تەۋەككۈل قىلار
بىر ئەركەك
خۇددى دېڭىزغا چىققاندەك
چايقىلار دېڭىز ئۈمۈدىڭنى يۇتىمەن دەپ
لېكىن يىگىت خۇددى ئۇچقۇندەك
ئارماننى لاۋۇلدىتىش ئۈچۈن غەيرەتتە
ۋەتەن ئۈچۈن غەيرەتتە
تور بەتنىڭ ھەربىر مىسرالىرىدا
تېمىپ تۇرار تىنىمسىز مېھنەت
مېھنەتتىن تۆكۈلەر ئادالەت ،ھەققانىيەت،چوقان ،ئىلىم..........................
ھېچ ۋايسىمايىتتى ئۇ
ئۈمۈد ئۈچۈن
قاپيۈرەكتور ئۇ
ھەتتا شايتان نەرە تارتقاندىمۇ
لېكىن
قوساق ئاچسا جاندا دەرمان قالماس
جان قالمىسا ئۈمۈد يوقىلار
بىكەت ماڭار كىچە يۇ كۈندۈز
پۇل پۇل پۇل دەپ
قېنى پۇل؟
ئاھ قاباھەتلىك كۈنلەر
كېلىۋاتىدۇ
ئەنە
بىكەت توختاش كۈنى
پۇل تاپشۇرۇش كۈنى
دەرمانسىز قوللار كونوپكا تاختىسدا
توختاپ قالمىدى
لېكىن
مەنبە:
بىر تور بىكەت ئاچقان قېرىندىشىمنىڭ ئەنسىرەشلىرىدىن