بالام بولساڭ(پىنھانى)
ئاپتۇرى:ئەمەتجان ئاۋۇت پىنھانى
بالام بولساڭ ئەدەپلىك بول،ئەخلاق ئادەم زىننىتى،
ئەدەپ-ئەخلاقلىق،ھايا-نۇمۇس،بىلسەڭ ئىنسان قىممىتى.
قۇرۇق گەپنى تولا قىلما،ۋەزنى بولسۇن سۆزىڭنىڭ،
پاساھەتلىك سۆزدىن كىلەر،ساڭا ئەلنىڭ ھىممىتى.
قىلما ھەرگىز نوچىلىق،ئاقىلغا ياتتۇر پوچىلىق،
ئەمەلىيەتچىل بول بالام،ئاشقاي ئىنسان ھۆرمىتى.
قورقمىغىن ھەرگىز ياماندىن،بوزەك قىلما ياۋاشنى،
جاھالەتكە تىغ كۆتەر،بۇ بىر ئادالەت خىزمىتى.
سۆزلىمە يالغاننى ھەرگىز،ھەق ئالدىدا نەق گەپنى دە ،
بولمىسۇن كۆڭلىڭ قارا، ساڭا ئاللاھنىڭ نىھمىتى.
ئىزىڭ قالسۇن بالام بولساڭ،ياخشى نامىڭ بار بولسۇن،
دوزاق بولۇر بىلگىن بالام، نائەھلىنىڭ جەننىتى.
ئاپتۇر:قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاراپ يېزىسىدىن