روزا گۈزەل ئەقلاقنى يېتىلدۈرىدۇ
ئىنسان نەپسى كۆپۈنچە ھاللاردا غەپلەتلەر بىلەن ئۆزىنى تېز ئۇنۇتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، پېقىرلىقىنى ۋە خاتالىقلىرىنى كۆرمەيدۇ، كۆرۈشنىمۇ خالىمايدۇ. خۇددى ھېچ ئۆلمەيدىغاندەك ھېرىس بىلەن دۇنيا ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. لەززەتلىك ۋە مەنپەئەتلىك بولغان ھەممە نەرسىگە باغلىنىدۇ. ئۆزىنى ياراتقاننى ئۇنۇتىدۇ، ئاخىرەت ھەققىدە ئانچە ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. روزا بولسا، ھەرقانداق غاپىل، ھاكاۋۇر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، پېقىرلىقىنى ۋە بىچارە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇ، روزا تۇتۇش جەريانىدىكى ئاچلىق ۋاستىسى بىلەن ئاۋۋال ئاشقازىنىنى ئويلايدۇ ۋە ئاشقازاننىڭ ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىدۇ، ئاجىز بەدىنىنىڭ نەقەدەر كىچىك ۋە چىدامسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئۆزىنىڭ شەپقەتكە قانچىلىك مۇھتاج بولىدىغان ئاجىز بىر مەۋجۇدات ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مانا بۇۋاقىتتا، ئەقىللىق ئىنسان ئۆز نەپسىنىڭ پىرئەۋنلىقىنى تاشلاپ، ئاجىزلىقىنى ۋە مۇھتاجلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىش يولىغا كىرىدۇ.
روزا تۇتۇش ئىرادىنى تاۋلايدۇ
ھاياتلىق ئاللاھ تائالانى تونۇش يولىدىكى بىر سەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ كامالىتى ۋە غايىسى ئاللاھ تائالاغا لايىقىدا شۈكۈر ئەيلەپ، بەندىچىلىكنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۇنى رازى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. روزا تۇتۇش بولسا، بوسەپەردىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق مەشىقتۇر. ئىنسان بۇمەشىق ئارقىلىق بەدەن ۋە نەپسىي ھەۋەسلىرىنىڭ تىزگىنىنى ئۆزى تۇتۇپ باشقۇرۇش بىلەن ئۆزىنىڭ خوجايىنلىقىنى يۈرگۈزىدۇ ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلىغان بولىدۇ. نەپسىي- ھەۋەسلەرنىڭ ۋە كۆكۈلنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ باشقۇرۇش ئۈچۈن مۇستەكەم ئىرادە كېرەك. ئىرادە ئەقىل بىلەن ۋىجداننىڭ تەلەبلىرىگە ماسلىشىشقا ئۆزىنى كۆندۈرۈش ئارقىلىق كۈچىيىدۇ ۋە پىشىپ يېتىلىدۇ. روزا تۇتۇش ئىرادىنى كۈچەيتىش ۋە سەۋىرچانلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. روزا تۇتقان كىشى ئالدىدا يېمەك- ئىچمەكلەر تەييار تۇرسىمۇ، يېمەي- ئىچمەي ئاچلىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىدۇ. ئۇنى يېيىش- ئىچىشتىن ۋە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن پەقەت ئۇنىڭ ۋىجدانى توساپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنى نازارەت قىلىدىغان ئاللاھ تائالا بىلەن ۋىجدانىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوقتۇر. بۇخىل چېنىقىش ھەركۈنى 15 سائەت ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ياكى ئازراق ۋاقىت داۋام قىلىدۇ. دۇنيادا قانداق مەكتەپ ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى ۋە سەۋىرچانلىقىنى يېتىشتۈرۈشتە ئىسلامىي روزىغا يېتەلىسۇن؟!
گېرمانىيىلىك بىر پىسخولوگىيە دوختۇرى ئۆزىنىڭ » ئىرادىنى تىكلەش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ ئامىللىرى « ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: » ئىرادىنى تىكلەش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئامىل روزا تۇتۇشتۇر «. ئەمما ئىسلام دىنى ھازىرقى پىسخولوگىيە ئالىملىرى ئەمدىلا ئىسپاتلاپ چىققان ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى مۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇنلا ئىسپاتلىغان. بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ- بىز يوقىرىدا بايان قىلغان ھەدىستىكى- ياشلارغا قىلغان تەۋسىيەسى يېتەرلىك بولسا كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىنىڭ كىشىگە سەۋىرچانلىقنى ئۈگىتىدىغانلىقى توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: » روزا تۇتۇش سەۋرنىڭ يېرىمىدۇر «(ئىبنى ماجە رىۋايىتى). چۈنكى ئىنساندا ئۈچ خىل قۇۋۋەت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى : نەپسىي ھەۋەس قۇۋۋىتى، يەنە بىرى: يىرتقۇچىلاردا بولىدىغان غەزەپ قۇۋۋىتى، يەنە بىرى: پەرىشتىلەردە بولىدىغان روھى قۇۋۋەتتۇر. ئىنساننىڭ روھى قۇۋۋىتى يوقۇرىقى ئىككى قۇۋۋەتنى بېسىپ ئۆتەلىگەن ۋاقىتتا، ئۇ، ھەقىقىيي سەۋىرنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى كۈرەش ۋە جىھاد دىنىدۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھاياتلىقنىڭ كۈرەشلىرىگە تاقابىل تۇرالىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ۋە ئەڭ ئاۋۋالقى كۈچ- قۇۋۋىتى سەۋىر بىلەن قەتئىي ئىرادىدۇر. ئۆز نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىنى يېڭەلمىگەن كىشى دۈشمەننى ھەرگىزمۇ يېڭەلمەيدۇ. بىرەر كۈنلۈك ئاچلىققا چىدىيالمىغان كىشى ئۇلۇغۋار غايىگە يېتىش يولىدا بەدەل تۆلەشكە چىدىمايدۇ.
روزا ئىنسانغا پەرھىزنى ئۈگىتىدۇ
روزا ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى پەرھىز ھەم تىببىي جەھەتتىكى قوغدىنىشتۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى خالىغانچە يېيىش- ئىچىش بىلەن ھەركەت قىلىدىغان بولسا، ئىنتىزامسىز يېيىش - ئىچىش بىلەن ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەم ھالال- ھارامنى ئىلغىماستىن ھەر نەرسىگە بېرىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىگە زىيان سالغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا روھنىڭ ۋە ئەقىلنىڭ تەلەبلىرىگە بويسۇنۇش ئېغىر تۇيۇلىدۇ- دە، ئاستا- ئاستا نەپسىي ھەۋەس ئۇنى تىزگىنلەشكە باشلايدۇ. بۇۋاقىتتا ئۇنى نەپسىي ھەۋىسى باشقۇرىدىغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئىنسانلىق خىسلىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىنسان روزا سايىسىدا بۇ روزىنىڭ ۋاستىسى بىلەن پەرھىز قىلىشنى ئۈگىنىدۇ. رىيازەت چېكىشكە كۈنىدۇ ۋە بىچارە ئاشقازاننى ئارقا- ئارقىدىن يېمەك بىلەن تولدۇرمىغاچقا كېسەللەردىن ئامان بولىدۇ.