سەن بولمىساڭ
دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار، مەن بۇ شېئىرىمنى مىھىرىبان ئانىلارغا بىغىشلايمەن !!!!
جاھاندىكى ھەر بىر ئانىلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن !!!! ئانىلار ئامان بولسۇن!!!
سەن بولمىساڭ
1
سەن بولمىساڭ نە كېرەك ھايات لەززىتى ،
سەن بولمىساڭ گوياكى زۈلمەت بۇ جاھان .
سەن بولمىساڭ كۆنلۈرۇم ئۆتەر ئازاپتا ،
سەن بولمىساڭ ھەسرەتتە يۈرەرمەن پىنھان .
2
سەن بولمىساڭ نەدۇر باغۇ _ بوستانلار ،
سەن بولمىساڭ تىنىمدە يوقتۇر مادارىم .
سەن بولمىساڭ كۆكلىمەس باغلىرىمدا گۈل ،
سەن بولمىساڭ مەي بولماس ھەتتا ئانارىم .
3
سەن بولمىساڭ خوشاللىق ئىزلەرمەن نەدىن ؟
سەن بولمىساڭ گىلىمدىن ئۆتمەيدۇ نېىنىم ،
سەن بولمىساڭ قەددىممۇ ئىگىلەر شۇئان ،
سەن بولمىساڭ بولماس ھەم مېنىڭ بۇ جىنىم .
4
سەن بولمىساڭ قۇياشمۇ چىقمايدۇ كۈلۈپ ،
سەن بولمىساڭ يۇلتۇزمۇ پارلىماس كىچە .
سەن بولمىساڭ ئايمۇ ھەم يىغلار مەن بىلەن ،
سەن بولمىساڭ ئاھ ئۇرۇپ ئۆتەي تاڭغىچە .
5
سەن بولمىساڭ كۆزۈمدىن يوقار ھەتتا نۇر ،
سەن بولمىساڭ ئۆزۈمنى ئۇنتۇيمەن شۇئان .
سەن بولمىساڭ ھېچ مەنا يوقتۇر ھاياتتا ،
سەن بولمىساڭ ھاياتىم بولغۇسى گۇمران
ئاپتورى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
2012 _ يىلى 3 _ ئاينىڭ15 _ كۈنى ... پەيشەنبە .
چ چ : 1441136189
تەكلىپ _ پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر