ئاپامنىڭ نەۋرۇزى
ئادەم 30 ياشتىن ئاشقاندىمۇ قايمۇقىدىغان ۋاقىتلىرى نۇرغۇن ئىكەن، گەرچە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە قاتراپ يۈرسەممۇ،كاللامدا نۇرغۇن سۇئاللار، دىن، ئېتىقاد، ئۆزلۈكۈم، تەقدىرىم، بۇ دۇنيالىقىم، ئۇ دۇنيالىقىم... ئىش قىلىپ ئەتراپىمدا ماڭا تەسىر قىلىۋاتقان ھەر بىر ھادىسە-شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئىزتىراپلىق ئىزدىنىشلار، ئويلىنىشلار ئەگىپ ئارام تاپقۇزمايدۇ.
تەبىئەتنىڭ زىمىستان قىش ئاسارىتىدىن ئاستا قۇتۇلۇپ، تۈمەنمىڭ مەۋجۇدات باھار ھىدىدىن ئويغىنىپ، توپا يېرىپ كۆكلەيدىغان مۇشۇ مەۋسۇمىدە ئەجداتلاردىن ئۇدۇم قالغان نەۋرۇز ئىسمىنىڭ قەدىمىيلىكى، مىللىتىمىزگە بولغان خاسلىقى تۈپەيلى قىشتىن بېرى تۇنجۇققان تۇيغۇلىرىمنى غىدىقلاپ ھاياجانغا دەممۇ-دەم سېلىپ قويىدۇ.
ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىكىمىزدە چوڭلارنىڭ نەۋرۇز كۈنى قازان قاينىتىپ نەۋرۇز ئېشى ئېتىدىغانلىقى ھېلىمۇ يادىمدا. بۇ كۈنى چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، بارلىق ئائىلە ئەزالىرى جەم بولۇپ ئاپام ئەتكەن نەۋرۇز ئېشىغا ئېغىز تېگەتتۇق. مىجەزىم سوغاققا مايىل بولغاچقا، توققۇز خىل پۇرچاقتىن يېڭى قوي گۆشىنىڭ شورپىسىغا سېلىپ تەييارلانغان بۇ ئاش ماڭا زىيان قىلاتتى، ئاشقازىنىمنى ئېسىپ بىئارام بولاتتىم ھەتتا قەي قىلاتتىم.بىراق بۇ ئاشنى شۇنچىلىك ياقتۇراتتىمكىن، ئاپامنىڭ ماڭا ئاتاپ ئېھتىيات بىلەن ئازراقلا ئۇسۇۋاتقىنىنى كۆرۈپ:
-ئاپا، زەھەر بولسىمۇ جىقراق بەرسەڭچۇ! مەنمۇ ئاچاملار بىلەن ئۇزاق چايناپ بىللە مەززە قىلاي،-دەيتتىم.
ئاپام كۈلۈپ كېتىپ لىقلاپ بىر چىنە بېرەتتى. نەۋرۇز كۈنىدىكى شۇ كەيپىيات، قىزغىنلىق ماڭا دائىم مۇشۇنداق داۋاملاشسىكەن دەيتتىم.
كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلىشىشى، بىردىنلا ئۇزىراپ قالىدىغان كۈندۈز، قىسقىراپ بالدۇر ئاياقلىشىدىغان كېچە، شۇ كۈنى شۇ ھادىسىنىڭ ماڭا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىۋېلىشقا تىرىشاتتىم.ئاپامنىڭ ئىككى كۈن بۇرۇن تەييارلاپ ئىسسىق سۇغا چىلاپ يۇمشاتقان پۇرچاقلىرىنىڭ شورپىدا سىڭىشىپ قۇمساڭغۇ شۈلۈك پىشقانلىقىدىن ھوزۇرلىناتتىم.
تاماق ئۈستىلىدە ئاتام نەۋرۇز توغۇرلۇق رىۋايەت ئېيتاتتى، بىز كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتۇق. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ئوتتا كۆيمەس، سۇدا ئاقماس ئىجىل مېھرى قەلىب قەسىرلىرىمىزگە ئۈنسىز ئۇيىلاتتى، بىز بۇ كۈننى قەدىرلەيتتۇق.
قۇربان ھېيت، روزا ھېيتلارنى ئېتقادىمىزنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىدىن قەدىرلىسەك، نەۋرۇزنى مىللىتىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن قەدىرلەيتتۇق.
ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بىز يۆلەنگەن تاغلىرىمىز، يايرىغان باغلىرىمىز، بىزنى بۇ ئالەمگە بىر-بىرسىمىزگە ھامىي قويۇپ مەڭگۈلۈككە ئارام ئالدى. ئۇلاردىن قالغان ئۇدۇم ئۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇۋىمىزنى ساقلاپ قالماقچى بولدۇق. شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ ئۆينى ساتماي، ئاتام–ئاپامنىڭ ئىزىلىرى قالغان تەۋەرۈك ئەسلىمىلەرنى يوقاتماسلىقنى ئىستىدۇق.
ئىككىنچى ئاچام رازىلىقىمىز بىلەن بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.
ئىنساننىڭ ھاياتلىقى ھەر بىر تىنىقى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ھەر دەقىقە بايرام.
ئۇيغۇرنىڭ ئېڭىدا كۆيىۋاتقىنى پارىسنىڭ ئوتى ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ نەۋرۇزى.
سۆزلەپ تۇرىمەن، لېۋىمدىن چىقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ تاۋۇشلىرى... ياشاۋاتىمەن،تومۇرۇمدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى...
قار مۇز قامۇغ ئەرۈشدى،
تاغلار سۈۋى ئاقىشدى.
كۆكشىن بۇلىت ئۆرۈشدى،
قايغۇق بولۇپ ئەگرىشۇر.
قىش ياي بىلە توقۇشتى،
قىڭىر كۆزۈن باقىشتى.
تۇتۇشقالى ياقىشتى ،
ئۇتغالىمات ئوغراشۇر.
مەھمۇت قەشقىرى رومانىدىن ئېلىندى.
(تەرجىمىسى:
قار-مۇزلارنىڭ ھەممىسى ئېرىدى،
تاغ سۇلىرى ئاقتى.
كۆكۈچ بۇلۇتلارھاۋاغا ئۆرلەپ چىقتى،
ئۇلار خۇددى قېيىقلاردەك ئۈزۈشمەكتە.
قىش-ياز بىلەن توقۇنۇشتى،
قېڭغىر كۆزدە قاراشتى.
تۇتۇشقىلى يېقىنلاشتى،
بىر-بىرىنى ئۇتۇشماقچى بولىۋاتىدۇ.)
پەسىللەرنىڭ ئالمىشىش دەقىقىلىرىدىكى بۇ مېھىر بايرىمى ئۇزۇن دەۋىرلەردىن يېڭى كۈن، يىل بېشى دېيىلىپ ئەڭ گۈزەل تىللاردا مەدھىيلىنىپ، ئاۋامنىڭ باياشاتلىق، ئاسايىشلىققا بولغان سېغىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.
ئاپامنىڭ نەۋرۇز ئېشىغا سىڭگەن خاسىيەتلىك توققۇز دان، نەۋرۇز كۈنىدىكى ئېزگۈ تىلەك، ئۈرۈمچىنىڭ زامانىۋىيلاشقان تېز تۇرمۇش رېتىمىدىكى جەم بولۇش شاتلىقى بىزلەر ئۈچۈن بىباھادۇر.
ئاتامنىڭ ۋەزمىن بايانلىرىدىكى ھېكمەتلەرنى، ئاپامنىڭ ھىدى سىڭگەن تۆشەك ئالدىدا ئەسلەپ-ئەسلەپ بىر ئەۋلات كەچمىشلىرىدىن گۈڭۈر-مۈڭۈر تەمشىپ جەم بۇلۇشقا، دەل شۇ كۈندە ئاپامنىڭ تەۋەرۈك قازىنىدا قاينىغان نەۋرۇز ئېشىغا ئېغىز تېگىشكە ئاللاھ نېسىپ قىلسۇن!