
ئۆتكەن يىلى 21- مارت كۈنى . دۇكاندا ئولتۇرسام بىر دوستۇم تىلفۇن قىلدى .
تىلفۇننى ئالسام ؛--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم !! ياخشى تۇردۇڭلىمۇ ؟؟ نەۋرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!
دىدى . مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن ؛--ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !! رەخمەت ، دوستۇم بىرگە بولسۇن دىدىم .
ئۇ ؛--ئۇزاق بولدى كۆرۈشمىدۇق . بۇگۈن قۇتلۇق بايرامدا بىر كۆرۈشۈپ ھال -مۇڭ بولۇشساق دەپ تىلفۇن قىلىپ قالدىمغۇ ؟؟ دىدى. مەن ؛--بەك ياخشى ئويلاپسىلەر . ئەلۋەتتە بولىدۇ . قاچان ، قەيەردە كۆرىشىمىز ؟؟؟ دىدىم .
---چۈشتىن كىيىن تۆت بىلەن << نەۋرۈز >> تائاملىرىدا كۆرۈشسەك بولارمۇ ؟؟؟ دىدى .
مەن ماقۇل بولۇپ تىلفۇننى قويدۇم .
مەن دىيىشكەن ۋاقىتتا تاماقخانىغا كىردىم . ۋە دوستۇم بىلەن كۆرۈشتۈم . بىز بىردەملىك سالام -سەھەتتىن كىيىن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاماق بۇيرۇتتۇق .
دوستۇم بۈگۈن تويى بولىدىغان يىگىتتەك ياسىنىپ شىم -كاستۇم ۋە دوپپا كىيگەن ئىدى . ئۇنىڭ يىنىدا ئەمدىلە بەش ئالتىلەرگە كىرگەن قوشماق ئوغلىمۇ قارا -شىم كاستۇم ، ئىچىگە مىللى گۈللۈك كۆينەك ، بىشىغا ئوخشاش دوپپا كىيگەن ھالدا ئولتۇراتتى . دوستۇمغا ۋە بۇ بىر جۇپ ئوماقلارغا بۇ مىللى كىيىم ۋە دوپپا بەكمۇ ياراشقان ئىدى .
مەن دوستۇمغا ؛--بۈگۈن پىچەت بوپ كىتىپتۇق --ھە دىدىم چاقچاق بىلەن .
دوستۇم ؛--ئاداش بۇگۈن قۇتلۇق كۈن . مەن ھەر يىلى بۇ قۇتلۇق كۈندە چوقۇم بىر كۈن ئارام ئىلىپ ئۇيغۇرغا خاس كىيىملەرنى كىيىپ ھەتتا باللىرىمىغىمۇ ئۇچ يىل بولدى مۇشۇنداق كىيىندۈرۈپ قۇتلۇقلاۋاتىمەن .
بۇ قۇتلۇق كۈننى بىز ئارقىلىق باللىرىمىز بىلمىسە ، بىزدىن ئۆرنەك ئالمىسا ئۇلار چوڭ بولغاندا ئۇلار بۇ بايرامنى قانداق بىلسۇن ؟؟
باللارنىڭ چوڭى چۈچۈك تىلدا ؛--دادام بىزگە ھەر يىلى بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق چىرايلىق كىيىم كىيىپ بايرام قىلىمىز دىدى.دىدى . مەن ئۇ بالىغا مەسلىگىم كىلىپ ؛--بۈگۈن بەك ئوماق بوپ كىتىپسىلەر ، بۇ كىيمىڭلار سىلەرگە بەك يارىشىپتۇ . دەپ ئەركىلىتىپ قويدۇم .
دوستۇم يەنە ؛
--نەۋرۇز بايرىمى يىقىندىلا پەيدا بولۇپ قالغان بايرام ئەمەس .بۇ بايرام توغرىسىدا ھەتتا
11-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە نەۋرۇز ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى كۈندىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئېيىنى ئوغلاق ئېيى دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاي ئۇلۇغ ئوغلاق ئېيى دېيىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايدا ئوغلاقلار چوڭىيىدۇ. ئىنسانلار ۋە جانلىقلار نەۋرۇز بىلەن جانلىنىدۇ. نەۋرۇز- جاھان بەخت-سائادىتىنىڭ ئانىسى، بەرىكەت ۋە خۇشاللىقنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بىر-بىرىگە كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ سېخىلارچە خۇشاللىقلىرىنى نامايان قىلىىدۇ.(مەھمۇد قەشقىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»)
بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قەشقەر ئوپالدىكى «ھەزرىتى موللام» ئاتلىق مازىرىغا بارغان يىللارغا قەدەر، قەشقەر ئەتراپىدىكى جايلاردىن نۇرغۇن زىيارەتچى كېلىپ نەۋرۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلىماقتا ئىدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ يەر بۆگۈنكى كۈندە « نورۇز (نەۋرۇز) بۇلاق» نامى بىلەن تونۇلماقتا...................
دوستۇم نورۇز توغرۇلۇق سۆزلەۋاتاتتى مەن ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرىدىن ۋە بۈگۈن كىيۋالغان كىيىملىرىمدىن خىجىل بولغان ھالدا تاماق يەپ ئولتۇراتتىم .
تاماق يەپ بولۇپ خوشلىشىدىغان چاغدا مەن خىجىل بولغان ھالدا ؛---ئاداش ، سىلنىڭ بۈگۈن بۇ قۇتلۇق بايرامغا ۋە بۇ ئىككى ئوغلۇڭلىغىمۇ بۇ بايرامنىڭ خاسىيتىنى ھىس قىلدۇرغىنىڭلىغا قايىل بولدۇم . ھەم ئۆزەمدىن خىجىل بولدۇم .
راسىت !! دەيسىلەر گەپ ئۆزىمىزدە !! بىز قانداق ياشساق بالىلارمۇ بىزنى دوراپ ، ئۈلگە قىلىپ چوڭ بولىدۇ .
ئۆزىمىز مىللى خاسلىقنى يوقۇتۇپ قۇيۇپ ، مۇشۇنداق قۇتلۇق بايراملارغا سەل قاراپ ياشاپ ئەۋلاتلاردىن ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوق !!!!!
--راسىت گەپ قىلدىڭلار دىدى دوستۇم خۇشال بولۇپ ؛ بىز قانداق ياشساق بالىلارمۇ شۇنداق چوڭ بولىدۇ .
ئۆزىمىز ئۆمرىمىزدە بىر قىتىممۇ مىللى خاسلىق ئىپادىلىندىغان كىيىملەرنى كىيىپ باقماي ئەۋلاتلاردىن مىللى خاسلىق ،ئەركەكلەرگە خاس مىجەز ، خاراكتىر تەلەپ قىلىش ئەڭ چوڭ ئەخمىقانىلىق !!!!
مەن دوستۇم بىلەن خوشلۇشۇپ ئويگە باردىم .ھەم ئۇزۇندىن بىرى سۇلياۋ خالتىغا ئوراپ قويغان دوپپامنى ئالدىم .
<< بىر مىسقال بىلۇگى >> قۇتلۇق نورۇز بايرىمنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ
نورۇز ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرىمىدۇر. بۇ بايرام بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئىران، تاجىك قاتارلىق پارىسلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ۋە يېڭى يىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نورۇزدا ھەرخىل پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، نورۇز ئېشى ئېتىلىدۇ… بالىلار ئۆزىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىدۇ، قىزلار ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرى بىلەن يېڭى ئېچىلغان غۇنچىدەك گۈزەللىشىدۇ، چوڭلار ئۆز-ئارا نورۇزنىڭ شادلىقىغا چۆمىدۇ، بوۋا-مومىلار ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق ۋە بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ يىلنىڭ بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتۈپ كېتىپ بارىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھايات مۇساپىسىگە قايتا نەزەر سېلىپ ئۆز ئۆمرىگە ۋە ھاياتىغا شۈكرىلەرنى ئېيتىشىدۇ… دىمەك نورۇز بىزنىڭ خۇشاللىققا ۋە ئۆملۈككە چاقىرىلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. بىر مىسقال بىلوگى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى قۇتلۇقلايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي سالىمىنى پۈتۈن دۇنيادىكى نورۇز تەنتەنىسىگە چۆمگەن قېرىنداشلىرىغا يوللايدۇ! نورۇز بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن! www.1miskal.comمەنبە