇ ئىشنى ھازىر ئويلىساممۇ كۈلۈپ كېتىمەن. مەن كورلىدىكى ۋاقىتتا بىر ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ناھايىتى ياخشى دوستلاردىن بوپقالدىم. ئۇ ماڭا بەك سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى ھەم يېزىدىكى ئۆيگە بىللە ئاچىقىپ تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنى ئۆز ئاچامدەك كۆرەتتىم. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ماڭا ئۆز بالىسىدەك مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇنىڭ بىر ياشتىن ئاشقان پەرىزە ئىسىملىك جىيەن قىزى بار ئىدى، پەرىزەنى كۆرسەم ئىنتايىن خۇشال بوپكېتىمەن. چۈنكى بۇ قىزچاق بىلەن ئوينىشىش بەك قىزىقارلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇ ئۇيغۇر تىلىمنى مەشىق قىلىدىغانغا ياخشى ياردەمچى ئىدى. ھەممىمىز بىلىمىز بالىلارنىڭ تېلى ئېنىق، چۈچۈك، ئاستا ۋە ئاددىي بولىدۇ. پەرىزەنىڭ ئىككى ئىشى مېنى بەك ھەيران قالدۇرغاندى: بىر قېتىم  دوستۇم بىلەن مەن پەرىزەنى ئېلىپ يېزىغا كىتىپ باراتتۇق، پەرىزە يانچۇقىدىن بىر تال كەمپۈتنى ئېلىپ چىقاردى. ئۇنىڭ كەمپۈتنى بەكلا يىگۈسى باردەك قىلاتتى. ئۇ  كەمپۈتنى سويالمىدى، يا قانداق ئېچىشنىمۇ بىلەلمىدى شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەبئىي ھالدا ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن يەردىكى ماڭا كەمپۈتنى سۇندى. ئۇ ماڭا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭىغا بويسۇنۇپ كەمپۈتنى سويۇپ بەردىم. ئۇ، كەمپۈتنى قولىغا ئالدىيۇ، ئازىراق ئوشتۇپ ماڭا سۇندى. مەن ھاڭ-تاڭ قالدىم. ئېنىقكى، بۇ ئۇنىڭ مېنىڭ ياردىمىمگە بىلدۈرگەن ‹‹رەھمەت›› ى ئىدى. بىز شۇ كۈنى يەنە بىر كوچا بىلەن قايتىپ كىلىۋاتاتتۇق. دوستۇمنىڭ توكلۇق ۋېلسىپىتىنىڭ يېلى قالمىغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇنى ئىتتىرىپ مېڭىۋاتاتتىم. مەن توكلۇق ۋېلسىپىتنى ئىتتىرىپ مېڭىۋاتقاندا، پەرىزە ۋېلسىپىتتە ‹‹بىكار ئولتۇرۇش›› نىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتاتتى. يول خېلى ئۇزۇن ئىدى. بىردەمدىن كېيىن پەرىزە تۇيۇقسىز چىرايىمغا تىكىلىپ قارىدى-دە، ۋېلسىپىتتىن سەكرەپ چۈشۈپلا، بۇدۇرۇق قوللىرى بىلەن ۋېلسىپتنىڭ كەينىدىن ئىتتىرىشكە باشلىدى. مەن يەنە بىر قېتىم ھەيرانۇ-ھەس قالدى. ئۇ، ۋېلسىپىتتە بىكارغا ئولتۇرۇشنى بىر خىل ئەدەپسىزلىك، نۇمۇس دەپ قاراپ ماڭا ياردەم بېرىۋاتسا كېرەك. مۇشۇ ئىكىكى ئىش مېنى ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندۈردى. گەرچە ئۇنىڭ قىلغانلىرى بەك ئاددىي، ئادەتتىكى ئىش بولسىمۇ، بىراق پەرىزەنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئەمدى بىر ياشتىن ئاشقان بالا ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقرىپ قويماسلىقىز كېرەك! ئامېرىكىدا بىر ياشقا كىرگەن بالىلار بەك شەخسىيەتچى، پەقەت ‹‹مەن›› نىلا ئويلايدۇ. بىراق ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادىتىدە بالىلار ئىنتايىن كۈچلۈك ئەنئەنىۋىيلىك ئىچىدە كۆز ئاچىدىكەن، كىچىكىدىن باشلاپلا ھەر خىل ئائىلە مۇناسىۋىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىكەن. ماڭا ئۇيغۇر باللىرى ھەتتاكى بىر ياشقا كىرسىمۇ ئۆزىدە ھەق-ناھەق تۇيغۇسى، سىخىيلىق، كەڭ قورساقلىق ۋە ئۇيغۇر قىممەت قارشىنىڭ بولدىغانلىقىنى، مۇشۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئىناقلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ ب ئاساسى بولدىغانلىقىنى ئۆگەتتى.
*%NT~C q  
)9G[dDeC  
[PM 2\#K  
  ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشتىكى مەقستىڭىز نېمە؟ qJs<#MQ2  
Yui3+}Ms  
%D34/=(X  
  ج- كىشىلەر مەندىن بۇ سۇئالنى بەك جىق سورايدۇ. جاۋاب ئىنتايىن ئاددىي ـــ مەن ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىۋاتىمەن. ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تىللارنىڭ بىرى. مەن ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى يازالايدىغان بولۇشنى بەك ئارزۇلايمەن. ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنى قاچان تولۇق ئىگىلىسەم، شۇ  ۋاقىتتا چوڭ مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشكەندەك بولىمەن. ئۇيغۇر تىلى بىلىشنىڭ ئادەمنى ئەڭ ھوزۇرلاندۇرىدىغان يېرى ـــ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشنىش. ئىنگىلىز تىلىدىكى مۇنداق بىر ئىبارە بىلەن مەقسىتىمنى سۈپەتلىسەم. مەن ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ـــ مەقسىتىمگە بارىدىغان يول ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆزى مەقسەتتۇر.مەن مەقسىتىمگە يېتىش ئۈچۈن خەنزۇ تىلىنى ئۆگەندىم.مېنىڭىچە، ئەگەر خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلسەم، خىزمەت تېپىشىم ۋە كەلگۈسىدە جىق پۇل تاپالىشىمغا ياردىمى بولىدۇ. بىراق مەن يەنىلا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەندىم. چۈنكى مەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن.
$y&E(J  
. B9iLI  
Qh3YJ=X &  
  ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلماقچىسىز؟ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرەر تېمىنى تەتقىق قىلامسىز؟ ياكى بىرەر پارچە كىتاب يېزىپ چىققۇڭىز بارمۇ؟ `/XY>T}-  
_\G"9,)u '  
Nq[uoaT  
  ج- ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىم پەقەتلا ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا ئالاقىلىشىشىم ئۈچۈن. بىراق، ئۆگەنگەن ئۇيغۇر تىلىم بىلەن كەلگۈسىدە بىرەر خىزمەت قىلىش پۇرسىتى بوپقالسا، نېمە قىلىش كېرەكلىكى ماڭا ئىنتايىن ئايان.مەن ئالدىنقى سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ئېيىتتىم، ئامېرىكىلىقلار ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق جىق نەرسە بىلمەيدۇ. ھەتتاكى مەنمۇ شىنجاڭغا كەلمەستە بۇ مىللەت توغرۇلۇق ھېچنىمە بىلمەيتتىم. تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كەلگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى. مەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلدىم . ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن مەن دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ ئاۋارىچىلىق – ئامېرىكىدىكى قەدىناس دوستلىرىمنىڭ مەن دېگەن گەپلەرنى چۈشەنمەسلىكى. ئۇلارغا مەھمۇد كاشىغەرىي، 12مۇقام توغرۇلۇق نۇرغۇن نەرسىنى سۆزلەپ بەرگۈم بار. بىراق بۇلارنى دېمەيلا قويايلى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ قەيەردىلىكىنى، ئۇيغۇر دېگەننىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئىشىم ــــ ئامېرىكىقلارغا ئۇيغۇرلارنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى شىنجاڭغا كۆپلەپ زىيارەت-ساياھەتكە ئېلىپ كېلىش؛ قەشقەر ، تۇرپانغا ئوخشاش ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش. مېنىڭىچە بۇ مەقسەتكە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرۇلۇق كىتاب يېزىش ئارقىلىق ئەڭ ياخشى يەتكىلى بولىدۇ. بۇ كىتاب ئامېرىكىلىقلار قىزىقىدىغان ‹‹يىپەك يولى›› ياكى يېمەكلىكلەرنى ئاساسىي مەزمۇن قىلسا بەك مۇۋاپىق بولىدۇ. مېنىڭچە ئامېرىكلىقلار ‹‹يىپەك يولى››دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوينىغان رولى ۋە ياكى يىمەك-ئىچمىكى توغرىسىدا ماقالىلەرنى قىزىقىپ ئوقۇيدۇ. ئۇيغۈر تائاملىرى توغرىسىدا بىرەر نەرسە ئوقۇشتىنمۇ ئەھمىيەتلىك ياخشى ئىش ـــ ئۇيغۇر تائاملىرىنى تېتىپ بېقىش. شۇنىڭ ئۈچۈن مەخپىي ئارزۇيۇمنىڭ بىرسى ــ ئۇيغۇر تىلى بىلىدىغان ئامېرىلىق بولۇش سالاھىتىمدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا ئاشخانا ئېچىشقا ياردەمدە بولۇش، ئامېرىكىدا ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئېچىش بىر نەچچە سەۋەبتىن كۆرە ئىنتايىن ياخشى بىر پىلان. VcO0sa f`  
O)*+="Rg  
   بىرىنچى- ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشخانىلىرى ئىنتايىن كۆپ. مەن ئافىغانلار، تۈرۈكلەر، ئەرەبلەر ۋە پاكىستانلىقلار ئاچقان ئاشخانىغا كىرىپ باققانيۇ بىرەرمۇ ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كىرىپ باقمىغا. مېىڭىچە، ئامېرىكىلىقلار ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈدۇ. بىراق، ھازىرغىچە مۇنداق ئاشخانا تېخى ئېچىلىپ باقمىدى. 9igiZmM  
m@2QnA[ 4  
  ئىككىنچى- يېمەكلىك ئارقىلىق باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى شۇنداق ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئەگەر بىز ئامېرىكىدا ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن بىرەرنى ئاچساق، ئۇيغۇرچە بېزىسەك، ئاشخانا ئۇيغۇر ناخشا – ئۇسۇللىرى بىلەن ئۆزگىچە جۇلالىنىپ تۇرسا، ئاشخانىمىزدا تاماق يىگەن ئامېرىكىلقلارنىڭ قورسىقى ئۇيغۇر تائامىلىرى بىلەن تويسا، قۇلىقىغا مۇڭلۇق ئۇيغۇر ناخشىلىرى ئۇرۇلۇپ تۇرسا، نېمىدىگەن ئېسىل ھە! شۇنىڭ بىلەن ئاشخانىمىزدا تاماق يىگەن ئامېرىكىلقلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى توغرۇلۇق ئىزدىنىدۇ. ھەتتاكى بەزىلىرى شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىشىممۇ مۇمكىن. مۇشۇنداق بىر ئاشخانا يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى چۈشىنىش ۋە تىلىمىز ــ ئىنگىلىز تىلىنى بىلىشگە چوڭ كۆۋرۈك بولىدۇ. دېمىسىمۇ مۇنداق ئاشخانىلار ھەقىقىي ئۇيغۇر كۈتكۈچىلەر، ئاشپەزلەر، ئۇسسۇلچىلار ۋە ناخشىچىلارنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟ بۇ ئاشخانىدا ئىشلىگەن ئۇيغۇر ئىنگىلىز تىلىغا ئۇستا بولىدۇ ھەم بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى چۈشىنىدۇ ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ. ئەگەر ئۇلار شىنجاڭغا قايتىپ كەلسىمۇ ئىنگىلىز تىلىنى بىلگەنلىكى ۋە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى چۈشەنگەلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇلار بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىيالايدۇ. بۇ ئاشخانا ئەلۋەتتە قوش يۆلىنىشلىك مەدەنىيەت ئالاقە بۆشۈكى بوبقالىدۇ. بۇمېنىڭ ئارزۇيۇم، خالاس! ئەمەلىيەتتە، مۇنداق ئاشخانا ئېچشقا ئىقتىساد، ماڭدۇرۇشقا نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ. ئەگەر ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا پۇلى، ئامېرىكىدا ئاشخانا ئېچىش ئارزۇسى بارلار بولسا، مېنى ئىزدىسە، ھەر زامان قولۇم كۆكسۈمدە!
6:[dj*KGmT  
^e_hLX\SW  
]Kt6^|S$a  
qFCOUl  
kW Ml  
شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2009 --يىللىق 3 -سانىدىن ئېلىندى.
/tx]5`#@7]  
_____________ _~l5u8{^6  
 باشقۇرغۇچىدىن: ئىملاغا دىققەت قىلاسىز! 2 /\r)$ 2i  
[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2012-03-22 19:01قايتا تەھرىرلىد ]
دوستلىشىش
dulbarqin310
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1599
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1599دانە
ئۆسۈش: 600 %
مۇنبەر پۇلى: 16988 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-09-06

كەڭساينىڭ ماۋۇ تېمپىراتورا كۆرسەتكۈچنى قىستۇرغىنى بەك ياخشى بۇپتۇ جۇمۇ. -e"H ^:  
Wa>}wA=v  
ماقالىدىكى بۇ يىگىتكە قول قويدۇم. تېما ئىگىسگە رەھمەت.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11220
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-22
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-22 21:08

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇنئابدۈللاھ نىڭ 2012-03-22 18:27 يوللىغان يازمىسى ئۇيغۇر تىلى ئۈگۈنىۋاتقان ئامېركىلىقنىڭ نەزىردىكى ئۇيغۇر : kfY}S  
   ئۇيغۇر تىلى ئۈگۈنىۋاتقان ئامېركىلىقنىڭ نەزىردىكى ئۇيغۇر SsDmoEeB[  
6}Ci>_i4#  
L48_96  
LYK"(C  
)g%d:xI  
....... y/7\?qfTk  
0pd'93C  
راس دەيسىز شۇ تاپتا كەڭ ساينىڭمۇ تېمپىراتۇرسى ئۆرلەپ كېتىپتۇ...ھې ھې ھې...
مۇتىئەسسىپلىك ، خۇراپىلىق ، قالاقلىق ، نادانلىق - تەڭدىشى يوق ئۇيقۇ دورىسى.
تۇپراقتەك كەمتەر بول ....--
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1824
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1824دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 9606 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-09-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 00:34

ئېسىل  تېمىنى يەنە  بىر  قېتىم  ئوقغىنىمدىن  بەك  خوشالمەن ..     
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...