
1915 - يىل4 - ئايدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بېلگىيىنىڭ ئىبور رايونىدا جەڭ قىلىدۇ، مەلۇم بىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ بازىسىدا سېرىق رەڭدىكى تۈتۈن كۆتۈرۈلۈپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ بازىسىغا قاراپ ئۇچىدۇ. ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى توساتتىن پەيدا بولغان غەلىتە بۇلۇت توپىغا قاراپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان، ناھايىتى تېزلا بېزىلەر يۆتەلگەن، چۈشكۈرگەن، كۆزىدىن توختىماي ياش ئاققان، بېزىلەر نەپىسى قىسىلىپ يىقىلغان، شۇ ھامان پاتىپاراقچىلىق يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قورال - ياراغ، زەمبىرەكلەرنى تاشلاپ، جەڭ مەيدانىدىن قاچقان، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ بازىسىنى بىراقلا ئىگىلىۋالغان. بۇ قېتىمقى خىمىيىۋى ئۇرۇشتا، ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ15 مىڭ ئادىمى زەھەرلەنگەن، جۈملىدىن5000 ئادىمى ئۆلگەن.
ئىبور رايونىدىكى خىمىيىۋى تۇيۇقسىز ھۇجۇم خىمىيىۋى ياراغنىڭ جەڭ مەيدانىدا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خىمىيىۋى ئۇرۇشنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيگەن. ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا،1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەر45 خىل زەھەرلىك ماددا ئىشلەتكەن، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى125 مىڭ توننا بولۇپ، 1 مىليون300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم خىمىيىۋى زەھەرلىك ماددىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان.
خىمىيىۋى ياراغلارنىڭ ئادەمگە زىيىنى چوڭ بولغاچقا، دۇنيا خەلقى خىمىيىۋى ئۇرۇش خەلققە ئېلىپ كەلگەن بالايى ئاپەتنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.1925 - يىلى جەنۋەدە خىمىيىۋى ياراغلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش خەلقئارا ئەھدىنامىسى ماقۇللاندى. بىراق، بەزى دۆلەتلەر بۇ كېلىشىمگە ئىزچىل رىئايە قىلمىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتا خىمىيىۋى گاز ئىشلىتىش ۋەقەلىرى ئۈزۈلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىمىيىۋى ياراغلار ئۈچىنچى ئەۋلادقا تەرەققىي قىلدى.