查看完整版本: [-- سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

agah 2012-03-11 20:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .تۆۋەندىكى بايان ھەقىقى بولغان ۋەقە .ئىبرەت ئۈچۈن يوللاندى .
مېنىڭ بىر تونۇشۇم بار .بەكمۇ ئاقكۆڭۈل ،مېھماندوست ۋە تىرىشچان.ئۇنىڭ بالىسىغا بولغان تەربىيەسىگە گەپ كەتمەيدۇ .بالىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ،دىنى ئىسلامدا چىڭ قىلىپ تەربىلىگەندەك قىلغان ئىدى.لېكىن ئۇلارنىڭ تەربىيەسىدىكى بىر خاتالىق ئاتىسى تەربىيە قىلغاندا ئانىسى ئارلىشىۋالاتتى .دائىم شۇنداق بولاتتى .شۇڭا بۇ بالىدا كىچىكىدىن ئازراق تومۇرچى بولۇپ چوڭ بولدى.لېكىن بۇ بالا يەنىلا نۇرغۇن بالىلارغا ئۆلگە بولالايدىغان خىسلەتلەرنى يىتىلدۇرۇپ بولغان ئىدى.ئىشقىلىپ بۇ بالىنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن مەن شۇنداق دەپ قارىغان ئىدىم .
لېكىن بۇ بالا بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا سادىر بولغان بىر قېتىملىق ۋەقە مېنى بەكمۇ ئەپسوسلاندۇردى ،بەكمۇ چوڭقۇر ئوف دىگۈزۋەتتى .
ئۇلارنىڭ ئۆيىگە دائىم بېرىپ تۇراتتىم .ئۇ مېنى ئۆز ئاكىسى ئورنىدا كۆرەتتى .دادىسى بىلەن پاراڭلىرىمىز بەكمۇ بىر يەردىن چىقاتتى .بەزىدە خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭ قىلساقمۇ پاراڭلىرىمىز تۈگىمەيتتى .
بىر كۈنى ئادىتىم بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردىم .ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆيدە يوق بولۇپ چىقتى .ناماز شام ۋاقتى بولغاچقا ناماز شامنى ئوقىۋېلىپ ئاتىسىنى ئازراق ساقلىماق بولدۇم .قارىسام بۇ بالا تور ئويىنى ئويناۋاتقان ئىدى .مەن باغداش تورىغا چىقىپ ئازراق تېما يازماق بولۇپ ئۇنىڭدىن كومپيۇتورنى ئالدىم .ئۇ ماڭا كومپىيوتورنى بىرىپ دەرس تەكرار قىلغىلى چىقىپ كەتتى .مەن ئادرىس رامكىسىدا باغداش تورى بار بولسا بىۋاستە بېسىپلا كىرەي دەپ ،ئادرىس رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تۆۋەنگە قارىغان سىترىلكىنى باستىم .شۇ ھامان  يېقىندا زىيارەت قىلىنغان ئونغا يېقىن تور بىكەت ئادرىسلىرى چىقتى .مەن بۇ ئادرىسلارغا قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم .نىمىنى كۆردۈم دىمەمسىز ،بۇ ئادرىسلارنىڭ ئىچىدە ئېڭگىلىزچە تەرجىمىدە سېرىق كارتون فىلىم مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغاندەك  ئۈچ دانە ئادرىس توراتتى.مەن بۇنى كۆرۈپ دەلىللەپ بېقىش ئۈچۈن بۇ ئادرىسلارنى بېسىپ كىرىپ باقتىم .ئاھ خۇدا كۆزگە ئالغۇسىز سېرىق فىلىملەرنىڭ توپى ئىكەن .بەت ئاستىدا راس پىرسۇناژلار رول ئالىدىغان سېرىق فىلىم تور بىكەتلەرنىڭ رەسىملىك ئۇلىنىشى تۇراتتى .مەن  بۇلارنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندىم ،قوللىرىم تىترەپ كېتىۋاتاتتى .مەن كومپيوتورنىڭ ۋاقىتلىق ساقلىغۇچىنى ئېچىپ باقتىم .تەكشۈرۈپ باقسام بۇ تور بىكەتلەردىن كۆرگەن فىلىملەر مانا مەن دەپ تۇراتتى .مەن ئىسپات ئۇچۇن بۇ فىلىملەرنى كۆچۈرۈپ چىقىپ كومپيوتورنىڭ بىر دېسكا رايونىغا ھۆججەت ساقلىغۇچ تەسىس قىلىپ، ئىسپات ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم .كۆزلىرىم غەزەپتىن قىزىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىر ئۆزەم سىزىمەن .كومپيوتورنىڭ زەربىسىگە ئېغىرراق ئۇچىرىغان سول كۆزۈمدىن ياش ئۆزلىكىدىن ئېقىپ كەتتى .ئۇنىڭ ماڭا ۋە باشقىلارغا شۇ قەدەر ئەخلاقلىق مۇئامىلىسى ، ياسىن ،تابارەكلەرنى يات ئوقىشى ،ۋە قۇرئاننىڭ خالىغان جايلىرىدىن تۈرتەلمەي ئوقۇشلىرى بىلەن ماۋۇ ئەھۋال مۇناسىپ كەلمىدى .مەن ئۇنى يېنىمغا چاقىردىم .ھەمدە بۇ ئەھۋالنى سورىدىم .ئۇ بۇ ئادرىسلارنى بىر ساۋاقدىشى چ چ توپىدا ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم چىكىپ بېقىپ قايتا ئاچمىغانلىقىنى دىدى .مەن ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ غەزىپىم تېخىمۇ تېشىپ كەتتى .
مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ  ئاللىقاچان ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بولغانلىقىمنى يالغان سۆزلىمەسلىكىنى دەپ تۇرىۋالدىم . ئۇ ئاخىرى راس گەپ قىلدى .ئۇ بۇ ئادرىسلارنى سىنىپىنىڭ چ چ توپى ئارقىلىق بىلگەندىن كېيىن، دائىم مۇشۇ ئادرىسلاردىن سېرىق فىلىم كۆرىدىكەن .بوپمۇ مۇشۇ تەتىلدە ئاتا-ئانىسى يوق چاغلاردا ئوغۇرلۇقچە كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .بۇ ئەھۋالنىڭ سىنىپىدا بەكمۇ ئومومىيۇزلۇك ئىكەنلىكىنى دىدى .بۇنى ئاڭلاپ،مەن بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەندىم ،بەكمۇ ھەيران بولدۇم .بۇلارنىڭ پەقەت بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم .مەن ئاسانلىقچە يىغلىمايتتىم .لېكىن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغىچە ئىككى كۆزىمدىن ياشلار قانداق ئاققانلىقىنى بىلمەيمەن .ئۇمۇ ماڭا قاراپ ئۇنسېلىپ يىغلاپ كەتتى .ئۇنىڭ شەيتاننىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى پەملىدىم .ئۇ سېرىق فىلىم كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قالغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى .
مەن سەل ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ ،ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئەشەددىي ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى.شەرىئەت قانونىدا قاتتىق جازا بىرىلىدىغانقىلىنى ،ئەڭ موھىمى، تەۋبە قىلالماي ئۆلۈپ كېتىپ قالسا ئۇ دۇنيادا قاقشاتقۇچ جازاغا ئۇچىرايدىغانلىقىنى .بۇ قىلمىشىنىڭ ئۆزىنى زىنا يولىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى .زىناخورغا ئەگەر توي قىلغان بولسا چالما كىسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈش  جازاسى، ئەگەر توي قىلمىغان بولسا 100 دەررايەنى خۇددى خۇەنجۇ گې گې فىلىمىدىكى يوقان سەككىز قىرلىق تاياقتەك دەررە بىلەن ئۇرۇش  جازاسى بىرىلىدىغانلىقىنى ،قەۋرە دۇنياسىدا ۋە دوزاقتا بەكمۇ قاتتىق جازاغا ئۇچىرايدىغانلىقىنى دىدىم .ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى تەسىرىدىن  قىزلار بىلەن زىنا قىلىپ قالسا  ،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرىنى بۇلغايدىغانلىقىنى ،ھەمدە مۇناپىق سۈپەتكە كېلىپ، مىللى مۇناپىق ۋە دىنى مۇناپىق سانىلىدىغانلىقىنى دىدىم .ئۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى .ئاھ ،ئەمدىگىنە 15 ياشقا كىرگەن بالا ھە؟بىز 15 ياش ۋاقىتلاردا تاسادىپەن قوللىرىمىز قىزلارنىڭ قوللىرىغا تىگىپ كەتسە يۈزىمىز قىزىرىپ كىتەتتى .ھازىرقى بالىلاردىكى بۇزۇلۇش نىمىدىگەن دەھشەت ھە؟؟؟؟
ئۇ ماڭا بۇنداق ئىشلارنىڭ مەكتىپىدە بەكمۇ ئومومىيۇزلۇك ئىكەنلىكىنى ،تېخى بەزى ئاز ساندا  قىزلارنىڭمۇ كۆرىدىغانلىقىنى دىدى. ئۇ دائىم ساۋاقداشلار يىغىلىشلىرىغا بارمىسا ئۇنى مازاق قىلىپ<ئۆي ئەركىكى> يەنى<宅男> دىگەن ئاتاققا قېلىۋاتقانلىقىنى .ھەتتا  سېرىق فىلىملارنى قول تېلىفۇنلارغا سولاپ مەكتەپكە ئاپىرىپ كۆرىدىغانلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى دىدى.ھەمدە ساۋاقداشلار چ چ توپلىرىدا بۇنداق ئادرىسلارنىڭ دائىيم ئەۋەتىلىپ تۇرىلىدىغانلىقىنى دىدى.ھەمدە كومپيوتورىدىكى بۇ تور ئادرىسلارنى بىر ساۋاقدىشى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ھەرگىز توردىن ئىزدەپ تاپمىغانلىقىنى دىدى .
ئۇنىڭ بۇ ئىقرارلىرىدىن مەسىلىنىڭ بەكمۇ ئېغىر .ھەتتا ۋەھشى ئېغىرلىقىنى ھىس قىلدىم .ئائىلىرىمىزدە ئاتا ئانىلارنىڭ قىز ئوغۇللۇرىمىزغا زىنا تەربىيەسىنىڭ بەكمۇ سوس ياكى يوق ئىكەنلىكىنى پەملىدىم .
بۇ ئىشلاردىن شۇنى ھىس قىلدىمكى ئۆزىمىز ئۆيدە يوق چاغلاردا بالىلىرىمىزغا ھەرگىز كومپيوتورنى ئېچىپ بەرمىسەك ،ئۇلارنىڭ تورلاردىكى ئىش ھەركىتىنى كۈزىتىپ تۇرساق دىگەن ئويغا كەلدىم .بۇ سەبى بالىلىرىمىز بۇ سېرىق تور بىكەتلەرنى ئۆزلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ يۈرمەيدۇ .بەلكى باشقا يامان يولغا كىرىپ قالغان ئاز ساندىكى بالىلار چ چ لار ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقىتىدۇ .
شەيتاننىڭ قۇرالى نىمىدىگەن يامان ھە ئاتا ئانىلار؟زامان ئاخىرىغا يېقىنلاشقاندا  زىنالار ئاشكارە بولىدۇ دىگەن مۇشۇمۇ؟ئاھ ،سەبى بالىلىرىمىز كەلگۈسىمىزنىڭ ئۇمۇدلىرى مۇشۇنداقلا شەيتانغا ئەل بولۇپ كىتەرمۇ؟
ئۇ ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپ بۇ ئىشلارنى ھەرگىز ئاتىسىغا دىمەسلىكىمنى بولمىسا بەك ئۇرىۋېتىدىغانلىقىنى دەپ تۇرۋالدىم .مەن ئۇنىڭغا
ئالدى بىلەن  ھاززىرنىڭ ئۆزىدە غۇسلى تاھارەت ئېلىپ،ئىككى رەككەت تەۋبە نامىزى ئوقۇپ ،چىن نىيىتىدىن تەۋبە قىلىشى كىرەكلىكىنى ھەمدە ھازىردىن باشلاپ نامىزىنى قايتا باشلاپ ،ئەتىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى كىرەكلىكىنى ،بۇ ئۈچ كۈننى تائادەت ئىبادەتتە ،قاتتىق تۆۋبە ھالىتىدە ئۆتكۈزىشى كىرەكلىكىنى ،دىدىم .
مەن ئەسلى بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ دادىسىغا دىمەسلىك قارارىغىمۇ كېلىپ باققان ئىدىم .لېكىن ئاساسلىق زىنا تەربىيەسى قىلغۇچى يەنىلا ئۇنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىغانلىقىم ئۈچۈن ،ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ ئۇنىڭ ئاتىسىغا تېلىفۇننى باستىم .ئاتىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ،ئۇمۇ قاتتىق ھەيران بولدى ۋە دەرغەزەپكە كەلدى .ھەمدە ماڭا رەھمەت ئېيتىپ ،بۇ ئىشنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلغانلىقىنىڭ بەكمۇ ياخشى بولغانلىقىنى ،بولمىسا ئۆزىنىڭ تولدۇرۋالغۇسىز ئازاپتا قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،دەرھال ئۆيگە بېرىپ تەربىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
ئەي ئاتىلار !!!ئاي ئانىلار بىزدە سىلكىنىش بولغاي !!!بىزدە ئويغىنىش بولغاي!!!ئادەمدەك ياشايدىغان بىر ئەۋلات تەربىلەشكە تىرىشايلى!!!
  تەكلىبىم :
مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىسىڭىز ئوتتورا مەكتەپنىڭ 9-10-11 دا ئوقىۋاتقان ئۇكىلىرىڭىز ياكى بالىڭىز بولسا بۇ ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ .
بۇ ئىشلار ئويدۇرما ياكى قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئىشلار ئەمەس ،ئەمەلىيەت .
مەنبە:
http://bbs.12tagh.com/

نارات 2012-03-11 21:29
بالىغا ياخشى دەپسىز تەربىيەنى ياخشى قىلمىساق باللىرمىزغا ىگەبولمىساق بولمايدۇ ئەڭمۇيىمى باللىرمىزنى اللادىن قورقىدىغان ىمانىنى مۇستەككەم قىلىپ تەربىيلىشىمىز كېرەك.

padichimen 2012-03-11 21:44
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  بۇ ئەھۋالنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىگە ھەقىقەتەن ئىشىنىمەن. نۇرغۇن ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار خىجىل بولماستىن  شۇنداق تور بەتلەرنىڭ پارىڭىنى چاقچاق تەرىقىسىدە ئۆز- ئارا دېيىشىدۇ.  مەن ئىلگىرى  بىر قىسىملارنىڭ  كومپىيوتىرىدا، تېلىفونىدا  قالايمىقان تور بەت ئادېرىسلىرىنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆرگەن.
 
بولدى، بەزى ئىشلارنى دېگۈم كەلمىدى.
ئەگەر سىز ھەقىقىي مۇسۇلمان بولسىڭىز، ئاللاھتىن ھەقىقەتەن قورقسىڭىز، ئەمما، نەپسىنىڭ ئەقىلدىن غالىپ كېلىشى تۈپەيلىدىن شۇنداق ناچار قىلمىشلاردىن ئۆزىڭىزنى تارتالمىغان بولسىڭىز بۇ ئىشنى مەلۇم ۋاقىتقىچە قىلماسلىققا ئاللاھقا قەسەم قىلىڭ. قەسەمنى بۇزۇشنىڭ كەففارىتى 60 كۈن ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جازانى ئورۇندىيالماسلىقىڭىزدىن قورقۇپ ئۇ ئىشقا يېقىنلاشمايسىز. شۇ مەزگىلنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن يەنە بىر مەزگىللىك قەسەم ئىچىڭ.   مەڭگۈلۈك قەسەم ئىچسىڭىز قەسەمدە تۇرالماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرەپ قەسەم قىلالماي قېلىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا مەلۇم مۇددەتلىك قەسەم ئىچىڭ، شۇ مۇددەتنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن يەنە قەسەم ئىچىڭ.  مانا مۇشۇنداق قىلسىڭىز بۇ زىيانلىق ھەۋەستىن تامامەن قۇتۇلۇپ كېتەلىشىڭىز مۇمكىن.

kuwruk 2012-03-11 21:49
پەن-تىخنىكا  ،جەمىيەتنىڭ  تەرەققى قىلىپ ياش-ئۇسمۇرلەرنىڭ سىرىق ،شەھۋانى نەرسىلەر ئۇچرىشىشى ئىمكانىيتى ۋە پۇرسىتى  بارغانسىرى كوچەيمەكتە،بۇ ياش ئۇسمۇرلەرنىڭ ساغلام ئۇسۇپ يىتىلىشىگە زىيانلىق ،،شەھۋانىي ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشى ياش ئۇسمۇرلەرنىڭ  ئەخلاقتا چۇشكۇنلىشىپ جىنايەت يۇلىغا مىڭىپ قىلىشىغا ھەتتا ئىپپەت -نۇمۇسىنى سىتىشى ئۇرۇنلىرىنى ئىزدەپ تىپىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ ھەر خىل قۇرقۇنۇشلوق كىسەللەرنى يۇقتۇرۋىلىشقا سەۋەب بۇلماقتا ،شۇڭا ھەر بىر ئاتا-ئانا بۇلغۇچى ئۇز پەرزەنىتىگە تۇغرا بۇلغان جىنسىي تەربىيەنى ئىلىپ بىرىشى كىرەك،،،ياش ئۇسمۇرلەردە بۇلوپمۇ 15ياشتىن ئاشقان ئۇغۇل -قىزلار فىزلوگىيلىك جەھەتتىن تىز يىتلىۋىاتقان بۇلغاچقا جىنسىي جەھتتىن قىزىقىشى بەك كوچلوك بۇلىدۇ ۋە ئۇزىنى كۇنتۇرۇل قىلالمايدۇ ،،شۇڭا ئاتا ئانىلار ھەر زامان ئۇز پەرزەنتىگە كوز -قۇلاق بۇلغان ياخشى...

ئۆمەرئىلى 2012-03-11 21:56
رھمەت تىما ئگىسىگە ؛ دىمىسىمو ھازىر بۇ سىرىق نەرسىلەرنى تىلپۇنغا قاچلاپ كوردىغانلا خىلى باكەن ئۇندىن باشقا    باللارنى تەربىلەشتە [ ھازىرقى  جەميەتتە ]ئانىلاردىنمو بەكرەك بىز ئاتىلار كۇچىشىمىز نامازلىرىمىزدا ئۇلارنىڭ ئنسابىنى رەببمىز دىن تىلشىمىز كىرەك   ئەي ئۇلۇغ ئاللا ھ   بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزغا ئنساپ  ھىدايەت ئاتا قىلغايلا [ئامىن]

paris 2012-03-11 22:01
ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن سەگەك بولايلى ،بالىلارنى تەربىيەلەشتە بىخەستەلىك قىلمايلى .
بولۇپمۇ مۇشۇ دەۋىردە ،ھازىر ھەممە نەرسە ئاشكارلانغان دەۋىر ،ئاتا-ئانىلار دىننىڭ بىزگە
يۈكلىگەن ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ قالمايلى،بۇ تېمىنى بارلىق ئاتا-ئانىلار كۆرىشى كىرەك.

taklemakan 2012-03-11 22:56
بالا يىغلاپ تۇرۇپ بۇنىڭدىن كىيىن كىرمەيمەن .مەن ئىزىپتىمەن دىسىمۇ دادىسىغا دىدىڭزما .مۇشۇ ئىشىڭىز بۇلمىدىمۇ قانداق.ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن .ئاتا بىلەن بالىنىڭ ئوتتۇردا  ھايا كۇتۇرلۈپتۇ.ئەمدى.ئاللا تۇبىىسىنى قۇبۇل قىلغاي.

بىگان 2012-03-11 23:19
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

amanxa 2012-03-12 00:39
دۆلىتىمىزمۇ بۇ ئىشلارنى چەكلەپ كەلگەن، ياش ئۆسمۈرلەرگە يىشىل تور مۇھىتى ھازىرلاش دەپ، شۇنچىلىك كۈچىمىگەن بولسىمۇ نىمىلەر بولغىيتتىكىن تاڭ...
تاغامنىڭ ئۈچ قىز بىر ئوغلى بارئىدى، ئوغلى بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغاچ ھەم بىرلا ئوغۇل، خەنزۇچە  مەكتەپكە بەرگەن، ھازىر تولۇقسىزنى مەكتەپتە يىتىپ ئوقۇۋاتقانتى، خەنزۇلار مەكتىپىدە، ئۇ پات-پات ماڭا مەكتەپتىكى ئىشلىرىنى ئىيتاتتى، مەسىلەن: ھەممسى دىگۈدەك تاماكا چىكىش. تىلىفۇنلىرىنىڭ ھەممىسدە سىرىق كىنو قاچىلىۋىلىپ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە كۆرۈش دىگەندەك....
بۇنىڭغا نىمىمۇ دىگۈلۈك، بەلكىم مۇشۇ تىمىنى كۆرۋاتقانلارنىڭمۇ نۇرغۇنلىرىنىڭ سىرىق توربىكەتلەرگە كىرىپ تۇردىغىنى چوقۇم بار.بىر ئەركەكنىڭ كۆردىغان نىمسى ئەمەس ئەسلى، بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن،ئەمما نىمە دىگۈلۈك....
تورخانىلارنىڭ ئايرىم خانىلرىغا كىرىۋىلىپ  بۇنداق سىرىق توربىكەتلەرگە كىرىدىغان قىزلىرىمىزمۇ بار.
مىنىڭمۇ بىر دوستۇم بارئىدى، ئۇ خەت كۆپەيتكۈچ(فۇيىنجى )رىمونىتچىسى ئىدى، توي قىلىشتىن بۇرۇن داۋاملىق تىلىفۇندىن سىرىق كىنولا چىقىدىغان، ھازىرمۇ بىريەرگە كەلسەك پاراڭلىشىپ قالىمىز، بالىسىمۇ بار ھازىر، ئايالى بىلەن كۆرىدىكەن تىخى ئۆيىدە، شۇنداق كىنولارنى، نىمە دىگۈلۈك!!!
بۇنداقلا نۇرغۇن ھەتتا دۇكىنىمغىمۇ شۇنداق كىنو بارمۇ دەپ كىرىدىغانلار بارئىدى، ئەمما خىجىل قىلىپ چىقىرۋىتەتتىم...خىجىل بولمايدىغانلار...كارغا كەلمەسلەر دىسەك توغرا بولغۇدەك...   

ibrayim 2012-03-12 02:54
بىرچاغلاردا مۇشۇ كەڭسايدا كۆردۈم ،بىرسى ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ قويۇپتۇ ئاچماڭلار دەپ .ئىنساننىڭ خاھىشى شۇ بولغاچقىمىكىن  ئۆزۈمچە قىزىقىپ ئېچىپ ساپتىمەن ،توۋا......ئىنسان دىگەن ئۆزىنى شۇنداقمۇ خار قىلىدىكەنكى كۆزۈم كۆرگەننى ئەقلىمگە سىغدۇرالمايلا قالدىم .نەچچەكۈن نامىزىمنىمۇ جايىدا ئوقىيالمىدىم .بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم .مەن شۇنداق دەيمەن كى كۆرمىگەنلەر بەك ھەزەر قىلىڭلا ئادەم ھەرقانچە قىلسىمۇ كۆرۈپ سالغان نەرسىنى  كاللىدىن چىقىرۋەتكىلى بولمايدىكەن.شۇندىن بىرى ھەر ئويلاپ سالسام بىر تەۋبە قىلىمەن .ئاللاھ كۆزۈمنى ئوتتىن ساقلىغاي

ئابدۈللاھ 2012-03-12 11:24
ئاڭلىسام جەمئيەتتىكى چاي ئوينايدىغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە ھەرقىتىملىق چاي
سورۈنلىردا-شەىۋانى-سىرىق پىلىملەرنى كۆردىغانلارمۈ خىلى بارئىكەن.بىر دوستىمىز
نىڭ دەپپىر ىشىچە ئايالى چاي سورۈندىن چىقىۋاپتۈ.سەۋەبىنى سورىسا سورۈندىكى
ئاياللار شۈندا سىرىق پىلىملەرگە خۈماربولۈپ قاپتۈ ئۈئايال بۈندانەرسىنى كۆرمەيلى
بۈدىگەن كۆز زىنناسىدىگەن شۈ دىسە ھىچكىم پەرۋا قىلماپتۈ .شۈسورۈندىكى ئاياللار
نىڭ جەميەتتىكى ئورنى خىلى يۈقىرى ئاياللار ئىكەن.ئۈلارنىڭ ئەرلىرىمۈ جەميەتتە
ئىناۋەتلىك كىشىلەرئىكەن ھازىر جەميەت بۈزۈلغان مۈھىتلا ئىنتايىن بۈزۈلغان بۈنداق
پەيتلەردە-ھەركىم ئۆز ئائىلسىگە مەسئۈل بولىشىكىرەك چۈنكى ئائىلىنىڭ ئاساسلىق
تۈۋرىگەى بولغان ئەركىشىگە ئۆزئائىلىسىنىڭ مەسئۈلىيتى يۈكلىنىدۈ>چۈنكى پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۈنداق دىگەن.ھەممىڭلار پاتىچى.ۋەمەسئۈلىيەت ئىگىسى.پاتىچى .ئۆز
نىڭ باققان پاتىسدىن خوجايىنغا ھىساپ بەرگەندەك.سىللەرمۈ ئۆز ئائلەڭدىكىلەردىن
ئاللاھ نىڭ ئالدىدا ھىساپ بىرىسىلەر<دىگەن.شۈنىڭ ئۈچۈن ھەممەيلەن ئۆز ئائىلىمىز
گە ئومدان مەسئۈلبولۈپ پەرزەتلىرمىزنى ياخشى تەربىلەشكە ئەخمىيەتبىرەيلى

بىگان 2012-03-12 12:12
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

رۇمەيسا 2012-03-12 13:57
چەكسىز دېگەننى ،نەپسى دېگەننى قايتا چۇشەنسىڭىز بولغىدەك.

رۇمەيسا 2012-03-12 14:03
تېما ئىگىسىگە تەشەككۇر!  بالىلىرىمىزغا سەن ئۇنداق قىلما مۇنداق قىلما دېمەي، مۇنداق قىلىدىغانلامۇ باركەن ،بۇنىڭ ئاقىۋېتى مۇنداق بولىدىغان تۇرسا دېگەندەك  تەربىيە قىلساق ئۇنۇمى ياخشى بولامدىكى دەيمەن.    بىزدە ھازىر شەرىئەت بار ،تەرىقەت يوق.

سەيياھ0999 2012-03-12 14:53
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

ئۆركەش 2012-03-12 15:22
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى ئابدۈللاھ نىڭ 2012-03-12 11:24 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاڭلىسام جەمئيەتتىكى چاي ئوينايدىغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە ھەرقىتىملىق چاي
سورۈنلىردا-شەىۋانى-سىرىق پىلىملەرنى كۆردىغانلارمۈ خىلى بارئىكەن.بىر دوستىمىز
نىڭ دەپپىر ىشىچە ئايالى چاي سورۈندىن چىقىۋاپتۈ.سەۋەبىنى سورىسا سورۈندىكى
ئاياللار شۈندا سىرىق پىلىملەرگە خۈماربولۈپ قاپتۈ ئۈئايال بۈندانەرسىنى كۆرمەيلى
بۈدىگەن كۆز زىنناسىدىگەن شۈ دىسە ھىچكىم پەرۋا قىلماپتۈ .شۈسورۈندىكى ئاياللار
.......







بىراق ھازىرقى ئەرلەر  چىشى پادىلارغا تازا ياخشى ئىگە بۇلالمايۋاتىمىز . بۇنىڭ گۇناھىنى قانداقمۇ ئۈستىمىزگە ئېلىپ بۇلامىز ؟؟؟

abduwali123 2012-03-12 18:27
خۇمار بۇلۇپ قالىدىغان ئشكەن ئەمەسمۇ بۇ ، ئۈزىنى بەك تۇتۋالغان ئادەم بولمسىا ھەي ،   تەسكەن   لىكىن خۇتۇن-بالىلار بىلەن كۆرسەنىمە دىگۈلۈك ئەمدى

dulbarqin310 2012-03-12 18:36
توۋا... ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.... ئادەم قىلما دىگەننى قىلغۇسى كېلىدۇ، ئەمما قىپ سالغاندا پۇشايمانغا دورا يوق........

خەلپە 2012-03-12 20:12
بىرسى بىر دانىشمەندىن سوراپتۇ؛ بالىنى ئەڭ ياخشى تەربىيلەش ۋاقتى قايسى؟ دانىشمەن سوراپتۇ؛بالاڭ نەچچە ياشقا كىردى؟- ئالتە ئايلىق بولدى.دانىشمەن؛ سەن ئالتە ئاي كېچىكىپسەن.

tumurkala 2012-03-12 22:54
bak kvp bundah ixlar!

بىگان 2012-03-12 23:20
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

520ahsa 2012-03-13 12:41
مەنغۇ قەتى كۆمەيمەن  

ئەلى 2012-03-13 12:59
بۇ ياشتىكى بالىلار دەل فىزىلوگىيىلىك جەھەتتە يېتىلىشكە باشلىغان،يا جىنىسقا قىزىقىشقا باشلىغان مەزگىل بولۇپ،مەكتەپ تەربىيىسى بالىلارنى بۇ جەھەتتە پەقەت ئاز بىر قىسىم ساۋات بىلەنلا ئۇچراشتۇرالايدۇ.شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى بالىلارغا نىسپەتەن ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىسى ئىنتايىن مۇھىم.ئەلۋەتتە توغرا تەربىيە ئۇسۇلى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم.گەرچە سىزنىڭ نىيىتىڭىز توغرا بولسىمۇ بىراق تەربىيە ئۇسۇلىڭىزدا ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە ساقلانغان دەپ قارايمەن.ئۇ بالىنىڭ قىلغىنى خاتا،بىراق خاتانى سىزدەك تۈزەتسەك توغرا بولامدۇ؟تەربىيىنى شۇنداق قىلساق بولامدۇ؟بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مۇنداق دېگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە:<<ئەگەر ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە تەربىيە قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالسا ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسى نۆلگە تەڭ بولىدۇ>>.مېنىڭچە بۇ گەپ بەك توغرا.سىز ئۇ بالىنىڭ يۈزىدىن يۈزىگە سېلىپ كۆز ئالدىڭىزدا ئىقرار  قىلدۇرۇپسىز.بۇ بىر ياخشى ئىشتەك قىلغىنى بىلەن بىراق بۇ بالا بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئۆمۈر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا باشقىچە ھېسىياتتا بولۇشى مۇمكىن.يەنە-ئاتا-ئانىسىغا دەپسىز ئەمدى نىمە ئىشلار بولار .يا  بالىغا دەپلا ئاتا-ئانىسىغا دېمىگەن بولسىڭىز،يا ئاتا-ئانىسىزغا دەپلا بالىغا دېمىگەن بولسىڭىز ۋە ياكى بولمىسا بالىغا باشقىچە ئۇسۇلدا تەربىيە قىلغان بولسىڭىزمۇ بولاتتى.شۇ بالىنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنى قويۇپ ئويلاپ بېقىڭ،ئەگەر سىز شۇنداق بىر ئىشنى قىلىپ سالغان بولسىڭىز باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىڭىزغا دېيىشىنى خالامسىز ياكى ئۆزىڭىزگە دېيىشىنىمۇ؟  ۋە ياكى نەق ئىسپاتنى ساقلاپ قويىشىنى خالامسىز،مېنىڭچە سىزگە ئەگىتىپراق شەپىسىنى بېرىپلا قويسا خۇرسەن بولىسىز دەپ ئويلايمەن.ئۇ بالىمۇ شۇنداق ئويلىغاندۇ بەلكىم.
ئىشقىلىپ سىزدىكى ئاچچىق ئەقلىڭىزنى بېسىۋاپتۇ  دەپ بىلدىم

osmanli 2012-03-13 14:21
   ئەگەر ئانا قارنىدىكى بالىنىڭ ئەقلى بولسا ۋە ئۇنىڭدىن سورىساق: «سەن تار بىر بوشلۇقتا تۇرىسەنۇ، ئەمما بۇ يەردە ساڭا ھېچ لازىمى بولمايدىغان پۇت ۋە قوللىرىڭ تۇرىدۇ؛ سەن قاپقاراڭغۇ بىر يەردە تۇرىسەن، ئەمما ساڭا بۇ يەردە ھېچ لازىم بولمايدىغان كۆز يېتىلىۋاتىدۇ؛ سېنىڭ ئوزۇقلىرىڭ ئانا رەھمىدىن كىندىكىپ بىلەن بېرىلىۋاتىدۇ-يۇ، ئەمما ساڭا بۇ يەردە ھېچ لازىم بولمايدىغان ئېغىز يېتىلىۋاتىدۇ؛... بۇلار نېمە ئۈچۈن؟»  ئۇ بالا دەيدۇكى، «ئەي ئەخمەق! مەن پات يېقىندا بۇ تار، قاراڭغۇ، تىنجىق، ماكاندىن يېڭى بىر ئالەمگە چىقىمەن. بۇ ئەزالار ماڭا شۇ يەردە لازىم. جانابى ئاللاھ ھىكمىتى بىلەن ماڭا ھازىر بېرىۋاتىدۇ.» دەيدۇ.  
   گويا شۇ مىسالدەك، بىزنىڭ تۈرلۈك تويماس ھېسلىرىمىز بار، ئەمما بۇ قىسقا ئۆمۈردە، ئاز زاماندا، ئاجىز بەدىنىمىز ۋە زەئىپ روھىمىز بىلەن بۇ ھېسلىرىمىزنىڭ ھېچ بىرى ھەقىقىي قانمايدۇ. ۋاقىتلىق قانسىمۇ، ئۇنىڭدىن كەلگەن لەززەتتىن كۆپرەك ئەلەم بېرىدۇ. ئەبەدىي ھايات خالايمىزيۇ، ئاران 60-70 يىل ياشاپ ئۆلىمىز؛ دوستلىرىمىز، يېقىنلىرىمىزنىڭ ھېچبىرىدىن ئايرىلىشنى خالىمايمىزيۇ، بىردىن-بىردىن ئايرىلىمىز؛ داۋاملىق خۇشال، غەمسىز يۈرۈشنى خالايمىزيۇ، دائىم تۈرلۈك ئەلەملەرگە ۋە قىيىنچىلىقلارغا، مۇسىبەتلەرگە، كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولىمىز؛ شەھۋەت لەززەتلىرىنىڭ دائىمى بولىشىنى خالايمىزيۇ، قېرىيمىز، چىرىيمىز، ئىقتىداردىن قالىمىز، زاۋال تاپىمىز،...  دېمەككى، بۇ ھېسلىرىمىزنىڭ ھېچبىرى بۇ دۇنيادا قانمايدۇ، رازى بولمايدۇ. ئەبەدىي بىر ماكاننى خالايدۇ، ۋە بۇ ئەھۋاللىرىمىز بىزگە دەيدۇكى، «ئەي ئەخمەق! سەن بۇ دۇنيا ئۈچۈن يارىتىلمىدىڭ، ۋە بۇ ھېسلىرىڭ بۇ دۇنيا ئۈچۈن بېرىلمىدى. ئەبەدىي جەننەت ئۈچۈن يارىتىلدىڭ، بۇ ھېسلىرىڭ شۇ يەردە ساڭا لازىمدۇر. بۇ دۇنيادىكى ھېسلىرىڭنى قامدايدىغان مەجازى نىئمەتلەر بولسا، رەببىڭنىڭ ساڭا كۆرسەتكەن، جەننەتنىڭ ئىلانلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ھالاللىرىدىن تېتىغىن، ۋە ئۇ يەرگە تەييارلىق قىلغىن. ئىتائەت بىلەن ئۇ ئەبەدىي زاتقا دوست بول. چۈنكى ئەبەدىيلىكنى خالىغان سەن، پەقەت ئەبەدىي زات بولغان ئاللاھقا باغلىنىش بىلەنلا قانىسەن، قانائەتلىنىسەن ۋە رازى بولىسەن. ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلا، چۈنكى ئۇ ساڭا شۇ گۈزەل دىيارنى تەييارلىدى ۋە ساڭا قۇرئاندىن ئىبارەت خوشخەۋەرنى ۋە تەكلىپنامىنى ئەۋەتتى. ئۇنىڭدىن قورق، چۈنكى ئۇ ئىتائەت قىلمىغانلارنى سۆيمەيدۇ، ئۇلار ئۈچۈن جەھەننەمنى ھەم تەييارلىدى...»  
-رىسالەئى نۇردىن ئۆزلەشتۈرمە

شاۋقۇن0999 2012-03-13 16:10
[attachment=15663]
[attachment=15664]
[attachment=15665]
[attachment=15666]
[attachment=15667]

ئەلى 2012-03-13 18:11

kelem 2012-03-13 19:18
مىنىڭچە ئاتىسىغا دەپ    توغرا قىلماپسىز....

بىگان 2012-03-13 19:37
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

ئەلى 2012-03-13 20:58
نىمە ئۇ ئىسلامچە سۇ ئۈزۈش كىيىمى دىگەن؟يۇقىرىقى ئاياللار كىيگەن كىيىمما؟ھازىرغۇ كۆزىمىز يېرىم-ياتا كىيىملەرنى تولا كۆرۈپ سەللا تىزىدىن ئاشقان ئىشتان كەيسە،جەينىكىدىن ئاشقان مايكا كەيسە ئىسلامچە دەيدىغان بولۇپ كەتتۇق.

بىگان 2012-03-13 21:14
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

oylinish 2012-03-14 12:29
بىگانقارى،  ئۇچۇق  قالمىسىلا بولامدا؟

oylinish 2012-03-14 12:29
بىگانقارى،  ئۇچۇق  قالمىسىلا بولامدا؟

kelem 2012-03-15 11:50
تارتاپچۇق كىيىملەرنى ھەرگىز ئىسلامچە دىگىلى بولمايدۇ...

بىگان 2012-03-15 12:30
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

yangen 2012-03-15 20:56
ھازىر كەڭسايدا شۇنداق قانۇنغا خىلاپ گەپ بولۇنۇپ قالسىلا 1-2كۈنگىچە تاقىلىشغا ئىشەنمەيدىغانلار بارمۇ؟؟؟؟؟  سىرق تور بىكەتلەرنى راست توسۇيالماۇۋاتامدۇ ياكى توسمايۋاتامدۇ؟؟؟؟؟ بۇنىڭ پايدىسى كىمگە زىيىنى كىمگە بولىۋاتىدۇ؟؟؟!!!!  ئىغى مەسىلە!!!!! مۇشۇنداق نەرسىلەر ئارقىلىق مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن ياكى باشقا مىللەت بولسۇن مەقسەت بىرلا كاللىنى ۋەيران قىلىش،تەپەككۇرنى بوغۇش!!!!

oylinish 2012-03-16 00:08
بىگانقارى، مەن  قەستەن  ئىككى قېتىم يوللىمىدىم،  كۇتۇپخانىنىڭ كومپيۇتېرىدا ئىنكاس يوللىساملا شۇنداق بولۇپ كېتىدۇ.  سىزنىڭكىگە يازغان ئىنكاسىمنىڭ ئاران ئىككى تاللا بولۇپ چىققىنىغا خۇش بولۇڭ!
بايا باغداشتا بىر ئىنكاس يازسام بىر بەت توشۇپ  يەنە بىر بەتكە ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
بۇ ئىنكاسنى ياتاقتا يوللاۋاتىمەن، ئەمدى بىر تاللا چىقىدۇ.

بىگان 2012-03-16 15:24
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

سرداش 2012-03-17 11:25
ئەيىب زادى كىمدە؟!!!

ئىزباسار 2012-03-17 13:58
سېرىق پىلىملەرنى كۆرگەنلەرنى ھۈكۈمەت چەكلىمامدا؟

iltebir 2012-03-17 14:31
بالىغا ھەر ۋاقىت دوستانە، ئادىل مۇئامىلدە بولۇش.

dolkun123 2012-03-17 14:33
دىقەت قىلايلى...

رەسسام 2012-03-17 15:06
رايۇنىمىزدا ياش-ئۇسمۇرلەر ئىچىدە باسقۇنچىلىق،،،،،پەسكەشلىك  قىلمىشى بىلەن جىنايى جازاغا تارتىلىپ كىتىدىغانلار خىلى كوپ بۇ ياش-ئۇسمۇرلەرنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن چۇشكۇنلەشكەنلىكنىڭ ئالامىتى ،،شۇڭا ياش -ئۇسمۇرلەرنى سىرىق ،شەھۋانى نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق كىرەك،،،،

turditohti 2012-03-17 22:18
بالىلەرغا مەسئۇل بۇلۇش،ئۇلارنىڭ ناتوغرا يولغا مېڭىپ قالماسلىغىغا نىسپەتن ئاتا-ئانىلار چۇقۇم قاتتىق ھۇشار بۇلىشى كېەك.بالىلار بۇنداق ناكاسچىلىق ئىچىدە قالسا،ئۇنىڭ روھى پاسكىنىچىلىقتا كۆكلەپ،ئاخىردا ئازغۇن بىر ئەۋلاتلارنى يىتىشىپ چىقمايدۇ دەپ ھىچكىم ئېيتىيالمايدۇ...

رىشتە 2012-03-18 14:58
رھمەت تىما ئگىسىگە ؛ دىمىسىمو ھازىر بۇ سىرىق نەرسىلەرنى تىلپۇنغا قاچلاپ كوردىغانلا خىلى باكەن ئۇندىن باشقا    باللارنى تەربىلەشتە [ ھازىرقى  جەميەتتە ]ئانىلاردىنمو بەكرەك بىز ئاتىلار كۇچىشىمىز نامازلىرىمىزدا ئۇلارنىڭ ئنسابىنى رەببمىز دىن تىلشىمىز كىرەك   ئەي ئۇلۇغ ئاللا ھ   بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزغا ئنساپ  ھىدايەت ئاتا قىلغايلا [ئامىن]

insap 2012-03-19 16:27
ئې ئاللاھ! پەرزەنىتلىرمىزنى ھەر تۈرلۈك يامان يوللاردىن ساقلىغايسەن . ئامىن .

زۇلھايا 2012-03-20 11:31
assalamu alaykum kerindaxlar  allah rahmat kilsun bakmu apsuslandim allah parzantlirimizni guzal ahlak bilan yitilduruximizga  yardam kilsun parzantlirimiz nig  hidayitiga du a kilayli amin

مۆئمىن 2012-03-22 10:52
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

بىگان 2012-03-22 14:02
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

گۇلنازى 2012-03-23 23:57
ھۇكۇمەت شۇسىرىق فىلىم ئىشلىگەنلەرنى تۇتسا بۇلماسمىدى  ئي ئاللا باللىرمىزنى شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىدىن يىراق قىلغىن.

سەئىدى 2012-03-24 16:08
  


ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن سەگەك بولايلى ،بالىلارنى تەربىيەلەشتە بىخەستەلىك قىلمايلى .
بولۇپمۇ مۇشۇ دەۋىردە ،ھازىر ھەممە نەرسە ئاشكارلانغان دەۋىر ،ئاتا-ئانىلار دىننىڭ بىزگە
يۈكلىگەن ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ قالمايلى،بۇ تېمىنى بارلىق ئاتا-ئانىلار كۆرىشى كىرەك.


查看完整版本: [-- سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.066825 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us