باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 722 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشش نۇتقى
دوستلىشىش
ئاخىرقىكارۋان
ئويلىنىپ سۆزلە دوسلىرىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 240 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 18:52

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشش نۇتقى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشش نۇتقى
 

      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى ئەرەفاتقا چىقتى ۋە بۇ يەردە ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ يىلتىزى ۋە شاخچىلىرى بايان قىلغان ئۇلۇغ نۇتقىنى سۆزلىدى . نۇتۇقنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە :  

      ھەممە مەدھىيە ئاللاھ غا خاس، ئاللاھ نى مەدھىيلەيمىز، ئاللاھ دىن كەچۈرۈم سورايمىز، ئاللاھ  غا تەۋبە قىلىمىز. ئاللاھ غا سېغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقدىن ۋە يامان ئىشلاردىن پاناھ تىلەيمىز . ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ، شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، يالغۇز بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى  مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر . سىلەر ئاللاھنىڭ بەندىلىرى  سىلەرنى ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلىشقا تەۋسيە قىلىمەن، ئاللاھغا ئىتائەت قلىشىڭلارنى تەرغىپ قىلىمەن. سۆزۈمنى خەيرلىك ئىشلاردىن باشلايمەن.

       ئى خالايىق، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار ! بۇ يىلدىن كېيىن مۇشۇ جايىمدا سىلەر بىلەن ئۇچراشماسلىقىم مۇمكىن دەپ ئويلايمەن  .

      ئى خالايىق! تاكى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا بارغىنىڭلارغا قەدەر، بىر- بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقلىش خۇددى مۇشۇ ئاينىڭ، مۇشۇكۈننىڭ، مۇشۇ جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلققا ئوخشاشلا ھارامدۇر ،

       سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكى، ئى ئاللاھ، گۇۋا بولغىن، قولىدا كىشىلەرنىڭ ئامانەتلىرى بار ئادەملەر ئامانەتنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرسۇن؛ جاھىليەت دەۋرىدە قىلىنغان جازانىخورلۇق بېكار قىلىنىدۇ ، ئالدى بىلەن تاغام ئابباس ئىبنى مۇتتەلبىنىڭ جازانىخورلىقىنى بېكار قىلىشتىن باشلايمەن. جاھىليەت دەۋرىدىكى قان قەرز بېكار قىلىنىدۇ ، ئالدى بىلەن ئامىر ئىبنى رەبىئە ئىبنى ھارىسنىڭ قان قەرزىنى بېكار قىلىشتىن باشلايمەن. جاھىليەت دەۋرىدكى ئادەتلەردىن كەئبىنى ، ئاب زەمزەمنى باشقۇرۇشتىن باشقىلىرى بېكار قىلىنىدۇ.    قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئۇ بىر كىشىنى تاياق بىلەن ياكى تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، قىسمەن قەستەنلىك ھېسابلىنىپ، قىساسىغا يۈز تۆگە تۆلىتىۋېلىنىدۇ، بۇنىڭدىن ئارتۇق تۆلىتىش جاھىليەت كىشىلىرىنڭ ئىشى. ئى خالايىق! شەيتان سىلەرنىڭ زىمىنىڭلاردا خۇدا بولۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. لېكىن ئۇ سىلە ر كىچىك سانايدىغان ئىشىڭلاردا سىلەرنى ئۈزىگە بويسۇندۇرماقچى بولىدۇ.

        ئى خالايىق! نەسى دېگەننى قوللىنىش كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، كاپىرلارنى ئازدۇرىدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ئۆزلىرىچە ھالال قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، يەنە بىر يىلى ھارام قىلىشىدۇ ، ئاللاھ ئاسمان-زىمىننى ياراتقان ۋاقىتتىن تارتىپ، زامان ئۆز پېتىچە دەۋر قىلىپ كەلدى. قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە ئاسمان-زىمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ، ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغان ، بۇ ئايلارنىڭ ئۈچى   زۇلقەئدە ، زۇلەەججە ، مۇھەررەم بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىدۇ . جەمادييەل ئاخىر ئېيى بىلەن شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەجەپ ئېيى بولسا يالغۇز كېلىدۇ. سىلەرگە تەبلىغ قىلدىممۇ؟( ئاللاھنىڭ ھۈكمىنى يەتكۈزدىممۇ؟) ئى ئاللاھ، گۇۋا بولغىن.

      ئى خالايىق ! زىممىڭلارد ا ئاياللىرىڭلارنىڭ سىلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ھەققى بار، ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ ئۇلار رىئايە قىلىشقا تگىشلىك سىلەرنىڭ ھەققىڭلار بار. سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى، ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن غەيرى ئادەملەرنى يولاتماسلىقى ، سىلەر خوپ كۆرمەيدىغان ئادەملەرنى سىلەردىن رۇخسەتسىز ئۆيگەكىرگۈزمەسلىكى ۋە پاھىشە قىلماسلىق لازىم. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشۇڭلارغا، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقارماسلىقىڭلارغا، ئۇلار بىلەن بىر تۆشەكتە ياتماسلىقىڭلارغا، ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چەكلىنىپ سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى چىرايلىقچە ئاش- نان، كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەڭلار . سىلەرنىڭ ئەمرىڭلاردىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئىگە ئەمەس. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى قىلىپ ئالدىڭلار، ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزەڭلارغا ھالال قىلدىڭلار. ئاياللار توغرىسىد ا ئاللاھدىن قورقۇڭلار ، ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدىكى ۋەسىيەتلەرنى قۇبۇل قىلىڭلار. سىلەرگە تەبلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ، گۇۋا ھ بولغىن.

       ئى خالايىق! مۆمىنلەر بىر - بىرىگە قېرىنداش، قېرىنداشنىڭ ئۆز ئختىيارى بىلەن بەرمىگەن مېلى ھېچكىمگە ھالال ئەمەس. سىلەرگە تەبلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ، گۇۋاھ  بولغىن.مەندىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ بىر -بىرىڭلارنى قىرىدىغان كاپىر بولماڭلار! سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار ، ئازمايسىلەر . تەبلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ، گۇۋا بولغىن. ئى خالايىق! سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر ، ئاتاڭلار بىر ، ھەممىڭلار ئادەم ئاتىدىن بولغان، ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان . كىم ئەڭ مۇتتەقى (ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قىلىپ ، ئۇنىڭ توسقان ئىشلىرىدىن چەكلەنگەن ئادەم ) بولسا، شۇ ئادەم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر. ئەرەب بولغان ئادەم، بىلەن غەيرى ئەرەب بولغان ئادەمنىڭ قايسىسى تەقۋادار بولسا، شۇ ئەۋزەل. تەبلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ، گۇۋاھ  بولغىن. سۈزۈمنى بۇيەرگە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن. ئى خالايىق! ئاللاھ ھەربىر ۋارىسقا مىراس نىسىۋىسىنى بەلگىلىدى. مىراسنى بىرلا ۋارىسقا ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس؛ مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس . بالا ئەرنىڭ بولىدۇ، زىنا قىلغۇچىنىڭ بولمايدۇ. كىمكى ئاتىسىدىن باشقا بىرسىنى ئاتا دەپ، خوجىسىدىن باشقا بىرىنى خوجا دەپ دەۋا قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ھەممە كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ بەرگەن نەرسىسى ۋە گۇۋالىقى قۇبۇل قىلىنمايدۇ. سىلەرگە ئامانلىق ۋە ئاللاھنىڭ رەھمتى بولسۇن.

     مۇشۇ كۈنى ئاللاھ مۆمىنلەرگە بەرگەن نېمىتىنى قۇرئاندىكى مۇنۇ سۆزى بىلەن بايان قىلدى:  بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى كامالەتكە يەتكۈزدۈم ، سىلەرگە بەرگەن نېمەتنى تاماملىدىم ۋە دىنىڭلارغا ئىسلامنى تاللىدىم .(سۈرە  مائىد، 3- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ئەگەر مۇسۇلمانلار مۇشۇ كۈننى ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ نېمەتىگە شۈكرى ئىزھار قىلىدىغان بايرام ۋە بەخىتلىك كۈن قىلىۋالسا، ھېچ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. دىدى.

asliyat
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2142
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 202
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە202دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2151 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-04-23

رەخمەت قېرىندىشىم.مۇشۇنداق ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ يوللىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئاللاھدىن كۆرىدىغان، ئوقۇيدىغانلارنىڭ سېپىدىن  ئەمەس بەلكى ئەمەل قىلىدىغانلارنىڭ   سېپىدىن بۇلۇشقا نىسىپ قىلغايسەن!
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئاللاھدىن شىھىتلىق مەرتىۋىسى بىرىشنى تىلەيمەن،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10900
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 246
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە246دانە
ئۆسۈش: 790 %
مۇنبەر پۇلى: 2895 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-22
ئاخىرقى: 2012-05-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 20:39

بەك ياخشى تىما يوللاپسىز قېرىندىشىم ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن،
ھاياتىم ئۇنچىلا ئەرزىمەس ئەمەس،
جەڭ قىلىپ ئۆلۈشكەرازى بۇ يۈرەك.
ئالەمگە تارالسۇن شانۇ شۆھرىتىم،
مەنىسىز ياشىماق ماڭا نە كىرەك.
قىيامەت كۇنى رەببىمىز ئالدىدا  ھەربىر نەپھ ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10181
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 436
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە436دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 4426 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-03
ئاخىرقى: 2012-03-27
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 20:53

ئاللاھ رەھمەت  قىلسۇن .
{  جەننەت  ئانىلارنىڭ  ئايىقى  ئاستىدا  }
دوستلىشىش
بۇغراخان0903
bughra 0903
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10677
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 255 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-05
ئاخىرقى: 2012-05-05
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 21:55

ھەقىقەتەن ئوبدان، تەسىرلىك تېمىكەن،ئوقۇۋېتىپ كۆزۈمگە ياش كەلدى ...
ئىللەت تۇزەلمىسە، مىللەت تۇزەلمەيدۇ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4482
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 885
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە885دانە
ئۆسۈش: 500 %
مۇنبەر پۇلى: 5081 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-07
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 23:41

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ...
بىز نۇمۇس قىلىشىمز كىرەك...
دەرىجە: چەكلەنگەن
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10144
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 521 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-04-30
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-20 03:06

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 474
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە474دانە
ئۆسۈش: 640 %
مۇنبەر پۇلى: 5373 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-05-04
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-20 09:08

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
مۇمكىن بولسا ھەدىسنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز .
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5723
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 392
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە392دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 4203 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-09
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-20 12:20

تېمىنى يوللىغۇچى قېرىندىشىمىزغا ، ئاللاھ  ھەسسىلەپ ئەجىرلەر بەرگەي......رەخمەت....