
نۆۋەتتە روھىي كېسەلنىڭ كېسەللىك سەۋەبى توغرۇلۇق ھەرخىل كۆز قاراشلار بار بولۇپ بۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچكە بۆلىنىدۇ.
1.كۈچلۈك روھىي زەربىگە ئۇچراش.
2.ئىرسىيەت ئامىلى.
3.بەدەن كېسەللىك ئامىلى.
يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئامىل بىر-بىرسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. گەرچە بۇ خىل ئامىللار چوقۇم روھىي كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېيەلمىسەكمۇ،لېكىن مۇشۇ خىل ئامىللار بار بولغان كىشىلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
1.كۈچلۈك زەربىگە ئۇچراش. مەسىلەن: ئەر خەنزۇ 32 ياش
دىئاگنوز: قۇتراش ئېلىشىپ قېلىش بىرىكىپ كەلگەن روھىي كېسەل.
كېسەل چەتئەلدە تۇرۇشلۇق چوڭ شىركەت دىرېكتورى بولۇپ، مەلۇم بىر كۈنى ئۆز دۆلىتىدىن كەلگەن تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. تېلېگراممىنىڭ مەزمۇنى بولسا، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت دەرجىلىك رەھبەرلىرى ئۆزى تۇرىۋاتقان دۆلەتكە زىيارەتكە كېلىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا تەرجىمان بولىدىغانلىقى يېزىلغان. ئۇ بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ. ۋەزىپەم ئېغىر ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن، دەپ ئەنسىرەپ ئۇخلىيالمايدۇ. ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەيدىغان بولۇپ روھىي كېسەل بولۇپ قالىدۇ.
ئادەمنىڭ پىسخىك ساپاسى بىلەن جەمئىيەت ئامىلى ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك. ئادەملەر جەمئىيەت ۋە مۇھىت ئوتتۇرىسىدا ماسلىشالمىسا، پىسخىكىلىق جىددىيلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. يەنى روھىي غىدىقلىنىش، روھىي زەربىدىن ئىبارەت. جەمىئيەت، تۇرمۇش، كىشلىك مۇناسىۋەت، ئائىلە، مەكتەپ، كىشىلەرنىڭ روھىي تۇرمۇشىدىكى ئاساسلىق مەزمۇن يەنى روھىي غىدىقلىنىشنڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ئادەتتە زىيان تارتىش تۇيغۇسى،تەھدىتكە ئۇچراش تۇيغۇسى. بىخەتەرسىزلىك تۇيغۇسىدىكى تەسىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئاسان كېسەل قوزغايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما روھىي زەربىگە بەرداشلىق پەرق ھەرخىل كىشىلەردە ئوخشاش بولماسلىقتەك مەسىلە مەۋجۇد، ئوخشاش بولمىغان روھىي زەربىدىن ئوخشاش بولمىغان ئىنكاس كېلىپ چىقىدۇ. بەزىلەردە كېسەل پەيدا بولىدۇ، لېكىن بەزىلەر كېسەل بولمايدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئىچكى مىجەزلىك، كۆڭلى-كۆكسى تار، ئۆزىگە ھەددىدىن ئارتۇق ئىشىنىدىغان ئادەملەر روھىي زەربىگە نىسبەتەن بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ. ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا روھىي جەھەتتە ئاسانلا نورمالسىزلىق كېلى چىقىدۇ.
2.ئىرسىيەت ئامىلى.
روھىي كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىككى خىل كېسەللىك- ئېلىشىپ قىلىش ۋە قۇتراش خامۇشلۇق كېسىلگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. قانداشلىق مۇناسىۋىتى قانچە يېقىن بولسا ئوخشاش كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بۇ توغرلۇق دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاساسەن بىردەك. شاڭخەي روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى 1964-يىلى 1196 نەپەر ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كېسەللەرنىڭ 5476 نەپەر ئۇرۇق-تۇغقانلارغا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارغان، بۇنىڭ ئىچىدە 956 نەپەر كىشىنىڭ روھىي كېسەل ئىكەنلىكى بايقالغان. كېسەل بولۇش نىسبىتى %17.5 بولغان. ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى بولسا% 2.8 بولۇپ 6 ھەسسە يۇقىرى بولغان. خەلقئارادىكى تەكشۈرۈشتە بىۋاستە تۇغقانلىرىنىڭ روھىي كېسەلگە گرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا 10-15ھەسسىگىچە يۇقىرى بولغان. ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپتە روھىي كېسەل بولسا پەرزەنتلىرىنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى 38.7%تىن68.1%كىچە بولۇپ ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە سېلىشتۇرغاندا 80-100 ھەسسىگىچە كۆپ بولغان.
3.بەدەن كېسەللىكى ئامىلى.مەسىلەن: جىدىي خاراكتېرلىق ياللۇغلىنىش، بەزى دورا-يېمەكلىك، كەسپىي خاراكتېرلىق زەھەرلىنىش، بەزى پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىق كېسەللىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى روھي توسقۇنلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن بۇ خىل توسقۇنلۇققا ئۇچراش يۇقىرقى كېسەللىكلەرنىڭ ساقىيىشىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ ياكى ساقىيىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، مېڭە يېگىلەش كېسەللىكى ساقايمايدىغان كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن پەيدا بولغان روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئاساسەن ساقايمايدۇ.
ئاياللار ھامىلدار مەزگىلدە بەزى كېسەللەرگە گرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش، زىيادە سېزىمچانلىق ئېشىپ كېتىش كېسەللىكى قاتارلىق. رېنتىگېن نۇرى بىلەن ئۇچۇرشۇش، بەزى دورىلارنى ئىشلىتىش، مەسىلەن: ھورمۇن بىرىكمىسى، روھىي كېسەللىك دورىلىرى قاتارلىقلار ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىر قەدەر تەسىرى بار. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ياكى بىر تەرەپ كېسەللىك سەۋەبىدىن دورا ئىشلىتىپ، ئارقىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىنىڭ روھىي ۋە بەدەن ھالىتى دېگەندەك ساغلام بولمايدۇ.
مەنبە:4-دوختۇرخانا