[quote]بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى kizilkowruk نىڭ 2012-03-13 13:39 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:تارىخقا يېزىلمىغان ئىشلار :
مۇھىتىلار جەمەتى مۇسابايوفلار جەمەتىگە ئوخشاش پۈتۈن شىنجاڭدىلا ئەمەس ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ تونۇلغان تىجارەتكە ماھىر،مەرىپەتپەرۋەر چوڭ جەمەت ئىدى.بۇلاردىن مەخسۇت مۇھىتى جاللات شىڭ شىسەي بىلەن بولغان جەڭدە شېھىتلىك مۇقامىغا يەتكەن. مەھمۇت مۇھىتى،مۇسۇل مۇھىتى ،گۇسۇل مۇھىتىلار خوجىنىياز ھاجى قوشۇنى بىلەن تا قەشقەرگىچە بارغان، مەخمۇت مۇھىتى پىشقان ھەربىي قوماندان،باتۇر سەركەردە ۋە ئىخلاسمەن مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى، قورقۇمسىزلىكى،تەدبىرلىكلىكى بىلەن نۇرغۇن ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىپ،قوزغىلاڭچى قوشۇندا زور ئىناۋەت تىكلىگەن ئىدى. ئۇ قەشقەردە مىللى مۇناپىق ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللىنى يوقىتىپ،بىر چوڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،ۋەتەن،مىللەت،دىن خائىنلىرىنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى.شۇنداقلا ئۇ ئىنتايىن ھۇشيار بولۇپ، شىڭ شىسەينىڭ سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلىپ،چىقىش يولى ئىزدەپ،ھىندىستان ئارقىلىق ئاۋال ياپونىيىگە ئاندىن چوڭچىڭغا بېرىپ،شىڭشىسەي ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ۋە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن، ئەپسۇس ئۆمرى يار بەرمەي 1944-يىلى چوڭچىڭدا قازا قىلغان.
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى بەرگەي.ئۇلارنىڭ روھىنى ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرگەي!
تېما يوللىغۇچىغا رەخمەت.

[/quo
نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىۋالدۇق، رەھمەت سىزگە