باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1090 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: UYSender(ئۇيغۇرچە ئەۋەتكۈچ) دېتالى
ئېغىر كارۋان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 31
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-02
ئاخىرقى: 2012-06-23
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-16 19:10

UYSender(ئۇيغۇرچە ئەۋەتكۈچ) دېتالى

UYSender(ئۇيغۇرچە ئەۋەتكۈچ) دېتالى
چۈشۈرۈش ئادىرسى:
بۇنى مەن دوستلىرىم ئارقىلىق بىلىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم!مۇنبەرداشلارغا ئەسقېتىپ قالسا مەن خوشال...
بۇ دېتالدا بۇرۇنقى چ چ غا ئۇيغۇرچە ئەۋەتىش دېتالى ئاساسىدا يەنە  ئۇچقۇر    خەت (飞信)مىكرو بلوگ (微薄)لارغا ئۇيغۇرچە ۋە ULY يوللاش،阿里旺旺غا ULYچە ئەۋەتىش ئىقتىدارى {رەسىم شەكلىدە ئەۋەتمەكچى بولسىڭىز، چ چ غا يوللىغانغا ئوخشاش يوللاپ(بۇ چاغدا يېزىق رەسىم شەكلىدە چاپلاش تاختىسىغا كۆچۈرىلىدۇ) ئاندىن  阿里旺旺 نىڭ خەت يېزىش رامكىسىنى تاللاپ Ctrl+V نى بېسىپ چاپلاپ يوللاڭ.} ھەم مەزمۇننى ئاپتۇماتېك ھالدا يۇنىكودسىز بولسا بىۋاستە يۇنىكودلۇق بولسا ۋاستىلىق ئەۋەتىش ھەم ئەۋەتىش ھالىتىنى ئاپتۇماتېك ساقلاش ئىقتىدارى ھازىرلانغان (微博 غا ئەۋەتىش ئىقتىدارى Win7 نورمال ئىشلىمەيدۇ)بولۇپ دېتالنىڭ ئىشلىتىش قوللانىمىسى  تۆۋەندىكىچە:

1.ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى:

ئاۋال دېتالنى قوزغىتىسىز،ئاندىن خەت يازماقچى بولغا پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز. قوزغاتسىڭىز ۋەزىپە سىتونىدا كۆرۈنمەيدۇ،ئوڭ تەرەپ ئاستىقنى بۇرجەك(تىل تاللاش رايونى يېنى) دا سىنبەلگىسى كۆرىنىدۇ.

سىنبەلگىنى مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن تاق چەكسىڭىز تۆۋەندىلكىدەك تېزىملىك كۆرىنىدۇ



سىز بۇنىڭدىكى« ئاپتۇماتېك يۇشۇرۇش» دېگەن تۈرنى تاللاپ قويسىڭىز،ئەگەر سىز بۇ دېتال قوللايدىغان ئالاقىلىشىش قورالىنىڭ خەت يېزىش رامكىسىنى ئاچسىڭىز بۇ دېتال ئاپتۇماتېك كۆرۈنىدۇ،باشقا ۋاقىتتا يۇشۇرۇن تۇرىدۇ،تاللانمىنى ئېلىۋەتسىڭىز دائىم كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ،دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكى رەسىمدەكۆرسىتىلگىنىدەك بولۇپ


 ئەگەر «يوللاش» كۇنۇپكىسى يانمىسا،تېخى خەت يازماقچى بولغان پاراڭلىشىش كۆزنىكىنىڭ تاللانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،سىز بۇ چاغدا خەت يازماقچى بولغان پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى مائۇس بىلەن چېكىپ قويۇڭ، يانغان بولسا يېزىشنى باشلاڭ،ياردەم ھۆججىتىنى  نى بېسىپ ياكى F1 نى بېسىپ كۆرۈڭ،يېڭى ئىقتىدارلىرىنى تولۇق ئىگەللەش ئۈچۈن ھەر بىر يېڭى نۇسخىسنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ياردەم ھۆججىتىنى تەپسىلىي بىر كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمىز .
 
2.ئىقتىدار چۈشەندۈرلىشى:

1)Ctrl+Enter تاللانمىسى:(تېزلەتمە كۇنۇپكاF2)ئەگەر سىز پاراڭلاشقاندا Ctrl+Enter نى بېسىش ئارقىلىڭ سۆز ئەۋەتىشكە ئادەتلەنگەن بولسىڭىز،بۇ تاللانمىنى تاللاپ قويسىڭىز،سىز خەت يېزىپ بولۇپ Ctrl+Enter نە باسقاندىن كېيىن يوللايدۇ،ئۇنداق بولمىسا Enter نى باسسىڭىز يوللايدۇ.ئالاقىلىشى قورالىنىڭ ئەۋەتىش ھالىتى Ctrl+Enter    (QQ نىڭ ئەۋەتىش ھالىتى رەسىمدىكىدەك)بولسا بۇ تۈرنى تاللاڭ.

2)ULY:(تېزلەتمە كۇنۇپكاF4) بۇ تۈر ئاساسلىقى پاراڭلاشماقچى بولغان قارشى تەرەپ يانفۇندا تورغا چىققانلار بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن لاھىيلەندى،يەنە ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك ULY(ئۇيغۇرچىنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى) يېزىقىدا يوللاپ بېرىدۇ،ئۇندىن باشقا كومپىيوتېردا تورغا چىققانلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولىشى سەۋەبلىك قارشى تەرەپتە رەسىم كۆرۈنمىسە بۇ تۈرنى تاللاپ ULY بىلەن ئالاقىلىشىشكە بولىدۇ.

3)يوللاش:بۇ كۇنۇپكا ئالاقىلىشى قورالىدىكى «يوللاش» كۇنۇپكىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر خەت يېزىپ بولۇپ «يوللاش » كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىڭ يوللاشقا ئادەتلەنگەن بولغاچقا بۇ كۇنۇپكا قوشۇلدى.

4)خاتىرە:بۇ مەلۇم بىر كىشى بىلەن پاراڭلاشقان خاتېرە بولۇپ،كومپىيوتېردا ساقلىنىپ تۇرىدۇ،پاراڭلىشىش خاتېرىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز  ئالاقىلىشى قورالىدىكى مەلۇم شۇ كىشى  بىلەن پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئاچسىڭىز «خاتېرە »كۇنۇپكىسى يانىدۇ سىز خاتېرە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ مەزكۇر كىشى بىلەن  پاراڭلاشقان خاتېرىنى كۆرەلەيسىز ھەم ئۆچۈرۈلەيسىز ۋە ساقلىيالايسىز.

5)ئىزلا: بۇ دېتالنى قوزغاتقاندىن بۇيانقى بارلىق پاراڭلاشقان خاتېرە بولۇپ،،كومپىيوتېردا ساقلانمايدۇ،دېتال ئۆچكەن ھامان بۇ خاتېرىمۇ ئۆچىدۇ،بۇ يەردىن دېتال ئاچقاندىن بۇيان پاراڭلاشقان بارلىق خاتېرىنى كۆرەلەيسىز ھەم ئۆچۈرۈلەيسىز ۋە ساقلىيالايسىز.

6)تېزىملىك:بۇ يەرنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك سىيرىلما تېزىمللىك كۆرىنىدۇ.


بۇنىڭدىكى تەڭشەشتىن پاراڭلاشقاندىكى خەت نۇسخىسى ۋە باشقا دېتال تەڭشىكىنى تەڭشىيەلەيسىز،كۆرۈنىشى تۆۋەندىكىدەك


تەڭشەپ بولۇپ «بېكىتىش» نى باسسىڭىز ئۈنۈملۈك بولىدۇ،ئەگەر تەڭشەپ قالايمىقان بولۇپ كەتسە«سۈككۈتتىكىسى» نى بېسىپ « بېكىتىش » نى باسسىڭىز بولىدۇ،«دېتالنىڭ سۈكۈتتىكى تېزىملىكى دېتال تېزىملىكى»نى تاللاپ قويسىڭىز خەت يېزىش رامكىسىنىڭ  سۈكۈت ھالەتتىكى تېزىملكى دېتال تېزىملىكى، Ctrl باسقاندىكى تېزىملىك سىستېما تېزىملىكى بولىدۇ ئۇنداق بولمىغاندا دەل ئەكسىچە.
كۇنۇپكا تاختىسى بولسا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ياخشى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن لاھىيلەندى.
7)«ئۇ» كۇنۇپكىسى: (تېزلەتمە كۇنۇپكاShift بىلەن Ctrl+K)ئەگەر كۇنۇپكا «ئۇ» ھالىتىدە تۇرغان بولسا نۆۋەتتكىكى كىرگۈزۈش شەكلىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،بۇ ھالەتتىكى كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرلىشى تۆۋەندىكىدەك:


(بىر كۇنۇپكىدە ئىككى ھەرىپ بولغانلىرى بىۋاستە يازسا ئۈستىدىكى ھەرىپ ،Shift نى بېسىپ تۇرۇپ باسسا ئاستىدىكى ھەرىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ)سىز ئۇيغۇرچە بىلەن سىستېمىنىڭ نۆۋەتتىكى كىرگۈزگۈچىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ ئالماشتۇرسىڭىز ياكى بىۋاستە  « Shift »كونۇپكىسىنى بېسىپ ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. يېڭى باشلانغان سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرىپى سوزۇق تاۋۇش بولسا ئەمزىنى باسماي بىۋاستە شۇ ھەرىپنى باسسىڭىز بولىدۇ،مەسىلەن سىز «ئۇيغۇر»نى باسماقچى بولۇپ«ئۇ»نى باسماقچى بولغاندا بىۋاستە u كونۇپكىسىنىلا باسسىڭىز بولىدۇ« /»(ئەمزە) كونۇپكىسىنى بېسىش ھاجەتسىز.
8)دائىملىق سۆزلەر تېزىملىكى:ئاستىدىكى تاللانما تېزىملىكتە بەزى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر بېرىلدى،مۇشۇ تېزىملىتىن ماس مەزمۇننى تاللاپمۇ ئەۋەتەلەيسىز.

قوشۇمچىلار:يەنە ھەخىل يېزىق بىر تەرەپ قىلىدىغان دوستلارنىڭ ئېھتياجىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ نۇسخىسىدا خەت يېزىش رامكىسىدىكى يېزىقنى «خىيالدىن كۆچۈرۈش»،«كېڭەيتىلگەن رايوندىن كۆچۈرۈش»،«ULY دىن كۆچۈرۈش» ،«كېڭەيتىلگەن رايوندىن تەتۈر كۆچۈرۈش»،«رەسىملىك كۆچۈرۈش»ئىقتىدارى قوشۇلدى ئۇنىڭدىن باشقا« دائىملىق سۆزلەرنى قوشۇش ۋە ئۆچۈرۈش» ئىقتىدارى ھازىرلاندى.

CTRL نى بېسىپ تۇرۇپ خەت يېزىش رامكىسىنى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك تېزىملىك چىقىدۇ(خەت يېزىش رامكىسىدا ھېچقانداق يېزىق بولمىسا ھەممە تاللاش تۈرى سۇس كۆرىنىدۇ يەنە تاللىغىلى بولمايدۇ)،سىز ئېتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللاپ كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر مەلۇم بىر دائىرىنى تاللاپ كۆچۈرسىڭىز شۇ تاللىغان دائىرىنى بولمىسا بارلىق مەزمۇننى سىز تەلەپ قىلغان بويىچە كۆچۈرۈپ كۆچۈرۈپ چاپلاش تاختىسىغا يوللاپ بېرىدۇ،سىز باشقا ئورۇندا Ctrl+V نى ياكى 粘贴(چاپلاش)نى بېسىپ كۆچۈرۈپ چاپلاش تاختىسىدىكى مەزمۇننى كۆچۈرسىڭىزلا بولىدۇ.


 
1)خىيالدىن كۆچۈرۈش:بۇ قېتىم خىيال كىرگۈزگۈچنىڭ ئىگە تەرەپ رۇخسىتى بىلەن يېڭى نۇسخىدىنمۇ كۆچۈرۈش قوشۇلدى.ھەم بۇرۇنقى نەشىرىدىكى سانلارنى تەتۈر كۆچۈرۈش مەسلىسى ھەل قىلىندى.«خىيالدىن كۆچۈرۈش» مەزمۇننى خىيال كىرگۈزگۈچى 1.2نىڭ ئۆلچىمى بويىچە،«خىيالدىن2.0  كۆچۈرۈش» مەزمۇننى خىيال كىرگۈزگۈچى2.0نىڭ ئۆلچىمى بويىچە كۆچۈرۈپ چاپلاش تاختىسىغا يوللاپ بېرىدۇ سانلارنىمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ، خەت نۇسخىسىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭز خىيال كىرگۈزگۈچى2.0نىڭ بارلىق خەت نۇسخىسىنى http://php.newera.cc/down/UySender/Hiyal2.0Font.rar دىن خىيال كىرگۈزگۈچى 1.2نىڭ بارلىق خەت نۇسخىسىنى http://php.newera.cc/down/UySender/ Hiyal1.2Font.rar دىن چۈشۈرۈڭ.بۇ ئىقتىدار كۆپرەك تەكشىلىكتە لاھىيلەش كەسپىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ئەگەر سىز تېخى خىيال خەت نۇسخىسىنى قاچىلىمىغان بولسىڭىز چۈشۈرۈلمىنى پىرىستىن يېشىپ ئىچىدىكى بارلىق خەت نۇسخىسى ھۆججىتىنى C:\WINDOWS\Fonts غا كۆچۈرۈپ قويۇڭ.سىز فوتوشوپتا خىيالدا خەت كىرگۈزۈپ ئادەتلەنگەن بولسىڭىز .كىرگۈزمەكچى بولغان سۆزلەرنى سۆز كىرگۈزۈش رامكىسىدا كىرگۈزىۋېلىپ ئاندىن «خىيالدىن كۆچۈرۈش» بېسىپ، فوتوشوپقا ئاپىرىپ چاپلاپ خەت نۇسخىسنى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان خىيال خەت نۇسخىسغا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.

 

2)كېڭەيتىلگەن رايوندىن كۆچۈرۈش:كۆچۈرگەن مەزمۇننى يۇنىكودلۇق كېڭەيتىلگەن رايون بويىچە كۆچۈرۈپ چاپلاش تاختىسىغا يوللاپ بېرىدۇ.

بۇ ئىقتىدار كۆپرەك پىروگىرامما لاھىيلەش كەسپىدە ئىشلىتىلىدۇ(ئاساسلىق ئىقتىدارى خەتلەرنى مەجبۇرى ئۇلاپ كۆرسىتىش).

3)ULY دىن كۆچۈرۈش:كۆچۈرگەن يۇنىكودلۇق مەزمۇننى ئۆلچەملىك ULY يېزىقى بويىچە كۆچۈرۈپ چاپلاش تاختىسىغا يوللاپ بېرىدۇ.

بۇ تۈر كۆپۈنچە يۇنىكود قوللىمايدىغان ئالاقە ۋە تەرجىمە ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.

4)كېڭەيتىلگەن رايوندىن تەتۈر كۆچۈرۈش:كۆچۈرگەن يۇنىكودلۇق مەزمۇننى كېڭەيتىلگەن رايوندىن تەتۈر تەرتىپتە كۆچۈرۈپ چاپلاش تاختىسىغا يوللاپ بېرىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم فوتوشوپنىڭ يېڭى نۇسخىسىدا يۇنىكودلۇق خەتلەرنى بىۋاستە يازغىلى بولىسىمۇ  خەت نۇسخىسىنى ئۇلانماي تۇرىۋالىدۇ،شۇڭا مەجبۇرى ئۇلاپ كېڭەيتىلگەن رايون بويىچە چاپلىساق تەتۈر چىقىۋالىدۇ،مۇشۇنداق ئەھۋالدا كېڭەيتىلگەن رايوندىن تەتۈر كۆچۈرۈش ئىقتىدارى بويىچە  فوتوشوپقا يۇنىكودلۇق يېزىقلارنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

5)رەسىملىك كۆچۈرۈش:بۇنىڭدا سىز يازغان مەزمۇننى رەسىم ھالىتىدە «چاپلاش تاختىسى»غا يوللاپ بېرىدۇ.

6) دائىملىق سۆز قوشۇش:بۇنىڭدا سىز يازغان مەزمۇننى ياكى يېزىپ تاللاپ قويغان مەزمۇننى دائىملىق سۆزلەر قاتارىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە قوشۇپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز دائىملىق سۆزلەردىن ئۆزىڭىز قوشقان مەزمۇننى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز شۇ مەزمۇننى تاللاپ تۇرۇپ Del كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ.

 

 

بۇرۇنقى نەشىرىگە قوشۇلغان ئىقتىدارلار:

1)    ئاستى يۆنىلىش كۇنۇپكىسى ()نى بېسىش ئارقىلىق بۇرۇنقى يېزىپ بولغان مەزمۇننى كىرگۈزۈش رايونىغا چاپلىغىلى بولىدۇ.

2)    Enter نى بېسىپ مەزمۇن يوللاش ھالىتىدە كۆپ قۇرلۇق خەت يازماقچى بولساق Shift+Enter ئارقىلىق قۇر يۆتكىگىلى بولىدۇ.

3)    دېتالغا چۈشۈرگۈ قوشۇلغان بولۇپ يېڭى نۇسخىسنى ئۆزى چۈشۈرۈپ بۇرۇنقى نۇسخىسى بىلەن ئالماشتۇرىدۇ

4)    يەنە تەھرىرلىگۈچ قوشۇلدى،F5 نى بېسىش ياكى سول تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكتىن «تەھرىرلىگۈچ»نە بېسىپ قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.

ھازرقى نۇسخىسىدىكى يېڭى ئىقتىدار:

1)ئاساسلىقى ئىملا تەكشۈرۈش:«ئىملاچى» دېگەن تاللاش تۈرىنى تاللاپ قويسىڭىز(F3 باسسىڭىزمۇ بولىدۇ) خەت يېزىش جەريانىدا خاتا خەت يازسىڭىز ئاپتۇماتېك ئىملا تەكشۈرۈپ سىزگە ئەسكەرتىش بېرىدۇ،سىز توغرا سۆزنى تاللاپ (تاللىغاندا بوشلۇق بەلگىسىنى باسسىڭىز بىرىنچى سۆزنى تاللايدۇ بىۋاستا تەرتىپ نومۇرىنى بېسىش ياكى مائوس بىلەن تاللاش ياكى ئاستى ئۈستى يۆلىنىش كۇنۇپكىسى بىلەن تاللاپ ئېنتېرنى بېسىش ئارقىلىق توغرا سۆزنى تاللىسىڭىز بولىدۇ )يېزىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ،ئەگەر نۆۋەتتىكى خاتا دەپ ھۆۆۈم قىلىنغان سۆز ئەمىلىيەتتە توغرا سۆز بولسا سىز كونۇپكا تاختىسىدىكى 9 رەقىمىنى باسسىڭىز بۇ سۆزنى ئىشلەتكۈچى ئامبىرىغا قوشىدۇ،داۋاملىق يېزىشنى داۋاملاشتۇرماقچى بولسىڭىز يېزىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز توغرا سۆز تاللاش رامكىسى ئاپتوماتېك يوقىلىدۇ.

ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدە بار بولغان ئىملا ئامبىرىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز يۇنىكود شەكلىدىكى تېكىست فورماتىدىكى ئىملا ئامبىرىنى Imla.txt نامى بىلەن دېتال مۇندەرىجىسى E:\NewEra UySender(E دىسكا بولمىسا D:\NewEra UySender )  ئاستىغا كۆچۈرۈپ قويسىڭىز دېتال شۇ ئامبارنى ئىشلىتىدۇ،ئامبار بولمىسا ئۆزىنىڭ ئامبىرىنى ئىشلىتىدۇ.

2)تەھرىرلىگۈچنىڭ تەڭشەشتىن سۈكۈتتتىكىس دېتال تېزىملىكى دېگەننى تاللاپ قويسىزڭى تېزىملىك سۈكۈتتىكى تېزىملىكى دېتال تېزىملىكى بولىدۇ.يەنە بۇ تۈرگە يېڭى تۈر قوشۇلدى.

ئىزاھات:

بۇ دېتال ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ «ئەلپىدا يۇنىكود» خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلدى ،بۇ  نەشىرىدىمۇ بەزى كەمچىلىلكلەر بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلارنى بېرىشىنى سورايمىز.

مۇشۇ دېتال توغۇرلۇق پىكىر تەكلىپ بولسا ئالاقىلىش QQ سى : 1843791748 بىلەن ئالاقىلىشىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

يېڭى ئېرا  يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى
2012-يىل3-ئاي (ئۈرۈمچى)

[ بۇ يازمىنى1234321 2012-03-16 19:19قايتا تەھرىرلىدى ]
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!
قىيامەت كۇنى رەببىمىز ئالدىدا  ھەربىر نەپھ ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10181
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 654
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە654دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 6852 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-03
ئاخىرقى: 2012-07-26

مەن ئىشلىتىپ باقاي .
{  جەننەت  ئانىلارنىڭ  ئايىقى  ئاستىدا  }
مېھمانمىز ،ئاللاھ ساھىبخان .
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7772
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 1610 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-08
ئاخىرقى: 2012-06-22
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-16 20:34

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . دېتال ئۆچسە خاتىرە ئىزى قېلىپ قالمايدۇ دېدىڭىزما ؟ ئەگەر شۇنداقلا بولسا ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق دېتال ئىكەن .
ئەگەر ئېتقاد قىلىۋاتقىنىڭدىكىدەك ياشىماس ئىكەنسەن ، ياشاۋاتقىنىڭدىكىدەك ئېتقاددا سەن.
-ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 325
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە325دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-07-13
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-16 22:42

مەن بىرنەتچە كۈن بولدى مۇشۇ دىتالنى ىشلىتىۋاتىمەن ياخشىكەن ھازىرخېلى ئۈگىنىپ قالدىم .ئاسانكەن
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7275
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 226
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە226دانە
ئۆسۈش: 550 %
مۇنبەر پۇلى: 2661 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-07
ئاخىرقى: 2012-05-23
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 11:31

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن