ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ ئەھۋالنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىگە ھەقىقەتەن ئىشىنىمەن. نۇرغۇن ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار خىجىل بولماستىن شۇنداق تور بەتلەرنىڭ پارىڭىنى چاقچاق تەرىقىسىدە ئۆز- ئارا دېيىشىدۇ. مەن ئىلگىرى بىر قىسىملارنىڭ كومپىيوتىرىدا، تېلىفونىدا قالايمىقان تور بەت ئادېرىسلىرىنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆرگەن.

بولدى، بەزى ئىشلارنى دېگۈم كەلمىدى.
ئەگەر سىز ھەقىقىي مۇسۇلمان بولسىڭىز، ئاللاھتىن ھەقىقەتەن قورقسىڭىز، ئەمما، نەپسىنىڭ ئەقىلدىن غالىپ كېلىشى تۈپەيلىدىن شۇنداق ناچار قىلمىشلاردىن ئۆزىڭىزنى تارتالمىغان بولسىڭىز بۇ ئىشنى مەلۇم ۋاقىتقىچە قىلماسلىققا ئاللاھقا قەسەم قىلىڭ. قەسەمنى بۇزۇشنىڭ كەففارىتى 60 كۈن ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جازانى ئورۇندىيالماسلىقىڭىزدىن قورقۇپ ئۇ ئىشقا يېقىنلاشمايسىز. شۇ مەزگىلنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن يەنە بىر مەزگىللىك قەسەم ئىچىڭ. مەڭگۈلۈك قەسەم ئىچسىڭىز قەسەمدە تۇرالماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرەپ قەسەم قىلالماي قېلىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا مەلۇم مۇددەتلىك قەسەم ئىچىڭ، شۇ مۇددەتنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن يەنە قەسەم ئىچىڭ. مانا مۇشۇنداق قىلسىڭىز بۇ زىيانلىق ھەۋەستىن تامامەن قۇتۇلۇپ كېتەلىشىڭىز مۇمكىن.