ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قۇربانلىرى مەقبەرسى يەنە شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قەھرىمانلىرى تارىخى موزىي دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
1957-يىلى 7-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىۋاستە مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن ياسالغان بولۇپ،غۇلجا شەھرى ئەخمەتجان كوچا خەلق باغچىسى ئىچىنىڭ غەربى قىسمىغا جايلاشقان.ئومۇمى كۆلىمى6.67 گېكتار كېلىدۇ.ئىچىدە يەتتە نەپەر ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ قەبرىسى ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئورناتقان خاتىرە تېشى ۋە خاتىرە سارىي بار.
1944-يىلى8-ئايدا ئىلى،چۆچەك،ئالتاينى مەركەز قىلىپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قوزغالدى.كېينچە ئۇلار غۇلجا شەھرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قۇردى.
1948-يىلى 8-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئېسھاقبەك مونۇلۇلۇف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ،دەلىلقان سۈگۈربايىف،
ئوسمانجان ناسىر ۋە لوجىژ قاتارلىق يەتتە كىشى بېيجىڭغا رەئىس ماۋزېدوڭنىڭ تەكلىپى بىلەن جوڭگو خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىرىنچى كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ماڭغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدىكى ئېركۇتسكى دىگەن جايدا ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ ئايروپىلاندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.1950-يىلى 4-ئايدا ئايروپىلاندىكى كىشلەر جەسىدى غۇلجا شەھرىگە يۆتكەپ كېلىنگەن ۋە ئەسلىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قۇربانلار قەبرىستانلىقى (ھازىرقى ئوبلاستلىق مالىيە مەكتىپى قورۇسى ) غا دەپنە قىلىنغان.1959-يىلى7-ئايدا ھازىرقى ئىنقىلابى قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.
مەزكۇر رايون قەبرىستانلىق رايونى ۋە كۆرگەزمە زالى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ.
قەبرىستانلىق رايونى ئالدى سىمونىت تاش يېيىتىلغان مەيدان بولۇپ ئېھتىرام بىلدۈرۈش مەيدانى دەپ ئاتىلىدۇ. 600كۇادىرات مېتىر كېلىدۇ.
مەيداندا مىلليچە ئۇسلۇبقا ئىگە بىر خاتىرە مۇنارى قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ.خاتىرە مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 13 مېتىر،ئاساسى 16كۇادىرات مېتىر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ چوققىسى ئالتۇن ھەل بېرىلگەن گۈمبەز شەكلىدە چىقىرىلغان.
خاتىرە مۇنارنىڭ يان تاملىرىغا قازاقچە،ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە يېزىقتا رەئىس ماۋزىدۇڭنىڭ ئىنقىلابى قۇربانلارغا ئاتاپ يېزىلغان. «مىللى ئازاتلىق ۋە خەلقنىڭ دېموكىراتىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ۋە قۇربان بولغان يولداش ئەخمەتجان قاسىمى،ئىسھاقبەك مونۇلولوۋ،ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، دەلىلقان سۈگۈربايىۋ ۋە لوجىژ قاتالىقلارنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ» دىگەن بېغىشلىمىسى ئويۇلغان . يەنە خاتىرە مۇنارىنىڭ يان تاملىرىغا ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە يېزىقتا مۇنداق خەتلەر ئويۇلغان :
« ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلابى قۇربانلار مىللەتنىڭ ئازاتلىق ئىشلىرى ۋە خەلقنىڭ دېموكىراتىك ئىشلىرى ئۈچۈن چوڭ تۆھپىلەرنى ياراتقان .
1949 –يىلى جوڭگو ئىنقىلابى غەلبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىنقىلابى قۇربانلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقى ۋە جوڭگو خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىرىنچى قارار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا قاراپ كېتىۋاتقاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ بەخىتكە قارشى قازا قىلدى.ئىنقىلابى قۇربانلارنىڭ تۆھپىسى ئىنقىلاپ تارىخىغا كىرگۈزۈلۈپ نامى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ»
1959-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
1984-يىلى 8-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەبلەغ ئاجرىتىپ قەبرىستانلىق ۋە خاتىرە مۇنارىنى قايتا رېمونت قىلدى.1989-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەملىكەتلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئىنقىلابى قۇربانلار خاتىرە ئورنى قىلىپ بېكىتىلدى.
1994-يىلى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيىسى بېرىدىغان ئورۇن دەپ بېكىتىلدى.2000-يىلى ۋە 2004 –يىللىرى ئايرىم ئايرىم خاتىرە مۇنارى ۋە قەبرىستانلىق قايتا رېمونت قىلىندى.
2004-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ 60 يىللىقى ۋە ئاپتونوم ئوبلاست قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 840 كۇادىرات مېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى خاتىرە موزىي قۇرۇلدى. موزىيدا يېڭىدىن يەنە 170 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت ۋە 40 ئارتۇق خاتىرە بۇيۇمى قويۇلدى. موزىيدىكى قىممەتلىك خاتىرە بۇيۇملار ۋە سۈرەتلەر ئىنقىلابى قۇربانلار ۋە مىللى قەھرىمانلارنىڭ ئىنقىلابى پائالىيەتلىرىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ ، يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن كېينكى ھەر مىللەت خەلقى ئىنقىلابى قۇربانلارنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.