ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
( ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا چەكسىز شۇكۈرلەر ۋە ھەمدىلەر بولسۇن؛ئۇلۇق پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن،ۋە قىيامەتكىچە كەلگەن ئەر-ئايال مۇئمىنلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!
ئاللاھ سۇبىھانەھۇ ۋەتەئەلا ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىگەن:[ئېي مۆئىمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار(يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر،(مۆئىمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار،بىر-بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار،سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يىيىشىنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار ئاللاھ(تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى)بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر (ئۇلارغا )ناھايتى مىھرىباندۇر.](ھۆجرەت سۈرىسى12-ئايىتى)
يۇقۇردىكى ئايىتى كەرىمدە ئاللاھ سۇبىھانەھۇۋەتەئەلا بىزنى گۇمان قلماسلىق توغۇرسىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ. بىز گۇمان قىلىشتا ياخشى گۇمانلاردا بولساق بولۇدۇ. بىز ئويلىغان بەزى گۇمانلار گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.(يەنى ئاۋۇ ئادەم مىنىڭ يامان گىپىمنى قىلىۋاتىدۇ،دېگەنگە ئوخشاش.ئەگەر ئاشۇ ئادەم باشقا گەپلەرنى قىلىۋاتقان بولسا بىز گۇناھكار بولىمىز، ھەتتا بەزى ئادەملەرئاشۇنداق ئىشلاردا مېنىڭ يامان گىپىمنى قىلىۋاتىدۇ دەپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يۈگۈرۈپ بېرىپ قول سالىدىغان ئىشلارمۇ بار. بۇنداق ئىشلاردا ئادەم ئېغىر بېسىق بولمىسا ئاقىبىتى تەسسەۋۋۇر قىلپ بولالمايدىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ.)
يالغانچىلىق ۋە قەسەمخورلۇقتىن ساقلىنايلى!
ھەدىس شەرپىتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:<<ئۈچ تۈرلۈك ئادەمگە ئاللاھ سۆزقىلمايدۇ، ھەم ئۇلارغا رەھىمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ. 1-بەرگەن نەرسىسىگە مىننەت قىلغان ئادەمگە، 2-مال-ماتاسىنى يالغاندىن قەسەم قىلىپ(قەسەمخورلۇق قىلىپ)ساتقان ئادەمگە، 3-ئىشتاننى ئۇزۇن(سۆرۈتۈپ)كەيگەن ئادەمگە(يەنى تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان ئادەم).(بۇخارى رىۋايىتى)
ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنىھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:<<(ئەي ئۈممەتلىرىم)ئالتە تۈرلۈك ئىشنى سىلەر چىڭ تۇتۇپ ئىشلىسەڭلار مەن سىلەرنى جەننەتكە كىر گۈزۈشكە كېپىل، 1. سۆزلىگەندە راسىت سۆزلەڭلار،يالغان سۆزلىمەڭلار. 2.ۋەدە قىلساڭلار ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلماڭلار،ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار . 3.ئامانەتكە خىيانەت قىلماڭلار. 4.كۆزۈڭلارنى (ھارامدىن)ساقلاڭلار. 5. قولۇڭلارنى (ھارامدىن)ساقلاڭلار. 6.ئەۋرەتلىرىڭلارنى (ھارامدىن) ساقلاڭلار.>>
يالغانچىلق ئادەمنى دۇنيا-ئاخىرەتتە قارايۈز قىلىدۇ!
ھەدىس شەرپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:<<يالغانچىلىق(يالغانچىنىڭ)يۈزىنى قارايتىدۇ.
بىرئادەم يالغان سۆز ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، شۇئادەمنىڭ يۈزىدە ئىماننىڭ نۇرى ئۆچۈپ قارداپ كىتىدۇ، بۇنداق ئادەملەر بۇدۇنيادا رەسۋا بولغاندىن سىرىت، ئاخىرەتتە ئاللاھ ئالدىدا تېخىمۇ رەسۋاچىلىققا قالىدۇ، يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتامدۇر، يالغنچىلىق چوڭ گۇناھدۇر.
ھەدىستە بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئىيمان ئېيىتماقچى بولۇپ:مەن ساڭا ئىمان ئېيىتماقچى، لىكىن مەن ھاراق ئىچىش،زىناقىلىش،ئوغۇرلۇق ھەم يالغانچىلىق قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ ئادەتلەنگەن، سەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام دەپ بەلگىلىدىڭ، مۇشۇ(يەنى تۆت تۈرلۈك) ئىشلاردىن بىرنى چەكلىگىن، مەن ساڭا ئىيمان ئېيتاي:دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئادەمگە :<< ئۇنداق بولسا سەن يالغانچىلىق قىلمىغىن>>دېدى، ھەم ئۇ ئادەمنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ ئادەم ئۇيەردىن چىقىپ ھاراق ئىچكۈسى كەلدى، ئۇ ئادەم ئويلىدى: ئەگەرمەن ھاراق ئىچسەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن ھاراق ئچتىڭمۇ ؟ دەپ سورىسا، مەن ئىچمىدىم دەپ جاۋاپ بەرسەم يالغانچى بولىمەن ئۇ ۋاختىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن ۋەدەمدە تۇرمىغان بولىدىكەنمەن، ئىچتىم دېسەم شەرىئەت بويىچە ماڭا دەررۇ ئۇرۇشقا لايىق بولىدىكەن.؛ دېدى دە ھاراقنى تاشلىدى. ئۇ ئادەم زىنا قىلغۇسى كېلىپ ھەم ئوغۇرلۇق قىلغۇسى كېلىپ بۇلارنىڭمۇ ئوخشاشلا جازاغا تارتىلىدىغانلىقنى ئويلاپ ھەممىدىن بىراقلام قول ئۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئادەمگە:<<سەن نىمە دېگەن ياخشى ئىشلىدىڭ مەن سىنى پىتنە-پاساتنىڭ مەنبەسى بولغان گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىدىن توسىۋىدىم، سەن ھەممىسىدىن قول ئۈزۇپ، تەۋبە قىلىپ،(ياخشى ئادەم بولدۇڭ)دېدى.>>
ئۈممى گۈلسۈم ئانىمىز رۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەقەت ئۈچ تۈرلۈك ئىشتا يالغان سۆزلەش رۇخسەت قىلغان: بىرى، ئىككى ئادەمنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەپ بولسىمۇ ئۇلارنى چىقىشتۇرۇپ قويغان بولسا دۇرۇس بولۇدۇ، بىرى، جەڭدە يالغان سۆزلىگەن بولسا بولۇدۇ، يەنە بىر،(تۇرمۇشتا)يولدىشى (ئائىلىسىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن)بەزى يالغان سۆزلەرنى قىلغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ.
چېقىمچىلىقتىن ساقلىنايلى!
بۇتېما ئىلگىرى يوللانغان بولۇپ تۆۋەندىكى ئۇلۇنۇشتىن كۆرگەيسىلە:
http://bbs.meripetyoli.com/forum.php?mod=viewthread&tid=348&extra=page%3D1 چېقىمچى ئېلىپ كەلگەن خەۋەرنى ئالتە تۈرلۈك ئىنىقلاش لازىم!
مۇجتەھىت ئالىملىرىمىزدىن ئەبۇ ھەنىپە رەھمەتۇللاھە ئەلەي مۇنداق دېگەن:<< بىر ئادەم بىر گەپنى كۆتۈرۈپ كەلسە، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ پاسات تېرىماستىن، ئالتە تۈرلۈك ئىنىقلاڭلار.
1-چېقىمچىنىڭ سۆزى گۇۋەھلىققا يارىمايدۇ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ قارىشىدا ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەن مەيمىز. ئاللاھ سۇبىھانەھۇ ۋەتەئەلا قۇرئان كەرىمىدە مۇنداق دېگەن:[سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بىر فاسىق بىرگەپنى كۆتۈرۈپ كەلسە(ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كەتمەستىن) ئېنىقلاڭلار (يەنى ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ ئۇخماستىن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ سالماڭلار)]
2- ئۇئادەمنى بۇندىن كىيىن بۇنداق سۆزلەرنى كۆتۈرۈپ كىلىشتىن چەكلەيمىز. چۈنكى يامان ئىشلاردىن چەكلەش ۋاجىپتۇر. ئاللاھ سۇبىھانەھۇ ۋە تە ئەلا قۇرئان كەرىمىدە مۇنداق دېگەن:[ئەي مۇھەممەت ئۈممىتى)سىلەر ياخشى بىر ئۈممەت بولۇپ چىقىرىلدڭلار، سىەلەر ئادەملەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىسىلەر].
3-ئاللاھ ئۈچۈن ئۇ ئادەمنى ئۆچ كۆرمىز، چۇنكى ئۇ ئادەم (گەپ توشىغانلىقى ئۈچۈن) ئاسى گۇناھكاردۇر.
4-(چېقىمچىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ) باشقىلارغا يامان گۇمان بىلەن قارىماسلىق كىرەك، مۇسۇلمانغا يامان گۇمان بىلەن قاراش ھارامدۇر، ئاللاھ سۇبىھانەھۇ ۋەتەئەلا قۇرئان كەرىمىدەمۇنداق دېگەن:[گۇماندىن ساقلىنڭلار گۇماننىڭ بەزىسى گۇناھتۇر].
5-ئۇلارنىڭ ئەيىپىنى ئىزدىمەيمىز. چۈنكى ئاللاھ سۇبىھانەھۇۋەتەئەلا ئەيىپ ئىزدەشتىن بىزنى چەكلەپ مۇنداق دېگەن:[مۆئىمىنلەرنىڭ ئەيىپىنى ئىزدىمەڭلار].
6-چېقىمچى ئېلىپ كەلگەن سۆزلەرنى باشقىلارغا ئېيىتماسلىق كېرەك. ئەگەر، بىز شۇ سۆزلەرنى باشقىلارغا ئېيتىدىغان بولساق، بىز مۇ چېقىمچى بولۇپ قالىمز.
ئاللاھ ھەممىمىزنى يامان ئىشلاردىن يىراق قىلىپ ياخشىلىققا مۇۋاپپەق قىلغاي ئامىن
تاماملاندى.
ۋە ئاخىرۇ دەئۋانا ئەنىلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىن.
بۇ تېمىنى تەيارلىغۇچى:پارىس.