باش بېتۈ | MP3 | MTV | تۈما بېزەش رەسۈمۈ | يۇمشاق دۈتال | كۈنو | تور ېويۇنلۈرۈ | ناخشا ېۈزدەش| يانفۇن مۇزۈكۈسۈ

ېالدۈنقۈ تېماكۈيۈنكۈ تېما
مەزكۇر يازما 818 قېتۈم كۆرۈلدۈ
تېما: روزۈنۈڭ ھۈكمۈتۈ(ھ)
ھەق گەپ ېاچچۈق بولسۈمۇ ھەق سۆزلۈگۈن
دەرۈجە: سەھۈپە مەسېۇلۈ

ېەزا ېۇچۇرۈ ېەزا نومۇرۈ: 65
جۈنسۈ : ېەر (ېوغۇل)
نادۈر تېمۈسۈ: 13
ېومۇمۈي يازما: 1676
ېۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازۈرغۈچە1676دانە
ېۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلۈ: 19322 سوم
تۆھپۈسۈ: 30 كۈشۈ
ياخشۈ باھا: 5 نۇمۇر
تۈزۈملاش: 2010-05-31
ېاخۈرقۈ: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-14 18:54

روزۈنۈڭ ھۈكمۈتۈ(ھ)

                                                             
 

                                 رامىزان روزىسىنىڭ بۇيرۇلۇشنىڭ ھېكمەتلىرى

  رامىزان- قەمەرىيە (ئىسلامىي) ئايلىرىدىن 9- ئاينىڭ نامى بولۇپ، بۇئاي قۇرئان كەرىمدە ئىسمى بىلەن بايان قىلىنغان يىگانە ئايدۇر. رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز بولۇپ بۇيرۇلۇشنىڭ ھېكمەتلىرى تۆۋەندىكىچە :

   1- رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ئاي بولۇپ تۇنۇلغان بۇ ئايدا روزا ۋاستىسى بىلەن نەپسىنىڭ تەلەبلىرىنى ۋاقىتلىق رەت قىلىش ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنى چېنىقتۇرىدۇ ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گۇناھلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق تەقۋالىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشىدۇ. نەتىجىدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادەتلىرىگە لايىق بولىدۇ. 

   2- روزا ئىنساننى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى- پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش ۋە مەنئى قىلغانلىرىدىن يېنىشتىن ئىبارەت ئىتائەتمەنلىككە كۆندۈرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىتائەتمەنلىك قىلىش بولسا ھەقىقىي مۆمىنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە مەرھەمەتلىرى ئەنە شۇنداق مۆمىنلەرگە خاستۇر.         

  3- روزا ئىنسان نەپسىنى تەربىيەلەپ تاكامۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان بىر تەربىيە ۋاستىسىدۇر. روزا تۇتقان كىشى لەززەتلىك يېمەكلىكلەرنى ۋە سۇغۇق سۇنى كۆز ئالدىدا كۆرۇپ تۇرسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى كۆزلەپ سەۋىر قىلىدۇ، ئاچلىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بىرىدۇ. ئىنسان شۇنداق نەپسىنى كونترول قىلىش ئىشىغا بىرەر ئاي داۋام قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىدە ھەقىقىي سەۋرچانلىقنى يېتىلدۇرەلەيدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:» روزا سەۋرنىڭ يېرىمىدۇر « دەپ كۆرسەتكەن (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).  

   4- روزا ئىنساندا ياخشى ئىشلارنى سۈيىدىغان، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، يوقسۇللارغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىز بىر قۇل ئىكەنلىكىنى تۇنۇيدىغان  گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرىدۇ.

  مەلۇمكى، گۈزەل ئەخلاق ئىسلام دىنىنىڭ ئالدىنقى چاقىرىقى ۋە ئىماننىڭ بىر پارچىسىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : » مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تاماملاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم«دىگەن(بۇخارى رىۋايىتى)




                       روزىنىڭ بۇدۇنيالىق پايدىلىرى



1.روزا ئىنساننى دۇنيادا ئۆزىگە ئىشىنىپ، ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىغاندەك، ئۇنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلايدۇ

2.           روزا ئىنساننى ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن تەربىيەلەيدۇ.

3.روزا ئىنساننى گۇناھ، ئەيشى- ئىشرەت قىرلىرىدىن ساقلايدۇ.

4.   روزا ئىنساننى كېسەللىكلەردىن ساقلىققا ئېلىپ بارىدۇ


5.روزا ئىنسانغا سەۋىر قىلىشنى ئۈگىتىدۇ ۋە يېرىكچىلىكلەرگە چېنىقتۇرىدۇ


6. روزا ئىنسانغا نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىگە ھاكىم بولۇشنى ئۈگىتىدۇ


7. روزا ئىنسانغا ئىقتىساد قىلىشنى ئۈگىتىدۇ. چۈنكى روزا تۇتقان كىشى كۈندۈزدە خالىغىنىنى يېيىشتىن، ئىچىشتىن توسىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئۈگىنىدۇ


8. روزا ئىنسان تۇغۇلىشىدىن ئۆلگىچە تۇرماي ئىشلەپ تۇرغان ئاشقازاننى ئارام ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاجىزلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ


9.روزا ئىنساننى ئارتۇقچە سەمرىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. چۈنكى ئارتۇق سېمىزلىك كېسەللىكنىڭ ئالامىتىدۇر


10.روزا ئىنساننى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيلىنىشكە قۇدرىتى يەتمىگەن ياشلارغا روزا تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن : » ئەي ياشلار جامائەسى! توي قىلىشقا قادىر بولالىغىنىڭلار ئۆيلىنىڭلار، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى ۋە ئەزالارنى ھارامدىن ساقلايدۇ. توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ «(بۇخارى رىۋايىتى)





11. روزا ئىنساننىڭ ياخشىلىقنى سۈيىدىغان، مېھرى- شەپقەتلىك ۋە ساخاۋەتلىك بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا يېتەكچى بولىدۇ.


                              روزا تۇتۇشنىڭ تىببىي جەھەتتىكى پايدىلىرى


روزا تۇتۇشنىڭ تىببىي جەھەتتىكى پايدىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. كۈنىمىزدىكى زامانىۋىلاشقان مېدىتسىنا روزا تۇتۇشنى بەزى كېسەللىكلەر ئۈچۈن داۋا ئورنىدا قوللانماقتا. روزا تۇتۇش، بەزى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن پەرھىز(رېژىم) قىلىش دوختۇرلارنىڭ نەقەدەر مۇھىم تەۋسىيەسىگە ئايلانغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. پۈتۈن دۇنيا دوختۇرلىرى كېسەل كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى يەپ، نېمىلەرنى يېمەسلىكىنى ۋە قانداق ۋاقىتتا يەپ، قانداق ۋاقىتتا يېمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. روزا تۇتۇش ئومۇمەن ئىنساندىكى ھەزم قىلىش سېستىمىلىرىنى راھەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ داۋاملىق نورمال ئىشلەپ تۇرۇشىنى ساقلاپ قېلىشىغا ئالاھىدە ياردەمچى بولىدۇ.

   روزا تۇتۇش يەنە جېگەرنىڭ ساقلىقىنى ساقلايدۇ، چۈنكى روزا تۇتقان ياكى پەرھىز قىلىپ بىرنەرسە يېمىگەن كىشىنىڭ جىگىرى ئارام ئالىدۇ. جىگەر راھەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن كۆپلىگەن زەھەرلىك ماددىلارنى ئۇڭايچە بۇزۇپ تاشلاپ، باشقا ئەزالارنىڭ زەھەرلىنىشىنىڭ ۋە چارچىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەنە كۆپلىگەن دوختۇرلار بەزى كېسەللىكلەرگە روزا تۇتۇش ئارقىلىق رېژىم قىلىشىنى تەۋسىيە قىلماقتا. خۇسۇسەن قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۈچۈن روزا تۇتۇشنىڭ نەقەدەر پايدىلىق ئىكەنلىكىنى دوختۇرلار تەۋسىيە قىلماقتا. ئارتۇقچە سەمرىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاشلىرى ئۈچۈن روزا تۇتۇشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپتۇر.

   مۇسۇلمانلار » ئاشقازان كېسەللىكلەرنىڭ ئۆيى، داۋالىنىشنىڭ بېشى پەرھىز(يەنى يېمەك- ئىچمەكلەرنى سالامەتلىككە ئۇيغۇن دەرىجىدە ئىستىمال قىلىش)دۇر « دېگەن تەۋسىيەلەرنى ياخشى بىلىدۇ.

  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ » روزا تۇتۇڭلار ساغلام بولۇڭلار « دېگەن نەسىھىتىگە ئۇيغۇن ھالدا زامانىۋىلاشقان مېدىتسىنا » روزا تۇتۇڭ كىسەلدىن ئامان بولۇڭ « دەپ تەۋسىيە قىلماقتا
                                      روزا تۇتۇشنىڭ ئىجتىمائىي پايدىلىرى
 روزا تۇتقان كىشى يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسىلىرى يوق، ھالى ئېغىر، يېتىم- يېسىر يوقسۇللارنىڭ مۇڭ - زارىنى روزا تۇتۇش جەريانىدا ياخشىراق چۈشىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولىدۇ. جۈنكى ئاچلىقنىڭ دەردىنى چەكمىگەن كىشى ئاچ قالغانلارنىڭ ھالىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇ، ئۆزى توق يۈرگەنلىكتىن ھەممە كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش توق ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ، روزا تۇتۇپ ئاچلىقنىڭ دەردىنى تېتىپ كۆرسە ، شۇچاغدىلا كۈنلۈك ئوزۇقىنى تاپالمايدىغان كەمبەغەل بىچارىلەرنىڭ ھالىنى چۈشىنىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ ھاللىرىدىن خەۋەر ئېلىپ، ياردەم قىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن ئىنسانىي بورچ دەپ بىلىدۇ. مۇسۇلمانلىقنىڭ كامالىتى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ يۇمشاق بولۇشى، ئۆزىنىلا ئويلىماستىن باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىشى، خەير- ساخاۋەتلىك بولۇشى ۋە ھەركىمگە مېھرى- شەپقەتلىك بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ناھايىتى شەپقەتلىك بولۇپ، ئۇ پەقەت شەپقەتلىك كىشىلەرگىلا رەھىم شەپقەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » شەپقەتلىك كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھىم قىلىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە رەھىم قىلىڭلار! سىلەرگە ئاسماندىكى زات (ئاللاھ تائالا ) رەھىم قىلىدۇ «.

  يۇسۇف ئەلەيھىسسالام مىسىرنىڭ خەزىنىسىگە مەسئۇل بولغان ۋاقىتلىرىدا روزىنى كۆپ تۇتىدىكەن. ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە سورالغىنىدا: » مەن توق يۈرسەم ، پېقىرلارنىڭ ئاچلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشىمدىن قورقىمەن « دېگەن ئىكەن

روزا گۈزەل ئەقلاقنى يېتىلدۈرىدۇ
 

  ئىنسان نەپسى كۆپۈنچە ھاللاردا غەپلەتلەر بىلەن ئۆزىنى تېز ئۇنۇتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، پېقىرلىقىنى ۋە خاتالىقلىرىنى كۆرمەيدۇ، كۆرۈشنىمۇ خالىمايدۇ. خۇددى ھېچ ئۆلمەيدىغاندەك ھېرىس بىلەن دۇنيا ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. لەززەتلىك ۋە مەنپەئەتلىك بولغان ھەممە نەرسىگە باغلىنىدۇ. ئۆزىنى ياراتقاننى ئۇنۇتىدۇ، ئاخىرەت ھەققىدە ئانچە ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. روزا بولسا، ھەرقانداق غاپىل، ھاكاۋۇر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، پېقىرلىقىنى ۋە بىچارە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇ، روزا تۇتۇش جەريانىدىكى ئاچلىق ۋاستىسى بىلەن ئاۋۋال ئاشقازىنىنى ئويلايدۇ ۋە ئاشقازاننىڭ ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىدۇ، ئاجىز بەدىنىنىڭ نەقەدەر كىچىك ۋە چىدامسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئۆزىنىڭ شەپقەتكە قانچىلىك مۇھتاج بولىدىغان ئاجىز بىر مەۋجۇدات ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مانا بۇۋاقىتتا، ئەقىللىق ئىنسان ئۆز نەپسىنىڭ پىرئەۋنلىقىنى تاشلاپ، ئاجىزلىقىنى ۋە مۇھتاجلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىش يولىغا كىرىدۇ.

 

روزا تۇتۇش ئىرادىنى تاۋلايدۇ
   

 ھاياتلىق ئاللاھ تائالانى تونۇش يولىدىكى بىر سەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ كامالىتى ۋە غايىسى ئاللاھ تائالاغا لايىقىدا شۈكۈر ئەيلەپ، بەندىچىلىكنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۇنى رازى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. روزا تۇتۇش بولسا، بوسەپەردىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق مەشىقتۇر. ئىنسان بۇمەشىق ئارقىلىق بەدەن ۋە نەپسىي ھەۋەسلىرىنىڭ تىزگىنىنى ئۆزى تۇتۇپ باشقۇرۇش بىلەن ئۆزىنىڭ خوجايىنلىقىنى يۈرگۈزىدۇ ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلىغان بولىدۇ. نەپسىي- ھەۋەسلەرنىڭ ۋە كۆكۈلنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ باشقۇرۇش ئۈچۈن مۇستەكەم ئىرادە كېرەك. ئىرادە ئەقىل بىلەن ۋىجداننىڭ تەلەبلىرىگە ماسلىشىشقا ئۆزىنى كۆندۈرۈش ئارقىلىق كۈچىيىدۇ ۋە پىشىپ يېتىلىدۇ. روزا تۇتۇش ئىرادىنى كۈچەيتىش ۋە سەۋىرچانلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. روزا تۇتقان كىشى ئالدىدا يېمەك- ئىچمەكلەر تەييار تۇرسىمۇ، يېمەي- ئىچمەي ئاچلىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىدۇ. ئۇنى يېيىش- ئىچىشتىن ۋە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن پەقەت ئۇنىڭ ۋىجدانى توساپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنى نازارەت قىلىدىغان ئاللاھ تائالا بىلەن ۋىجدانىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوقتۇر. بۇخىل چېنىقىش ھەركۈنى 15 سائەت ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ياكى ئازراق ۋاقىت داۋام قىلىدۇ. دۇنيادا قانداق مەكتەپ ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى ۋە سەۋىرچانلىقىنى يېتىشتۈرۈشتە ئىسلامىي روزىغا يېتەلىسۇن؟!

گېرمانىيىلىك بىر پىسخولوگىيە دوختۇرى ئۆزىنىڭ » ئىرادىنى تىكلەش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ ئامىللىرى « ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: » ئىرادىنى تىكلەش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئامىل روزا تۇتۇشتۇر «. ئەمما ئىسلام دىنى ھازىرقى پىسخولوگىيە ئالىملىرى ئەمدىلا ئىسپاتلاپ چىققان ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى مۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇنلا ئىسپاتلىغان. بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ- بىز يوقىرىدا بايان قىلغان ھەدىستىكى- ياشلارغا قىلغان تەۋسىيەسى يېتەرلىك بولسا كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىنىڭ كىشىگە سەۋىرچانلىقنى ئۈگىتىدىغانلىقى توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: » روزا تۇتۇش سەۋرنىڭ يېرىمىدۇر «(ئىبنى ماجە رىۋايىتى). چۈنكى ئىنساندا ئۈچ خىل قۇۋۋەت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى : نەپسىي ھەۋەس قۇۋۋىتى، يەنە بىرى: يىرتقۇچىلاردا بولىدىغان غەزەپ قۇۋۋىتى، يەنە بىرى: پەرىشتىلەردە بولىدىغان روھى قۇۋۋەتتۇر. ئىنساننىڭ روھى قۇۋۋىتى يوقۇرىقى ئىككى قۇۋۋەتنى بېسىپ ئۆتەلىگەن ۋاقىتتا، ئۇ، ھەقىقىيي سەۋىرنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى كۈرەش ۋە جىھاد دىنىدۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھاياتلىقنىڭ كۈرەشلىرىگە تاقابىل تۇرالىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ۋە ئەڭ ئاۋۋالقى كۈچ- قۇۋۋىتى سەۋىر بىلەن قەتئىي ئىرادىدۇر. ئۆز نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىنى يېڭەلمىگەن كىشى دۈشمەننى ھەرگىزمۇ يېڭەلمەيدۇ. بىرەر كۈنلۈك ئاچلىققا چىدىيالمىغان كىشى ئۇلۇغۋار غايىگە يېتىش يولىدا بەدەل تۆلەشكە چىدىمايدۇ.

  

روزا ئىنسانغا پەرھىزنى ئۈگىتىدۇ
  

  روزا ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى پەرھىز ھەم تىببىي جەھەتتىكى قوغدىنىشتۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى خالىغانچە يېيىش- ئىچىش بىلەن ھەركەت قىلىدىغان بولسا،  ئىنتىزامسىز يېيىش - ئىچىش بىلەن ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەم ھالال- ھارامنى ئىلغىماستىن ھەر نەرسىگە بېرىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىگە زىيان سالغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا روھنىڭ ۋە ئەقىلنىڭ تەلەبلىرىگە بويسۇنۇش ئېغىر تۇيۇلىدۇ- دە، ئاستا- ئاستا نەپسىي ھەۋەس ئۇنى تىزگىنلەشكە باشلايدۇ. بۇۋاقىتتا ئۇنى نەپسىي ھەۋىسى باشقۇرىدىغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئىنسانلىق خىسلىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىنسان روزا سايىسىدا بۇ روزىنىڭ ۋاستىسى بىلەن پەرھىز قىلىشنى ئۈگىنىدۇ. رىيازەت چېكىشكە كۈنىدۇ ۋە بىچارە ئاشقازاننى ئارقا- ئارقىدىن يېمەك بىلەن تولدۇرمىغاچقا كېسەللەردىن ئامان بولىدۇ.