قانچىلىك ؟
ئاپتۇرى: دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
غەزەل
بۇ ھاياتتا ئىنساندەك ياشالىدىڭ قانچىلىك ؟ ،
ئېغىر كۈلپەت ئازاپتىن ئاشالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
(قانچىلىك ؟ )دەپ سوئاللار سورىدىڭمۇ ئۆزۈڭدىن؟ ،
قايسى چۆلنى باغ قىلىپ ياسالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
ياخشى دىدىڭ ئۆزۈڭنى يامانلىقتىن يىراق قىپ ،
كىملەر ئۈچۈن ياخشىلىق قىلالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
يامانلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلماي ئەكىسچە ،
ياخشىلىققا قولىنى تاتالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
كارۋان كەتسە يىراقلاپ تۇرۇپ قالدىڭ ھاڭۋېقىپ ،
شۇ كارۋانغا ئۆزۈڭنى قاتالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
بېشىڭ تەگسە مامۇققا چوڭ چاغلىدىڭ ئۆزۈڭنى ،
شۇ مامۇقتا ئېيتقىنا ياتالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
تىرىكچىلىك دەپ دائىم يۈردىڭ سودا _ سېتىقتا ،
جانى جىڭ دەپ ماختىماي ساتالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
ياندىم دەيسەن چىراق بوپ پاك قەلبىڭدە ھەر قاچان ،
لىكىن ئەلنىڭ كۆڭلىدە يانالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
ساناپ بەردىڭ ياماننى خۇددى ئۆزۈڭ ياخشىدەك ،
ياخشىلارنى قولۇڭدا سانالدىڭ قانچىلىك ؟ .
ئۆچۈرۋەتتىڭ مىسكىننىڭ ياققان بىر تال شامىنى ،
سوراپ باقاي ئۆزۈڭ شام ياقالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
مەن چوڭ بولسام ئاتا _ ئانام راھەت كۆرەر دىگەنتىڭ ،
مانا ئەمدى ئاناڭنى باقالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
مەكتەپ قۇرسا ياخشىلار غەيۋەت قىلدىڭ كەينىدىن ،
لىكىن ئۆزۈڭ بىر سىنىپ ئاچالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
كۆكلەپ چىقسا بىر كىشى يۇلماق بولدۇڭ يىلتىزدىن ،
خۇشپۇراق بوپ ئەلگە گۈل چاچالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
كەمبەغەللەر قاقاقلاپ كۈلسە كۈلمە دىدىڭيۇ ،
ئۆزۈڭ باي بوپ تېلىقىپ كۆلەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
لىكىن ئۇلار دوسىت تۇتۇپ يۈردى ھەر چاغ ئاللاھنى ،
سەن ئاللاھنى دوسىت تۇتۇپ يۈرەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
يوقسۇزلۇقتا ئاللاھقا قىلغانىدىڭ ئىبادەت ،
ئەمدى باي بوپ ئاللاھقا قول كۆتۈردىڭ قانچىلىك ؟ .
ھارام دىدىڭ ئېغىزدا ئەمەل قىلماي ۋە لىكىن ،
يەنە ھارام دىگەنگە سەن تۈكۈردۇڭ قانچىلىك ؟ .
توغرا يولنى تاپقاننى دىدىڭ يەنە ساراڭ دەپ ،
بۇ ھاياتتا سەن ئوڭ بوپ يۈرەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
كۆيۈپ يۈرسە ئەل ئۈچۈن يالغان دىدىڭ ئەجىبا ،
سەنمۇ جان دەپ ئەللەرنى سۈيەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
شۇنداق تۇرۇپ ئۆزۈڭنى ئۇيغۇر دەيسەن ئەي ئىنسان ،
چىن يۈرەكتىن مەن ئۇيغۇر دىيەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
گۈلزارلىقتا ئايلانسا تىكەن بىلەن توسۇدۇڭ ،
ئۆزۈڭ يالغۇز گۈلزارغا كىرەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
سۇندۇڭ بىر جۈپ قولۇڭنى ھارام يولغا ئۇيالماي ،
يوقسۇزلارغا بىر زاغرا بىرەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
ئەي ئۇيغۇرۇم ئۇنتىما مىللىتىڭنى ، دەيسەنيۇ ،
سوراپ باقاي ئۇيغۇر بوپ يۈرەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
جاۋاپ بەرگىن ، ھەق يولدا قىلىپ جاننى پىداكار ،
مىڭ تىرىلىپ مىڭ قېتىم ئۈلەلىدىڭ قانچىلىك ؟.
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
2012 . يىلى 3 . ئاينىڭ 14 . كۈنى ... پەيشەنبە
چ چ : 1441136189
تەكلىپ _ پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىزلەر !!!!