غورۇرنامە
پايتەخت بېيجىڭدا ئۇزۇن يىل مۇخبىرلىق، نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئەركىن ئابدۇقادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىنىڭ كۆپ خىل قاتلاملىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، نەزمىي شەكىل بىلەن نەسرى شەكىلنى بىرىكتۈرۈش ئاساسىدا يېزىپ چىققان تەرجىمىھال خارەكتىرلىك يىرىك ئەسىرى «غورۇرنامە» 2011-يىلى 6- ئايدا بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئۇزاق مۇساپىلىك شانلىق تارىخىدا ئىجاد ئەتكەن، تىلشۇناسلىق، ئاسترونومىيە، خىمىيە، ھېساب ۋە جۇغراپىيە، دېھقانچىلىق، دورىگەرلىك تېخنىكىسى، تېبابەتچىلىك، ئوزۇقشۇناسلىق، قۇرۇلۇش ۋە بىناكارلىق، دېڭىزچىلىق ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردە ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇل رەڭدار مەدەنىيەت خەزىنىسىگە تۆھپە قوشقان 632 تارىخى شەخسنىڭ تارىخى تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش؛ 2250 كوبلىت، 10220 مىسرا ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئىش ئەمەس. ئۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش، ماتېرىيال جۇغلاش، مۇناسىۋەتلىك يازما تارىخى ماتېرىياللارنى بىر بىرلەپ تەتقىق قىلىپ سېلىشتۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدىغان زور ئىلمىي ئەمگەك. بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىدىكى بىر بۆسۈش. ئۇ نەزمىي ھەم نەسرى شەكىل بىرلەشتۈرۈلگەن تەرجىمىھال خاراكتېرلىك يىرىك ئەسەر بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى.
يېتۈك ئالىملىرىمىزدىن مەرھۇم ئىبراھىم مۇتىئى ھەم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىلەر ئەسەرگە كىرىش سۆز يېزىپ، بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن. مەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ساھەسىدىكى بىر ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن «غورۇرنامە» ناملىق بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن تەسىراتىم ھەم قاراشلىرىمنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرغا قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم:
(1) كىتابنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكى: كىتابنىڭ مەزمونى مول ھەم چوڭقۇر بۇلۇپ، نەسرىي شەكىل بىلەن نەزمىي شەكىلنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشتا ئوينىغان تارىخى رولى، ۋەتەننىىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرى، مول، رەڭدار جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىسى ھەمدە ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخى تەرەققىياتىدا تۇتقان ئورنى قايىل قىلارلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. كىتابتا يەنە ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئالىملىرى، شائىرلىرى، جامائەت ئەربابلىرىمۇ تونۇشتۇرۇلغان. سۈي، تاڭ، يۈەن سۇلالىرى دەۋرىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى، سەركەردىلىرى ھەققىدە قىممەتلىك تارىخى ئۇچۇرلار بېرىلگەن. ئەسەرلەرنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى شۇكى، ئاپتۇر قەدىمدىن ھازىرغىچە باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۆز- ئارا ئارلىشىش، بىرلىكتە ھايات كەچۈرۈش ۋە ئالغا ئىلگىرلەش داۋامىدا شۇ مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتكەن ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلەرنىڭ تۆھپىلىرىنى قەلەمگە ئىلىپ، ئۇلارنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ كۆپ مەنبەلىك دائىرىسى ئىچىگە قويۇپ تونۇشتۇرغان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاپ تۆھپە يارىتىپ ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملىرى، ماتېماتىكلىرى، ئەدىبلىرى نەسىرى شەكىل بىلەن نەزمىي شەكىل بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا نەزەردىن ساقىت قىلىنمىغان ھالدا تەتقىق قىلىنغان. ھەر بىر تارىخى شەخىسگە ئاز بولغاندا بىر كوبلىت، كۆپ بولغاندا ئون نەچچە كوبلىت نەزمىي شېئىر يېزىش ئارقىلىق ئۇلارنى مەركەزلىك تونۇشتۇرغان. بەدىئىي قىممىتى، تارىخى قىممىتى، ئىستىمال قىممىتى يۇقىرى بولغان بۇ ئىلمى ئەمگەكنى 10 يىل ئىزدىنىپ، سۈپەتلىك روياپقا چىقارغان.
ئەركىن ئابدۇقادىر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرلۇق كىشىلىرى بولغان ئەنە تارىخى شەخسلەرنى تۇتقا قىلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشتا ئوينىغان رولى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا قوشقان تۆھپىسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مول رەڭدار خەزىنىسىنى بىيىتقانلىقىنى، ھازىرغىچە مەلۇم بولمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئالىم، شائىر، جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى زىچ چۆرىدەپ يېزىپ چىققان. سۈي، تاڭ، يۈەن سۇلالىرى دەۋرىلىرىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئالىملىرى، ئەدىبلىرى ھەققىدە قىممەتلىك تارىخى ئۇچۇرلارنى بەرگەن.
(2) ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇزاق مۇساپىلىك مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا ئىلىمى، يۇقىرى باھا بېرىلگەن .
مەلۇمكى،«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسى سىرتقا قارىتا ئىشىك تاقىۋالماسلىق، دېھقانچىلىق، قول- ھۈنەرچىلىك ۋە رايون ئاتلاپ ئىلىپ بىرىلدىغان خەلقئارا سودىغا قاتنىشىش، مېھماندوستلۇق ھەم سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ئىلىم پەن شەكىللىرىنى بىردەك ھۆرمەت قىلىش، قوبۇل قىلىپ يىڭلىق يارىتىش، شەرق - غەرب سودا ۋە مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئۇنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن ئىدى›› ( شىنجاڭ داشۆ ئىلمى ژۇرنىلى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن « يىپەك يولىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋېلىش» 1989- يىلى 2- سان). مانا مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى بولۇپمۇ بۇنىڭغا چېتىشلىق بولغان تارىخى شەخسلەرنى قانداق قىلىپ قەلەمگە ئېلىش، ئورنىنى قانداق بېكىتىش، ئۇلارنىڭ تارىخى تۆھپىلىرىگە قانداق باھا بېرىش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ، ئەركىن ئابدۇقادىر تارىخقا، بۈگۈنگە، ئەتىگە مەسئۇل بولغان ھالدا ئىلىمىز ئىچى ھەم سىرتىدا ساقلانغان مول مەدەنىيى مىراسلىرىمىزنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، ھەر قايسى جايلاردىكى تارىخى تېپىلما، تارىخى ئىزلارنى بىر- بىرلەپ سېلىشتۇرۇش، ئىلىمىز ھەم چەتئەل ئالىملىرىنىڭ ئىزدىنىشىدىن پۈتۈپ چىققان ئىلمى ئەمگەكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
(3)ئەگەر بىز ئۇيغۇرلار تارىختا يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان، ئۇلاردا بىر مۇنچە ئۇلۇغ ئالىملار، باھادىرلار، دۆلەت ئەركانلىرى بارلىققا كەلگەن، دەپ ئېتىراپ قىلىدىكەنمىز، ئۇلارنى چوقۇم خەلقىمىزگە ياخشى تۇنۇشتۇرىشىمىز كېرەك. ئەركىن ئابدۇقادىر «غورۇرنامە» ناملىق بۇ يىرىك ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخنى شۇ مەدەنىيەت تارىخنىڭ غورۇرلۇق كىشىلىرىنى بەدىئىي يوسۇندا بايان قىلىپ بەرگەن.«غورۇرنامە» دا «ئالىپ ئەر تۇڭا (ئافراسياپ)» ئەڭ ئالدىغا ئىلىنغان بۇلوپ، نەسرى شەكىل ئارقىلىق ئۇ ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىپ، نەزمىيە شەكىلدە مەدىھلىگەن. ئاپتور بۇ بۇ نەزمىدە «ئافراسياپ» دىكى باتۇرلۇق، مەرىتلىك، ئادىللىق ھەم ئالىجاناب خىسلەتلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
بىز يەنە«تۇمارىس» قاتارلىق نەزمىلەردىنمۇ بۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرۈپ ئالالايمىز. «غورۇرنامە»دا مەھمۇت كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ھەققىدىكى نەزمىلەر ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شانۇ- شۆھرىتىنى دۇنياغا تونۇتقان بۇ ئىككى ئۇلۇغ ئالىم ھەققىدىكى پەخىرلىنىشىمىزنىڭ تۇلىمۇ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئاجايىپ بىباھا تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. بۇ نۇقتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن- مەدەنىيەت مائارىپ باشقارمىسىنىڭ 2008- يىلىنى«مەھمۇت كاشغەرىي يىلى» قىلىپ بىكىتكەنلىكى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەھمۇت كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كاتتا خەلقئارالىق يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈلگەنلىگى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
يۇرتىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق ئىلىم سۆيگەن ئوغلانى،
تىلىمىزنى تونۇشتۇرغان ئەرەب - ئەجەم ئېلىگە.
ۋەتەن خەلق سۆيگۈسىنى ئىلىم بىلەن ئىسپاتلاپ،
تەتقىقاتنىڭ كەمىرىنى چىڭ باغلىغان بېلىگە.
بۇ مىسرالاردا ئاپتور بۈيۈك ئالىمىمىزنىڭ ۋەتەن، خەلق سۆيگۈسىنى ئىلىم بىلەن ئىسپاتلاپ، ئۆز ۋەتىنىگە، ئۆز خەلقىگە «تۈركى دىللار دىۋانى»دەك ئالەمشۇمۇل شاھانە ئەسىرلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئاپتور يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپ نامىغا پۈتكەن تۆت كوبلىت نەزمىدە ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان «قۇتادغۇبىلىك» نى ھەم ئۇنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە تۇتقان مۇقەددەس ئورنىنى ئاجايىپ پاساھەتلىك سۆز- ئىبارىلەر بىلەن بەدىئىي ئۇسۇلدا سۈرەتلەپ بېرىپ، ھەم يۈكسەك يۇقىرى باھا بېرىپ ئاخىردا مۇنداق يەكۈن چىقارغان:
سۇڭ دەۋرىدە تۈزلەڭدىكى جۇشى تۈزگەن «تۆت كىتاب»،
«مادارا» ھەم «ئىلىم» «مىڭزى» «مۇھاكىمە ۋە بايان»،
«قۇتادغۇ» دىن يۈز يىل كىيىن چىققان شۇلار روياپقا،
شۇڭا يۈسۈپ تۆھپىسىگە ئاز كېلىدۇ مىڭ داستان.
ئەمدى تۆمۈرىيلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى ئەلشىر نەۋايىغا كەلسەك، ئاپتور نەۋايىغا بېغىشلىغان نەزمىدە ئۇنىڭ ئىجادى پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، نەۋايىنىڭ ئىلىم مەرىپەت ۋە ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيۈش روھىدىن ئىپتىخارلانغان بولسا، نەسىرى قىسمىدا «ئەلشىر نەۋايى (1441-1501) تۆمۈرىيلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر باخشىلىرىنىڭ ئەۋلادىدۇر» دەپ ئوتتۇرغا قويغان. بۇ تارىخنىڭ ئەسلىيىتىگە ھەم ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان تارىخىي مەنبە ئىسپاتلارغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مىللىي كىملىكىنى بېكىتىش-دەۋرنىڭ تەقەززاسى، خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدى، ئىلىم- پەننىڭ ئادىللىقىنىڭ تەلىپىدۇر، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەسىلىسىدۇر.
شۇنداق دېيىشكە توغرا كېلۇدىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىدا سۇي، تاڭ، يۈەن سۇلالىرى دەۋىردە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ھەم ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى شەخسىلەر ھەققىدىكى تەتقىقات تېخىچە بىر بوشلۇق ھالىتىدە تۇرماقتا، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كىيىنكى دەۋرلەردە ئوتتۇرغا چىققان كىلاسسىك ئەدەبىيات پېشۋالىرى ھەم ئالىملىرىغا كۆپرەك ئېتىبار بېرىلىپ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋرىدىكى تارىخىي شەخسلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنماقتا ياكى سەل قارالماقتا. «غورۇرنامە» دا بۇ بوشلۇق تولدۇرۇلغان ھەم ئۇلارغا مۇناسىپ ئورۇن بېرىلگەن.
(4) «غورۇرنامە» گە ۋەتەننى ئۇلۇغلاش، ۋەتەننىڭ قەدىرگە يىتىش، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن.
كىتاپنىڭ ئالدىنقى بىتىدە مۇنداق ئوتلۇق مىسرالار كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ:
نۇر چاقنىغان ئىزلىرىڭدىن مۇز ئېرىگەن ئەجدادىم،
بېلىق كاۋاپ گۈلخانىڭدىن جان يايرىغان ئەجدادىم،
يايلاق تاللاپ ئورخۇن ئارا شەھەر قۇرغان ئەجدادىم،
نەچچە يۈز يىل جۇڭخۇانى دەپ ئۆتكەن ھەم خان ئەجدادىم.
بىز بۇ مىسرالاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرۇچ تۇيغۇسى، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تۆھپىكارلىق روھى بىلەن ۋەتەن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلالايمىز.
«غورۇرنامە» دا ئەركىن ئابدۇقادىر تىلغا ئالغان « جۇڭخۇا» قەدىمدىن بۈگۈنگىچە جۇڭگودىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۆرەش قىلىپ بىرلىكتە قوغدىغان، گۈللەندۈرگەن چوڭ ئائىلىسىدۇر.« غورورنامە» دىكى ئەجداتلىرىمىز ئۆز نۆۋىتىدە دۆلەتنىڭ بىرلىكى، تىنچ ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان چولپانلىرىمىز بولۇپ، ئۇلاردىكى ئەنە ئاشۇ ئالىيجاناب روھ دەل ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر. ئەركىن ئابدۇقادىر تىلغا ئالغان قاراباش، قوشۇغان، قوشقارتىكىن ۋە باشقا سەركەردىلەر دەل ئاشۇلارنىڭ جۈملىسىدۇر. بىز ئەركىن ئابدۇقادىرنىڭ «قاراباش» ھەققىدە پۈتكەن نەزمىسىگە نەزەر تاشلىساق، قاراباشنىڭ قومۇلدىكى تاش كۆرۈكتىن ئاتلىنىپ چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ ئىچكىرى جايلارغا لەشكەر باشلاپ كىرگەنلىگىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يۈەنتەيزۇغا سادىق بولۇپ تۆھپە ياراتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز، ئۇ بۇ نەزمىنى مۇنداق ئاياغلاشتۇرغان:
قارا باخشى جەسىتىمۇ ئاران يەتكەن چاڭدىغا،
ئاتا مىراس ئەمىلىمۇ ئۈزۈلگەنكەن شۇ مەھەل.
ئەل ۋەتەننىڭ بىرلىكچۈن بولدى قۇربان ھەممىسى،
شۇڭا جەنلاۋ تارىخنى يازغان ئەينەن دەلمۇ- دەل.
شۇنىسى ئايانكى، بۇ مىسرالار بىزگە ئۇلارنى چوڭقۇر ئەسلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە چەكسىز مۇھەببىتىگە ئاپىرىن ئېيىتقۇزىدۇ، مەنىۋى كۈچ سۈپىتىدە ئالغا ئىلگىرلىشىمىزگە ئىلھام بىرىدۇ. «غورۇرنامە» دا يەنە تەرجىمە- شەرھىچىلىكتە ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسەتكەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئومۇملىغىدا كۆرۈكلۈك رول ئوينىغان، دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرىنى خەلقىمىزگە تەقدىم قىلغان تىلچى- تەرجىمانلىرىمىزغا ئاتاپ نەزمە پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخدا تۇتقان ئورنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
قىسقىسى، «غورۇرنامە» ناملىق بۇ ئەسەر-بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەر ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى، غورۇرى يەنىمۇ ئاشقۇسى.