تۈرمىدىكى پۇشايمان
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
ئاھ ، بىر نىچۈن ئالدىم (ئاق ) نى ئاغىزىمغا مەن ؟ ،
شۇ (ئاق )ئۈچۈن يوقاتتىمغۇ پاكلىقىمنى .
پۇشايماندا يىغلاپ ياتتىم بۈگۈن كېچە ،
قەيەرلەردىن تاپارمەن دەپ تاتلىقىمنى .
شۇ نىجىسنى نىچۈن چىكىپ سالغاندىمەن ،
بىلمەپتىمەن پۇشايماندا قالارىمنى .
ۋىجدانىمنى يوقاتقىنىم خۇددى ئازدەك ،
بىلمەپتىمەن ئاتا - ئانامدىن تانارىمنى .
مامۇق ئىدى ئۆيدە مېنىڭ ياتقانلىرىم ،
كۆرمىگەنمەن زەي يەرلەردە ياتارىمنى .
توۋۋا دەيمەن تىرىك تۇرۇپ دوزاق كەبى ،
قارا زىندانغا ئۆز _ ئۆزەمنى ئاتارىمنى .
تاماقلىرى تاياق ئىكەن ئەمدى بىلسەم ،
سېغىندىمغۇ ئاشۇ ئىسسىق تائامىمنى .
ئۇيقۇلارغا قانالمىدىم كۈندە يىغلاپ ،
پۇشايمىنىم بۇزۇپ كەلگەچ ئارامىمنى .
كېچىلىرى ھەمراھ بولدى ئەسكى كىرلىك ،
سېغىندىمغۇ ئايالىمنى خۇمارىمنى .
قەيەرلەردە قالدىكىنتاڭ تاپالمىدىم ،
ئانام ئاسقان بوينۇمدىكى تۇمارىمنى .
جىمجىتلىققا چۆمدى مانا زىندانىممۇ ،
بەك سېغىندىم ئاشۇ مۇڭلۇق دۇتتارىمنى .
ئۆيدە بولسام چالار ئىدىم بەلكى غەمسىز ،
مۇقاملارغا تەڭكەش قىلىپ ساتتارىمنى .
گاھ يەتمىگەچ شۇ (ئاق) ئۈچۈن دوللارلىرىم ،
يەنە سېتىپ تۈگەتتىم ئۆي بىساتىمنى .
بۇ دۇنيادا قىلغان ئۈشبۇ گۇناھىمغا ،
تاتارمەنمۇ ئۇ دۇنيادا قىساسىمنى .
بىر چاغلاردا مىڭ يىقىلسام تىك تۇراتتىم ،
بىر يىقىلىپ ئالالمىدىم مادارىمنى .
تۈگىگەچكە ساتقانلىرىم پاك _ پاكىزە ،
بىلەلمىدىم يەنە نېمە ساتارىمنى .
بىرنى چەكسەم چانمايدىغۇ دەپ كەپتىمەن ،
قىلچە ئويلاپ يەتمەپتىمەن چانارىمنى .
بىلمەپتىمەن بىر كۈنلىرى ھەسرەت ئۇرۇپ ،
ئۆز _ ئۆزەمگە كويزا _ كىشەن سالارىمنى .
كۆزلىرىمدىن تارام - تارام ئاقتى قان ياش ،
بىلمەپتىمەن يىرىڭ بولۇپ ئاقارىمنى .
قانداق سۆيسۇن (دادا ) دەپ ھەم باللىرىممۇ ،
بىلەلمىدىم ئانامغا قانداق قارارىمنى .
كىمگە تۆكۈپ كىمگە يىغلاي بىلەلمىدىم ،
ئىچ _ ئىچىمدىن ئۆركەشلىگەن بۇ زارىمنى .
كىممۇ سورار ئەمدى ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ ،
نېمە بولدۇڭ ؟ ئىتقىنا دەپ شۇ ھالىمنى .
نابۇت قىلدىم ئۆز جىنىمنى ئۆزۈم بۈگۈن ،
قانداق ئەسكە كەلتۈرەرمەن ھاياتىمنى .
ئۇچقان ئىدىم كۆكتە پەرۋاز ئەيلەپ سادا ،
ئۆزۈم بىلمەي كىسىپتىمەن قاناتىمنى .
تارتقان ئىدى ئاتامسىزمۇ ئانام مېنىڭ ،
كىچىكىمدىن چوڭ بولغىچە جاپايىمنى .
بەڭۋاشلىقىم قويغاچ مېنى بۇ ئەلەمگە ،
جېنىم ئانام كۆرەلمىدى ۋاپايىمنى .
نىدا قىلسام ئاھلار ئۇرۇپ زىندانىمدا ،
ھېچ بىر كىشى ئاڭلىمىدى نىدارىمنى .
كىملەر يوقلاپ كىلەركىنتاڭ بىلمىدىم ھېچ ،
قارا زىنداندا سارغايغان بۇ دىدارىمنى .
تۆۋبە قىلسام زىندانىمدا تەسۋى ئوقوپ ،
كەچۈرەرمۇ ئۇلۇغ ئاللا گۇناھىمنى .
كىتىپ قالسام مۇشۇنداقلا بۇ دۇنيادىن ،
تاپارمەنمۇ ئۇ دۇنيادىن پاناھىمنى .
ئەزىز مۇسۇلمان قىرىنداشلار مۇشۇ نىجىسنىڭ قۇلى بولۇپ قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ . ئۆلگەندىن كىيىن ياسىن ئوقوغاننىڭ پايدىسى بولمىغىنىغا ئوخشاش ئاخىردا پۇشايماندا يىغلاپ قېلىشنىڭ پايدىسى يوق ...مۇشۇ نىجىسدىن ھەر ۋاقىت يىراق تۇرۇڭ ....ھەممىمىزگە ئاللاھ ئىنساپ بەرسۇن ....
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
2012 . يىلى 3 . ئاينىڭ 13 . كۈنى ... سەيشەنبە
چ چ : 1441136189
تەكلىپ _ پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىزلەر !!!!