باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 664 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 1دىن 100 گىچە يىزىلغان سۆيگۈ خىتى{دىلاۋۇر شۆھرەت  ئەلرازى }
دوستلىشىش
ئەلرازى0999
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11104
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 500 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-11
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-11 22:47

1دىن 100 گىچە يىزىلغان سۆيگۈ خىتى{دىلاۋۇر شۆھرەت  ئەلرازى }

1دىن 100 گىچە يىزىلغان سۆيگۈ خىتى
                                                  ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت  ئەلرازى

     ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ماڭا ناتونۇش بولغان ئەمما 1 . { بىرىنچى } قىتىم كۆرنۇپلا 2 .{ ئىككىنچى }  قىتىم كۆرۈشكە ئىنتزار قىلغان قىزچاق ياخشىمۇسىز ؟
   بىلەمسىز ؟ ئەگەر سىزنى 3.{ ئۆچىنچى }  قىتىم كۆرسەملا چوقۇم 4. { تۆتىنچى } قىتىم سىزگە دوسلۇق تەلىۋىنى قويۇشۇم مۇقەررەر . ئەگەر سىز 5 . { بەشىنچى } قىتىملىق تەلىۋىمگىمۇ قوشۇلمىسىڭىز ئۇ چاغدا ئۆزۈمنى 6 . { ئالتىنچى }  قەۋەتتىن ئىتىۋىلىشىم تىغىمۇ مۇمكىن .
   مەن سىزنى كۆرگەن شۇ كۈندىن تارتىپ سىزنىڭ مەھەلىڭىزنى ئىزلەپ سوراپ تاپتىم . مەھەلىڭىزنى 7 { يەتتە } قىتىم ئايلىنىپ چىقتىم . ئەمما سىزنى 8 .{ سەككىزىنچى } 9 .{ توققوزىنچى }  قىتىممۇ كۆرۇشكە نىسىپ بولمىدى.
   مانا ھازىر سائەت 10{ ئون } دىن 11 { ئون بىر } ئۆتۈپتۇ . مەن يەنىلا سىزنىڭ مەھەلىڭىزدە تىلەمچىلەردەك يۇرۋاتىمەن . لىكىن سىزنى پەقەتلا ئۇچۇرتالمىدىم . ھەر قىتم مەھەلىڭىزگە كەلگەندە دارۋازىڭىزغا يىزىپ قويۇلغان 12 . { ئون ئىككىنچى } خال 13. { ئون ئۆچىنچى } قورادىن كۆزۈمنى ئۆزمەي ساقلايمەن . ئەپسۇس ئۇ دارۋازدىن سىزنىڭ سىمايىڭىزنى كۆرەلمەيمەن . قىزچاق .
   مەن سىزنىڭ ئىشقىڭىزدا پەرۋانە بولۇپ 14 { ئون تۆت } ھەتتا 15 { ئون بەش } چىراقلارغا ئۇرۇلۇپ بولدۇم . لىكىن  سىزنىڭ سىمايىڭىزنى
ئۇچۇرتالمىدىم . بۇ زادى نىمە ئۆچۇن ؟ بىلمىدىم .
   مانا مەھەلىڭىزدە يۈرگىنىمگىمۇ بۇگۇن توپتۇغرا 16{ ئون ئالتە }  كۈن بوپتۇ . ھەتتا شۇ مەھەللىرىڭىزدە تۈنەپمۇ قالدىم . بىلەمسىز ؟ سىزنى ھەر قىتىم ساقلىغىنىمدا 17 { ئون يەتتە } 18  { ئون سەككىز } تال تاماكىنى ئارقا _ ئارقىدىن چىكىۋىتىمەن . پەقەت ئىچىمدىن ئاچچىق _ ئاچچىق ئىسلا چىقىدۇ خالاس .
  قىزچاق  ، بۇگۈن ھاۋا بەكمۇ سوغۇق بولۇپ كەتتى . چىسلاغىمۇ 19 { ئون توققۇز } بولدى . كەچتە يەنە مەھەلىڭىزدە تۈنەيدىغان بولدۇم . بىلەمسىز قىزچاق مۇشۇنداق سوغۇق تۈنلەردىمۇ يەنىلا سىزنىڭ ئىشقى پىراقىڭىز ماڭا ئىللىق يازدەك ئاتا قىلغاچقا سوغۇقلارنىمۇ ئۇنتىغان ھالدا سىزنى ساقلاۋاتىمەن . ئەمما قۇرسىقىم بەك ئىچىپ كەتتى . بىر نەرسە يەي دىسەم يىنىمدا 20 { يىگىرمە }  تىيىنلا  پۇل قاپتۇ . بۇنىڭغا نىممۇ كىلىدۇ دەيسىز؟؟؟؟؟؟؟
   قىزچاق ئۆزىڭىزنى بۇنچىلىك يۇشۇرۇپ كەتمەي 21 . { يىگىرمە بىرىنچى }  كۈنى بولسىمۇ جامالىڭىزنى بىر كۆرسەتكەن بولسىڭىز ؟ ئۇ چاغدا بۇ دۇنيادىن خوشلاشساممۇ ھىچقانداق ئارمىنىم يوق بولار ئىدى قىزچاق .  ئەگەر 22 .{ يىگىرمە ئىككىنچى }  كۈنى يەنە كۈننىڭ سىرىقىنى كۆرۈپ سىزنى كۆرەلمىسەم يەنىلا ئۆزۈمنى زۇلمەتلىك ھاياتتا ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن خالاس .!!!.
   بىلەمسىز قىزچاق مەن ھازىر 23 { يىگىرمە ئۆچ } ياشقا كىردىم . يەنە ئاز كۈندىن كىيىن 24 { يىگىرمە تۆت } ياشقا كىرىمەن . لىكىن سىزنىڭ 25 { يىگىرمە بەش } ياشمۇ ياكى 26 { يىگىرمە ئالتە } ياشمۇ ئىشقىلىپ قانچە ياشتا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيمەن . شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا سىزگە  كۆڭۈل سىرىمنى ئىزھار قىلىپ  بۇ دۇنيادىن مەڭگۇلۈككە كەتسەممۇ رازى بولار ئىدىم قىزچاق .
    مانا يۈرۇكۈم 27 . { يىگىرمە يەتتىنچى } قىتىم قاتتىق سوقۇشقا باشلىدى . بۇ يۈرۇكۈم  سىز ئۆچۇنلا سوقىدۇ قىزچاق . بىلەمسىز ؟ بۇگۇن مېنىڭ يۈزۇمنى يۇيمىغىنىمغا توپتۇغرا 28 { يىگىرمە سەككىز } كۈن بوپتۇ . بەلكىم كۆمۈر ساتقۇچىلاردىنمۇ بەكىرەك مەينەتلىشىپ كەتكەندىمەن . بۇ زادى نىمە ئۆچۈن ؟ يەنىلا سىز ئۆچۈن . كىم مېنى سىزنىڭ پىراقىڭىزدا 29 { يىگىرمە توققۇز } كۈن كۆيۈپ يۇرسۇن دەپتۇ . شۇنداقتۇ ؟؟؟ شۇنىڭ ئۆچۈن مەيلى قانداق بولسۇن مەن سىزنىڭ 30 .  { ئوتتوز ىنچى  } ياكى 31 . { ئوتتوز بىرىنچى  } كۈنلىرىمۇ ماڭا ئۇچۇرماسلىقىڭىزغا ئىشەنمەيمەن . چۈنكى بۇ جاھان ھامىنى بىزنى ئۇچۇرتىدۇ . ھېچ بولمىدى دىگەندە 32 .{ ئوتتوز ئىككىنچى } ياكى 33 . { ئوتتوز ئۆچىنچى } كۈنلىرى ئەتراپىدا بولسىمۇ بىزنى ئۇچۇرتىشى مۇمكىن .....مېنىڭ بۇ ھالىمنى كۆرگەن بەزىبىرلىرى بۇ يولدىن چىكىنىشىمنى  ئىيتتى . شۇنى بىلىپ قىلڭكى قىزچاق . مەن ھەرگىزمۇ سىزگە كۆڭۈل سىرلىرىمنى ئىتماي تۇرۇپ بۇ يولۇمدىن چىكىنمەيمەن . چۈنكى كەينىڭىزدە 34  { ئوتتوز تۆت } كۈن يۈرۈپ مەھەلىڭىزدە 35 { ئوتتوز بەش } كۈن تۈنەپ 36 . { ئوتتوز ئالتىنچى } كۈنىگە كەلگەندە ئۆزۈمنى تارتىدىغان ئۇنداق بوشاڭ بالىلاردىن ئەمەسمەن . مەيلى مەن 37 { ئوتتوز يەتتە } ياشقا كىرىپ كەتسەممۇ 38 . { ئوتتوز سەككىزىنچى } يىلغىچە سىزنى ساقلايمەن ۋە قوغلايمەن .
  بىلەمسىز قىزچاق بۇگۈن مەھەلىڭىزدە يۈز _ كۆزلۈرۈم مەينەت تۇرسام بىر كىشى كىلىپ ئالدىمغا بىر مۇنچە پارچە پۇللارنى تاشلاپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى قەلبىم بىر خىل ئاچچىق تولغاندى . لىكىن يەنىلا سىز ئۆچۈن ئۇلارنىمۇ يۇتتۇم . ھىلىقى پۇللارنى ئىلىپ سانىسام 39 { ئوتتوز توققوز } تىيىنكەن .يەنى 40 { قىرىق } تىيىن ۋە ياكى 41 { قىرىق بىر } تىيىنمۇ ئەمەسكەن . بىلەمسىز قىزچاق مۇنداقچە قىلىپ ئىتقاندا 42  { قىرىق ئىككى } ياشقا كىرمەي تۇرۇپ مەھەلىڭىزدە 43 { قىرىك ئۆچ } كۈن تۈنىگىنىمگە ئاخىرى باشقىلارغا نىسبەتەن دىۋانە بولۇپ قالدىم .
   توۋۋا ، ياخشى كۆرۈش مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ دەپ قايتا _ قايتا ئۆزۈمگە سوئال قويۇم كىتىمەن . دىسەم _ دىمىسەم سىزمۇ مېنى ئۇچىراتقاندا سىزنىڭ ئىشقىڭىزدا دىۋانە بولۇپ مەھەلىڭىزدە يۇرگەنلىرىمنى بىلمەي دىۋانە دەپ ئويلاپ سىزمۇ ماڭا يىنىڭىزدىكى پارچە 44  { قىرىق تۆت } تىيىن ياكى 45 { قىرىق بەش } تىيىن پۇللارنى تاشلاپ قويۇپ ئۆتۈپ كىتەرسىزمۇ ؟؟؟؟؟ ئاھ خۇدا شۇ كۆرنۇشلەرنى كۆرسەتمىگەي !!!!! گەرچە مەھەلىڭىزدە تۈنىگىنىمگە 46  { قىرىق ئالتە } كۈن بولسىمۇ لىكىن يەنىلا سىزنىڭ مەھەلىڭىزدىن چىقىپ كىتىشكە ئىنىقىراق قىلىپ ئىتقاندا سىزنىڭ ۋىسالىڭىزغا يەتمەي تۇرۇپ ۋاز كىچىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى ...
    مانا مېنىڭ بۇگۈن ئىشقا بارمىغىنىمغىمۇ توپتۇغرا 47  { قىرىق يەتتە } كۈن 48 { قىرىق سەككىز } سائەت 49 { قىرىق توققوز } مىنۇت 50 { ئەللىك } سىكۇنت بوپتۇ . بەلكىم ھەر بىر كۈنۈنمگە 51 { ئەللىك بىر } يۈەندىن تۇتسىمۇ چوقۇم مېنى 52. { ئەللىك ئىككىنچى }  كۈنى قەرىزدار قىلىپ ئىشتىن توختىتىشى مۇمكىن . مەيلى مەن سىز ئۆچۈن ئىشتىن ھەيدىلىش ئەمەس ھەتتا يۈرۇكۈمنى 53  { ئەللىك ئۆچ } پارچە قىلىپ يىرىپ بىرىشكىمۇ تەييارمەن . مەن ھەر قىتىم دارۋازا ئالدىڭىزدا ئۇياقتىن بۇياققا جەمئىى 54  { ئەللىك تۆت } قىتىم مىڭىپ ئاندىن 55 . { ئەللىك بەشىنچى } قىتىم دەم ئىلىپ 56  { ئەللىك ئالتە } تال تاماكىنى ئاغزىمغا ئىلىپ  قاتتىق _ قاتتىق شوراپ تاشلاپ بولدۇم . ھازىر 57 .  { ئەللىك يەتتىنچى } تال تاماكىنى ئىلىپ تاس قىلىپ تۇتاشتۇرۇپ سىزنى يەنە خىيال قىلدىم . خىيال پەرۋازىمدا سىز بىلەن 58 { ئەللىك سەككىنچى } سايائەت ئورنىنى كۆرگەزمە قىلىپتىمەنمىش . سىز بىلەن جەمئىى 59 { ئەللىك توققوز } ئاشغاندا تاماق يەپ 60 { ئاتمىش } باغچىغا ئەسلىمە قالدۇرۇپتىمەنمىش .ئەسلىمگە كەلگىنىمگە ھەممىسى بىر بەڭگىنىڭ خىيالى يەنى شىرىن چۈش بوپ قاپتۇ خالاس .
   توۋۋا ، بىر چاغدا ئالدىمدىكى ئورۇنغا قارىسام 61 { ئاتمىش بىر } تىيىن پۇل ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ . قايسى چاغلاردا كىملەر چۆرۈپ قويۇپ كەتتى بىلمەيمەن . ئاخىرى مەھەلىڭىزدە 62 { ئاتمىش ئىككى } كۈن كەتمەي دىۋانچىلىق سەرگۇزەشتىلىرىمنى ئۆتكۈزۇپـتىمەن . ئاخىرى قۇرسىقۇمنىڭ يەنە ئاچقىنىنى ھىس قىلىپ جەمئىى 63 { ئاتمىش ئۆچ } تىيىنگە بولكا ۋە سۇ ئىلىپ يەنە شۇ كونا جايغا كىلىپ ئولتۇردۇم . مۇنداقچە قىلىپ ئىتقاندا ئۇزۇممى ئاخىرى دىۋانچىلىق قىلىۋاتقانلىقمدىن تانالمايدىغان ھالەتكە كىلىپ قالدىم دىسەممۇ بولىدۇ . گەرچە بىرمۇ  بىر ئىشىك قىقىپ دىۋانچىلىق قىلمىغان بولساممۇ .. چۆنكى بۇ دەل ئاشىق دىۋانىسى خالاس..... قىزچاق ...
جايىمغا كىلىپ ئولتۇرۇپ يىنىمدىكى پۇللارنى قوشۇپ سانىسام 64 { ئاتمىش تۆت } تىيىن  پۇل بوپتۇ . توۋۋا . 65 { ئاتمىش بەش } كۈن مەھەلىڭىزدە يۇرۇپ 66 { ئاتمىش ئالتە } تىيىن پۇل تاپقىنىمغا ئەقلىم ھەيران . . . . . .
    قىزچاق مانا ئەمدى مەھەلىڭىزنىڭ 67 { ئاتمىش يەتتە } تال چىراقلىرى بىر _ بىرلەپ ئۆچۈشكە باشلىدى . ھەم جاھاننىڭ ئىچى قاراڭغۇلۇققا چۆمدى . مەن بولسام 68 .  { ئاتمىش سەككىزىنچى } تال تاماكا بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئورنىنىلا يورۇتۇپ ئولتۇردۇم .
                    مەن زادى نىمە ئۆچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن ؟ دىگەن 69 . { ئاتمىش توققوزىنچى } سوئال مېنى يەنىلا گاڭگىرتىپ قويۋاتىدۇ. لىكىن ئۆزۈمدىن ئالدىغان جاۋابىم   {{ سىز ئۆچۈن }} دىگەنلا جاۋاپ بولدى خالاس ....
     ئەگەر ئاتا _ ئانام 70 { يەتمىش }  يۈەن پۇل بىرىمەن  بىرەر يەرگە قاراپ بەرگىن دىگەن بولسا 71{ يەتمىش بىر }  يۈەن بەرسەڭلارمۇ قارىمايمەن دىگەن بولار ئىدىم بەلكىم ... شۇنداقتۇ ؟؟؟ ھازىر مەن 72 { يەتمىش ئىككى } تىيىن پۇلغا 73 { يەتمىش ئۆچ } كۈن مەھەلىڭىزدە ئاچ قورساق تۈنەپ كىلىۋاتىمەن .. كونىلار بىكار ئىتمىغاندە  {{ مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارغۇ }} دەپ .
    قىزچاق شۇنى سوراپ باقسام 74 |{ يەتمىش تۆت } ياشقا كىرگىچىمۇ جامالىڭىزنى مۇشۇنداق كۆرسەتمەسسىزمۇ ؟ بىنى بىلمىدىم .
  مانا مېنىڭ سىز ئۆچۈن يازغان يۈرەك سۆزلۈرۈم 75 { يەتمىش بەش } ۋاراقنىڭ 76 . { يەتمىش ئالتىنچى } قۇرى توشوش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ . گەرچە سىزگە 77{ يەتمىش تەتتە }  ھەتتا 78 { يەتمىش سەككىز } باپ داستان يازساممۇ 79 { يەتمىش توققوز } تىيىنلىك يۈزۈمنى قىلماسسىزمۇ ؟
   بىلەمسىز قىزچاق ھازىر ئىنسانلارنىڭ 80 { سەكسەن }  ياشقا كىرمىكى ئاسان ئەمەس . ئەگەر مەن مەھەلىڭىزدە 81 { سەكسەن بىر } يىل يۇرۇپ 82 { سەكسەن ئىككى } ياشقا قەدەم قويسام سىز يەنىلا مەندىن بىخەۋەر بولۇپ يۈرەرسىزمۇ ؟ مانا سىزگە شۇ سۆزلۈرۇمنى ئىپادىلەيمەن دەپ 83 .  { سەكسەن ئۆچىنچى } قىتىم قەلەمنى ئالماشتۇردۇم . قىزچاق سىزدىن ئۆتۈنسەم 84 . { سەكسەن تۆتىنچى } قىتىم بولسىمۇ مەن بىلەن
دىدارلاشقان بولسىڭىز  ؟ 85 . { سەكسەن بەشىنچى } قىتىم بولسىمۇ سىزگە يۈرەك سۆزلۈرۇمنى ئىپادىلەپ 86 { سەكسەن ئالتە } ياشقا كىرىپ كەتسەممۇ ھەتتا سىز بىلەن 87 { سەكسەن يەتتە } ياشقا كىرگەندە تونۇشساممۇ خوشال بولغان بولاتتىم .
    قىزچاق سىزگە قەلبىمنى 88 { سەكسەن سەككىز } قىتىم چۇشەندۇرسەممۇ پەرۋا قىلماسسىزمۇ ؟ بىلەمسىز ؟ مەن مەھەلىڭىزدە 89 { سەكسەن توققۇز } كۈن يۈردۇم . ھەتتا كۆزۈمنى تىڭىپ قويسىمۇ يەنە 90 { توقسەن } كۈن مەھەلىڭىزنىڭ پۇتۈن كوچىسىنى ئايلىنىپ چىقالايمەن دەپ ھۇددە قىلالايمەن .
   خەيرى قىزچاق سىزنى دەپ چاچلىرىمغىمۇ 91 { توقسەن بىر } تال ئاق كىرىشكە باشلاپتۇ . سىز ھازىرمۇ شۇلارنى بىلمەي يۈرۋاتسىز  قىزچاق . ئەگەر سىز مۇشۇ قىلغانلىرىمنى بىلسىڭىز بەلكىم سىزمۇ مېنىڭ پىراقىمدا 92 {توقسەن ئىككى} قىتىم ئۆلۈپ 93 { توقسەن ئۆچ } قىتىم تىرىلىپ بىرىشكە رازى بولغان بولاتتىڭىز قىزچاق .. ئەپسۇس ..................................
   خەيرى پەرۋاسىز قىزچاق ئاخىرىدا سىزگە ئاتاپ 94 { توقسەن تۆت } تال ئەتتىرگۈلنى دارۋازىڭىزغا تىكلەپ قويدۇم  شۇنداقلا ئىسممىم يىزىلغان 95 { توقسەن بەش } ۋاراق قەغەز يۈرۇكۇمدىكى سۆزلەر يىزىلغان 96 { توقسەن ئالتە } تال توپلام ھەر قىتىم سىزنى ئەسلىگىنىمدە يازغان 97 { توقسەن يەتتە } كۇپلىت شىئىر مۇشۇلارنى يىزىش ئۆچۈن كەتكەن 98 { توقسەن سەككىز } تال قەلىمىم شۇنداقلا تاكى سىزنى قولغا كەلتۇرگىچە مەھەلىڭىزدە يىققان 99 { توقسەن توققۇز } تىيىن پۇلۇمنى سىزگە قالدۇردۇم . مەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۇلۇككە خوشلاشتىم قىزچاق .
ئاللاھغا ئامانەت ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم مۇشۇ ئامانەتلىرىمنى ئالغاندىن كىيىن شۇنداقلا شۇ سەرگۇزەشتىلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كىچىكسىڭىزمۇ 100{ يۈز }  قىتىم .... سىزنى سۆيىمەن دىگەن بولسىڭىز  رازى ئىدىم .......
     
      ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى

2012 _ يىلى 3_ ئاينىڭ  11_ كۈنى .       {{   يەكشەنبە   }}
ئىنسان ئۆزى ئۆچۈنلا ياشىماسلىقى كىرەك .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10194
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 58
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 550 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-04
ئاخىرقى: 2012-05-03

ئاللاھ بىر
اللە سْــــــــــــــــــــــمِاﷲِارَّحْمَنِ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9222
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 202
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە202دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1974 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2012-05-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 13:31

  
دوستلىشىش
taklemakan
ئەتلەسچى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4488
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 242
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە242دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1410 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 16:14

سىز ئۆيدىن چىقىپ 101 كۇن  بولغاندا ئاندىن ئاتا-ئانىڭىز جەسىتىڭىزنى تىپىپ 102كۇن بولغاندا نامىزىڭىزنى چۇشۇرمەكچى بولغان ئىدۇق .لىكىن سىز پەقەت ئۈيۈڭىزدىن چىقىپ كەتكۈچە ئالدى-كەينى بۇلۇپ 103  كۇن يۈزۈڭىزنىمۇ يۇمىغاچقا 104 - كۇنىمۇ نامىزىڭىزغا بىرمۇ ئادەم كەلمەي 105- كۇنى 106لا ئادەم بىلەن نامىزڭىزنى ئۇقۇدۇق .ئەتىسى 107 كۇنى نەزىرىڭىزنى بىردىغان بۇلۇپ  بىر كۇن مەسلىھەت  قىلىپ108دانەباغاق يىزىپ109-كۇنى نەزىرىڭىزنى
  قىلدۇق.نەزىرىڭىزىگە 110ئادەم كەلدى . ئاخىرىنى باشقا بىرىڭلار يىزىپ بقىڭلار  !!!!!!!!
ئەتلەسچى
ئۆلۈم مۆئمىنلەر ئۈچۈن يىتەرلىك ۋەز-نەسىھەتتۇر.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6385
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 209
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
ئۆسۈش: 870 %
مۇنبەر پۇلى: 2873 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-04
ئاخىرقى: 2012-03-20
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 16:58

     ئانىڭىز نەزىرگە ئاتاپ 111 كىشلىك تاماق قىلىپ بەرگۈدەك بولسا ئادەم سانى 112 ئىكەن،خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئەۋەتكەن 113 سومنى ئېلىپ دادىڭىز  سىزگە ئوخشايدىغان ئاجايىپ شېىرىي مەزمۇنغا باي بىرىنى تېپىپ 113 كۇبلىت مەرسىيە يازغۇزۇپ كېلىپتۇ.ئەمما ئانىڭىز سىزنىڭ بۇ ئازاپ-كۈلپەتلىرىڭىزگە چىدىماي ھېلىقى قىزنى تېپىشقا 114 پارچە ئېلان بەرگۈزۈپتۇ،سىزدىكى بۇ ئالىيجاناپلىق ۋە چېكىدىن ئاشچان ۋاپادارلىقىڭىزغا قاراپ 115 قىز كېلىپ ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلاپتۇ.سىزگە چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن 116 دانە قىزىل ئەتتىرگۈل بىلەن117 قېتىم تەزىم قىلىپتۇ.بۇنى كۆرۈپ چىدىمىغان ئوغۇللار بۇ قىزلارغا 118پارچە سالام خەت يېزىپتۇ،ئەپسۇس ھاياجانلىنىپ ئىچىگە ئوت كەتكەنلىكتىن كىشلەر 119 غا تېلىاۇن قىلىپتۇ،ئۇ يەردىن جىددىي120 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن 121 نەپەر كىشى 122 دانە كارىۋات ئېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىپ 123 كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ،بۇ تەسىرلىك مەنزىرىنى كۆرۈپ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدىن 124 مۇخپىر مۈرىسىگە 125 ئاپپاراتلىرىنى تىكلىگىنىچە كېلىشىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەر 126 تور قانىلىدا ،127 تېلىۋىزور قانىلىدا،128پارچە گېزىت ۋە يۇرناللاردا129 قېتىم بېسىلىپتۇ،ئەپسۇس كۆرگۈچىلىرى پەقەت 130 بولۇپتۇ..............ئاخىرىنى سىلەر يېزىڭلار قېنى داۋاملاشتۇرۇپ باقايلى...
كۇز بەزىدە سوزلەيدۇ،ئېغىز سۇزلىيھلمىگەن چىنلىكنى،ئەمما يىتەلمەيدۇ يۇرەكتىكى چىنلىققا.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10766
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 134
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە134دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 1415 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-12
ئاخىرقى: 2012-04-28
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-13 00:01

دوستلىشىش
ئەلرازى0999
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11104
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 500 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-11
ئاخىرقى: 2012-03-28
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-13 20:41

    شۇنداق قىلىپ 131 ئادەم ژورنال تارقىتىشىقا بۇيرۇلۇپتۇ . ژورنال پۈتۇن دۇكان ، ھەم ئادەملەر بولۇپ 132 دانە ژورنال تارقىلىپ ھەم تەۋسىيە قىلىنىپتۇ . لىكىن يەنىلا بۇ  ئىلاننى ئاڭلايدىغان 133 كۈندە ئاران 134 ئادەم بوپتۇ . بۇ شەھەر بويچە تۇنجى قىتىملىق ئىلان ئەڭ كۆپ تارقىتىلغان خەۋەر بوپتۇ .بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى بىلمىگەن ھالدا 135 قىتىم قاقاقلاپ كۈلۇپ كىتىپتىمەن . ھەم كۆزۈمنى 136 قىتىم چىمىلدىتىم ئارانلا ئىچىپتىمەن . بىر چاغدا قارىسام يىنىمدا نۇرغۇن ئادەم قاراپ تۇرۇپتۇ . ئۇلارنىڭ چىرايىدىن 137 ، 138  ، ياشلار چامىسىدىكى كىشىلەردەك ھىس قىلدىم . خىجىللىقتا كۈلكەمنى بىسىش ئۆچۈن 139 يۇتۇم سۇنى ئىچىپ 140 . يۇتۇمغا كەلگەندە ئاران ئۆزۈمنى ئەسكە كەلتۇرۋالدىم .....

    قېنى ئەمسە داۋامى سىلەرگە قالدى ... داۋاملاشتۇرۇڭلار !!!!!!
ئىنسان ئۆزى ئۆچۈنلا ياشىماسلىقى كىرەك .
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 925
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 83 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-13 20:54

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئاللاھدىن شىھىتلىق مەرتىۋىسى بىرىشنى تىلەيمەن،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10900
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 246
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە246دانە
ئۆسۈش: 790 %
مۇنبەر پۇلى: 2895 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-22
ئاخىرقى: 2012-05-03
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-14 16:27

Re:1دىن 100 گىچە يىزىلغان سۆيگۈ خىتى{دىلاۋۇر شۆھرەت  ئەلرازى }

  بەك قىزىق بولۇپ كىتىپتۇ بۇ تىما
ھاياتىم ئۇنچىلا ئەرزىمەس ئەمەس،
جەڭ قىلىپ ئۆلۈشكەرازى بۇ يۈرەك.
ئالەمگە تارالسۇن شانۇ شۆھرىتىم،
مەنىسىز ياشىماق ماڭا نە كىرەك.