ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،(باشقۇرغۇچى قېرىندىشىم چۇقۇم تەستىقلىۋىتىڭ)
مۇنبەرگە يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ھەرخىل مەزمۇندىكى ئەسەرلەر(خەۋەر،ھىكايە،شېئىر،فىلىم .....)كۆپلەپ
چىقىرىلىۋاتىدۇ(ئادەم كۆرۈپ يىتىشىپ بولغىلى بولمايۋاتىدۇ).ئالتۇندەك ۋاقىتلىرىمىز پاخپاق تېما كۆرۈش بىلەن ئىسراپ بۇلىۋاتىدۇ.يوللانغان ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىساق بەزىلىرى ئادەمگە زوق بېغىشلاپ، ئۈمۈت ،نىشان غەيرەت ئاتا قىلسا بەزىلىرى چۈشكۈنلۈك،قايمۇقتۇرۇش،ئۈمۈتسىزلەندۈرۈش،قۇرقۇنچاقلىق،پىتنە-پاسات تېرىش رۇلىنى ئويناۋاتىدۇ.... ئەخلەت ئەسەرلەر مۇنبەرگە يامراپ كەتتى.ساننى قوغلۇشۇپ سۈپەتنى قوغلاشمايۋاتىمىز.ھەتتا تېما نەدە مەزمۇن نەدە ئادەم ھېچنىمىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرمۇ چىقىۋاتىدۇ.سىرىتقى كۈچنىڭ ئىدىيىۋى ھۇجۇمى بىزگە ئاز كەلگەندەك يەنە ئۆز ئىچىمىزدىنمۇ ئىدىيىۋى ھۇجۇم تەشكىللەۋاتىمىز.تېتىقسىز مۇھەببەت شېئىرلىرى(باغلاشسا نىمە دەي)بىلەن ۋاقتىمىزنى ئاۋارە قىلىۋاتىمىز.يەتمىدىمۇ بىزگەزىيالىي ئەپەندىلەرنىڭ 60يىلدىن بۇيانقى يازغان قوشاقلىرى.....شۇ قوشاقلارنى يىسەكمۇ يەنە 50 يىل يىتىدۇ.
ھازىر قانداق ۋاقىت؟جاھان نەدە بىز نەدە؟دۇنيادا ،دۆلىتىمىزدە نىمە ئۆزگىرىشلەر بۇلىۋاتىدۇ؟بۇندىن كېيىن بىزنى قانداق خوشاللىقلار كۈتۈۋاتقاندۇ؟.....ئويلىنىپ باقتۇقمۇ؟
مەن يېزىقچىلىقنى يوق قىلايلى دىمەكچى ئەمەس،يازغانلارغىمۇ ھۇجۇم قىلغىنىم يوق.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ساپلا تەكرارلىق،شەھۋەت،چۈشكۈنلۈك،شۇنىڭدىن باشقا نەرسە يوقمۇ زادى دەپ چىدىماي بۇ چاقىرىقنى چىقاردىم.مەقسىدىم دىن،ئەخلاق،ئەنئەنە،سىياسەت،تارىخ ...بابىدا جانلىق پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقسا،نادىر تېمىلار يوللانسا، ھەممىمىز شۇ تېمىغا مۇھاكىمە ئېلىپ بارساق،ئۈگەنسەك،ئۈگەتسەك،ھەمكارلاشساق...دەۋىرنىڭ تەقەززاسى بۇيىنچە ماڭساق...كەڭساينى تېخىمۇ گۈللەندۈرسەك دىگەن ئۈمۈدتىمەن.ئاخىرىدا مۇنۇ ئايەت بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
"ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيىتقان،ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشلەرگە،ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زىمىندا ھۈكۈمران قىلغاندەك ئۇلارنىمۇ چۇقۇم ھۆكۈمران قىلىشنى،ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىننى مۇستەھكەم قىلىپ بىرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنجىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بىرىشنى ۋەدە قىلدى،ئۇلار ماڭىلا ئىبادەت قىلىدۇ،ماڭا ھېچنەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەيدۇ"(سۈرە ئال ئىمران165-166 ئايەتلەر)