ئوقۇتقۇچىلار قاۋىقى
(ھىكايە)
بۇ دۇكاننىڭ ئىچى بەك پاكىزمۇ ئەمەس،ياغاچ ئورۇندۇقتىن ئون نەچچىسى پاكار شىرەدىن بىر نەچچىسى ئىچىدىكى ئۆيدە بولسا ئىككى سۇپا بىر دانە ياپۇنيەنىڭ ئون تۆت دىيوملۇق كونا بىر رەڭلىك تىلۋىزۇر بولۇپ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا سىملىق تىلۋىزۇر تورىغا ئۇلىغاندىن باشلاپ بۇ دۇكاننىڭ سودىسى ئاۋۇشقا باشلىغان،بۇ دۇكاندا ھاراق سىتىلىدۇ ھەم ئىچىلىدۇ،ھاراقلىرىمۇ ئەرزان داڭلىق ئەمەس،قورۇما قورۇتۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق،قىنق دەملەنگەن ئاچچىق قارا چاي ھەقسىز،10 كوي پۇلغا ئىككى ئاغىنىنى مىھمان قىلغىلى بولىدۇ،ھە راسىت موخۇركىمۇ ھەقسىز،گازىر،خۇاسىڭ مىيى،دادۇر دىگەنلەر بۇ سورۇننىڭ ئىسل زاكۇسكىسى،دۇكان خوجاينى ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدىغان 50 نەچچە ياشلاردىكى قىسيق كۆز ئايال خەنزۇ،بۇ يەرگە ئىچكىلى كەلگەنلەر ئۇنىڭغا (غۇنچىخان)دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان،بۇ خەنزۇمۇ كۆنۈپ قالغان،بۇ يەرگە ئىچكىلى كەلگەنلەرنىڭ 90%تىدىن ئارتۇقراقى ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ ئۇلار ئاساسەن تەنتەربىيە،مۇزىكا،تارىىخ،ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى،يەنە سىرتتىنمۇ سىكىرتار،دادۈيجاڭ،ھەرخىل كەسىپتىكىلەر ئوغىرى يانچۇقچىلار بار،ئۇلار ھەركۈنى كەچ تەرەپلەردە دەملىش قىلغاندا ئەتتىگەن سائەت 9لاردا جەم بولىدۇ،بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇپ كەتكەن،ئۇرۇشۇپمۇ كەتكەن،مانا باشتا 2-3تىن سورۇن بولىدۇ،كىينرەك بىرلىشپمۇ قالىدۇ،(غۇنچىخان)ننىڭ نىسى دەپتىرىمۇ ئالمىشىپ بارىدۇ،
-مانا مەن --دەپ گەپ باشلايدۇ غۇلام ئاتلىق بىر ئوقۇتقۇچى--شىئەندە ئوينىغان پوتبۇلدا شىئەن كوماندىسىنى3كە قارشى 7نەتجە بىلەن يەڭگەنتۇق،شۇ چاغدا 16 ياش ئىدىم،مانا ماۋۇ ئىمننىياز مۇئەللىم ۋاراتار ئىدى،ئۇ قارشى تەرەپ ئۇرغان توپنى كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن ۋاراتارنىڭ يان ياغىچىغا ئۈسۈپ بىشى يىرىىلپ باشىنىڭ يان تەخىسسى ئاجىراپ كەتسىمۇ چىكىنمىگەن،تاكى مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ئاندىن ھۇشىدىن كىتىپ دوختۇرغا ئىلىپ بىرىلغان،بەك قەيسەرتۇق،مانا ئىشەنمىسەڭلار ئالغان كۈمۈش مىدالىمىز،
ئۇ ھاياجاندا سۆزلەپ مىدالىنى چىقىرىدۇ ھەم سۆيۈپ قويۇپ شىرە ئۈستىدە قويىدۇ،ئاندىن ئۇھسىنىپ رۇمكىنى بوشىتىدۇ،ئاندىن ئىمىننىياز مۇئەللىم گەپ باشلايدۇ،
-ھەييييي،شۇ چاغلاردا بىز شىنجاڭغا ۋاكالىتەن ياق ئۇيغۇرغا ۋاكالىتەن ئىچكىرىدە 9 ئۆلكىدە ئايلىنىپ 41 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان،تاماششابىنلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقارغان مەيداندىكى چەبدەسلىكىمىزگە گەپ كەتمەيتتى،بىزنىڭ ھۇجۇمچىمىز مەمەت(ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن)ھەممىنى تاڭ قالدۇرغان،رەھمىتى بەكلا باتۇر ئىدى،مانا 30 يىل بولاي دەپ قاپتۇ شۇ چاغلارغا،
--شۇ ئەمەسمۇ--دەپ گەپنى داۋاملاشتۇرىدۇ مۇختار ئىسىملىك بىر مۇئەللىم--مانا ھازىرچۇ ئوقۇپ كىلىپ مەيداننىڭ ئۆلچىمىنىمۇ تولۇق بىلمەيدىغانلار،بىرەر توپ تىپپ باقمىغانلار تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى دىگەن قالپاقنى كىۋىىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا توپنى تاشلاپ بىرىپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ،شۇڭىمۇ ھازىرقى بولۇپمۇ بىزنىڭ يەكەننىڭ تەنتەربىيىسىدن ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.
مانا مۇشۇنداق ئۆكۈنۈش ئىچىدە بوتۇلكىنى قۇرۇقداپ يەنە يىڭى بوتۇلكا كەلتۈرىدۇ،شۇ چاغدا تەنتەربىيە قانلىدىن يىڭى مۇسابىقىنىڭ ئىلانى چىقىدۇ ،ھەممە تىنىچلنىدۇ،مەيلى پوتبۇل،ياكى ۋاسكىتبول،ۋالىبول ئىشقىلىپ قانداقلىقى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى بولسىلا تولۇق كۆرىدۇ،ھاياجانلىنىدۇ،غەزەپلنىدۇ،چاۋاك چالىدۇ،تىللايدۇ،شىرەگە مۇشلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىدۇ،دەل مۇشۇ چاغدا ئاۋۇت مۇئەللىم دۇتتىرىنى يەنە بىر سىكىرتار داپنى قايسى بىر مەدەنيەت پونكىتىنىڭ قىرى مەسئۇلى تامبۇرنى ئىلىپ كىرىدۇ،ئاڭغىچە مۇسابىقمۇ تۈگەيدۇ،يەنە كىمدۇ بىرى دۇكاندىكى ئىسىقلىق راۋاپنى ئالىدۇ-دە قۇي پىيالىگە چاينى دىگەن ناخشىدىن باشلاپ كىيىن ئۇسۇللۇق پەدىگە ئۆتىدۇ،شۇنىڭبىلەن بىر مەيدان مەشىرەپ بولىدۇ،قىزىزىق قىلقلارنى چىقىرىپ ئۇسۇلنى يىرتىۋىتىدۇ،ئاندىن كىيىن تارخچى ئەدەبىياتچى مۇئەللىملەر قايسى بىر سىياسەتلەر ئۈستىدە توختىلىدۇ،تارىخ بىتىنى ۋاراقلاپ ئەجداتلىرىمىزنى ماختايدۇ،قاغايدۇ،ئاپاق خوجا،بەدۆلەت(ياقۇپ بەگ)،سەئىدىيە خانلىقىدىن چۈشۈپ ئامىرىكا،ئىراق،ئىران ئىشقىلىپ ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتكە كىلىپ توختايدۇ،بىلمىگەنلەر سورايدۇ،ئىزىپ چۈشەندۈرىدۇ(بىراق دەرس مۇنبىرىدە بولسا سائەت توشقۇزىدۇ)مۇنازىرە قاتتىق بولىدۇ،قايىل بولماي بوغىشىدۇ،بوتۇلكىلارنى كۆتىرىشدۇ،بۇ چاغدا (غۇنچىخان)بۇلارنى تىللاپ دۆشكۈلەپ بىسقتۇرىدۇ،ھىچنىمىدىن قورقماس بوپ كەتكەن نوچىلار شۇ دۇكانچى خەنزۇ (غۇنچىخان)دىن قورقىدۇ،چۈنكى ئۇ نىسىگە مال بىرىدۇ ئەمەسمۇ،ئاندىن بىسىقىپ يەنە ئىچىشكە باشلايدۇ،قايتىدىن قول ئىلىىشپ كەچۈرۈم سورىشىدۇ،ئەپۇ قىلىشىدۇ،گەپ تىمىسىنى يەنە بۇراپ مىسسىي،بىكخام،بارى،مىرەخمەت،شىر ئەلى ئۈسىتىدە پاراڭ قىلىشىدۇ.ئۇلارنىڭ يىتەرسىزلكىنى،ئارتۇقچىلقىنى دىيشىدۇ،شۇ چاغلاردا قەيەردە ئىچىپ كەلگىنى نامەلۇم بولغان (خەنجىرى)تەخەللۇسى بار بىر شائىر مۇئەللىم چالا مەس كىلىپ ھەممەيلەن بەكمۇ ئەدەپ بىلەن كۆرىشىدۇ-دە (غۇنچىخان)دىن نىسى ھاراق سورايدۇ،(غۇنچىخان)ئۇنى بىرمۇنچە تىللاپ بىر بوتۇلكا بىرىدۇ،شائىر ئۇنى شىرەگە ئەكىلىپ مىھمانلارغا ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم دەپ قويىدۇ ئارقىدىنلار مۇنۇ شئىرىنى ئوقۇيدۇ،
بۇ شئىرنى پالانى يازغان،ماڭا بەكمۇ ياقىدۇ--دەپ
گەپمۇ قىلماييتتىم،ئۈنمۇ قىلمايتتىم،
قارچۇغىنى قۇرغۇي دىسە.
غىدىقىم كىلىپ كۈلۈپ كىتەتتىم،
ئۇيغۇر تۇرۇپ(ئۇرغۇي)دىسە.
دىكلماتسىيەنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بىر رۇمكا ئىچىدۇ،يەنە بىر قانچە رۇبائىنى ئوقوۋىتىدۇ،چاۋاك چىلىندۇ،بىراق بۇ شائىر توختىماي سۆزلەيدۇ،ئاخىرى بۇنىڭدىن بىزار بولغان باشقا سورۇندىكى ئوغىرى يانچۇقچىلارنىڭ ئاچچىقى كىلىدۇ-دە شائىرنى بىرنى تىپپ ئۆرىۋىتىپ سۆرەپ سىرىتقا تاشلايدۇ،بىچارە شائىر شۇنىڭبىلەن ئورنىدىن تەس تۇرۇپ بىر قانچە گۇمپىلىرىنى ئىشقا سىلىپ قىساس ئالماقچى بولىدۇ،بىراق مادارى يەتمەيدۇ،ھەم (غۇنچىخان)مۇ كىرگۈزمەيدۈ،ئەتىسى يەنە شۇ ھالەتتە كىلىدۇ،قىززىق يىرى شۇكى (غۇنچىخان)مۇ ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن بۇلارنى تەمىنلەيدۈ،مەسىلەن،مائاشنىڭ يەنە ئۆسىدىغانلىقى،ئۆي باھاسى،ماي باھاسى،بىرىدىغان تولۇقلىما،ئۈنۋان ھەمدە ئارقا ئىشكتىن بىجىرىدىغان ئىشلارنىڭ باھاسى كىمنىڭ ئىشنى كىسىپ قىلىدىغانلقى،قاتناش ساقچىسى جەرىمانە قويغان قاتناش ئەسلىھەلىرىنى قانداق ئاچىقىش توغىرىسىدا ئومۇمەن ھەممىدىن خەۋەردار،تىخى نەق مەيداندا ئىشمۇ بىجىرىپ قويىدۇ،كەچ بولىدۇ ،ئوقۇتقۇچىلاردىن بىر ئىككىسى ئۇخلاپ قالغان،بىرنەچچىسى قۇسۇپ كىيىملىرىگە قارىغىلىمۇ بولمىغان،تىخى سىيىپ ئىشتان بىغىنى ئىتەلمەيدىغانلارمۇ بار،بۇ چاغلاردا سىكىرتار گەپ باشلايدۇ،
قويە سەندەك تايىنى يوق نىملەرنى،نامىڭ مۇئەللىم،قارىسام ھۆ قىلغۇم كىلىدۇ،مۇشۇ مۇئەللىم دىگەن ساماننى پالتا بىلەن يىرىپ قالايدىغان خەخ بۇ،10كوينىڭ ئالدى تەرىپىنى بىر قىتىم،كەينى تەرىىپىنى بىر قىتىم خەجلەيدىغان،شۇڭىمۇ سەنلەرنى كۆزگە ئىلمايمەن،مان دۈشمىنى گۈيلار،ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاشىنى ھارام خەجلىشىسەن،مانا سەنلەر تەربىيلىگەن باللاردىن بىزنىڭ كەنتىدە بىرەر ئالى مەكتەپكە ئۆتكىنى يوق،شىتاتلىق بىر مۇ كادىر چىقمىدى ھازىرغىچە كەنتىمىزدىن،ئەگەر مائارىپ ئىدارىسىگە جۈيجاڭ بولىدىغان بولسام ھەممىڭنى قوغلايتتىم،
ئۇ بىرمۇنچىلىغان سىسق گەپلەرنى قىلىدۇ،غەزەپلەنگەن غۇرۇرى تۇتقان مۇئەللىمىدىن بىر نەچچىسى ئۇنى ئۇرماقچى بولىدۇيۇ بىراق ھاراقتىن زەئىپلەشكەن تىنى ماس كەلمەي تاياق يەيدۇ،چۈنكى سىكىرتار قۇرۇق چاي بىلەن ئىچمەيدۇ،سىرتتىن گۆش-كاۋاپلارنى ئەكىرىپ پوچى ئىچىپ يەيدۇ،بىچارە ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرلىرى مۇشۇنداق خورلۇقتا يەنە ئىچىدۇ،ئارىلقتا قايتىماقچى بولىدۇ،نەچچىسىنىڭ مۇئاش كارتىسى ،كىملىكى (غۇنچىخان)دا،بىر كۈنلۈك دەملىش مۇشۇنداق ئاخىرلشىدۇ،يولدا قايتىقىچە نەچچىسى يىقىلىدۇ،ياتىدۇ،بۇلارنى چارلاش ساقچىلىرى يۆلەشتۈرۈپ ئاپىرىپ قويىدۇ،ئۇلارنى ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى ئاللا بۇرۇن ساقچىلارغا تونۇش،بولۇپمۇ خەنزۇ ساقچىلارغا ،ئۇلار بىزنىڭ بۇ نۇرلۇق شاملىرىمىزغا قاراپ كالدىرلاپ بىر نىمىلەرنى دىيىشىدۇ،ئەپسۇسلانغىننى بىلدۈرىدۈ،مىيىقىدا كۈلىشىدۇ،ئەتىسى ئۇچىرىسا ئەھۋاللىشدۇ،بۇ ئوقۇتقۇچىلارغا پاكىزراق رىستۇرانلاردا،مىللىچە تاماقخانىلارغا چىللاپ مىھمان قىلسڭىز رازى بولمايدۇ،پەقەت شۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاش قاۋىقىغا ئاپىرىپ 6كويلۇق ئاقتىن بىرنى قۇيسىڭىز بولدى ئۇلار ئالەمچە خۇشال..
مانا بۇ قاۋاقخاننىڭ تىجارىتىنى نەس باسماقتا يوق تىخىمۇ ئاۋۇماقتا،يىڭى خزمەتكە چىققانلارمۇ كونا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بۇ سەپكە قىتىلماقتا،ئۇلارنىڭ بۇ قاۋاقخانىغا ئەزا تەرەققى قىلدۇرىشى بىرەر مۇنبەرگە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇشتىن ئاسان،خوش <<ئوقۇتقۇچىلار قاۋىقى>>يەر يۇتقاي سىنى،،،
مەنبە،يەكەن،كەيفاچۇ،،،بوران114
[ بۇ يازمىنىboran114 2012-03-16 15:18قايتا تەھرىرلىد ]