باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2128 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: جۇڭگو كونا ئاشىقى ئىرانغا ھەرگىز بىۋاپالىق قىلمايدۇ دېيىشكە بولامدۇ
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 792
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە792دانە
ئۆسۈش: 1460 %
مۇنبەر پۇلى: 9623 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-14 13:42

جۇڭگو كونا ئاشىقى ئىرانغا ھەرگىز بىۋاپالىق قىلمايدۇ دېيىشكە بولامدۇ

 جۇڭگو كونا ئاشىقى ئىرانغا ھەرگىز بىۋاپالىق قىلمايدۇ دېيىشكە بولامدۇ
 جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليې يېقىندا پاكىستاندا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. بۇ ئىش جۇڭگو ۋە غەربتە ئانچە زور ئىنكاس قوزغىمىغان بولسىمۇ، ھىندىستان كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتكە نىسپەتەن ھەر خىل چۈشەنچىدە بولدى. ئۇنداقتا جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ پاكىستاندا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇشى ئىلگىرى تىلغا ئېلىنغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش توختامى تۈزۈش ئۈچۈنمۇ ياكى باشقا مەقسەت بارمۇ؟ تۆۋەندە جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليېنىڭ پاكىستاندىكى زىيارىتىنى قىسقىچە تەھلىل قىلىپ باقايلى:
     جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا  جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليې پاكىستاندا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولدى
            غەرب ۋە شياڭگاڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئامېرىكا جۇڭگودىن بىر نەرسە ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن جۇڭگوغا سۆھبەتلىشىشكە كەلدى، ئەگەر جۇڭگودىن بىرەر نەرسە ئۈندۈرۈۋالالمىسا جۇڭگوغا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر ۋە ھەرىكەت قوللىنىدۇ، دەپ تەھلىل قىلىنغان بولسىمۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتى جۇڭگودا ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى بويىچە،ئۆيگە كەلگەنلەر مېھمان ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەمەلدارلىرى جۇڭگوغا كەلگەن ئىكەن،ئۇلارنى ئەتراپلىق، قىزغىن كۈتۈۋېلىش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى سۆھبەتتە جۇڭگو بىلەن ئىمكانقەدەر باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ سۆزلىشىشى كېرەك.لېكىن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك باراۋەر بولمىغان بىر ئەھۋال كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى: يەنى سۆھبەتكە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى (جۇڭگونىڭ زۇڭلىسىغا باراۋەر)، ئۇنىڭدىن باشقا،ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى كۆپ خادىمى قاتناشقان بولسىمۇ، جۇڭگو تەرەپتىن مەمۇرىي ئەمەلدارلارلا قاتنىشىپ،ھەربىي ئەمەلدارلار قاتناشمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چاغدا جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليې پاكىستاندا زىيارەتتە ئىدى. ئەگەر جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باشقا دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان بولسا، باشقىچە چۈشىنىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوقتى.ئەمما ھىندىستان جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ پاكىستاندا زىيارەتتە بولغانلىقىدىن ئەنسىردىمۇ ياكى ھەسەت قىلدىمۇ،بۇ ئىشتا ناھايىتى سەزگۈرلىشىپ كەتتى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا مەخسۇس ئالاھىدە ئىستون ئېچىپ، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو ئايروپىلان، تانكا قاتارلىق ھەر خىل قوراللار بىلەن پاكىستانغا كۆپ ياردەم قىلدى، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى نورمال  مۇناسىۋەتتىن ھالقىپ كەتتى، دەپ تەكرار بايانات ئېلان قىلدى. ھىندىستاننىڭ بۇنداق ھەسەت قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە جۇڭگو ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن ئانچە كۆپ ئالاقىسى يوق. ئەكسىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەت پاكىستاندا ئانچە غۇلغۇلا پەيدا قىلمىدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبەتتىكى يادرو ئېنېرگىيەسى ھەمكارلىقىنى بېكىتكەندىن باشقا، يەنە ئىككى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش تۈرى مۇھاكىمە قىلىندى. باشقا مەخپىي نەرسىلەرنى پەقەت ئاددىيلا پەرەز ۋە تەھلىل قىلىمىز، خالاس. جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پاكىستاندا زىيارەتتە بولغاندا ئىران ئويلىمىغان يەردىن ئىراننى جازالاشنى قوللىغان دۆلەتلەرنى تەنقىدلەشكە باشلىدى، ئىراننىڭ غەربنى تەنقىدلىشى يېڭىلىق بولمىسىمۇ، رۇسىيەنى تەنقىدلىشى كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. ئەمما ئىران تەنقىدلىگەن دۆلەتلەر ئىچىدە جۇڭگو يوق ئىدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەگەر ئىراننى جازالاش مەسىلىسىگە كەلسەك، جۇڭگومۇ جازالاشقا قوشۇلغان، ئەجەبا جۇڭگو ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ؟ جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ پاكىستاندا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولۇشىدىن بۇ توغرىلىق بەزى ئېنىق بولمىغان چۈشەنچىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
       جۇڭگو بىلەن پاكىستان ھەربىي جەھەتتىكى نۇرغۇن ھەمكارلىقنى ئاشكارىلىمىدى
      پاكىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىتايىن مۇھىم بولۇپ، شىمالدا ئافغانىستان، غەربتە ئىران، جەنۇبىدا ھىندىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ.ئەگەر جۇڭگو پاكىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزسا ياكى پاكىستاندىن ئۇرۇش يولى ئاچسا،پاكىستان ئۇرۇش چەمبىرىكى شەكىللەندۈرۈپ،جۇڭگو بىر كۈندىلا ئۇرۇش رايونىغا يېتىپ بارالايدۇ، يەنى جۇڭگو پاكىستان ئارقىلىق بىر كۈندىلا ئەتراپتىكى ياردەمگە موھتاج دۆلەتلەرگە ياردەم بېرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاكىستاندا يوشۇرۇنالايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ كەلگۈسى ئۇرۇش ھەمكارلىقى ناھايىتى قۇيۇق. بۇ پاكىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ كاپالىتى بولۇپلا قالماستىن،جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشىنىڭمۇ كاپالىتىدۇر.
       ئىرانغا ياردەم بېرىشتە، سۇ يولىدىن باشقا پاكىستان قۇرۇقلۇق يولىلا بار
     ئەگەر ئىراندا ئويلىمىغان ۋەقە يۈز بەرسە ھاۋادىن ياردەم بېرىشنىڭ خەتىرى ناھايىتى زور بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مۇئەللەقتىكى «كۆزى»دىن قۇتۇلالمايدۇ. سۇ يولى ئاللىبۇرۇنلا قامال قىلىنغاچقا، قۇرۇقلۇق يولىلا قالىدۇ. قۇرۇقلۇق يولىدا پاكىستاننى نەزەرگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن يول يوق. شۇڭا، پاكىستان جۇڭگونىڭ ئەسكەر يۆتكىشى ياكى ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يولى بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى جۇڭگونىڭ دۆلەت نىشانىغا يېتىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.جۇڭگو ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق يولىدا جاسارىتىنى تولۇق نامايان قىلالايدۇ.
           جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ياخشىراق سۆھبەتلىشىشى كېرەك
   بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىشىنىڭ يەنە بىر پۇرسىتى.
     ئامېرىكا ئەۋەتكەن سۆھبەت ئۆمىكىدىكىلەر ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارمۇ بار، ئەمما جۇڭگو سۆھبەت ئۆمىكىدىكىلەر ئىچىدە ھەربىي ئەمەلدارلار يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى بەزى مەسىلىلەر ئۈسىتدە ئالايىتەن سۆزلەشكىلى كەلگەندە، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زىيارەتكە كەتتى، بۇنىڭدىن ھەربىي جەھەتتە جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن زىيادە يېقىنلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئېنىق ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزەرىدە، ئۇلار ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىسىگە ئېرىشەلمىدى. بېيجىڭنىڭ كېچىسى شۇنچە گۈزەل، قارشى ئالغاندىكى تەبەسسۈم چىرايلار شۇنچە يېقىملىق بولسىمۇ، ھەربىي دائىرىلەر قاتناشمىغان بۇ قېتىمقى سۆھبەت دېگەندەك ئەتراپلىق بولمىدى. قارىغاندا،تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ قېتىممۇ يەنىلا ئەشۇ يېقىملىق،ئەمما كىشىنى گاڭگىرىتىدىغا گەپلەرنى ئاڭلاپ،مۈگدەپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا،جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە  سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشى كېرەك.
       ئىران بىلەن پاكىستان جۇڭگونىڭ غەربىدىكى سۈركىلىشنى پەسەيتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك رايون بولۇپ قېلىشى مۇمكىن
     جۇڭگو بۇ يىل شىنجاڭنى كەڭ ئېچىش پىلانىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرى ئافغانىستاندىن ئىبارەت مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقاچقا،جۇڭگو شىنجاڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنقى سېپى بولۇپ قالدى. شۇڭا جۇڭگوكۈچلۈك ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇرىشى، يېقىندىن دىققەت قىلىشى كېرەك. مۇشۇ سەۋەبلەردىن، پاكىستان بىلەن ئىران ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھەتتا ھىندىستانغا تەھدىت سېلىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى.
  بىزنىڭ مەقسىتىمىز پاكىستان بىلەن ئىراننى جۇڭگونىڭ غەربىدىكى سۈركىلىشنى پەسەيتىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رايون قىلىپ، شەرقتە بىرەر كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بەرسە، غەربنىڭمۇ دۈشمەننىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىككى لىنىيەدە ئۇرۇش قىلىشتەك پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
  قىسقىسى، بۇ ئىشلار توغرا كېلىپ قالغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.  ھەربىي دائىرىلەرنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا سۆھبىتىگە قاتناشماسلىقىدا مەلۇم مەقسەت بارمۇ ياكى ئامالسىزلىقتىنمۇ، بۇنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن. لېكىن بىر نۇقتىنى ئايدىلاشتۇرۇشىمىز زۆرۈركى، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى نوقۇل ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلا ئەمەس. ھەربىي مۇناسىۋەتمۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ھالقا.
 بولۇپمۇ ھەربىي دائىرىلەرنىڭ «بۈركۈت»ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپتىن تەيۋەنگە قورال-ياراغ ۋە << F-35 >> بەلگىلىك سوقۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشىنى، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپچىلىك خاتىرجەم بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، دىپلوماتىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، جۇڭگو ھەربىي دائىرىلىرى ئەشۇ دىپلوماتلارنىڭ ياغلىما سۆزلىرىدىن ھالقىپ، ئۇلار بىلەن بىرەر قېتىم ئەركەكلەردەك تىركىشەلەمدۇ- يوق؟ دېگەندەك مەسىلىلەردە كەلگۈسىدە  يەنىلا ئۈمىد كۈتەلەيمىز، بۇنداق بولسا ئەڭ ياخشى بولاتتى، ئەلۋەتتە.
مەنبە: نۇر تورى
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 792
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە792دانە
ئۆسۈش: 1460 %
مۇنبەر پۇلى: 9623 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-05-11

ئەگەر ما خەۋەر راس بولسا جۇڭگۇ « ئامىرىكا بىلەن ئېران ئۇرۇشسا  بىز ئېران تەرەپتە تۇرىمىز» دەپ ئامىرىكىغا پۇپۇزا قىلماقچىمۇ نىمە؟
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 977
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە977دانە
ئۆسۈش: 950 %
مۇنبەر پۇلى: 6176 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-05-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-14 15:41

ئازاتلىق ئارمىيىمىز پاكىستاندا بازا قۇرامدۇ نىمە
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 925
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 85 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-14 15:42

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
قىيامەت كۇنى رەببىمىز ئالدىدا  ھەربىر نەپھ ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10181
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 436
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە436دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 4426 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-03
ئاخىرقى: 2012-03-27
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-14 16:46

مىنىڭچىمۇ بىگاننىڭ تەھلىلى  ئورۇنلۇق .
{  جەننەت  ئانىلارنىڭ  ئايىقى  ئاستىدا  }
ئى ئاللا بىر سلگە ئىبادەت قىلمىز ۋە بىر سلدىن ياد ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3898
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1150
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1150دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 6300 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-05-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-14 17:42

بىگاننىڭ تەھلىلى  ئورۇنلۇق
adasdsadas
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2512
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 214
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە214دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1185 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-30
ئاخىرقى: 2012-05-11
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-14 18:45

دولىتىمىزنىڭ بۇ تەدبىرى  سۇ كەلگىچە  تۇغان سال  دىگەن تەدبىرگە ماس كىلىدۇ بىراق كىلىدىغان سۇ قانداق سۇ كەلكۇن سۇيىمۇ ياكى ئادەتتىكى سۇمۇ  شۇنىڭغا قارايدۇ  شەرىقى ئاسىيا ياكى شەرىقى جەنۇبى ئاسىيا تەرەپكىمۇ تۇغان سالماقچى بولغان مۇھاپىقىيەت قازىنالمىدى  بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ قالامدۇ ئۇققىلى بولمايدۇ قىسقىسى شاخمات ئۇيۇنى ئوينىلىۋاتىدۇ ئامىركا بۇلۇپمۇ  ئۇباما بىنراندىننى ئولتەگەندە دۇنياغا شۇنداق ئېلانقىلدىكى ھاياجېنىنى باسالماي بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدىن شۇنى كورىۋالغىلى بۇلىدۇكى بىز قىلىمىز دىگەن ئىقشتا چۇقۇم غەلىبە قىلمايقالمايدىغىنىمىزنى يەنى چۇقۇم مەقسىتىمىزگە يەتمەي قالمايدىغىنىمىزنى كورۇۋالغىلى بۇلىدۇ دەپ دۇشمەن دولەتلەرگە ھەيۋە قىلغان  خۇددى توخۇنى بۇغۇسلاپ مايمۇننى ياكى خۇتۇننى قۇقاتقاندەك ئىش ئىشقىلىپ ۋەزىيەت مۇرەككەپ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5723
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 392
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە392دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 4203 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-11
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-14 22:02

مىنىڭچىمۇ    بىگان   ھەزرىتىمنىڭ تەھلى ئورۇقلۇق....
ئېىسىت بىزدىكى دۆتلۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2723
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 371
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە371دانە
ئۆسۈش: 130 %
مۇنبەر پۇلى: 2145 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-07
ئاخىرقى: 2012-05-09
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-14 22:29

جوڭگو ئەزەلدىن سۇنىڭ ئىقىشىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان دۆلەت،زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ.بۇ خەۋەر راست بولغان تەقدىردىمۇ،جوڭگو ئالدىراپ ئىرانغا ياردەم قولىنى سۇنالمايدۇ.

سىز ئىران، سۇريەدىن كىيىنكى نۆۋەت كىمۇ ؟ دىگەن سوئالنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسىڭىز ئىراننى قوللاشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقنى چۇشنەلەيتىڭزى؟
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 792
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە792دانە
ئۆسۈش: 1460 %
مۇنبەر پۇلى: 9623 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-05-11
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-14 23:09

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى 281151976 نىڭ 2012-03-14 22:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
جوڭگو ئەزەلدىن سۇنىڭ ئىقىشىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان دۆلەت،زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ.بۇ خەۋەر راست بولغان تەقدىردىمۇ،جوڭگو ئالدىراپ ئىرانغا ياردەم قولىنى سۇنالمايدۇ.

سىز ئىران، سۇريەدىن كىيىنكى نۆۋەت كىمۇ ؟ دىگەن سوئالنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسىڭىز ئىراننى قوللاشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقنى چۇشنەلەيتىڭزى؟

مەنچىمۇ جۇڭگۇ تازا ئۇڭايسىز ئەھۋالدا قالغاندەك تۇرىدۇ، دىگەن بىلەن بۇ قېتىممۇ ئېراننى جازالاش مەسىلىىسدە يەنىلا ئامېرىكىنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتتى دەپ قاراشقا بولىدۇ، پاكىستان ئەزەلدىن ئامېرىكىدىن قۇرقىدىغان چىراي، بىن لادىننى  ئۆلتۇرگەندىمۇ ئامېرىكا پاكىستاننىڭ رايىغا باقمىدى ھەمدە مەسىلىھەت سۇراپمۇ قويمىدى، ئېشقىلىپ ئامېرىكا - پاكىستان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە سېرىتقى دائىرلەرگە ئېنتايىن قاراڭغۇ ، خۇددى  <خۇجايىن بىلەن مالاي >مۇناسىۋىتدەك  ئامېرىكا خالسا ياردەم بىرىپ خالىسا بۇزەك قىلىپ كىلىۋاتىدۇ ، ناۋادا راسىتلا ئېران - ئامېرىكا ئۇرۇشى بۇلۇپ قالسا جۇڭگۇ ئېرانغا پاكىستان قۇرۇقلۇق يولىدىن ئۆتۇپ ياردەم بىرىشى ئىنتايىن تەس، پاكىستانمۇ جۇڭگۇغا ئۇرۇش يولى ئېچىپ بەرسە ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە ، ئېراندىن كىينكى نېشانى بۇلۇپ قېلىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ، پاكىستان ھۆكۇمىتى ئەلۋەتتە بۇ نوقتىنى ئېنىق چۈشىنىدۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىغا يامان بولۇپ ئېران شېئەلىرىگە ياردەم قىلىش ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ مەخسىتىمۇ ئەمەس، ئېشقىلىپ ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان  ۋەدىسى ھامان ئەمەلگە ئاشىدۇ!
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.