بۇ مەزمۇن 22قەۋەتتىكى ئاپتاپلىق نىڭ 2012-03-17 13:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىز دۇنياۋى داڭلىق ئالىم،سىياسىيون ياكى ئەتىنى بىلگۈچى ئوخشىمامسىز. ئەرەبلەر تېخى ئۆزىنى ئەمدى قايتا تۇنىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى ئەرەبلەرنىڭ دەرت-ھەسرەتلىرىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا ئويلىنىۋاتىدۇ. " ئەرەبلەر قېرىنداش" دېگەن گەپ ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئىتىقادتا ئازغۇنلۇققا، سىياسىدا مەھكۇملۇققا ئېلىپ بارمايدۇ، دەل ئەكسىچە ئۇلارنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشقا،ئىتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە،ئۆزىگە تولۇق خۇجا بولۇشقا چاقىرىدۇ. "ئەرەبلەر قېرىنداش' دېگەن چاقىرىق بۈگۈنكى ئەرەبلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ھەم ھېچقانداق خاتا يېرى يوق.
بۇ ناخشا ئىنتايىن تەسىرلىك، ئاجايىپ ئېسىل ناخشىكەن. كۆرمىدىڭىزمۇ "تەۋراتتىكى نۇر، ئىنجىلدىكى مۇھەببەت، قۇرئاندىكى ھەقىقەت" دېگەن سۆزلەرنى .بۈگۈنكى دۇنيادا تەخمىنەن 30 مىليون ئەرەب خرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، يەنە يەھۇدى دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغانلىرىمۇ بار، كۆپ قىسىملىرى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ، 20 نەچچە دۆلەتكە بۆلۈنگەن،سىياسى غايىسىدىمۇ نۇرغۇن پەرق بار.ئەرەبلەر باش كۆتۈرىشى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىششى، بىرلىششى كېرەك. ناخشىچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ مۇسۇلمان ناخشىچىلار،يەنە لىۋانلىق خىرىستىيان ناخشىچىلار، سۇننىيلەر،شىئەلەرمۇ بار.نېمە دېگەن تەسىرلىك.
مەن ئادەتتە ئەرەبلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئانچە قىزىقمىساممۇ،ئۇلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىسىەممۇ بۇ ناخشا بەك تەسىرلىككەن. مەن بەك ياختۇردۇم.
قاچانمۇ سەللىلىك ئۇيغۇر، شەپكىلىك ئۇيغۇر،ئۆززۇۋان ئۇيغۇر،خەنزۇۋان ئۇيغۇر،ھىجاپلىق ئۇيغۇر،كۇساركۇ كىيگەن ئۇيغۇر،ساۋاتسىز ئۇيغۇر،پىراپپىسور ئۇيغۇر،ئۇغرى ئۇيغۇر،تەقۋا ئۇيغۇر،باي ئۇيغۇر، نامرات ئۇيغۇر،خوتەنلىك ئۇيغۇر،ئالتايلىق ئۇيغۇر قول تۇتۇشۇپ مۇشۇ ناخشىدەك " بىز قېرىداش"دېگەن ناخشىنى ئېيتا.