باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1263 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: <دۇنيادىكى ئەڭ ھۆكۈمران قىز>تىمىسىغا(ئەنجۈرە)
ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 226
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە226دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 2761 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-18 12:05

<دۇنيادىكى ئەڭ ھۆكۈمران قىز>تىمىسىغا(ئەنجۈرە)

       ئەسسالامۇئەلەيكۇم:
      قانداق ئەھۋالىڭلار ئەزىز مۇنبەرداش قېرىنداشلىرىم؟! بەلكىم ھەپتە ئاخىرىدىكى كۈنلىرىڭلار ئۆزگىچە مەنەلار ئىچىدە ئۆتىۋاتقاندۇ؟! مۇنبەر يۈزىدە ئايرىپ تىما يوللاپ سىلەر بىلەن سالاملاشمىغىلى خېلى بوپتۇ.بۈگۈن يەنە شۇ باغرى كەڭرى بولغان ساينى (كەڭساي) زىيارەت قىلىپ ئولتۇرۇپ سىلەرگە بۇ تىما ئارقىلىق سالام يوللاشنى شۇنداقلا مۇنبەرنى ئېچىپلا تۇنجى بولۇپ كۆزۈم چۈشكەن تىما توغرىسدا ئويلىغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ يەنە مۇشۇ سىياھى تۈگەپ كەتمەيدىغان كومپىيوتىرىم ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن.ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ ئىشىلىرىنى ئاسان،يولىنى راۋان قىلىش بىلەن بىرگە،ۋاقىتمىزغا،ئۆمرىمىزگە،ياشلىقىمىزغا بەركەت ئاتا قىلغاي.
       مۇنبەرنى ئېچىپ مۇنبەردىشىمىز غەيرەت 828  يوللىغان ‹دۇنيادىكى ئەڭ زومىگەر قىز›/read.php?tid-15686.html دىگەن ماۋزۇنى كۆرۈپ مەندىنمۇ بەكرەك ھۆكۈمران قانداق قىزدۇ دەپ بۇ تىمىغا كىرىشىم ئىدى.ئەتراپىمدىكى ماۋۇ بىر قىسىم ھەمشىرىللىرىمگە،ئۆيدە ئۇكۇللىرىمغا قىلىپ قويىدىغان<ھۆكۈمرانلىقىم> بىلەن بۇ ھۆكۈمرانلىقنىڭ خېلىلا پەرقى بار ئىكەن......تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم.قارىسام ئۇ تىمىدىكى قىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى كۆپىنچە مۇنبەرداشلار ياقتۇرمىغاندەكمۇ قىلىدۇ.(ئۇنداق قىزلاردىن ئاللاھ ساقلىسۇن،ئۇنداق قىزلاردىن يىراق قېچىڭلار.....)دىگەندەك ئىنكاسلارغا (ئوغوللاردىنمۇ ياخشىسى يوق) دىگەندەك قايتۇرما زەربىلەرمۇ بىرىلىپتۇ.
    ئۈنۋىرسال مۇنبەرلەردىكى تىمىلارنى كۆز يۈگۈرتۈپ ئاساسى مەزمۇنى بىلگەندىن كىيىن ئىنكاسلارغا بەكرەك دىققەت قىلىپ چوڭقۇر پىكىر قىلغان ۋەياكى بەكلا غۇلغۇلا قىلىشىپ كەتكەن تىمىلار بولسا قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقىدىغان خۇيۇم بولغاچ بۇ تىمىنىمۇ قايتىدىن ئوقۇپ چىقتىم ھەم تىمىدىكى قىزنىڭ ئويلىرىنى ئۇنچە بەك بولماي قالمايدىكەنغۇ دىگەن ئويغىمۇ كەلدىم.تىمىدىكى بىر قىسىم پىكىرلەرنى ئىنكار قىلساقمۇ ياخشى بولماس؟!شۇ سەۋەپ مەنمۇ ئويلىرىمنى ئىنكاس شەكلىدە ئەمەس بەلكى تىما شەكلىدە ئوتتۇرغا قويدۇم.

11.ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىشىڭىزنى چوتكىلاشنى ئۇنۇتمىغايسىز.12.سىزنىڭ بەك كېلىشكەن بولىشىڭىزنى تەلەپ قىلمايمەن ، ئەمما پاكىز بولىشىڭىز كېرەك (تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك،پاكىزلىقمۇ ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر)
14.مەن سىزنى ئائىلە ئېلىكتىرسايمانلىرىنى ياخشى بىلىدۇ ، رېمونت قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن .(مەنچە ئوغول بالا بىر قىسىم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى يەنىلا ئۆزى قىلغان ياخشى.مەنمۇ جېنىمدا بىر قىسىم سايمانلارنى چۇۋۇپ-قۇراشتۇرۇپ سىناپ باقىمەن.‹بۇنداق سايمانلارنىڭ رىمونتخانىغا ئاپارسا يانچۇققىمۇ خېلى زىيان بولىدۇ،ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزى قىلالىغۇدەك ئىش بولسىلا ئۆزى قىلىپ يانچۇققا ئارتۇق زىيان سالمىسا ياخشى.ئاتۇشچە ئىقتىسادىي كۆز قاراش.›)
 17.بىر يۇمۇر ياكى بىر سۆزنى ئەڭ ياخشىسى 20 قېتىمدىن ئارتۇق تەكرارلىماڭ.(.ئاز-ساز سۆزلەش ھەم يۇمۇرىستىكىلىققىمۇ ئىگە بولسا ئۆزىنىمۇ،ئۆزگىنىمۇ خۇشال قىلالايدۇ.)
21.مەن سىزنىڭ كەلسە كەلمەس بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ بولىشىدىن ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىزنى يامان يولغا باشلىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن.(كىشىگە ئەتراپىدىكى مۇھىت ھەر ۋاقىت تەسىر قىلىدۇ.)
 23.مەن سىزگە تاماق ئېتىپ بەرگەندە يىيىشنىلا بىلمەي ،چوقۇم بەك ئوخشاپتۇ دېيىشىڭىز كېرەك .(باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش،شۇنداقلا رىغبەتلەندۈرۈشمۇ ياخشى خىسلەت.)
24.ساز چېلىش ، رەسىم سىزىش ،شاھمات ئويناش ، ھەرخىل تەنتەربىيە ، ناخشا ئېيتىش،يېزىقچىلىق قاتارلىقلارنىڭ كەم د ېگەندە بىرىگە ماھىر بولىشىڭىز(كومپىيۇتېردا ئويۇن ئويناش ھېساپ ئەمەس) ،قالغانلىرىنى بولسا ئاز-تولا بىلىشىڭىز كېرەك .(چوڭلىرىمىزنىڭ ئوغول بالا ئۈچۈن 72 خىل ھۈنەرمۇ ئازلىق قىلمايدۇ دىگەن ئىكەن،ھەر تەرەپتىن يىتىشىپ چىققان ياخشى)
25.مېنىڭ خىزمىتىمدىن بەھىرلىنىشنى بىلىشىڭىز كېرەك .(خىزمەت پەقەت كاللىمىزغا دەرھال كىلىدىغان <مۇئاشلىق>خىزمەت بولماستىن يەنە داۋاملىق قىلىنىپ تۇرىدىغان <مۇئاشسىز خىزمەت>نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز قىلۋاتقان شۇ خىزمەتلەردىنمۇ بەھىرلىنىپ،رىغبەتلەندۈرگىنى شۇنداقلا رازى بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشمۇ ئەقەللى بىر ئىش بولسا كىرەك؟!)
26.ئەرلىك غورۇر زومىگەرلىك ھېساپلانمايدۇ .(ئەرلىك غورۇرۇم دەپ ھەممىنى ئۇنتۇپ زومىگەرلىك قىلىش بىر ئەقىل ئىگىسىگە جۈملىدىن مۇسۇلمان ئەرگە ماس  ئىش ئەمەس.رەببىمىزمۇ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن چەكلىگەن.)
27.مۇلايىملىق مۇستەقىل قارىشى يوق ھېساپلانمايدۇ (مۇلايىملىق مەيلى ئايال ۋە ياكى ئەر بولسۇن ماس كىلىدىغان تەرەپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆيۈملۈك پەيخەمبىرىمىزمۇ شۇقەدەر مۇلايىم،خۇشپىئىل كىشى ئىدى.)
28.ئەركىن يۈرۈش ئۆز بېشىمچىلىق ھېساپلانمايدۇ.(ئەرنىڭ چىكىدىن ئاشمىغان،شەرىئەتتە چەكلەنمىگەن ھالەتتىكى ئەركىن يۈرۈشى بىلەن ئايالنىڭ ئىتائەت ئاستىدىكى يەنى رەببى ۋە ئۆزىگە تەۋە بولغان ھامىيلىرى ئالدىدا شەرىئەت يولغا قويغان ھالەتتىكى ئەركىن يۈرۈشى چىكىدىن ئاشقانلىق،ئۆز بىشىمچىلىق قىلغانلىق بولماستىن بەلكى قوللاشقا تىگىشلىك ئەھۋال بولسا كىرەك.)
30.سىزنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىڭىزنى ياقتۇرىمەن ، ئەمما ئىمكان قەدەر ۋاقت چىقىرىپ ماڭا ھەمراھ بولىشىڭىز كېرەك.(ئىشلىگەن تاپار،ئىسلامدىمۇ تىرىشىپ ھالال ئىشلەپ تېپىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ئەمما ئىشلىدىم،تىرىشتىم دەپ ئەتراپىدىكىلەرنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويۇش،مىھرىبانلىق كۆرسىتىشتىن يىراق تۇرۇش يەنى شۇنداق تىرىشىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتقانلارنىڭ ئەمگىكىگە كۆز يۇمۇشمۇ تۇزكورلۇقنىڭ ئىپادىسى.دۇنيا مىھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.)
42. ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋاقىرىماسلىقىڭىز ، بىر ئىشلارغا ئۇنچىۋالا ھەيران قالماسلىقىڭىز ، ماڭا چالۋاقىماسلىقىڭىز ، مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتمەسلىكىڭىز كېرەك 43.(ئاممىۋى سورۇنلاردا تارتىنچاقلىق قىلىش ، گەپ قىلماسلىق سىپايىلىق ھېساپلانمايدۇ )ئاممىۋى سورۇنلاردا سېسىق گەپ قىلىش ، خاراكتىرى بار ھېساپلانمايدۇ .(بۇ بولۇشقا تىگىشلىك ئىنسانىي ئەخلاق،مەنچە ئەقىل ئىگىللىرىگە ئارتۇق ئەسكەرتىش ھاجەتسىز بولسا كىرەك.)
45.مەن بىر ئىشنى قىلىغاندا مېنى تىللىسىڭىز ھېچقىسى يوق ، مۇھىمى شۇنىڭدىن كېيىن مېنى بەزلىشىڭىز كېرەك.(تىللاش يولىدا،مۇۋاپىق بولۇشى كىرەك،يولسىز ھالەتتىكى تىللاش ئەمەس بەلكى ئىلمى ھالەتتىكى ‹تىللاپ تۇرۇپ تەربىيە قىلىش›ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.ئاندىن يەنە ئەر كىشىنىڭ قەھرىمۇ،زەھرىمۇ شۇنىڭغا ماس بەزلەشتىن ئىبارەت ماھىرلىقىمۇ بولۇشى كىرەك،بۇ ئۆزى ئۈچۈنمۇ قارشى تەرەپ ئۈچۈنمۇ ياخشى.)
49.تىلى ئاچچىق ، دىلى تۈزۈك بولۇش مېنىڭ ئالاھىدىلىكىم ،بولۇپمۇ ئاچچىقلىغان چېغىمدا تىللىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى يالغان بولۇپ ، بارمايمەن دېگىنىم بارىمەن دېگىنىم ، كېرىگى يوق دېگىنىم كېرەك دېگىنىم ، ئەسكى دېگىنىم ياخشى دېگىنىم.(بىرقىسىم ئاياللاردا بولۇپمۇ مەن ئۇچراتقان كۆپىنچە خانىم-قىزلىرىمىزدا  قارىماققا ئاچچىق،سېسىق گەپتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە شۇ گەپنىڭ دەل ئەكسىچە گەپ قىلىدىغانلار كۆپرەك سالماقنى ئىگەللىسە كىرەك.بۇ تەرەپلەرگىمۇ دىققەت قىلىپ قويغۇلۇق.ئايال كىشىنىڭ بەكلا چىكىدىن ئاشۇرۋىتىشىمۇ ۋاقتى كەلگەندە سەلبى تەسىرگە كەلتۈرۈپ قويمايمۇ قالمايدۇ.)
50.مەن ئاچچىقلىغاندا چوقۇم دەرھال بەزلىشىڭىز ، ئاچچىغى بېسىقسۇن دەپ قاراپ تۇرماسلىقىڭىز كېرەك .چۈنكى مېنىڭ ئاچچىغىمنى بېسىشقا ۋاقت كەتمەيدۇ .(بۇ تەرەپ ھەر كىشىدە ئوخشاش بولمىسا كىرەك.شەخسەن ئاپامنىڭ ئاچچىقى كەلگەندە كۆزىگە كىرۋالسا تېخىمۇ بەكرەك ئاچچىقى كىلىپ قالىدۇ،بىر مەزگىل چەتكە ئۆتسە تىزلا ياخشىلىنىپمۇ قالىدۇ.ئەمما يەنە بىر قىىسم ئاياللار دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بەزلەشنى ئۈمۈدمۇ قىلىدۇ.ھەر كىشى ئەھۋالىغا يارىشا مۇئامىلە قىلىشسا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.)
51.مەن ياقتۇرىمەن دېگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ماڭا سوغا قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . پەقەت ئالاھىدە خاتىرە كۈنلەردە شۇلاردىن بىرەر-ئىككىسىنى سوغا قىلىپ ، مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئېسىڭىزدە تۇتقانلىقىڭىزنى ماڭا بىلدۈرسىڭىزلا كۇپايە.(ئۆز-ئارا ھەدىيە،سوۋغا قىلىشمۇ قېرىنداشلىق،دوستلۇق مىھىر-مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشكە سەۋەپ بولىدۇ.پەيخەمبىرىمىزمۇ ھەدىيەنى،سوۋغىنى قايتۇرۋەتمەسلىكىمىزنى تەكىتلىگەن.ئەر-ئاياللار دوستۇر.شۇنىڭدەك ئەر-ئاياللارمۇ ئاز ۋە ئاددى بولسىمۇ بىر-بىرىگە ھەدىيە بىرىشىپ تۇرسا مىھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىشكە،ئائىلىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.)
53.دوستلىرىڭىزغا ھەمراھ بولسىڭىز بولىدۇ ، ئەمما مېنى چوقۇم دوستلىرىڭىزدىن ئەلا بىلىشىڭىز كېرەك .(كىشلىك مۇناسىۋەت جايىدا،نورمال بولغىنى ياخشى.ئاغىنە-بۇرادەر،دوست،ئۇرۇق-تۇققاننى دەپ ئۆز ئائىلىسىنى يادىدىن چىقىرىپ قويۇش ۋە ياكى ئائىلىنى دەپ سىرىتتىكى كىشلىك ئالاقە مۇناسىۋەتنى تاشلاپ قويۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس.مىھرىبانلىقنى ئەڭ ئاۋۋال شۇ جەمىئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىدىن باشلاش ئاندىن سىرتقا چىقىش ياخشى.ئائىلە خاتىرجەم بولغاندا ئىنشائاللا باشقا ئىشلارمۇ تەبىيئلا يۈرۈشۈپ كىتىدۇ.)
56.مال سېتىۋېلىش ئاياللارنىڭ تۇغما تەبىئىتى بولۇپ ،مال سېتىۋېلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلماڭ ياكى باشىقىچە پىكىردە بولماڭ ، ئەڭ ياخشىسى پات-پات ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىپ تۇرۇڭ .(يەنىلا شەرىئەتتە چەكلەنمىگەن ئاساستا ئۆز-ئارا بار مەسلىھەت بىلەن ئىش كۆرسە ياخشى بولىدۇ.چۈنكى بىر كاللىدىن ئىككى كاللا ياخشىراق.ۋاقتى كەلگەندە تەڭ ئەقىل ئىشلىتىپ بىر قىسىم ئىشلارنى ھەل قىلغاندا قارشى تەرەپنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە،چارچاپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا سەۋەپ بولىدۇ.)
57.مەن سىزنىڭ مۆرىڭىزنى ئۇۋۇلاپ قويسام بولىدۇ ، مەنمۇ بەزىدە چارچاپ قالىمەن شۇنداق چاغلاردا سىزنىڭمۇ مېنىڭ مۆرەمنى ئۇۋۇلاپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.(يەنىلا مىھىر-مۇھەببەتنى،كۆيۈنۈشنى تەكىتلەشكە توغرا كىلىدۇ.ئەرمۇ،ئايالمۇ ئوخشاشلا ئاللاھ ياراتقان جىسمانىي ۋە ئەقلى جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە پەرقى بار ئادەمدۇر.بىر قىسىم ئەرلىرىمىز ئاياللارنى خۇددى ھارماس-تالماس‹ماشىنا ئادەم›قاتارىدا كۆرۈپ،ئۇلارنىڭ توختاۋسىز قىلۋاتقان شۇ ئىشلىرىنى كۆزى كۆرمەي قالىدۇ ۋە ياكى قىلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپسىدۇر دەپلا ئويلىۋىلىپ كۆڭۈل بۆلۈشنى ئاغزىدا بولسىمۇ ‹چارچاپ قالدىڭلار،ئارام ئېلىۋىپ ئاندىن داۋاملاشتۇرۇڭلار.›دىگەن سۆزنى بولسىمۇ چىقىرىپ قويمايدۇ ۋەياكى ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن كۆزمۇ يۇمۇپ يوققا چىقىرىدۇ‹.ئاللاھ بۇنداق ئەردىن ساقلىسۇن.›ئۆزىنى ھەقىقىي بىر مۇسۇلمان ئەر دەپ قارايدىغانلار،قەلبىدە رەببىگە بولغان سۆيگۈسى بولغانلار ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى مۇھىم بىلگەندەك ھالال جۈپتىگە،ئائىلىسىگە،پەرزەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى،ئاسراشنى خۇشاللىق ۋە بەخت دەپ ھىسابلايدۇ. ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەسئۇلىيىتىنى بىلىپلا قالماي ئۇ دۇنيادا ئۇچرايدىغان سوراق-سۇئاللارمۇ ھەرۋاقىت يادىدا تۇرىدۇ.)

 باشقا ماددىللىرىدا بىرقىسىم نوقسانلار مەۋجۈت ئىكەن دەپ ئويلاپ شاللاپ چىقىرۋەتتىم. بەلكىم مىنىڭ مۇشۇ ماددىلارغا نىسبەتەن پىكىر يۈرگۈزىشىمدىمۇ مەسىلە باردۇ؟! مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆز-ئارا ئىلمى ئۇسۇلدا پىكىر-تەپەككۇر قىلىپ بېقىشىنى شۇنداقلا ماڭا ھەرۋاقىت ئەينەك بولۇپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. گەپ-سۆزلىرىمدە خاتالىق بولسا ئەڭ ئاۋۋال رەببىمدىن ئېغىز خاتالىق گۇناھىمنى تىلەيمەن ئۇندىن كىيىن قېرىنداشلارنىڭ كۆرسەتمە بىرىشىنى سورايمەن.

[ بۇ يازمىنىanjura 2012-03-19 09:49قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2471
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2471دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30391 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10

ياخشى يىزىپسىز جۇمۇ ئاچا 
[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2012-03-18 17:27قايتا تەھرىرلىد ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 451
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە451دانە
ئۆسۈش: 840 %
مۇنبەر پۇلى: 5007 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-05-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-18 16:15

دىمىگەن بىلەن ئەنجۈر خىنىمنىڭ تەپەككۇر ئېتى خېلى چېپىپ قۇيىدۇ.
ئەمما مەن سىزگە دەپ قۇياي ئەنجۈرە ساقام. يۇقارقى ماددىلارنى ئۈزىڭىزگە قانۇن قىلۋالماڭ. بولمىسا بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىسىز  (بىر كۆزنى قىسسىپ ھىجايغان چىراي ئىپادىسى...)
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2471
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2471دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30391 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-18 17:24

2-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

قىزۋالىغا كۆز قىسىپ ھىجايمايلى، ناماھرەم بولىدا  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 451
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە451دانە
ئۆسۈش: 840 %
مۇنبەر پۇلى: 5007 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-05-09
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-18 17:42

ھۇييۇ........... تاھىربەگ ئەپەندى .
مۇشۇ گىپىڭلىگە ئەمەل قىلىڭلا جۈما... قىز ساۋاقداشلىرىڭلاردىن ئىھتىيات قىلىڭلا ماقما...
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11161
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-18
ئاخىرقى: 2012-03-18
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-18 17:47

4-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

تاھىربەگنىڭ قاسساپ قىز ساۋاقداشلىرىمۇ بارىكەندە
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 820
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە820دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9561 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-05-01
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-18 17:49

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئەنجۈرە، سالامنى تەلەپپۇز قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى 2-3 يىلدىن بېرى ئۆزگەرتەلمىدىڭىز،   بۇندىن كېيىن سالامنى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ يېزىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.  قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىمۇ شۇنداق.
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 226
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە226دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 2761 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-18 20:49

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى ئىزباسار نىڭ 2012-03-18 16:15 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
دىمىگەن بىلەن ئەنجۈر خىنىمنىڭ تەپەككۇر ئېتى خېلى چېپىپ قۇيىدۇ.
ئەمما مەن سىزگە دەپ قۇياي ئەنجۈرە ساقام. يۇقارقى ماددىلارنى ئۈزىڭىزگە قانۇن قىلۋالماڭ. بولمىسا بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىسىز  (بىر كۆزنى قىسسىپ ھىجايغان چىراي ئىپادىسى...)

ئەسسالامۇئەلەيكۇم:
ئۇنچە بەكمۇ چېپىپ كەتمىگەندۇ؟! دىمەكچى بولغان مەقسىتىمنى خاتا چۈشۈنىۋالغاندەك قىلامسىز قانداق؟؟؟ مەنمۇ تېخى ئۆزۈمگە چوقۇم شۇنداق بولىدۇ ۋە ياكى بولسۇن دەپ قانۇن-تۈزۈم بىكىتىۋالغىنىم يوق.بۇ ھەقتىكى قانۇن-تۈزۈملەر ئاللاقاچان بەلگىلىنىپ بىزلەرگە كۆرسىتىلىپمۇ بىرىلگەن.ئالاھىدە ئەسكەرتىش،يول كۆرسىتىشلىرىڭىز بولسا ئايىماي بىرىپ تۇرغايسىز،قېرىندىشى تۇتۇپ بەرگەن ئەينەك ئارقىلىقمۇ ئۆزىنى كۆرۈپ  تۇرسا ئىنشائاللا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە يۈزلەنگىلى بولىدۇ. شۇنداقلا <پۇشايمانغا قالماسلىق>مىز ئۈچۈنمۇ ئىجابەتلىك دۇئالىرىڭىزدا يات ئىتىپ قوياسىز.ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.
(كىچىككىنە ئەسكەرتىشىم:خېنىم،ساقام دىگەندەك ئاتالغۇنى ئىشلەتمىسىڭىز بوپتىكەن.مەن قەشقەلىك ۋەياكى غۇلجۇلۇق ئەمەس ئاتۇشلۇق ئىكەنمەن. شۇڭا ئۇ ئاتالغۇ ماڭا باشقىچە تەسىر بىرىپ قويىدىكەن.توغرا چۈشەنگەيسىز.)
[ بۇ يازمىنىanjura 2012-03-19 09:50قايتا تەھرىرلىدى ]
ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 226
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە226دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 2761 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2012-05-10
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-18 20:52

6-قەۋەت (oylinish) نىڭ يازمىسىغا

ئەسسالامۇئەلەيكۇم:
ئىككى يىلدىن بىرى سالام قىلغاندىكى ئىملا خاتالىقىمنى بايقىغاندىكى بالدۇراق ئەسكەرتىش بەرسىڭىز بولماسمىدى ئويلىنىش قېرىندىشىم؟! تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئاشۇنداق قوللىنىپ كەپتىمەن.سىزنىڭ ئەسكەرتمىڭىزنى ئەمدى كۆرۈپ خاتالىقنى بايقىدىم.ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.
[ بۇ يازمىنىanjura 2012-03-19 09:50قايتا تەھرىرلىدى ]
ئويلىنىش،ئىزدىنىش،تەپەككۈر ئىچىدە ئۆتمىگەن ھاي ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1387
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3196 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-31
ئاخىرقى: 2012-05-06
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 02:06

ئەنجۈرە خانىم  ناھايتى ياخشى يېزىپسىز .ئەمما49.تىمىدىكى تىلى ئاچچىق دىگەن  مەزمۇن مىنىڭچە تەرىپلەشكە ئەرزىمىسە كىرەك.بۇ ئەر ئاياللار ئارىسىدىكى ماجرانىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئىنچىكە مەسىلىكەن.قالغان قىسمىغا مىنىڭمۇ قارشىم سىزنىڭكىگە ئوخشاش
يۇمشاق تۆشەك ئاياللارغا خاس ، ئوغۇل بالا ساۋۇت كېيىپ تۇپراقتا ياتار