تاپالمىدىم ئانىجان
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
ئانا، ئۇ دۇنيادا ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ مېھرىبان ئىنسان ... ئانىلارنى قەدىرلەيلى !!!!!
قەيەرلەرگە مۈكىۋالدىڭ ئانىجان ،
تاپالمىدىم جاھانلارنى ئاختۇرۇپ .
كۆرەلمىگەچ سىمايىڭنىڭ نۇرىنى ،
يۈردۈم ھەر چاغ كۆزۈمدىن ياش ياغدۇرۇپ .
قەيەرلەرگە مۈكىۋالدىڭ ئانىجان ،
كۆرۈنمىدىڭ كۈندۈز ياكى كىچىدە .
‹‹تاپالمىدىم›› دىسەممۇ گەر چىقمىدىڭ ،
يۈردۈم شۇڭا دەرت-ئەلەمنىڭ ئىچىدە .
قەيەرلەرگە مۈكىۋالدىڭ ئانىجان ،
تاپالمىدىم ھەتتا ئاي، يىل ئىزلەپمۇ ،
نەدە باركەن يىل_يىل مۈككەن ئويۇنلار ؟،
تاپالمىغاچ قالدىم مانا سۆزلەپمۇ .
قەيەرلەرگە مۈكىۋالدىڭ ئانىجان ،
زارىققۇزۇپ مەندەك سەبى بالاڭنى .
مۆككەن يەردىن كەل بالام دەپ چىققىنا،
‹‹ئەسسالام›› دەپ ساڭا بىرەي سالامنى .
قەيەرلەرگە مۈكىۋالدىڭ ئانىجان ،
باغلارغىمۇ يا بولمسا تاغلارمۇ ؟.
ئەندىشىدە قالدى مېنىڭ يۈرۈكۈم ،
سەنسىز ئانا يوقالمىغاچ داغلارمۇ .
قەيەرلەرگە مۈكىۋالدىڭ ئانىجان ،
يۈرۈكۈمنى پارچە_پارچە تىلىپ ھەم .
چىقمىساڭ گەر ئانا مۆككەن يىرىڭدىن ،
چىرمىۋالار بۇ قەلبىمنى ئازاپ _ غەم .
ئاپتۇرى :دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازىچ چ : 1441136189ھەر قانداق تەكلىپ پىكىر ۋە تەنقىدى پىكىر بولسا ئايىماسلىقىڭلارنى ئۆمۇت قىلىمەن !!!!!2012 _ يىلى 3 _ ئاينىڭ 12 _ كۈنى ... دۇشەنبە ........... غۇلجا