1950-يىلى 7-ئايدا ،جۇڭگو ئازاتلىق ئارمىيەسى 2-كورپۇس قىسمىنىڭ مۇستەقىل ئاتلىق ئەسكەر دىۋېزيەسى 1-پولىك1-روتىسىدىن تەشكىللەنگەن قىسىم،شىنجاڭ تەرەپتىن ئەڭ ئاۋال شىزاڭغا كىرىشتەك جاپالىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
ئالدىن ئەۋەتىلگەن بۇ قىسىم 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ،خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ پۇلۇ كەنتىدىن يولغان چىقىپ ،تارىختا داستان بولغىدەك تەنتەنىلىك سەپىرىنى باشلىغان.
ھەربىي يۈرۈشنىڭ دەسلەپكى ھەپتىسىدىلا بۇ قىسىم بارلىق توشۇش ئەترىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ،ھىچقانداق ئارقا سەپ تەمىناتىي بولمىغان ئاساستا يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغان.
قىسىم 1950-يىلى 9-ئاينىڭ9-كۈنى، 6000 مېتىرلىق تاغ چىگىراسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ،شىزاڭنىڭ ئالى رايۇن تەۋەلىكىگە كىرگەن.قىسىم توختىماستىن داۋاملىق ئىككى كۈن يول يۈرۈپ"زاماماڭبو" دىگەن يەرگە يېتىپ كېلىپ،بۇ يەردە بازا قۇرۇپ مۇقىملاشقان.
10- ئايدىن باشلاپ كوئىنلۇن تېغى قار بىلەن تۇسۇلغانلىقى سەۋەپ،ئالدىن ئەۋەتىلگەن بۇ قىسىم شىزاڭدىكى "يىگانە" قوشۇن بولۇپ قالغان.ئېگىزلىككە كۆنەلمەسلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن جەڭچىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئارقىدىن كەلگەن قوشۇن كەلگىچە ، ئالدىن يۈرگەن 136 جەڭچىنىڭ 63 نەپىرى ئۆلگەن. قالغان 73 نەپەر جەڭچىمۇ ھەر خىل كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ئارقا-ئارقىدىن يىقىلغان.
ئالدىن ئەۋەتىلگەن قىسىمغا تەمىنات يەتكۈزۈش جەريانىدا ،شىنجاڭ 4500 دىن ئارتۇق ئېشەك ۋە تۆگىلەردىن زىيان تارتقان.
ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر تەمىنات يەتكۈزگىچى قازا قىلغان بولۇپ، ئۇلار قىسىمغا 1.5 كېلو تۇز بىلەن 7 نان ھەمدە خەت چەكلەرنى ئوڭۇشلۇق يەتكۈزەلىگەن.
ئالدىن ئەۋەتىلگەن قىسىم ھەمدە تەمىنات يەتكۈزگىچى قىسىمدا بىرقانچە ئۇيغۇر،قازاق،مۇڭغۇل ئەسكەر .ۋە .تۇشۇغىچىلار بولۇپ ،ئەينى چاغدا نامسىز كۈچ چىقارغانلار....
