باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1509 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: مەكتەپلەرنى قوشىۋىتىش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنغىنىغا ئون يىل
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 313
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە313دانە
ئۆسۈش: 1440 %
مۇنبەر پۇلى: 3751 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-21 10:40

مەكتەپلەرنى قوشىۋىتىش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنغىنىغا ئون يىل

مەكتەپلەرنى قوشىۋىتىش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنغىنىغا ئون يىل بولدى،بۇ سىياسەتنىڭ ئۇتۇقى بولدىمۇ-يوق؟
يې تېچياۋ
2011-يىلى مەكتەپلەرنى قوشىۋىتىش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنغىنىغا ئون يىل بولدى،گوۋۇيۈەن 2011-يىلى ‹گۇۋۇيۈەننىڭ ئاساس مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش توغىرسىدىكى قارارى›نى چىقارغان ئىدى.بۇ ھۆججەتنىڭ 12-ماددىسىدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن ‹يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلىشىشىنى ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش› تەلەپ قىلىنغان ھەم مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى:‹باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆيىگە يېقىن مەكتەپتە ئوقۇش،تولۇقسىز مەكتەپلەرنى نىسپى مەركەزلەشتۈرۈش،مائارىپ بايلىقىنڭ تەقسىملىنىشىنى ياخشىلاش پىرىنسىپى بويىنچە مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلىشىشىنى مۇۋاپىق پىلانلاش ۋە تەرتىپكە سېلىش لازىم.يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ۋە ئوقۇتۇش نوقتىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە يېقىن مەكتەپتە ئوقۇشىغا قولايلىق بولۇش شەرتى ئاستىدا مۇۋاپىق قوشىۋىتىش،قاتناش قولايسىز جايلاردا ساقلاپ قېلىش زۆرۈر ئوقۇتۇش نوقتىلىرىنى يەنىلا ساقلاپ قېلىش،مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلىشىشىنى تەڭشەش تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلىشىشىنى تەڭشەشنى خەتەرلىك مەكتەپ بىنالىرىنى ئۆزگەرتىش،ئوقۇش مۇددىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش،شەھەرلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇشنى تەرەققى قىلدۇرۇش،ئاھالە كۆچۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاش لازىم.تەرتىپكە سېلىنغاندىن كىيىن مەكتەپ بېنالىرى قاتارلىق مۆلۈكلەرنى مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىش كېرەك.زۆرۈريىتى ،شارائىتى بار جايلار ياتاقلىق مەكتەپ قۇرسا بولىدۇ.›
ئەمەلىيەتتە يۇقىرقى بەلگىمىلەردىن ئايرىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇ يەر-بۇ يېرىدىن ئۈزۈۋىلىپ پايدىلاندى،نەتىنجىدە ئوقۇتۇش نوقتىلىرىنى زورمۇزور بېكار قىلىش،مەكتەپلەرنى زورمۇزور قوشىۋىتىش كۆرۈلدى.يېزا ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇنلىشىشىنى تەڭشەشتە بەزى جايلار بېكار قىلىش،قوشىۋىتىشنى بىردىنبىر مەقسەت قىلىپ،يۇقىرقى سىياسەتنى يولغا قويۇش شەرتلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىندى.
مائارىپ مىنىستىرلىكنىڭ سىتاتىتىكىسىغا قارىغاندا 1997-يىلدىن 2009-يىلغىچە مەملىكەت بويىنچە يىزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكى ئازىيىپ كەتكەن،ئازىيىپ كېتىش ھەر كۈنىگە 46 دىن توغرا كەلگەن.
بېكار قىلىش،قوشىۋىتىشنىڭ ئاساسلىرى ئەلۋەتتە ناھايىتى كۆپ بولدى،ئالايلۇق،ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ،مائارىپ بايلىقىنڭ مۇۋاپىق تەقسىملىنىشىنى كۆزدە تۇتۇش،يېزا باللىرنىڭ شەھەر،بازارلاردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇشى،شەھەر،يېزا مائارىپىنىڭ پەرقىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق دىگەنلەر ئەنە شۇنداق ئاساس جۈملىسىگە كىرىدۇ.لىكىن،تېخىمۇ كەڭ،تېخىمۇ چوڭقۇر ئارقا كۆرىنىشتىن ئالغاندا ،جامائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ سىياسەتمۇ    نۇرغۇن مەسلىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولدى.
بىرەر مەكتەپنىڭ ئازىيىشى نەتىنجىسىدە شۇ مەكتەپ ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپ بىلەن بولغان ئارلىقى ئۇزۇراپ كەتتى،پىلانلىق تۇغۇتنىڭ تەسىرىدە يېزا نوپۇسى كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ كەتتى،لىكىن ئازايغىنى مۇتلەق سانغا كىرمەيدۇ،يېزا-كەنىتلەر يوقالغىنى يوق. ناچار يېزا يوللىرى ۋە قالاق قاتناش قوراللىرى يېزىلاردا قاتناش ئاۋارىيەلىرىنىڭ پات-پات كۆرۈلىشىگە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ-شۇ.
بىكار قىلىش،قوشىۋىتىشنىڭ يەنە بىر بېۋاستە ئاقىۋىتى شۇ بولدىكى،مەكتەپلەر مەركەزلەشتۈرۈلگەندىن كىيىن بەزى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپلەر تەڭداشسىز مەكتەپكە ئايلاندى،ئۇلارنىڭ داڭلىق سىنىپىدىكى پارتىلار دەرسخانىغا سىغماي قالدى.بۇ مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە مائارىپ بايلىقىنى تەقسىم قىلىش قاتارلىقلارغا ئېغىر قىيىنچىلىق تۇغدۇردى.
يېزا ياتاقلىق مەكتەپلەر كۆپەيگەن بولسىمۇ،ئوقۇغۇچىلار بەك كۆپ،مەكتەپ بايلىقى يىتەرسىز بولغاچقا،بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ ياتاق،تاماق،ھەركەت،تازلىق،ئامانلىق شارائىتلىرىمۇ يىتەرسىزلىكتىن خالى بولالمىدى، نەچچە ئونىلغان،ھەتتا  يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىر ئۆيگە قىستىلىشىپ قېلىشى يېڭى ئەھۋال ئەمەس،بەزى مەكتەپلەر چۈشلۈك تاماق بېرەلمىگەچكە بالىلار ئاچ قالىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلدى.نەتىنجىدە،ھەقسىز چۈشلشك تاماق كاتتا ئىش بىلىندىغان جامائەت پاراۋانلىق ھەركىتىگە ئايلىنىپ قالدى.
لېكىن مەسلە بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمىدى،مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۇننەندە زىيارەتتە بولغاندا مۇنداق ئەھۋاللارنى ئۇچراتتىم: يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپىيىپ كەتكەچكە ،ئەسلىدە ئاتا-ئانىلىرى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك تەربىيە ۋەزىپىلىرى ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ،ئۇلارنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاققىتتا ،ئوقۇغۇچىلار بەك كىچىك بولغاچقا،ئۈ
ئۈگۈنۈش ۋە تۇرمۇشتا ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالمىغان.
مەكتەپ ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى بولسۇن،ئوقۇغۇچى مەكتەپتە ياتسۇن ياكى ياتمىسۇن،يېزا ئائىلىلىرنىڭ ئوقۇتۇش تەننەرقىنى ئاشۇرۋەتتى،غەربىي قىسىمدىكى چەت رايۇنلاردا تەننەرىخ 1000يۇەندىن ئېشىپ كەتتى،نەتىجىدە يېزىلاردىكى بىر بۆلەك جايلاردا ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆپىيىپ كەتتى.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى مائارىپ ئىنستۇتىنىڭ پىروفېسسۇرى كاڭ جيەن مۇنداق دىدى: يۇقىرقى  مەسلىلەر ئاشكارا ئىپادىلەنگەن يۈزەكى مەسلىلەر خالاس،بىكار قىلىنغان ئوقۇتۇش نوقتىلىرى،قوشۋىتىلگەن يېزا مەكتەپلىرىدىن كېلىپ چىققان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ يىراقلىشىشى ۋە ئۆزىنى يېزىلىق دەپ بىلىش قارىشىنىڭ يوقىلىشى تېخىمۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلىگە ئايلاندى.5-6 ياشلىق بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ،ياتاقلىق مەكتەپكە كەتسە،ئۇ ئائىلىسىنىڭ،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.ئۇرۇق-تۇققان تەربىيەسى ئەڭ موھىم تەربىيە بولۇپ،بالا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسا ئۇنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
21-ئەسىر مائارىپ تەتقىقاتچىىسى يۇرتىغام مۇئاۋىن باشلىق بولغان شۈن بىڭچىمۇ مۇنداق دىدى: نۇرغۇن يېزىدا كىتاپ ئوقۇش ئاۋازى غايىپ  بولۇپ يېزىلاردىكى جانلىق كەيپىيات بارغانسىرى سۇسلىشىپ كەتتى،كىتاپ ئوقۇش ئاۋازى يىزا -كەنىت مەدەنيىتىنىڭ موھىم ئامىللرىدىن بىرى،يىزا-كەنىتلەر مەكتەپ بولغانلىقى بىلەن مۇكەممەل.شۇنىڭ بىلەن بىللە ،يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ يېزىلاردىكى ‹زىيالىي› بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلىم ۋە مەدەنىيەتنى تارقىتىشتا تېپىلغۇسىز رول ئوينايدۇ.ئوقۇتۇش نوقتىلىرىنى بىكار قىلىش،مەكتەپلەرنى قوشىۋىتىش مەدەنىيەت بىلەن يېزىنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.
ئىلمى تەكشۈرۈش،تەتقىقات يەكۈنىدىن قارىغاندا ئوقۇتۇش نوقتىلىرنى بىكار قىلىش،مەكتەپلەرنى قوشىۋىتىش بەزى جايلاردا مائارىپنىڭ گۈللەندۈرۈش ئەمەس،مەكتەپكە كىرىش قىيىن بولۇش،ئوقۇشتىن توختاپ قالغۇچىلار كۆپىيىپ كېتىش،جامائەت ئامانلىقىغا زىيانلىق ۋەقەلەر ئاۋۇپ قىلىشقا ئوخشاش مەسلىلەرنىڭ كۆرۈلىشىگە سەۋەپ بولدى.بۇلا ئەمەس ،يەنە بىر تەتقىقاتىدىن قارىغاندا ،شەھەر مائارىپى بىلەن يېزا مائارىپىنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئۇياقتا تۇرسۇن،پەرق تېخىمۇ بەك كېڭىيىپ كەتكەن.
ئامېرىكىدىمۇ  ئوقۇتۇش نوقتىلىرىنى بىكار قىلىش،مەكتەپلەرنى قوشۋىتىش ھەركىتى داغدۇغىلىق ئېلىپ بىرىلغان،ئامېركىدىكى ئوقۇش رايۇنلىرى 1961-يىلى 36مىڭ 402 بولسا 1970-يىلى 17مىڭ 995 كە چۈشۈپ قالغان.ئامېرىكا ئوقۇتۇش نوقتىلىرىنى بىكار قىلىش،مەكتەپلەرنى قوشىۋىتىشكە يىتەرلىك سېلىنما سالغان،مەكتەپ ئاپتوموبىلى قاتارلىق مائارىپ بايلىقلىرى بىلەن تەمىنلىشى تولۇق بولغان بولسىمۇ،لىكىن تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا ،ئوقۇتۇش سۈپىتى،ئوقۇتۇش سېلىنمىسى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىلىشى قاتارلىق جەھەتلەرە مەكتەپلەرنى قوشىۋىتىشنىڭ ھىچقاناق پايدىسى بولماي،بەلكى ،زىيان بولغان.شوڭا،ئامېرىكا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ،مەكتەپلەرنىڭ كۆلىمىنى كىچىكلىتىش ھەركىتىنى قوزغاپ،مەكتەپ ئېچىش بىرلىكلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن.
بەزى كىشىلەر مۇنداق قارىدى:يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئوقۇتۇش نوقتىلىرىنى بىكار قىلش،مەكتەپلەرنى قوشىۋىتىشكە شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك بېرىلىپ كەتتىكى ،ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش نوقتىلىرى،مەكتەپلىرى ئازايسا،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مائارىپ سېلىنمىسى ئازيىدۇ،مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش تېخىمۇ قولايلىشىدۇ،دەپ قارايدۇ، ئۇلاردا مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردىغان، يېزىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا باش قاتۇردىغان ئوي يوق.
ھۆكۈمەت ئوتتۇرغا قويغان مائارىپ سىياسىتىدە ھۆكۈمەت مەنپەئەتىلا كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ،مائارىپ قانۇنيىتىگە ۋە تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىنمىغان.شوڭا تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى نەزەردە ئالمايدىغان خىلمۇ-خىل ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
مائارىپ تەدبىرىنى بەلگۈلەش مېخانىزىمىنى ئۆزگەرتىپ،تەربىيلەنگۈچىلەر(ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى)گە مائارىپنى باشقۇرۇش،مائارىپ تەدبىرلىرىنى بەلگۈلەش،مائارىپقا نازارەتچىلىك قىلىش،باھا بېرىشكە قاتنىشىش ھوقۇقى بېرىلگەندىلا،تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقى قوغدىغىلى بولىدۇ.
پىروفېسسۇر كاڭ جيەن يەنە مۇنداق قارىدى: ئوقۇتۇش نوقتىلىرىنى بىكار قىلىش،مەكتەپلەرنى قوشىۋىتىشتە كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتە كۆرۈلدى. پۇقرالاردىن پىكىر ئېلىش كېرەكتى،ئۇلار كەنىت،يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى قوشىۋىتىشنى خالامدۇ؟ ئۇلار باللىرنىڭ ئۆز كەنتىدە ئەقەللىي تەربىيە كۆرىشىنى توغرا تاپسا ،ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلسا بولىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ قارىدى: بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يىرىك پىلان تۈزىگەندە قەغەز يۈزىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ گەپ قىلىدۇ، ئالايلۇق،بالىنىڭ مەكتەپكە يېتىپ بېرىش ئارىلىقى ئۈستدە توختالغاندا بەزىدە خەرىتىدىكى تۈز سىزىق ئارلىقىنى ئاساس قىلىپ 2-3 كىلومىتىر ،دەپ كۆرسىتىدۇ،لىكىن يولنىڭ ئەگرى-توقاي بولغانلىقى،تاغ ئايلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇساپە ئەمەلىيەتتە 7-8 كىلومېتىر كېلىشى مومىكىن،يۇقىرقىلارنى ھېساپلىغاندا قەغەزدىكىنىلا ئاساس قىلماي چوڭقۇر ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي بولمايدۇ.
كاڭ جيەن مۇنداق دىدى:‹‹ ئوقۇتۇش نوقتىلىرنى بىكار قىلىش،مەكتەپلەرنى قوشىۋىتىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا 10 يىل بولدى. ئەمدى بۇ سىياسەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى بوداپ،ئۇنىڭ ئۈنۈم بەرگەن- بەرمىگەنلىكىگە باھا بېرىدىغان چاغ كەلدى.››
شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى 2012- يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 395
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە395دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 4091 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-05-09

مېنىڭچىغۇ بۇنداق قىلىش ھەرخىل زىدىىيەتنى تېخىمۇ ئاۋۇتۇۇۋەتتى .............   
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
دوستلىشىش
maslakdax
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1430
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 363
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە363دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 4331 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-21 11:21

خاتا ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىجرا  قىلىپ  زىياننىڭ چوڭى چىققاندا ئاندىن خاتالىغىنى ئېتىراپ قىلىش،يەنە ھىچبىر ئىش بولمىغاندەك  يېڭى خاتالارغا يول قويۇش مائارىپ ساھەسىنىڭ  ئادىتى بولۇپ قالاي دىدى.دۆلەتنىڭ ساپاسى شۇ.
بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭلۈم ئىدى يا،
كۆڭلۈمنى ئوق قىلغۇچە بويۇم بولدى يا.
بۇكۇنلەرمۇ ئۇتۇپ كېتەر....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11133
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-15
ئاخىرقى: 2012-03-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-21 12:05

بۇسىياسەتلەرئىلى قاتارلىق جايلارداھازىرمۇ ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ.......ھەي
دوستلىشىش
قارناق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10139
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 182
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە182دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1900 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-05-09
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-21 12:20

كالا-قوينى بىرگە ھەيدەپ باققىلى بولماس
ئادەم غەمسىز تۇغۇلوپ ئارزوداياشاپ ئارماندا كىتىدۇ
دەرىجە: چەكلەنگەن
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11174
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 440 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-03-22
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-21 13:33

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
قىيامەت كۇنى رەببىمىز ئالدىدا  ھەربىر نەپھ ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10181
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 436
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە436دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 4426 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-03
ئاخىرقى: 2012-03-27
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-21 13:35

4-قەۋەت (قارناق) نىڭ يازمىسىغا

{  جەننەت  ئانىلارنىڭ  ئايىقى  ئاستىدا  }
دوستلىشىش
مېھمان
مېھمانمىز ،ئاللاھ ساھىبخان .
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7772
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 119
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە119دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 1290 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-08
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-21 14:28

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
ئۈنۈمى بولدى ، «ئۇيغۇرتىلى» دەرسلىكى ئىسلاھ قىلىنىپ دەرستىن سىرتقى ئوقۇش سەھىپىسى قىلىنىپ ئەدەبىيات كىتابىغا قىستۇرۇلدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، لۇتىپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئورنىغا لى بەي ، دۇفۇ ، بەي جۈيى نىڭ شېئىرلىرى ئالماشتۇرۇلدى. بالىلىرىمىز ئۇيغۇرچە ئوقۇپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرچە خەت يازالايدىغانلارغا ھەۋەسلىنىپ قارايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.
[ بۇ يازمىنىمېھمان 2012-03-21 18:04قايتا تەھرىرلىدى ]
ئەگەر ئېتقاد قىلىۋاتقىنىڭدىكىدەك ياشىماس ئىكەنسەن ، ياشاۋاتقىنىڭدىكىدەك ئېتقاددا سەن.
-ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
دوستلىشىش
0999kokbora
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2071
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 102
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە102دانە
ئۆسۈش: 430 %
مۇنبەر پۇلى: 1466 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2012-05-07
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-21 15:21

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى مېھمان نىڭ 2012-03-21 14:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
ئۈنۈمى بولدى ، «ئۇيغۇرتىلى» دەرسلىكى ئىسلاھ قىلىنىپ دەرستىن سىرتقى ئوقۇش سەھىپىسى قىلىنىپ ئەدەبىيات كىتابىغا قىستۇرۇلدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، لۇتىپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىر لىرىنىڭ ئورنىغا لى بەي ، دۇفۇ ، بەي جۈيى نىڭ شېئىرلىرى ئالماشتۇرۇلدى. بالىلىرىمىز ئۇيغۇرچە ئوقۇپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرچە خەت يازالايدىغانلارغا ھەۋەسلىنىپ قارايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.  

توغرا دەيسىز <<ئاخىرقى دەرس>>بىزگىمۇ كەلگەندەك قىلىدۇ .مائارىپ دىگەن ئۆزىنىڭ تىلىدا  تەرەققى  قىلمامدۇ ؟
دوستلىشىش
لۇتفى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6889
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 240
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە240دانە
ئۆسۈش: 690 %
مۇنبەر پۇلى: 2924 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-03
ئاخىرقى: 2012-05-08
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-21 17:07

  توغرا ھازىر مائارىپ ئادەم ئەمەس ،ئالىم تەربىيلىسىلا بولدى . مېنىڭ پەقەتلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ . ئۆگىنىشى ياخشى باللارنى بىر سىنىپ قىلىپ دېگەندەك دەرىجە بويىچە سىنىپلارغا ئايرىش . بۇ نېمە ئىش ئەمدى ،بۇ ناتسېستلارنىڭ كەمكۈتىسىز ئادەم پىلانىغا ئوخشاپ قالىدۇ . ئەگەر بۇنداق بولسا ناچار سىنىپقا بۆلۈنگەن باللارنى قەتئىي ئوقۇتماسلىق كېرەك . ئەھمىيىتى نېمە ؟!