بىلەمسىز ؟ قانداق ئەر ياكى ئاياللار نىكاھ تۇرمۇشىدا ئاسانلا ئېزىپ كېتىدۇ؟
ئەمىلى تۇرمۇشىمىزدا كۈرۈپ تۇرىمىز:"ئۈجمە كۈڭۈللۈك"بەزى ئادەملەرنىڭ قېنىدا بولىدۇ،نىكاھتا قارشى تەرەپنى باغلاپ قويغىلى بولمايدۇ،بىر ئادەمدە ئائىلە مەسئۇلىيەتچانلىقى پۈتۈنلەي مۇكەممەل بۇلۇپ كېتىشى ناتايىن،بەزىلەرنىڭ ئۆزگىرىش نىيتى بولمىسىمۇ،يەنىلا نىكاھ تۇرمۇشىغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويىشى مۈمكىن،ئۇنداقتا قانداق ئادەملەر ئاسان ئۆزگىرىدۇ،بۇتەرەپلەرنى بىلسىڭىز بەلكىم قارشى تەرەپنى شۇنداقلا ئۈزىڭىزنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردىمى بۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن.
1.نىكاھ تۇرمۇشى بەخىتسىزلىك ئىچىدە ئۈتىۋاتقان ئادەملەر:بەخىتسىزلىك ئادەمنىڭ روھى جەھەتتىن ياكى فىزولوگىيلىك رازى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ،ھەتتا زور زەربىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ،بۇنداق ۋاقىت ئادەمنىڭ سىرتقى غىدىقلىنىشقا قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ۋاقتىدۇر،شۇنداقلا بۇنداق ۋاقىتتا يات جىنىستىكىلەر بىلەن مۇڭداشماسلىق ،ئىچ سىرىنى بەرمەسلىك كېرەك،بۇنداق ۋاقىتتا بۇلۇپمۇ ئاياللار ئازانلا ئېزىپ كېتىپ ئالدىنىپ قالىدۇ....
2.خىزمىتىدە بىكار ۋاقتى كۆپ كىشىلەر :سىرتىدىن باشقىلارغا ناھايتى بەخىتلىكتەك تەسىر بەرگەن بۇنداق كىشىلەرنىڭ خىزمەت تۈپەيلىدىن بەزى مەسىللەر كېلىپ چىقىشى مۈمكىن ؛مەسلەن :ئەر تەرەپ ئەتىگەن چىقىپ كېتىپ ناھايتى كەچ قايتىپ كېلىدۇ،ئايال تەرەپنىڭ بولسا خىزمىتى ئاسان بىكار ۋاقىتلار ئىچىدە ئۈتىدۇ،ياكى بولمىسا ئەر تەرەپ ناھايتى ئالدىراش،ئايال تەرەپ بولسا ئۆيىدىن چىقمايدۇ،ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر خىل بېسىم ۋە زىرىكىشلىك ھىس قىلىدۇ،ۋاقىتلىرىنى بولسا بازار ئايلىنىش،تورغا چىقىپ پاراڭلىشىش،ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبلىرىغا بېرىشقا ئىسراپ قىلغۇسى كېلىپ قالىدۇ..بۇ خىل ئەھۋاللار ئاسانلا ئادەمنى خاتالاشتۇرىدۇ...
3.سەلبى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىشى كۆپ بولغان كىشىلەر :بۇمۇ روھىيەتنىڭ ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ بېرىشتىكى زىيانلىق تەرەپ،ھازىر توردا "ساغلام بولمىغان ساغلام كىشىلەر"ناھايتى كۆپ،بۇلار ئەركىنلىكنى تەرغىپ قىلىدۇ،نىكاھ ئادەمنى چۈشەپ قويىدۇ دەپ قارايدۇ،ئېزىپ كېتىدىغان،ياكى سىرتقا قارايدىغان بۇنداق ئەھۋاللارنى توردا داۋاملىق ئۇچىرىتىپ تۇرىدۇ، كۈرۈۋەرگەنسىرى، ئاڭلاۋەرگەرسەنرىسى يېڭىلىق ھىس قىلمايدۇ،بىلىپ بىلمەستىن ئىدىيە جەھەتتىن زەربىگە ئۇچىرايدۇ،پۇرسەت بولسىلا ئۈزىنى ئارام ئالدۇرغۇسى،ئېزىپ باققۇسى كېلىپ كېتىدۇ....
4.كۈڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە كۇلۇبلىرىغا كۆپ بارىدىغان كىشىلەر : كونىلاردا "قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقار،يامانغا يۇلۇقساڭ يارىسى"دىگەن گەپ بار،بۇنداق جايلار ئادەمنى ئاسانلا ئازدۇرىدۇ،ئەگەر سىزنىڭ تۇتقان دوستىڭىز ئەنە شۇنداق تۇراقسىز،نىكاھ تۇرمۇشىغا نىسبەتەن پاسسىپ كۆز قارىشى بولسا سىزمۇ ئاستا-ئاستا تەسىرگە ئۇچىرايسىز، ۋە ئۆزگىرىپ كېتىشىڭىز مۈمكىن......
5.چوڭلار يەنى ئاتا-ئانىسىدا مەسلە بار كىشىلەر:بىر ئادەمنى كېلىپ چىقىشى ئۇنىڭ ئۈسۈش مۇھىتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ،بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى شەكىللىنىۋاتقان چاغدا ،ئەگەر ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسا،ياكى ئۇ ئاتا -ئانىسىنىڭ سىرتا قاراۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ چوڭ بولسا،بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان ئادەملەرنىڭ نىكاھ تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشى پاسسىپ بولىدۇ،ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىمىنى تۇرمۇش ۋە ھىسياتىنى بىر خىل ئۇيۇن قاتارىدا كۈرۈپ ياشايدۇ،بۇمۇ بىر مۇھىم ساپا مەسلىسى...