سۇرىيە مالىمانچىلىقى ۋە سۈننىي شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئۇرۇشى
ئاپتورى: يۈ شىيۈ (تەرجىمىدە نەپرەت)
سۇرىيە مالىمانچىلىقى ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشىدا، پەندىنپەي تەرەققىي قىلىپ ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئوساما بىن لادىندىن كېيىن رەھبەر بولغان ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ ئاتامانى زاۋاھىرى غازاتچىلار تور بېتى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە مەدەت بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنداق قىلىپ ئامېرىكا بىلەن ئەل قائىد تەشكىلاتى ئوخشاش «ئۇرۇش سېپى» دا تۇرۇشتەك ھالەت بارلىققا كەلدى، بۇندىن سۇرىيە مالىمانچىلىقى ئارقىسىدىكى خەلقئارالىق سىياسىي ئويۇنلارنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
سۇرىيە مالىمانچىلىقى ئەسلىدە ئەرەب باھارىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، بەشار ئاسادنىڭ دەھرىي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشتىن باشلانغان ئاۋام ھەرىكىتى. ئەمما مالىمانچىلىقنىڭ داۋاملىشىشى ھەمدە كەسكىنلىشىشى بۈگۈنكى ھالەتكە يەتتى، پۈتۈنلەي چوڭ دۆلەتلەر ۋە سىرتقى كۈچلەر كونترول قىلىدىغان جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئويۇنغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ ۋاشىنگىتوننىڭ رېژىسسورلىقىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىسرائىلىيەدىن تەركىب تاپقان ئىران شىئە مەزھىپىدىكى ھاكىمىيەتكە قارشى ۋاقىتلىق ئىتتىپاقى سۈنئىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى مەزھەپ توقۇنىشىنى كۈشكەرتىپ ۋە پايدىلىنىپ، «ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى» نى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئىراننىڭ بۇ رايوندىكى ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى-سۇرىيە بەشار ئاساد ھاكىمىيىتىنى يوقىتىشتۇر.
بۇ كەسكىن خەلقئارالىق ئويۇن بىر تەرەپتىن ئىران ۋەكىللىكىدىكى شىئە مۇسۇلمانلىرىدىنىڭ ئىسلام ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ئاز سانلىق بولۇشى بىلەن تەبىئىي پايدىسىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، يەنە بىر تەرەپتىن ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى مەزھەپ ئىختىلاپىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى دانا سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
2011-يىلى ئەرەب باھارىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى كۈچى بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان ئىدى، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگىمۇ ناھايىتى سۈزگۈر ئىدى. ئەمما دېڭىز قولتۇقى رايونى، بولۇپمۇ بەھرەيندە ئۇزۇن مۇددەت زۇلۇمغا ئۇچرىغان شىئە مەزھىپى ئاممىسىنىڭ زور تۈركۈمدە دېموكراتىك ھەرىكەتكە قېتىلىشى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى خان جەمەتى ئۆزىنىڭ نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان شەرقىي قىسىمدىكى شىئەلەر نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان ئۆلكىسىدىكى غايەت زور «بىخەتەرلىك» تەھدىتىنى دەرھال ھېس قىلىپ يەتتى، ئىران ھاكىمىيىتىنى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ خەلقئارالىق باش ئارقا سەھسىنى دەپ قارايدىغان قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېھرانغا قارىتىلغان خەلقئارالىق ھۇجۇمنى كۈچەيتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن سۇرىيە بەشار ئاساد ھاكىمىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى تېزلىكتە يامانلاشتى، سۈننىي مەزھىپىدىكى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سىياسىي، دېپلوماتىيە، بولۇپمۇ مەبلەغ جەھەتتە زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت ئامېرىكا دوللىرى شۇڭا غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇردى. دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكى تاشقى جەھەتتە شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ «تەھدىتى» گە ئۇچرىغان سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇستەبت ھاكىمىيەتلەر، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىۋاستە قوشۇن تارتىپ قوغدىغان بەھرەين پادىشاھى رىيادنىڭ كونتروللىقىدىكى شەخس. زور مىقداردىكى ياردەم، يەنە كېلىپ سۈننىي مەزھىپىدىكى لىۋىيە قازافى ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلاپ چۈشۈشى بىلەن، ئەرەب ئىتتىپاقىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنى سەئۇدى ئەرەبىستانى «بىرلىكسەپ» قېتىۋالدى، بەشار ئاساد ھاكىمىيىتىنى جازالاشقا قوشۇلمىغان ئىككى ئەرەب دۆلىتى دەل شىئەلەر بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق كونترول قىلىدىغان ئىراق ۋە لىۋان بولۇپ، ئىنتايىن روشەن ھالدا بۇ مەزھەپ ئايرىمىچىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.
سۈرىيە مالىمانچىلىقىنىڭ مەزھەپلەر توقۇنىشىغا ئۆزگىرىپ كېتىشى ئەسلىدە ئاساد ھاكىمىيىتى بىلەن قوشنىلاردەك ئىناق ئۆتىدىغان تۈركىيەنىڭ دەرھال قارشى مەيدانغا ئۆتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، چۈنكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى دۆلەت ئىچىدىكى سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر كۆپ سانلىق بولغان خەلق رايىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپلا قالماي، يېڭى ئوسمانىزم دېپلوماتىيىسىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان، چوقۇم ئەرەب دۇنياسىدىكى سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر ئاساسىي ئېقىمى بىلەن ماسلىشىشى كېرەك.
مەلۇم قاتلامدىن قارىغاندا، بۇ 30 يىل ئىلگىرىكى ئىراق-ئىران ئۇرۇشىنىڭ قايتا يۈز بېرىشى. ئەينى چاغدا سادام سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇستەبت رەھبەر بولۇپ، بارلىق ئەرەب ھاكىمىيەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، پەقەت شىئە مەزھىپىدىكى ئاساد رەھبەرلىك قىلغان سۇرىيە ھاكىمىيىتى ئىران بىلەن بىر سەپتە تۇردى.
ئەل قائىد تەشكىلاتنىڭ بەشار ئاساد ھاكىمىيىتىگە قارشى لاگىرغا قېتىلىشى قىلچىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى بىن لادىن ئەل قائىد تەشكىلانى قۇرغاندا، دەل سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سۈننىي مەزھىپىدىكى ۋەھابىيلار مەزھىپى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئەسلىيەتچىلىكنى ئاساس قىلغان، شۇڭا «بىدئەت» دەپ قارىلىدىغان شىئە مەزھىپىگە ئالاھىدە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. ئەمما مۇنداق ئاشقۇن كۈچنىڭ ئارىلىشىشى سۇرىيە مالىمانچىلىقىنى زور دەرىجىدە كەسكىنلەشتۈرۈپ تاشلىدى. گېرمانىيە «Velt» ھەپتىلىكى ئاشكارىلىشىچە، زور تۈركۈمدىكى چەتئەل غازاتچىلىرى سۇرىيەگە سىڭىپ كىرىپ، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە قېتىلىپ، قانلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆرىنەرلىك ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىراقنىڭ سۈننىيلەر رايونىدا، AK-47 ئاپتوماتىنىڭ باھاسى يېقىندا 10 ھەسسە ئۆرلەپ كەتكەن، زور مىقداردا سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە توشۇلغان.
بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق ئويۇندا، شىئە مەزھىپىنىڭ چوڭ بارىگاھى دەپ قارىلىدىغان ئىران ئېنىقكى خېلى پايدىسىز قىيىن ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئەمما تېھرانمۇ ئىلاجىسىز قالغىنى يوق، جانغا جان ئېلىشتىن سىرت، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋاستىسى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران يادرو ئالىملىرىغا قاراتقان قەستلەپ ئۆلتۈرۈشىدىن ئۆچ ئالدى، ئىران ئېنىقكى مەزھەپلەر كۈچى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنى چەكلەيدۇ. بۇنىڭغا ئىسپات بولىدىغىنى «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شەرقىي قىسىم ئۆلكىسىدە يېقىندا شىئە مەزھىپىدىكى ئاممىنىڭ نامايىشلىرى كۆتۈرۈلگەن، يەرلىك دائىرىلەر باستۇرغان، ئىككى ئادەم ئۆلگەن. خېلى ئايلار تىنچلىنىپ قالغان بەھرەين شىئە مەزھىپى دېموكراتىك ھەرىكەتلىرى تۇيۇقسىز كەسكىنلىشىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئىران تۈركىيە كۇرد بۆلگۈنچىلىرىنى قايتىدىن قوللاشقا باشلىغان بولۇپ، ئەنقەرەنى چەكلەش غەرىزىدە بولغان.
ئەمما بەشار ئاساد جەمەتى سۇرىيەدە نوپۇسدىكى ئاز سانلىق بولغان شىئە مەھىپى ئالاۋى تارمىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، نۆۋەتتە گەرچە يەنىلا خىرىستىئان مۇرتلىرى قاتارلىق ئاز ساندىكى ئاممىنىڭ قوللىشىغا ھەمدە كۆپلىگەن شەھەرلەردىكى سۈننىي مەھىپى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىدا، نېمىلا بولمىسىۇن غايەت زور نوپۇسقا ئىگە سۈننىي مەزھىپىگە دۇچ كەلدى، كەلگۈسى ئىنتايىن غۇۋا. ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە قېتىلىپ ئافغانىستاننىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قارشى غازات ئۇرۇشىنىڭ قايتا يۈز بېرىشى تالىبان تەشكىلاتىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىدەك ساتىرانىڭ قايتا ئوينىلىشىنى پەرەز قىلىش تەس.
بۇنىڭدىن سىرت، ئەرەب دېموكراتىك ھەرىكەتلىرى شۇنچە تېزلىكتە مەزھەپلەر توقۇنۇشىغا ئۆزگىرىپ كېتىشى ھەمدە ئاسانلا سىرتقى چوڭ دۆلەت كۈچلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمۇ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان دېموكراتىيە دولقۇنى زادى ئەرەب دۇنياسىغا ھەقىقىي ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ۋە ئالغا بېسىش ئېلىپ كېلەلەيدىغان كېلەلمەيدىغانلىقى كىشىدە گۇمان قوزغىمىسا بولمايدۇ.
مەنبە: ئاپتورى يۈ شىيۈ شىمالىي ئامېرىكىدا تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدۇ. نەپرەت تەرجىمە قىلدى.
مەنبە.ئوكيان تورى