ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
تېما ئېگىسىگە تەشەككۈر .ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .
سىنچىلاپ قارىسام مەنبەدە «قىسسەسۇل-ئەنبىيا» مۇ تۇرۇپتۇ. قېرىنداشلارنىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا» نى ئوقۇماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن .ھېلىمۇ ئېسىمدە، بۇكىتابنى كىچىك ۋاقىلتىرىمدا چۆچەك كىتابنى ئوقۇغاندىمنۇ بەكراق قىزىقىپ ئوقۇيتتىم . ئەمما چوڭ بولغانسىرى، ئېسىمدە قالغان بەزى رىۋايەتلەر مېنى ئىسلامدىن گۇمانلىنىدىغان قىلىپ قويغان ئىدى.ئوچۇقلا قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ كىتاب ناھايىتى قاپ يۈرەكلىك بىلەن يېزىلغان ، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەھ ئەقىدىسىدە بولمىغان ، تەۋراتتىن ئېلىنغان ، توقۇلما ، ئەپسانە رىۋايەتلەر سىڭدۈرىۋېتىلگەن كىتاب . ئەقلى بارلىكى ئادەم سېزەلەيدۇ . بۇ توغرىلىق ئابدۇۋەلى قارىمنىڭ بىر تەبلىغىدىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم .
مەسلەن: ئادەم ئەلەيھىسالامنى يارىتىشتا ، ئاللاھ ئاۋال جېبرېئىل ئەلەيھىسالامنى ئادەمنى يارىدىغان توپىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ ، جېبرېئىل ئەلەيھىسالام زىمىننىڭ نالىسىگە ئىچى ئاغرىپ ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلىيالماي ئاللاھنىڭ ئالدىغا قۇرۇق قول بارىدۇ . ئاندىن ئاللاھ-تائالا مېكائىل ئەلەيھىسالامنى ئوخشاش ئىشقا بۇيرۇيدۇ ، ئۇمۇ جېبرېئىل ئەلەيھىسالامغائوخشاش قۇرۇق قول كېلىدۇ . ئاندىن ئاللاھ-تائالا ئىسرافىل ئەلەيھىسالامنى بۇيرۇيدۇ . ئۇنىڭ جاۋابىمۇ ئالدىنقى ئىككەيلەننىڭكىدەك بولىدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا ئاللاھ-تائالا ئەزرائىل ئەلەيھىسالامنى بۇيرىغاندا ، ئەزرائىل ئەلەيھىسالام زىمىننىڭ نالىسىگە قارىماي ، زىمىندىن ئۈچ يېرىدىن قىزىل ، سېرىق ، قارا رەڭدە ئۈچ خىل توپا ئېلىپ بارىدۇ . ئاللاھ تائالا ئادەم بالىلىرىنىڭ رەڭگىنى ئۈچ خىىل يارىتىشى ئەنە شۇنىڭدىن ... دېگەندەك . ھەممىمىز بىلىمىز ، پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ئەسكەرلىرىدۇر ، ئاللاھقا شەكسىز ئىتائەت قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ بولۇپمۇ تۆت چوڭ پەرىشتىنىڭ ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان گۇناھنى سادىر قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . شۇنىڭدەك ئاللاھ ئەزىمدۇر ، جەبباردۇر ، «ئاللاھ بىرەر شەيئىينى يارىتىشنى ئېرادە قىلسا ،ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ-دە ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ .»[36-سۈرە-ياسىن:86-ئايەت] يۇقىرىقىدەك بىربۇيرۇقنى قايتا-قايتا تەكرارلىشى ئاللاھنىڭ ئۇلۇھىيەت سۈپىتىگە تۈپتىن زىتتۇر . (ئىسلامدىكى تۆت چوڭ پەرىشتىنى بىلمەيدىغان مۇسۇلمان بولماسلىقى مۇمكىن ، بۇنى ئوقىغان ئادەم « ھە ... ئەسلى شۇڭا جاننى پەقەت ئەزرائىللا ئالايدىكەندە» دېگەندەك شەك چۈشۈپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. يازغۇچى بۇ توقۇلمىنى ئۆزى ئەقىلگە مۇۋاپىق قىلىپ توقۇغانلىقى ،مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرۇپتۇ )
يەنە مەسىلەن : داۋۇد ئەلەيھىسالامنىڭ 99 ئايالى بولۇپ ، بىر كۈنىسى ئۇنىڭ كۆزى ئۆزىنىڭ سانغۇنىنىڭ يۇيۇنىۋاتقان ئايالىغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالىدۇ . ئۇ سانغۇنىنى بىر ئۇرۇشقا ئەۋەتىۋېتىدۇ . دەرۋەقە سانغۇن ئۇ ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ قەتلى قىلىنىدۇ . داۋۇد ئەلەيھىسالام ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىۋالىدۇ . كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى پادىچى دەۋا قىلىپ كېلىدۇ . بىرى دەيدۇ «بۇنىڭ 99 قويى بار ئىدى ، مېنىڭ پەقەت بىر تاللا قويۇم بار ئىدى. بۇ زورلۇق قىلىپ مېنىڭ ئاشۇ بىر تال قويۇمنى تارتىۋالدى .» داۋۇد ئەلەيھىسالام بۇنى ئاڭلاپ يەنە بىر پادىچىغا دەرغەزەپ قىلغىنىدا ، بۇ پادىچى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ 99 ئايالى تۇرۇپ ، ئۆز سانغۇنىنى ئۆلتۇرگۈزىۋېتىپ ، ئۇنىڭ ئايالىنى زورلاپ خوتۇن قىلىۋالغانلىق گۇناھىنى ئەسلىتىدۇ-دە دەرھاللا ھەر ئىككىلىسى پەرىشتىلىك ئەسلى قىياپىتىگە قايتىدۇ . داۋۇد ئەلەيھىسالام شۇ يەردىلا ئۆز گۇناھىنى تونۇپ سەجدىگە يىقىلىدۇ ....
زۇلەيخا يۈسۈف ئەلەيھىسالامنى ئۆز ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرىپ ئۇنىڭدىن ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . يۈسۈف ئەلەيھىسالام رەت قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن زۇلەيخا ئۇنىڭ ئالدىدا بەرەھنا (قىپيالىڭاچ) بولۇپ ياتىدۇ . يۈسۈف ئەلەيھىسالامنىڭ ئىشتىنىنىڭ يەتتە چىگىكى بولۇپ ، ئۇ بىرىنچى چىگىكنى يەشكىنىدە ئۇنىڭغا« ئاللاھتىن قورق!» دەپ نىدا كېلىدۇ ، ئۇ ئاڭلىمايدۇ،ھەر بىر چىگىك يېشىلگەندە بىر نىدا كېلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى چىگىكتە ئۇنىڭغا ئۆز ئاتىسى ياقۇب ئەلەيھىسالام ئەسلىتىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھوشىنى يىغىپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ ... مانا بۇلار كىتابتا تەسۋىرلەنگىنى.
داۋۇد ئەلەيھىسالامنى ئاللاھ-تائالا قۇرئاندا «بىز ئۇنىڭغا ھېكمەت ئاتا قىلدۇق» دەپ ماختايدۇ .
مەنبە: "قۇرئان-كەرىيم"38[-سۈرە-ساد:17-ئايەتتىن 26-ئايەتكىچە]

مەنبە:"تەپسىرى ئىبنى كەسىير"
يۈسۈف ئەلەيھىسالام توغرۇلۇق بۇ تېمىدا خېلى تەپسىيلى سۆزلىنىپتۇ، قايتا سۆزلەشنىڭ ئورنى يوق دەپ قارىدىم .
سۇبھاناللاھ، ئاللاھ بارلىق نوقسانلاردىن پاكتۇر، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، زىنا گۇناھى كەبىرەلەردىندۇر. ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ بۇنداق گۇناھلارنى سادىر قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش. بۇنداق ھېكايىلەرنى ئاللاھتىن قورقمايدىغانلىكى ئادەم بولسا، ھەر قاندىقى ئەقىلگە مۇۋاپىق قىلىپ توقۇيالايدۇ.
يۇقىرىدىكىسى پەقەت بىر كىچىك مىسال ، ئوقۇغان ئادەم بۇ قىسسەلەرنىڭ تەپسىلىيلىكىدىن سۆيۈنىشى ۋە قىزىقىپ چۆكۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ كىتابتا قۇرئاندىن ، ھەدىستىن دەلىللەر كەلتۈرۈلگىنى بىلەن مەنبەسى ئېنىق بولمىغان توقۇلمىلار ناھايىتى نۇرغۇن . ئوقۇرمەنلەر " پەيغەمبەرلەرمۇ مۇشۇنداق ئىكەنغۇ، ئۇلارمۇ تايىنلىق ئىكەن. " دېگەن خاتا ئەقىدىگە كېتىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ . قېرىنداش - ھەمشېرىلەرنىڭ توغرا مەنبەلەرگە ۋە ئىشەنچلىك ھەدىسلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
[ بۇ يازمىنىمېھمان 2012-03-18 18:39قايتا تەھرىرلىدى ]