باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 189 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شاھ ۋە سۇلتان (تارىخى روماندىن پارچە)
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 758
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە758دانە
ئۆسۈش: 6940 %
مۇنبەر پۇلى: 12657 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 03:20

شاھ ۋە سۇلتان (تارىخى روماندىن پارچە)

                         شاھ ۋە سۇلتان (تارىخى روماندىن پارچە)
                             iskender pala
            
                    
                   




    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك، شاھ ۋە سۇلتان ئىسىملىك بۇ رومان جەمى 390 بەتلىك بولۇپ، يېزىلىشى ئۆزگىچە ۋەقەلىگى ماڭا نىسبەتەن بەكمۇ جەلىپ قىلارلىق ئىكەن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ رماننىڭ بىر بابىنى قىسقارتىپ، بىلىشىمچە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم، ئەگەر ۋاقتىڭلار بولسا ئوقۇپ باقارسىلەن.

                                             12
                                           قەمبەر

          بۇ باپ شاھنىڭ خۇراساندا ئۆزبەك خانىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ باش سۆڭىكىدە شاراپ
                     ئىچىش، تاچلىنىڭ مەرۋايىتىنى يوقۇتۇپ قويۇش بايانىدادۇر

    ... تەبرىزدە يەنە سەپەر يولى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. قىزىلباش شىئەلەرنىڭ شاھى ئىسمائىل شاھنىڭ شانۇ شەۋكىتى كۈندىن- كۈنىگە ئېشىۋاتاتتى. دۆۋلەت چىگرىسى كېڭىيىپ، ئاقباش يەنى سۈننى مۇسۇلمانلارنىڭ ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ زېمىنىغا كۆز تىكىشكە باشلىدى. ئەمما ۋاقىت تېخى بالدۇر بولۇپ، ياش ئىسمائىل شاھنىڭ ئىستانبۇلنى ئالالىغىدەك كۈچى يوق ئىدى. ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن ئۇنداقتا نىشان شەرقتىكى سۈننى مۇسۇلمان پادىشاھى يېشىل باش شەيبانىخان ئىدى. ئىسمائىلشاھ شەيبانىخاننى شەبەك خان دەپ ئاتايىتتى.
    كېيىنكى يىللاردا بۇ شەبەك خان ئىسمائىل شاھنىڭ شىئە قىزىلباش سافېۋى دۆۋلىتىنىڭ چىگرىلىرىغا قەدەر كېڭەيگەن بولۇپ، بۇ زىمىنلار ئىسمائىلخان دۆۋلىتىنىڭ يۈرىكى ھېساپلانمىسىمۇ جىگەرى ھېساپلىناتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھالى ئىسمائىل خاننىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. دەل شۇ كۈنلەردە شەبەك خاندىن بىر پارچە خەت كەلدى. خەتتە:- بىچچارە ئەخمەق، نادان، جاھىل، ئاجىز، كۈچسىز... ئىسمائىل بىلسۇنكى... دەپ باشلىنىپ، نەردە بولساڭ، قايسى تۈشۈككە كىرىۋالغان بولساڭ مەيدانغا چىق، سېنى قۇرۇتنى دەسسەپ ئەزگەندەك ئىزەي جۈملىسى بىلەن ئاياقلاشقان خەت ئىدى. شاھ خەتنى ئوقۇپ قاتتىق غەزەپلەندى ۋە ئۇ خەتكە ئوخشاشلا كەمسىتىپ، مەسخىرە قىلىش بىلەن تولغان بىر پارچە جاۋاپ خەت يازدى.
    ئۇ كۈنلەردە دەدە ئابدال ئەپەندىنىڭ، "ئەمدى سافېۋى دۆۋلىتى مەنىۋى جەھەتتىكى كۈچ، قۇۋۋىتىگە ئىرىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. پادىشاھىمىز ئۆزبەك يۇرتىنى ئالغان ۋاقىتتا مۇرىتلىرىغا ۋە خەلىپىلىرىگە ناھايىتى كاتتا ئىنئاملار بىرىش بىلەنلا قالماستىن شەرىقتىكى دۆۋلەتلىرىنىڭ فەتھى (زەپەر) ئىشىگىنىمۇ ئاچقان بولىدۇ،" دەپ ۋەز ئېيتىشلىرى، ئەمىر زەكەرىيانىڭمۇ بۇ سۆزلەرنى قوللىشى ئادەملەرنىڭ نەپسىنى تاقىلدىتىۋاتاتتى.
    قەھرىتان سوغاقتا ۋە جاھاننى قار قاپلىغان ئۇ قەھرىتان كۇنلەردە قىزىل باشلار بىلەن يېشىل باشلار ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇ ئۇرۇشنى، بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقانلار ئۆمۈرلىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر بۇ ئۇرۇشتىكى قان ۋە شىددەتنى ئۇنتۇلماسلىغى مۇمكىن، ئەلبەتتە.
    مەن ئۇ كۇننى قايسى ۋاقىتتا ئويلىسام، دۇمۇلاپ چۈشكەن يېشىل باشلىق ۋە قىزىل باشلىقلارنىڭ كاللىلىرى، ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ يېرىمى قارلار ئوتتۇرسىدا ھاسىل بولغان قان كۆللىرىدە كۆمۈلگەن پۇت، قوللار كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدۇ. ئۇ كۈنى يەتتە سائەت بويىنچە رەھىم، شەپقەت دېگەن نەرسە دۇنيا ئۈستىنىن ئۇزاقلاشقان بولۇپ، ۋەھشىلىكنىڭ ئىسمى قەھرىمانلىق بولدى. نەيزىلەر قاننى قانغا ئارلاشتۇرغان بولسا، قېلىچلار گۆشنى گۆشكە ئارلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى. ئۇ كۈن ئاخىرسىدا دوستلىرىنىڭ جەسەتلىرىگە قارىغان ھارغىن جەڭگىۋارلار  ئۇلارنىڭ مەيدىلىرىگە ئۇرۇلغان گۈرزىلەرنىڭ زەربىسىدە قۇۋۇرغا ئۇستىخانلىرى بىلەن زەنجىرلىك ساۋۇتلىرىنىڭ بىر- بىرى بىلەن كىرىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈشتى. جەسەتلەرنى كۆممەكچى بولغانلار بولۇۋاتقان سوغوق ۋە يېغىۋاتقان قارغا قاراپ ئۇلارنى بۈرە ۋە قۇشلارغا تاشلاپ قويۇش يولىنى تاللىۋېلىشتى.
    ئۆزىگە فىرات بىلەن جەيھۇن ئارىسىدىكى بارلىق دۆۋلەتلەرنى بويسۇندۇرغان ئۇ شىددەتلىك كۈنىنىڭ ئاخشىمى ئىسمائىل شاھ شەبەك خاننىڭ باش سۆڭىكىدە شاراپلار  سوغا قىلدى. ھەتتا بۇ ئىشنى بىر ئىبادەتكە ئايلاندۇرىۋالدى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئىسمائىل شاھ غەلىبە خەۋىرىنى ئاڭلاپلا شەبەك خاننىڭ كاللىسىنى كېسىپ كېلىشنى بۇيرىدى. قورقۇنچلۇق كۆزلىرى تېخىغىچە ئۇچۇق تۇرغان كاللا ئالدىغا تاشلانغاندا ئىككى ھېكىم ۋە بىر سىمياچىنى (سىمىياچى- قىممىتى يوق نەرسىلەرنى ئالتۇندەك قىممەتلىك نەرسىلەرگە ئايلاندۇرالايمەن دەيدىغان، ئۆلمەسلىكنىڭ دارىسىنى بىلىمەن دەيدىغان، بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن خېمىيە ئىلىمىنىڭ ئاساسىنى بەرپا قىلغۇچىلار دەيدىغان بىر كەسىپ ئىكەن.) چاقىرىپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. ئالدى بىلەن كاللىنىڭ تېرىسى سويۇۋېلىنىپ، ئىچىگە سامان تىقىپ ئوسمان ئىمپىرىيەسى پادىشاسىغا ئېۋەتىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كاللىنىڭ ئىچى بوشۇتۇلۇپ سىركىگە پاتۇرۇلۇپ گۆشلىرى تازىلاندى. ھېكىملەر كاللىنى بىر نەيزىگە قادىۋېلىپ مەيدانغا ئوت يېقىپ كاللىنى ئۈتلەپ قۇرۇتتى. ئاندىن كېيىن قەلەيچىلەر ئوتتۇرغا چۈشۈپ كاللىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ۋە قۇم قەغەز بىلەن سۈرتۈپ پاقىرىتىپ، ئالتۇن ۋە كۈمۈش بىلەن قاپلاپ ئىككى سائەت ئىچىدە ئىسمائىل شاھنىڭ قولىغا قەدەھ قىلىپ تۇتقۇزدى.
    ئۇ ۋاقىتنى ھىچ ئۇنۇتمايمەن. ئىسمائىل شاھ يېڭى قەدەھىنى قولىغا ئالغان ۋاقىتتا ئوردىغا غەلىبە تەنتەنىسىنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن توپلانغان ئوتتۇز مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە دەرۋىشلەرنىڭ ئاسمانلارنى تىترىتىۋەتكىدەك سادالىرى ھەقىقى بىر غەلىبىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى ھىس قىلدۇرۇپلا قالماي بۇ كۆرۈنۈش گويا ئۇ غەلبىنى ئەبەدىل- ئەبەت ئۇنتۇلغۇسىز بىر ھالغا كەلتۈرگەن ئىدى. قىقاس چۇقانلار بېسىققاندىن كېيىن شاھ قېلىچىنى قىنىدىن چىقاردى. شەبەك خاننىڭ جەسىدىنى ياتتۇرۇپ قويغان تاشنىڭ يېنىغا يېقىنلاشتى، بوشلۇقتا ساڭگىلاپ قالغان قۇلىنى شىددەت بىلەن چاپتى. مىڭلارچە كۆز خاننىڭ بىلىكىدىن ئاجراپ ئۇچۇپ كەتكەن قولىغا قاراشتى. مەيداندا جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرگەن بولۇپ: ھەممە نەپەس ئالماستىن شاھقا قارىشىپ تۇراىشاتتى. شاھ قېلىچىنى قىنىغا سالدى، كېيىن خاننىڭ ئۇچۇپ چۈشكەن قولىنى قولى بىلەن تۇتۇپ ئالدى، تەكرار جەسەت قويۇلغان تاشقا يېقىنلاشتى ۋە بىر ھەملە بىلەن جەسەتنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتى، شەبەك خاننىڭ جەسىتىنى پۇتى بىلەن تىپىپ يەرگە چۈشۈردى- دە سەسكىنىپ تۇرۇپ ئۈستىگە تۈكۈردى. كېيىن ئىككى قولىنى تەڭ كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ۋاقىردى:
    - خۇراسان بىزنىڭدۇر. شەبەك خاننىڭ ئىسمى تارىختىن قېزىۋىتىلدى. شۇ ئوڭ قۇلۇمدا تۇتقۇنۇم ئۇنىڭ باش سۆڭىكى، شۇ سول قولۇمدا تۇتقۇنۇم ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن تۇتالمايدىغان قۇلىدۇر. مازاندىران بىگى رۇستەم بىر ۋاقىتتا بىزنى كۆزگە ئىلماي "مېنىڭ قولۇم ۋە شەبەك خاننىڭ قۇچىغى!" دېگەن ئىدى. ئەمدى بۇ قول ئۇنىڭ قۇچىقىغا سوغىتىمىز بولسۇن... بۇ باش سۆڭىكىگە كەلسەك، بىر ئازدىن كېيىن ھەر بىرىڭلار ئۇنى قوللىرىڭلاردا كۆرىسىلەن. 
    ئىسمائىل شاھنىڭ سۆزىدىن كېيىن تەرەپ تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن غەلبە تەنتەنىسى ئەتراپنى زىل- زىلىگە سېلىۋەتتى. مەن ئۇ ۋاقىتتا بىر نەرسىنى پەرق قىلدىم، دەرۋىشلەرنىڭ، تالىپلارنىڭ ئاغزىدىن ئوقۇغان قىسقا نەزمىلىرى گويا بۇندىن كېيىنكى غەلىبە ئۈچۈن قەسەم قىلىۋاتقانغا ئوخشاپ كېتەتتى.
    "نىمەت ھەققىگە، شىئە دۆۋلىتىگە، غازىلەر قۇۋۋىتىگە، ئاللاھ، ئاللاھ، ئاللاھ، ئاللااااااھ، ھۈۈ!، ھۈۈ"!
    مەنە بۇ قىزىل باشلىق روھى ئىدى. ئۇرۇشماق، غېنىمەت ئالماق ۋە كۆڭۈل ئاچماق...
   
مەنبەسى،
تۈركچە، شاھ ۋە سۇلتان رومانى 116- بەت 12- بۆلۈم.
[ بۇ يازمىنىmuzepper 2012-03-17 04:50قايتا تەھرىرلىد ]
ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...