مەنچىلىك
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
1
ئاققان ئىدىم سۈيۈڭدە تاش قىرلارغا ئۇرۇلۇپ ،
يېڭى يارىڭ غۇلاچلاپ ئاقالارمۇ مەنچىلىك .
قاتقان ئىدىم ناخشا قىپ سېنى ھەر بىر كۆيۈمگە ،
يېڭى يارىڭ شىئىرغا قاتالارمۇ مەنچىلىك .
2
قالغىنىڭدا قاراڭغۇ كوچىلاردا تەمتىرەپ ،
يانغانىدىم سەن ئۆچۈن چىراق بولۇپ ھەر قىتىم .
مانا ئەمدى مىنىڭسىز قالغىنىڭدا كىچىدە ،
يېڭى يارىڭ بىر تال شام ياقالارمۇ مەنچىلىك .
3
ۋاي دىمىگەن ئىدىممەن قىينىساڭمۇ ھىجراندا ،
سۆيگەنىدىم سۆي دىسەڭ تىكەنلەرنى يۈرەكتىن ،
تارتقان ئىدىم مەن سېنى ئازاپلاردىن ھەر دائىم ،
يېڭى يارىڭ ئىتقىنا تاتالارمۇ مەنچىلىك .
4
كىرپىكلىرىم ئوقياتى دۇشمىنىڭگە ھەر قاچان ،
تەييار ئىدىم ئىتىشقا سېنى يامان دىگەنگە .
دۇشمەنلىرىڭ مىنېڭسىز گەپ تاپقاندا كەينىڭدىن ،
يېڭى يارىڭ چىچىنى ئاتالارمۇ مەنچىلىك .
5
دىگىنىڭدە بەزىدە شۇ ئايرىلىش سۆزىنى ،
ياتمىغانتىم تولغۇنۇپ كىچىلەردىن تاڭغىچە .
يېڭى يارغا شۇ سۆزنى ئىتقىنىڭدا چاقچاق قىپ ،
نە ئۆچۈن ؟ دەپ ئازاپتا ياتالارمۇ مەنچىلىك .
6
ئايرىلساقمۇ مەڭگۇگە كۆتۈپ كەلدىم بىر سېنى ،
يارالغاچقا بۇ جىسمىم بىر سېنىلا كۆتۇشكە .
ئەگەردە سەن ئايرىلساڭ شۇ يارىڭدىن ۋاقىتلىق ،
ئۆمۈد بىلەن تەلمۈرۇپ كۈتەلەرمۇ مەنچىلىك .
7
سېنى ئەسلەپ ھەر قىتىم نەچچە باردىم بىغىمغا ،
ھەر بارغاندا دەستە گۈل تىرىپ كەلدىم سەن ئۆچۈن .
سەن ناۋادا ئايرىلساڭ شۇ يارىڭدىن بىر كۈنى ،
ساڭا ئاتاپ دەستە گۈل تىكەلەرمۇ مەنچىلىك .
8
سىنىقىڭدىن ھەر قىتىم ئۆتۈپ كەلدىم نوقسانسىز ،
چۆنكى قەلبىم بىر ساڭا باغلانغاچقا ئەبەتكە .
شۇ يارىڭنى بىر كۈنى سىناپ باققىن مىنىڭدەك ،
سىنىقىڭدىن بىمالال ئۆتەلەرمۇ مەنچىلىك .
9
ئاسان ئەمەس يىگىتنىڭ چىن سۆيمىكى بىر قىزنى ،
سېنى شۇنداق سۆيەتتىم يۈرۇكۇمنىڭ قىتىدىن .
خەيرى ئەمدى خوشلاشتۇق سوراپ باقاي جاۋاپ بەر ،
يېڭى يارىڭ بىر سېنى سۆيەلەرمۇ مەنچىلىك .
جان پىدا قىپ سەن ئۆچۈن ئۆلەلەرمۇ مەنچىلىك .
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
ھەر قانداق تەكلىپ پىكىرىڭلار بولسا چ چ 1441136189 بىلەن ئالاقىلىشىڭلارنى ئۆمۈت قىلىمەن . ......2012 _ يىلى 3 _ ئاينىڭ 12 _ كۈنى ... دۇشەنبە .. غۇلجا