باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 844 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىككى خىل پوزىتسىيە ..
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1422
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1422دانە
ئۆسۈش: 12030 %
مۇنبەر پۇلى: 12949 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-15 14:37

ئىككى خىل پوزىتسىيە ..



ئامېرىكىنىڭ چىكاكو شەھرىگە يېڭى بارغىنىمدا، يېقىن- يورۇقلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئەسكەرتكىنى: ماشىنا ھەيدىگەندە بەك دىققەت قىل، ئامېرىكىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى ناھايىتى رەھىمسىز، ئاسمان پەلەك سەۋەبىڭ بولسىمۇ مىت قىپ قويمايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن ھەر قېتىم ماشىنىنى قوزغاشتىن بۇرۇن «دىققەت قىل، بەكمۇ دىققەت قىل» دەپ ئۆز- ئۆزۈمگە ئەسكەرتىدىغان بولدۇم. ئەمما «قورققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ» دېگەندەك ئىش بولدى.
شۇنىڭدىن بىر ھەپتە كېيىنكى بىر يەكشەنبە كۈنى، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتاشىمدا بىر تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا ماشىنىنى توختىتىپ قويۇپ، ئىچىگە كىرىپ بولكا سېتىۋېلىپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن چىقىپ قارىسام، بىر قاتناش ساقچىسى ماشىنامنىڭ يېنىدا قاراپ تۇرۇپتۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن مېنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغىنىمنى دەپ، بىر تەرەپتىن ئىسىم- فامىلەم قاتارلىق ئەھۋاللىرىمنى سورىدى. بۇ ماڭا بەكمۇ غەلىتە تۇيۇلدى. ماشىنىنى بەلگىلەنگەن جايغا توختاتقان تۇرسام، يەنە نېمە قائىدىگە خىلاپتۇ؟ ئۇ ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپمۇ ئولتۇرمىدى، پەقەت مېنىڭ قولۇمدىن تارتىپ، چاقنىڭ يېنىغا ئەكەلدى ۋە ماڭا بىر يۆگىمە گەزنى تۇتقۇزۇپ ئۆزۈڭ ئۆلچەپ باق، دېدى. ئەسلىدە ماشىنىنىڭ كەينى چاقى سىزىقتىن 3 سانتىمىتىر ھالقىپ كەتكەنىكەن. نەتىجىدە مەن 40 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە تۆلىدىم، يەنە تېخى بىر قاتناش قائىدىسى ئۆگىتىش ئورگىنىدا بىر كۈن تەربىيلەشكە بۇيرۇلدۇم.
بىر كۈنى يېرىم كېچىدە يامغۇر يېغىۋاتاتتى، يولدا ماشىنا ۋە ئادەملەرمۇ ئاز بولۇپ، شەھەر سىرتىدىكى بىر كېسىشمە يولدا قىزىل چىراغقا دۈچ كەلدىم، تۆت- بەش مىنۇت كۈتكەن بولساممۇ يېشىل چىراغ يانمىدى، چىراغ چوقۇم بۇزۇلۇپتۇ، دەپ ئويلىدىم. قانداق قىلىش كېرەك؟ بىر ھازا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم، ئوڭ- سول تەرەپكە قاراپ بېقىپ، ماشىنا ۋە ئادەم يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن ماشىنامنى ھەيدەپ ئۆتۈپ كەتتىم. ئويلىمىغان يەردىن ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن قاتناش ساقچىلىرى مېنى چاقىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. مەن ئۇلارغا قاتناش قۇماندانلىق چىرىغى بۇزۇلغاچقا ئامالسىز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىمنى چۈشەندۈردۈم. ساقچى بېشىنى چايقاپ :« سېنىڭ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكىنىڭ زادى خاتا» دەپ تۇرۇۋالدى. مەن جېلە بولۇپ:« ئەگەر چىراغ بىر كۈن بۇزۇق تۇرسا ، مەن شۇ يەردە بىر كۈن ساقلامتىم؟» دەپ سورىدىم. ئۇ:«ساقلامسەن- ساقلىمامسەن ئۆزۈڭنىڭ ئىشى، مېنىڭ كارىم يوق» دېدى سۇغۇق تەلەپپۇزدا. «ئەگەر مېنىڭ ئورنۇمدا سەن بولساڭ قانداق قىلاتتىڭ؟» دەپ سورىدىم مەن يەنە. «بۇ ئاسان» دېدى ئۇ - «مەن قاتناش تارماقلىرىغا تېلېفون ئۇرغان بولاتتىم.»
شۇنىڭ بىلەن مەن 100 دوللار جەرىمانە تۆلىدىم، يەنە تېخى بىر كۈن مەجبۇرىي ئەمگەك قىلدىم.
ئىككى قېتىم جازاغا يېگەندىن كېيىن «ئامرىكا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئادىمىگەرچىلىكى يوق، پۇلغا تۇرغان نېمىلەركەن» دېگەن قاراشقا كەلدىم.
يۇرتدىشىم لى ئەپەندىم 50 ياشقا تولغان مەرىكىسىنى ئۆتكۈزگەن كۈنى ئازراق پىۋا ئىچىپ قالدىم. ئۆزۈم ماشىنا ھەيدەشكە جۈرئەت قىلالماي، ليۇ خېنىمنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتتىم. يېرىم يولغا كەلگەندە ليۇ خېنىمنىڭ قورسىقى ئاغرىپ كېتىپ، ماشىنىنى يولنىڭ چېتىگە توختاتتى- دە، ئازراق دورا ئىچتى. دەل موشۇ چاغدا ئىككى ساقچى قاتارلىشىپ بىز تەرەپكە كەلدى. ئىىچىمدە ئەمدى پالاكەت باسىدىغان بولدى، يەنە جازالىنىدىغان بولدۇم، دەپ ئويلىدىم. ئەمما ئۇلار ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، تولىمۇ مولايىملىق بىلەن ليۇ خېنىمدىن:« دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويايلىمۇ؟» دەپ سورىدى، ليۇ خېنىم بېشىنى چايقىغاندىن كېيىن، بىر ساقچى شوپۇرنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ بىزنىڭ بارىدىغان يېرىمىزنى سورىدى، ئاندىن ماشىنىنى ھەيدەپ ئىككىمىزنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۆيلىرىمىزگە ئاپىرىپ قويدى. يەنە بىر قاتناش ساقچىسى ساقچى ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ ماڭدى. كېيىن ليۇ خېنىمنىڭ ماڭا دېيىشىچە، ئەتىسى ئۇلار ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋالىنى سوراپتۇ.
غەلىتە ئىش، ئەجەبا بۇ جەرىمانىكەش بەگ- بوجاڭلار بۇ قېتىم شاپائەتچىگە ئايلىنىپ قالدىغۇ، زادى نېمە بوپ كەتكىنى بۇ؟
تازا ئىسسىق بىر چۈشتە، مال يەتكۈزۈپ بېرىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا كېلىۋاتسام، ماتور ئۆچۈپ قالدى. مەن ھەم جىددىيلەشتىم ھەم قورقۇپ، قارا تەرگە چۈمۈلۈپ، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. بىر كەمدە بىر ساقچى ماشىنىسى ھوقۇيتۇپ كېلىپ يېنىمدا توختىدى. ئىككى ساقچى ماشىنىدىن چۈشۈپ سۆرۈن تەلەتى بىلەن مەندىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى. ماتوردىن چاتاق چىققانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ماشىنىنى ئىتتىرىپ يولنىڭ چېتىگە توختاتتى- دە، سايمانلىرىنى چىقىرىپ رېمۇنت قىلىشقا باشلىدى، يېرىم سائەتچە ھەپىلىشىپ ئوڭلىيالمىغاندىن كېيىن، ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويدى.
ئەتىسى چۈشتە ساقچىلار ماڭا تېلېفون قىلىپ ماشىنامنىڭ ئوڭشالغانلىقىنى، ئۆيۈمدە ساقلاپ تۇرۇشۇمنى دېدى. 20 مىنۇتلاردىن كېيىن ئىككى ماشىنا كېلىپ ئىشىك ئالدىمدا توختىدى، ئۇلارنىڭ بىرى ساقچى ماشىنىسى، يەنە بىرى مېنىڭ ماشىنام ئىدى. ھېلىقى ئىككى ساقچى ماڭا رەسمىيەتلەرگە قول قويدۇرغاندىن كېيىن كەتمەكچى بولدى. مەن ئۇلاردىن رېمۇنت ھەققىنىڭ قانچىلىك بولغانلىقىنى سورىسام ئۇلار كەينى- كەينىدىن بېشىنى چايقاپ :«پۇل ئالمايمىز» دېيىشتى.
قاتناش ساقچىسى دېگەن پۇلغا دۈم چۈشكەن نېمىلەر ئەمەسمىدى؟ بىرمۇنچە جاپا تارتىپ رېمۇنت قىلىڭ بىر، يەنە تېخى ئۆيۈمگە ئەكىلىپ بېرىڭ ئىككى، ئەجەپ پۇل ئالمايدىغان بوپ قاپتىغۇ؟ شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارغا ئالدىنقى ئىككى قېتىم جازالانغىنىمنى دېۋىدىم، ئۇلار :«ئالدىنقى ئىككى قېتىم ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشى توغرا بولغان، چۈنكى سەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان؛ ئەمما كېيىنكى ئىككى قېتىمدىكىسى سىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت، شۇڭا ھەقسىز بولۇشى كېرەك» دېيىشتى.

كۈي جېفاڭ
دوستلىشىش
maslakdax
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1430
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 362
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە362دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 4321 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-05-10

بىزنىڭ ساقچىلارنى ئامېرىكىغا ئۈگىنىشكە ئەۋەتىش كېرەكمۇ قانداق؟
بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭلۈم ئىدى يا،
كۆڭلۈمنى ئوق قىلغۇچە بويۇم بولدى يا.
amallar niyatka baglik
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9656
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 1205 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-05-04
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-15 17:26

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق!!!....
دوستلىشىش
نارات
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 346
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە346دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3525 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-15 19:19

قانداق گەپ بۇ يەنە بىر وقۇپ كۈرىپ بىرنەرسە دەي
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1745
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1745دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23682 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-15 22:01

بىزنىڭ ساقچىلارنى ھەرگىز ئەۋەتمەيلى،،،،،،،ئۇلار بارسا مۇلازىمەتنى ئەمەس بەلكى سانتىلاشنى كۆپرەك ئۆگىنۋالىدۇ،،،،،،
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1168
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1168دانە
ئۆسۈش: 650 %
مۇنبەر پۇلى: 12653 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-05-01
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-16 14:16

جۇڭگۇلۇقلارنى باي كۆرگەن چېغى
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى