باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 636 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ساراڭنىڭ ھىكايىسى     ( 0097 خىيال )
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10796
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-14
ئاخىرقى: 2012-05-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-18 23:13

ساراڭنىڭ ھىكايىسى     ( 0097 خىيال )

ساراڭنىڭ ھىكايىسى  
يۇرتىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن نۇرغۇن كىشى ئۈلۈپ كەتتى ، خۇددى بۇ زىمىنغا پەقەتلا ئاياق بېسىپ باقمىغاندەك نام – نىشانسىز ئۈتۈپ كەتتى،‹‹ تىرىكنىڭ قەدىرىمۇ كۆزيۇمۇلغىچە ›› دەيدىكەن كونىلار ، بۇ جاھاندىن كەتكەن چېغىڭىزدا تىرىكلەرنىڭ ئاغزىدا سىزنى ياد ئىتىپ بىرەر ئىككى ئېغىز گېپىڭىزنىڭ بۇلۇپ قېلىشىمۇ خېلى كاتتا ئىشكەن . تۆۋەندە مەن سىزگە ھىكايىسىنى دەپ بەرمەكچى بولغان 3 ساراڭ ئەسلى ساق تۇغۇلغان ، كېيىن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا دۆتلىگىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ ئىشقىلىپ تاياق يەپ كاللىسىدىن كەتكەنلەر . بۇ 3 ساراڭ ئۇزۇن ياشىدى ، تېخى مۇشۇ يېقىنقى  بىر نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە دىيىشىۋالغاندەكلا كەينى – كەينىدىن تۈگەپ كەتتى .
1.   ‹‹ قىزىقچى ›› ساراڭ  
ئاجايىپ بىر زامانلار بوپتىكەن ، ياشتا چوڭلار بىر يەرگە جەم بۇلۇپ قالغاندا شۇلاردىن ئاڭلايتىم،بەزى قىزىقچىلىقلارنى دەپ كۈلۈشسە ، بەزى ئىشلارنى ئەسكە ئېلىپ كۆز يېشى قىلاتتى .。
بۇ يېزىغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى كەلگۈدەك دىگەن خەۋەر كەلدى ، ئەتىرەت ئەزالىرى تەۋرەپ كەتتى ، چۈنكى بۇندىن بۇرۇنقى بىر نەچچە قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئۇ- بۇ سەۋەپلەر بىلەن ئۇلار لاياقەتسىز باھالىنىپ كەتكەن ئىدى .  
‹‹ بۇدا قېتىم تەكشۈرۈشتىن قانداقلا قىلمىساق ئۆتمىسەك بولمايدۇ ›› دىيىشتى . يېزا كادىرلىرى ‹‹ ئالدىنقى سەپ ›› كە ئاتلاندى ، دېھقانلارنىڭ ئارىسىغا چۈكۈپ تۇرۇپ خىزمەت ئىشلىدى ،ئۆي – ئۆيلەرگە ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمى چاپلاندى ، ساندۇق ، ئىشكاپلارغا ماۋزېدۇڭ ئۈزۈندىلىرى يېزىلدى ، ھەممە ئەتىرەت ئەزالىرىغا ئۈزۈندە يادلاتتى ، بۇ چاغدا چاتاق چىقتى ، ئەھەت ئىسىملىك بىرسى ئۈزۈندىلەرنى پەقەتلا يادلىيالمىدى ، سېكىرتار ئاچچىغىدا ئۇنىڭ باشلىرىغا نۇقۇپ ، كۆزلىرىگە قۇلىنى چىنەپ ئەدەپلىدى ، لىكىن ئامال بولمىدى ، سېكىرتار ئۇنى بىرسىگە تۇتقۇزدى ، ‹‹ قانداقلا قىلمىسۇن ، بىر ئۈزۈندە يادلىتىسەن ، بولمىسا ھەرئىككىڭگە نۇمۇر يوق ›› .
ئۆگەتكۈچى خېلى ئۇزاق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۇنىڭغا بىر ئۈزۈندە يادلاتتى ، قايسى ئۈزۈندىنى دىمەمسىز ؟ ، ئۇلۇق داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ ‹‹ ئۇچقۇندىن يانغىن چىقار ›› دىگەن ئەڭ قىسقا ئۈزۈندىسىنى .
تەكشۈرۈش ئۆمىگى كېلىدىغانغا ئىككى كۈن قالغاندا ئەتىرەت ھويلىسىدا يىغىن ئېچىلدى ، سېكىرتار ئۇزۇندىن ئۇزۇن تۈكۈرۈكىنى چاچىرتىپ سۆزلىدى ، يىغىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن تەرتىۋى ئۈزۈندە يادلاش ئىدى ، ئەتىرەت ئەزالىرى بىردىن ئۈزۈندىنى يادلاپ بېرىپ ئۆيىگە بېرىپ خاتىرجەم ئۇيقۇسىنى ئۇخلىسا بۇلاتتى ، ئەھەت بىرىنچى بۇلۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى ، چۈنكى ئۇنىڭ ئەڭ قىسقا ئۈزۈندىسىنى ئەستە  تۇتۇش ئىقتىدارى ناچارلاپ كېتىپ ئۇزۇن ئۈزۈندىگە كۈچى يەتمىگەن ماك- ماك قېرىدىن بىرى دەۋالسا ئۇ تەس كۈنگە قالاتتى .
ئەھەت ئوتتۇرىغا چىقىپ ئولتۇرغانلارغا قارىدى ، ئۇنىڭ كۆزى سېكىرتارنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى ، ئىشتىن چاتاق چىقتى ، سېكىرتارنى كۆرۈش بىلەنلا ئۇنىڭ نەچچە كۈندىن بېرى يادلىغان ئۈزۈندىسى ئاقتىمۇ يوق ، كۆكتىمۇ يوق ، خۇددى بىرسى يۇيىۋەتكەندەكلا ئۇنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرلۈپ كەتتى ، ئۇغالىلداپ تىتىردى ، ئۇ پەستە ئولتۇرغانلارغا قارىدى ، لىكىن ھىچكىم ئۇنىڭغا ياردەم بىرەلمەيتى ، ئۇ ئۈزۈندىنىڭ بىرەر بۇغۇمىنى بولسىمۇ ئېسىگە كەچۈرۈشكە تىرىشتى ،‹‹ توغرا ، ئوتقا مۇناسىۋەتلىك بىر گەپتەك قىلغان ›› ، بۇ چاغدا سېكىرتانىڭ ‹‹ بولە ، ما .....›› دىگەن سەت كوكىرماش ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئۇ غەيرەتكە كېلىپ دىدى ‹‹ ئۇلۇق داھىمىز ماۋجۇشى ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنايلى ، دىگەن ›› دىدى ، ئۇنىڭ كۆزى قان تۇلۇپ چاچىراپ كىتەيلا دىگەن بىر جۈپ كۆز بىلەن ئۇچىراشتى ، كۈنىگە ئاران نەچچە پۇڭ نۇمۇرغا ئىشلەپ ، بىر كۈندە بىر قاچا مەنتەڭدەك ئۇماچ بىلەن ئىككى تال زاغرىنى يەپ دۇنيانىڭ راھىتى مۇشۇ دەپ ، ھەتتا بىر خۇتۇن ئېلىپ بېقىشقىمۇ كۆزى يەتمەي ئۆيلەنمىگەن ، ھاياتىدا ھىچقانداق خوۋلۇق كۆرمىگەن بۇ ساددا دېھقان سېكىرتارنىڭ بىر ئېغىز ‹‹ ئۇرە مانى ›› دىگەن ئاۋازى بىلەن تەڭ ئۆزى بىلەن كىچىكىدە بىللە ئوينىغان شۇ تەڭتۇشلىرىنىڭ تايىقى ئاستىدا قالدى ، ئۇرۇپ دەسسەپ پۇخادىن چىقمىغان بىرىنىڭ قۇلىدىكى كالتەك بىلەن بېشىغا ئۇرىۋېتىشى بىلەن ئۇ ساراڭ بۇلۇپ قالدى .
2.   ‹‹ تەلۋە ›› ساراڭ
سېكىرتار پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك ئولتۇرالماي قالدى ، بۈگۈن تەكشۈرۈش ئۆمىگى كېلىدىغان كۈنى ، ئەمدى ئىشتىن چاتاق چىقسا بولمايتى ، بۇ ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇ ئورۇندا داۋاملىق ئولتۇرۇش – ئولتۇرلماسلىغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى ،لىكىن ئۇ تېخىمۇ چوڭ بىر بالا - قازانىڭ ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىغىدىن بىخەۋەر ئىدى .
تەكشۈرۈش ئەزالىرى كەلگەندە ئەتىرەت مەيدانىغا يېزىدىكى ئۇششاق- چوڭ ھەممىسى يىغىلدى ، پائالىيەت باشلاندى ، ئەتىرەت ئەزالىرى بىردىن-بىردىن كېلىپ مەيدان ئوتتۇرسىدىكى تامغا سىزىلغان رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمى ئالدىدا ئۆزىنىڭ بىر كۈنلۈك قىلماقچى بولغان ئىشىدىن دوكىلات بىرىپ ئىشىغا ماڭاتتى ، ئىشلار كۈن تەرتىپ بۇيىچە كۆڭۈلدىكىدەك كېتىۋاتاتتى ، ئۆچىرەت ئەتىرەت ئەزاسى سەمەتكە كەلدى ، بۇ ئادەم ئۇقۇتقۇچىلىقتىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ئەزەلدىن يېزا كادىرلىرىغا سالام قىلمايدىغان بولغاچقا سېكىرتار ئۇنىڭغا ‹‹ كالا ›› دەپ لەقەم قۇيىۋالغان ئىدى ، سەمەت مەيدانغا چىقتى ، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرگە قاراپمۇ قويمىدى ، ئۇ رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمى ئالدىدا بىر ئاز تۇرىۋالغاندىن كېيىن رەسىمگە قاراپ تۈكۈردى ، سېكىرتار كەينىگىلا ئۇچۇپ چۈشتى ، ئۇ چاغلاردا بۇئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ بولمىغاچقا كىشىلەر خۇدىنى يوقىتىپلا قويغان ئىدى ، ئۆمەك ئەزالىرى ئىچىدىكى سەل ئەقلى – ھوشى جايىدىراق بىرسى ‹‹ ئۇرۇڭلا بۇنى ›› دەپ توۋلىغىچە خېلى ۋاقىت ئۆتكەن ئىدى ، بۇ كەم سۆز ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا جىق سۆزلىگىنىنى يېزىدىكىلەر تۈنجى قېتىم كۆرگەن ئىدى ، بىر نەچچە‹‹ قىزىل قوغدىغۇچى ›› قۇلىدىكى كالتەك بىلەن سەمەتنىڭ باش كۆزىگە ئۇرۇپ كەتتى ، شۇ كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ سەمەت رەسمى ساراڭ بۇلۇپ قالدى .
     3.  ‹‹ ئوتتىن قورۇقمايدىغان ›› ساراڭ                                                                                       
ئۇچاغلاردا ناھىيە بازىرىدىمۇ بىر نەچچىلا ئاشخانا بولۇپ تاماقمۇ بېلەتكە بىرىلەتتىكەن .
بازارنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان ‹‹ تايىرجاننىڭ گەڭزىسى ›› شۇ چاغلاردىكى چوڭ ئاشخانا ئىدى ، مەمەت تايىرجان ئۇستامنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شاگىرىتى  ئىدى ، بۇ ئىشچان ، قۇلىقى يۇمشاق يىگىتنىڭ بىردىن – بىر كەمچىلىگى بەكلا كەم سۆز ئىدى .
بىر كۈنى ئاشخانا ئالدىدىكى كىچىك مەيدانغا نۇرغۇن كىتاپ ماتىريال دۆۋلەندى ، بۇ يەر كىشىلەر كۆپىرەك توپلىشىدىغان يەر بولغاچقا ئۇلار مۇشۇ جاي كۆيدۈرسەك ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلاشقان بولسا كېرەك ، كىتاپقا ئوت يېقىلدى ، بۇ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتا ‹‹ كونا زاماننىڭ قالدۇغى ›› ،‹‹ سېرىق كىتاپ ›› دىگەندەكلەر بۇلۇپ دىنىي كىتاپ ، قەدىمىي قوليازما ۋە  ھەرخىل توپلاملار ئىدى .
كىم دەيدۇ كونا كىتاپ كۆيمەيدۇ دەپ ، كىم دەيدۇ قۇرئان كۆيمەيدۇ دەپ .
يىغىلغان ئادەمنىڭ ئازلىغىدىن ئىچى پۇشقان ‹‹ ئىبرەتچىلەر›› قوللىرىغا تاياق ئېلىپ كىتاپلارنى ئوتنىڭ بەك كۆيىۋاتقان يېرىگە ئېتىشاتتى ، ئەتىگەندىن ياقى ئىشتىن باش كۆتەرمىگەن مەمەت سىرىتتا نىمە ئىش بولىۋاتقىنىدىن بىخەۋەر ئىدى ، ئۇ ئۇستىسى تايىرجاننىڭ بىر بۇلۇڭدا پەشتامىسىدا كۆزىدىكى ياشنى سۆرىتىۋاتقانلىغىنى كۆراپ قالدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا قارىدى ، ئۇنىڭ چىريى دەسلىۋىدە قىزاردى ، كىيىن تۆمۈردەك قاردىدى ، ئۇ پەشتامىسىنى يېشىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي سىرتقا چاپتى . ئۇ يۈگۈرگىنىچە كۆيىۋاتقان كىتاپ دۆۋىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى ، ئوت خېلى كۈچلۈك ئىدى ، ئۇ كۆيىۋاتقان كىتاپلارنى باغرىغا باسقىنىچە سىرتقا چىقىپ كىتاپنى قۇياتتى ۋە ئوت ئىچىگە ئۆزىنى ئاتاتتى ، باشتا كىتاپ كۆيدۈرۈاشكە مەسئۇل كىشىلەر بۇ بالىنىڭ ئىس بىلەن ياش ئارىلىشىپ سەتلىشىپ كەتكەن تەلەتىگە قاراپ ساراڭ ئوخشايدۇ دەپ قورقۇپ يېقىن كېلىشكە پېتىنالمىدى ، كىيىن بالىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ‹‹ ئاللاھ ، ئاللاھ ›› دىگەن سۆزدىن بىر نىمىنى ھىس قىلغاندەك بولدى ۋە 8-10 نى بىرلىشىپ بالىنى تۇتۇپ بېسىپلا تاراسلىتىپ باش – كۆزىگە ئۇرۇشقا باشلىدى ، مەمەت تاياق زەربىسىدىنمۇ يە باشقا سەۋەپتىنمۇ ئۇمۇ ساراڭ بۇلۇپ قالدى ...........
كاتتا دۆلەتمەن ئادەملەر ئۆلۈپ كەتسە ، بىر نەچچە كۈن ، بىر نەچچە ئاي ھەتتا بىرەر يىلغىچە ئۇ توغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا ئاز –تولا گەپ سۆز بۇلۇپ تۇرىدىكەن  ، لىكىن ھىچكىم ساراڭ توغرىسىدا سۆزلىمەيدىكەن ، بۈگۈن مەن سۆزلەپ قالدىم ، ۋاقتىڭلارنى ئالغان بولسام كەچۈرۈڭلار .


  •   مەنبە :  ئۆز قەلىمىم

دوستلىشىش
مەھلىيا
ئاللاھدىن شىھىتلىق مەرتىۋىسى بىرىشنى تىلەيمەن،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10900
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 246
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە246دانە
ئۆسۈش: 790 %
مۇنبەر پۇلى: 2895 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-22
ئاخىرقى: 2012-05-03

Re:ساراڭنىڭ ھىكايىسى     ( 0097 خىيال )

ياخشى تىما يوللاپسىز قېرىندىشىم ، 3ـ ھىكايە بەك تەسىرلىككەن ( بۇ ھىكايا راست بولسا ) ئاللاھ ياتقان يىرىىنى جەننەتتە قىلسۇن ئامىين!
ھاياتىم ئۇنچىلا ئەرزىمەس ئەمەس،
جەڭ قىلىپ ئۆلۈشكەرازى بۇ يۈرەك.
ئالەمگە تارالسۇن شانۇ شۆھرىتىم،
مەنىسىز ياشىماق ماڭا نە كىرەك.
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1209
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1209دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 12883 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 12:30

ياخشى يېزىلىپتۇ، 3-ھىكايىدىكى «ساراڭ»غا قايىل بولدۇم......
تېما ئىگىسىگە كۆپلەپ تەشەككۇر.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: چەكلەنگەن
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11174
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 440 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-03-22
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 12:35

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 969
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 103
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە103دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-14
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 13:36

Re:ساراڭنىڭ ھىكايىسى     ( 0097 خىيال )

ھەممىسى ماۋ ئەپەندىنىڭ رەخمىتى دەپ بىلىپ پات-پات ئەسلەپ تۇرۇشقا ئەرزىيدۇ...
vvfv
asliyat
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2142
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 202
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە202دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2151 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-04-23
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 15:54

ئىسلامنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئۆلچەملىرى
1.ئەقىدىدە چىڭ تۇرۇش:بۇ _ئەدىبنىڭ ئەقىدە،شەرىئەت،ئىسلامنىڭ قىممەت قاراش،ئەخلاق شۇنىڭدەك ئىسلامنىڭ ئاساسى مەقسەت غايىلىرىگە خىزمەت قىلىشى،ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ تەبىئى ھىس تۇيغۇلىرىغا خىلاپ بولماسلىقىدا چىڭ تۇرۇش.
2.چىنلىق:ئەدىب ئۇقۇرمەنگە ئومۇمى ئەدىبىي ئەسەرلىرىنىڭ ئىسلامىي تەسەۋۋۇر،گۈزەل ئەخلاق چاقىرىقى،ياخشىلىقنى ئۇمۇملاشتۇرۇش،ئىسلامىي ۋىجدانغا خىلاپ نامۇۋاپىق ناچار خاھىشلاردىن يىراق بۇلۇش،ئىسلامغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ساختا ئەسەرلەرنى يازماسلىق،چىن تۇيغۇلارنى تەقدىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇش(ئاللاھنىڭ دۇشمەنلىرىنى ماختايدىغان كۆككە كۈتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يازماسلىق).
3.ئېنىق ئىپادىلەش:ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ماھىيىتى،مەزمۇنى،قۇرۇلمىسى جەھەتتىن چۇقۇم ئىسلامىي ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دەرھال چۈشىنەلىگۈدەك دەرىجىدە ئېنىقلىققا ئىگە بۇلىشى،ئەسەرلىرىگە قاراپلا ئەدىبنىڭ ئىسلامىي ئېقىمغا مەنسۇب ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بۇلۇشى كېرەك.
4.ئىجابىيلىق:ئەدىب ئەسەرلىرىدە ئىسلامىي ئەقىدە ۋە تەسەۋۋۇرنى ياقىلىشى،ئۇنىڭغا قارشى يول تۇتماسلىقى،ئىسلام بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى،ئىسلامنى ھىمايە قىلىشى،دۈشمەنلىرىگە پىكرى،سۆز ھەركەتلىرى،ئەخلاقى ساھەلەر بۇيىچە قارشى تۇرۇشى كېرەك.ئەقىدىسىنى قوغداشتا ئىككىلىنىشكە ئىمكان قالدۇرمىغۇدەك دەرىجىدە مەيدان ھازىرلىشى كېرەك.
5.ئىزچىللىق:ئەدىب ئىسلامىي روھقا توغرا كەلمەيدىغان قاراشلارنى ئاشكارە ياكى مەخپى ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويماسلىق،ئۆزى ئىسلامدا تۇرۇپ غەيرى ئىسلامىي ئېقىملارچە كۆز قاراشلاردىكى ئەسەرلەرنى يازماسلىق،ئىسلامىزىم ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەرنى ئەدىب ئىزچىل ئىجات قىلىپ تۇرۇش.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10796
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-14
ئاخىرقى: 2012-05-02
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 17:40

5-قەۋەت (salmanuyghur) نىڭ يازمىسىغا

ماڭا نىمە دىمەكچى بولغانلىغىڭىزنى پەقەت چۈشەنمىدىم ، بۇلار شۇ ۋاقىتتا ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەر ، مەن پەقەت چوڭلاردىن ئاڭلىغىنىمنى سىلەرنىمۇ ئاڭلاپ باقسۇن دەپلا يىزىپ قويدۇم ، ما يېڭى زاماندا ياشاپ ئۆتكەن سىز- بىزگە نىسبەتەن بۇلار ئادەتتىكى ئادەملەر ، لىكىن شۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن << بىنورمال ئادەملەر >> ، بەزى ئىشلارنى بۇنىڭدىن بەك تەپسىلى يىزىپ كەتسەك تور بېكىتىمىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىمىز ، مەن يازغۇچى ئەمەس ، يازغۇچىلار بىلەنمۇ تازا بەك .....
يوق ، بىكارچىلىقتا ئىچىم پۇشۇپ يىزىپ قويغان ، بۇندىن كىيىن مۇنداق نەرسىلەرنى جىجاپ ئولتۇرۇشقا ۋاقتىممۇ يەتمەيدۇ دەڭە .......
لىكىن سۆزلىڭىزنى توغرا دەپ قارايمەن  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10796
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-14
ئاخىرقى: 2012-05-02
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 17:44

3-قەۋەت (مۆئمىن) نىڭ يازمىسىغا

ئەسلى سەمەتنىڭ چىشى ئاغىرىپ كېتىپتىكەن ، ئۇقۇشماي تۈكۈرۈپ ساپتۇ .......
asliyat
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2142
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 202
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە202دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2151 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-04-23
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 19:42

مەن سىزنىڭ يازمىڭىزغا ھېچنىمە دىمىدىم،ماختىمىدى دەپ كۆڭلىڭىزگە كەلمىگەندۇ؟
مەن پەقەت ئىسلام ئەدەبىياتقا مۇنداق ئۆلچەملەرنى قويغان دەپ ئۆلچەملەرنى يېزىپ قۇيدۇم.مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئەسەر يازسا مۇشۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلارمىكى دىدىم،باشقا مەقسىدىم يوق،توغرا چۈشىنەرسىز.
asliyat
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2142
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 202
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە202دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2151 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-04-23
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 19:44

6-قەۋەت (hiyal0097) نىڭ يازمىسىغا

مەن سىزنىڭ يازمىڭىزغا ھېچنىمە دىمىدىم،ماختىمىدى دەپ كۆڭلىڭىزگە كەلمىگەندۇ؟
مەن پەقەت ئىسلام ئەدەبىياتقا مۇنداق ئۆلچەملەرنى قويغان دەپ ئۆلچەملەرنى يېزىپ قۇيدۇم.مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئەسەر يازسا مۇشۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلارمىكى دىدىم،باشقا مەقسىدىم يوق،توغرا چۈشىنەرسىز.