باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8548 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 367
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە367دانە
ئۆسۈش: 2604 %
مۇنبەر پۇلى: 5968 سوم
تۆھپىسى: 42 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-11 20:29

سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .تۆۋەندىكى بايان ھەقىقى بولغان ۋەقە .ئىبرەت ئۈچۈن يوللاندى .
مېنىڭ بىر تونۇشۇم بار .بەكمۇ ئاقكۆڭۈل ،مېھماندوست ۋە تىرىشچان.ئۇنىڭ بالىسىغا بولغان تەربىيەسىگە گەپ كەتمەيدۇ .بالىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ،دىنى ئىسلامدا چىڭ قىلىپ تەربىلىگەندەك قىلغان ئىدى.لېكىن ئۇلارنىڭ تەربىيەسىدىكى بىر خاتالىق ئاتىسى تەربىيە قىلغاندا ئانىسى ئارلىشىۋالاتتى .دائىم شۇنداق بولاتتى .شۇڭا بۇ بالىدا كىچىكىدىن ئازراق تومۇرچى بولۇپ چوڭ بولدى.لېكىن بۇ بالا يەنىلا نۇرغۇن بالىلارغا ئۆلگە بولالايدىغان خىسلەتلەرنى يىتىلدۇرۇپ بولغان ئىدى.ئىشقىلىپ بۇ بالىنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن مەن شۇنداق دەپ قارىغان ئىدىم .
لېكىن بۇ بالا بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا سادىر بولغان بىر قېتىملىق ۋەقە مېنى بەكمۇ ئەپسوسلاندۇردى ،بەكمۇ چوڭقۇر ئوف دىگۈزۋەتتى .
ئۇلارنىڭ ئۆيىگە دائىم بېرىپ تۇراتتىم .ئۇ مېنى ئۆز ئاكىسى ئورنىدا كۆرەتتى .دادىسى بىلەن پاراڭلىرىمىز بەكمۇ بىر يەردىن چىقاتتى .بەزىدە خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭ قىلساقمۇ پاراڭلىرىمىز تۈگىمەيتتى .
بىر كۈنى ئادىتىم بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردىم .ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆيدە يوق بولۇپ چىقتى .ناماز شام ۋاقتى بولغاچقا ناماز شامنى ئوقىۋېلىپ ئاتىسىنى ئازراق ساقلىماق بولدۇم .قارىسام بۇ بالا تور ئويىنى ئويناۋاتقان ئىدى .مەن باغداش تورىغا چىقىپ ئازراق تېما يازماق بولۇپ ئۇنىڭدىن كومپيۇتورنى ئالدىم .ئۇ ماڭا كومپىيوتورنى بىرىپ دەرس تەكرار قىلغىلى چىقىپ كەتتى .مەن ئادرىس رامكىسىدا باغداش تورى بار بولسا بىۋاستە بېسىپلا كىرەي دەپ ،ئادرىس رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تۆۋەنگە قارىغان سىترىلكىنى باستىم .شۇ ھامان  يېقىندا زىيارەت قىلىنغان ئونغا يېقىن تور بىكەت ئادرىسلىرى چىقتى .مەن بۇ ئادرىسلارغا قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم .نىمىنى كۆردۈم دىمەمسىز ،بۇ ئادرىسلارنىڭ ئىچىدە ئېڭگىلىزچە تەرجىمىدە سېرىق كارتون فىلىم مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغاندەك  ئۈچ دانە ئادرىس توراتتى.مەن بۇنى كۆرۈپ دەلىللەپ بېقىش ئۈچۈن بۇ ئادرىسلارنى بېسىپ كىرىپ باقتىم .ئاھ خۇدا كۆزگە ئالغۇسىز سېرىق فىلىملەرنىڭ توپى ئىكەن .بەت ئاستىدا راس پىرسۇناژلار رول ئالىدىغان سېرىق فىلىم تور بىكەتلەرنىڭ رەسىملىك ئۇلىنىشى تۇراتتى .مەن  بۇلارنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندىم ،قوللىرىم تىترەپ كېتىۋاتاتتى .مەن كومپيوتورنىڭ ۋاقىتلىق ساقلىغۇچىنى ئېچىپ باقتىم .تەكشۈرۈپ باقسام بۇ تور بىكەتلەردىن كۆرگەن فىلىملەر مانا مەن دەپ تۇراتتى .مەن ئىسپات ئۇچۇن بۇ فىلىملەرنى كۆچۈرۈپ چىقىپ كومپيوتورنىڭ بىر دېسكا رايونىغا ھۆججەت ساقلىغۇچ تەسىس قىلىپ، ئىسپات ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم .كۆزلىرىم غەزەپتىن قىزىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىر ئۆزەم سىزىمەن .كومپيوتورنىڭ زەربىسىگە ئېغىرراق ئۇچىرىغان سول كۆزۈمدىن ياش ئۆزلىكىدىن ئېقىپ كەتتى .ئۇنىڭ ماڭا ۋە باشقىلارغا شۇ قەدەر ئەخلاقلىق مۇئامىلىسى ، ياسىن ،تابارەكلەرنى يات ئوقىشى ،ۋە قۇرئاننىڭ خالىغان جايلىرىدىن تۈرتەلمەي ئوقۇشلىرى بىلەن ماۋۇ ئەھۋال مۇناسىپ كەلمىدى .مەن ئۇنى يېنىمغا چاقىردىم .ھەمدە بۇ ئەھۋالنى سورىدىم .ئۇ بۇ ئادرىسلارنى بىر ساۋاقدىشى چ چ توپىدا ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم چىكىپ بېقىپ قايتا ئاچمىغانلىقىنى دىدى .مەن ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ غەزىپىم تېخىمۇ تېشىپ كەتتى .
مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ  ئاللىقاچان ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بولغانلىقىمنى يالغان سۆزلىمەسلىكىنى دەپ تۇرىۋالدىم . ئۇ ئاخىرى راس گەپ قىلدى .ئۇ بۇ ئادرىسلارنى سىنىپىنىڭ چ چ توپى ئارقىلىق بىلگەندىن كېيىن، دائىم مۇشۇ ئادرىسلاردىن سېرىق فىلىم كۆرىدىكەن .بوپمۇ مۇشۇ تەتىلدە ئاتا-ئانىسى يوق چاغلاردا ئوغۇرلۇقچە كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .بۇ ئەھۋالنىڭ سىنىپىدا بەكمۇ ئومومىيۇزلۇك ئىكەنلىكىنى دىدى .بۇنى ئاڭلاپ،مەن بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەندىم ،بەكمۇ ھەيران بولدۇم .بۇلارنىڭ پەقەت بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم .مەن ئاسانلىقچە يىغلىمايتتىم .لېكىن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغىچە ئىككى كۆزىمدىن ياشلار قانداق ئاققانلىقىنى بىلمەيمەن .ئۇمۇ ماڭا قاراپ ئۇنسېلىپ يىغلاپ كەتتى .ئۇنىڭ شەيتاننىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى پەملىدىم .ئۇ سېرىق فىلىم كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قالغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى .
مەن سەل ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ ،ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئەشەددىي ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى.شەرىئەت قانونىدا قاتتىق جازا بىرىلىدىغانقىلىنى ،ئەڭ موھىمى، تەۋبە قىلالماي ئۆلۈپ كېتىپ قالسا ئۇ دۇنيادا قاقشاتقۇچ جازاغا ئۇچىرايدىغانلىقىنى .بۇ قىلمىشىنىڭ ئۆزىنى زىنا يولىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى .زىناخورغا ئەگەر توي قىلغان بولسا چالما كىسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈش  جازاسى، ئەگەر توي قىلمىغان بولسا 100 دەررايەنى خۇددى خۇەنجۇ گې گې فىلىمىدىكى يوقان سەككىز قىرلىق تاياقتەك دەررە بىلەن ئۇرۇش  جازاسى بىرىلىدىغانلىقىنى ،قەۋرە دۇنياسىدا ۋە دوزاقتا بەكمۇ قاتتىق جازاغا ئۇچىرايدىغانلىقىنى دىدىم .ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى تەسىرىدىن  قىزلار بىلەن زىنا قىلىپ قالسا  ،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرىنى بۇلغايدىغانلىقىنى ،ھەمدە مۇناپىق سۈپەتكە كېلىپ، مىللى مۇناپىق ۋە دىنى مۇناپىق سانىلىدىغانلىقىنى دىدىم .ئۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى .ئاھ ،ئەمدىگىنە 15 ياشقا كىرگەن بالا ھە؟بىز 15 ياش ۋاقىتلاردا تاسادىپەن قوللىرىمىز قىزلارنىڭ قوللىرىغا تىگىپ كەتسە يۈزىمىز قىزىرىپ كىتەتتى .ھازىرقى بالىلاردىكى بۇزۇلۇش نىمىدىگەن دەھشەت ھە؟؟؟؟
ئۇ ماڭا بۇنداق ئىشلارنىڭ مەكتىپىدە بەكمۇ ئومومىيۇزلۇك ئىكەنلىكىنى ،تېخى بەزى ئاز ساندا  قىزلارنىڭمۇ كۆرىدىغانلىقىنى دىدى. ئۇ دائىم ساۋاقداشلار يىغىلىشلىرىغا بارمىسا ئۇنى مازاق قىلىپ<ئۆي ئەركىكى> يەنى<宅男> دىگەن ئاتاققا قېلىۋاتقانلىقىنى .ھەتتا  سېرىق فىلىملارنى قول تېلىفۇنلارغا سولاپ مەكتەپكە ئاپىرىپ كۆرىدىغانلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى دىدى.ھەمدە ساۋاقداشلار چ چ توپلىرىدا بۇنداق ئادرىسلارنىڭ دائىيم ئەۋەتىلىپ تۇرىلىدىغانلىقىنى دىدى.ھەمدە كومپيوتورىدىكى بۇ تور ئادرىسلارنى بىر ساۋاقدىشى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ھەرگىز توردىن ئىزدەپ تاپمىغانلىقىنى دىدى .
ئۇنىڭ بۇ ئىقرارلىرىدىن مەسىلىنىڭ بەكمۇ ئېغىر .ھەتتا ۋەھشى ئېغىرلىقىنى ھىس قىلدىم .ئائىلىرىمىزدە ئاتا ئانىلارنىڭ قىز ئوغۇللۇرىمىزغا زىنا تەربىيەسىنىڭ بەكمۇ سوس ياكى يوق ئىكەنلىكىنى پەملىدىم .
بۇ ئىشلاردىن شۇنى ھىس قىلدىمكى ئۆزىمىز ئۆيدە يوق چاغلاردا بالىلىرىمىزغا ھەرگىز كومپيوتورنى ئېچىپ بەرمىسەك ،ئۇلارنىڭ تورلاردىكى ئىش ھەركىتىنى كۈزىتىپ تۇرساق دىگەن ئويغا كەلدىم .بۇ سەبى بالىلىرىمىز بۇ سېرىق تور بىكەتلەرنى ئۆزلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ يۈرمەيدۇ .بەلكى باشقا يامان يولغا كىرىپ قالغان ئاز ساندىكى بالىلار چ چ لار ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقىتىدۇ .
شەيتاننىڭ قۇرالى نىمىدىگەن يامان ھە ئاتا ئانىلار؟زامان ئاخىرىغا يېقىنلاشقاندا  زىنالار ئاشكارە بولىدۇ دىگەن مۇشۇمۇ؟ئاھ ،سەبى بالىلىرىمىز كەلگۈسىمىزنىڭ ئۇمۇدلىرى مۇشۇنداقلا شەيتانغا ئەل بولۇپ كىتەرمۇ؟
ئۇ ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپ بۇ ئىشلارنى ھەرگىز ئاتىسىغا دىمەسلىكىمنى بولمىسا بەك ئۇرىۋېتىدىغانلىقىنى دەپ تۇرۋالدىم .مەن ئۇنىڭغا
ئالدى بىلەن  ھاززىرنىڭ ئۆزىدە غۇسلى تاھارەت ئېلىپ،ئىككى رەككەت تەۋبە نامىزى ئوقۇپ ،چىن نىيىتىدىن تەۋبە قىلىشى كىرەكلىكىنى ھەمدە ھازىردىن باشلاپ نامىزىنى قايتا باشلاپ ،ئەتىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى كىرەكلىكىنى ،بۇ ئۈچ كۈننى تائادەت ئىبادەتتە ،قاتتىق تۆۋبە ھالىتىدە ئۆتكۈزىشى كىرەكلىكىنى ،دىدىم .
مەن ئەسلى بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ دادىسىغا دىمەسلىك قارارىغىمۇ كېلىپ باققان ئىدىم .لېكىن ئاساسلىق زىنا تەربىيەسى قىلغۇچى يەنىلا ئۇنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىغانلىقىم ئۈچۈن ،ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ ئۇنىڭ ئاتىسىغا تېلىفۇننى باستىم .ئاتىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ،ئۇمۇ قاتتىق ھەيران بولدى ۋە دەرغەزەپكە كەلدى .ھەمدە ماڭا رەھمەت ئېيتىپ ،بۇ ئىشنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلغانلىقىنىڭ بەكمۇ ياخشى بولغانلىقىنى ،بولمىسا ئۆزىنىڭ تولدۇرۋالغۇسىز ئازاپتا قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،دەرھال ئۆيگە بېرىپ تەربىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
ئەي ئاتىلار !!!ئاي ئانىلار بىزدە سىلكىنىش بولغاي !!!بىزدە ئويغىنىش بولغاي!!!ئادەمدەك ياشايدىغان بىر ئەۋلات تەربىلەشكە تىرىشايلى!!!
  تەكلىبىم :
مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىسىڭىز ئوتتورا مەكتەپنىڭ 9-10-11 دا ئوقىۋاتقان ئۇكىلىرىڭىز ياكى بالىڭىز بولسا بۇ ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ .
بۇ ئىشلار ئويدۇرما ياكى قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئىشلار ئەمەس ،ئەمەلىيەت .
مەنبە:
http://bbs.12tagh.com/
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(paris) مەنپەئەتلىك ..
  • ئويلىنىش،ئىزدىنىش،تەپەككۈر ئىچىدە ئۆتمىگەن ھاي ..
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1387
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 274
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
    ئۆسۈش: 240 %
    مۇنبەر پۇلى: 3196 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-31
    ئاخىرقى: 2012-05-06
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 02:54

    بىرچاغلاردا مۇشۇ كەڭسايدا كۆردۈم ،بىرسى ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ قويۇپتۇ ئاچماڭلار دەپ .ئىنساننىڭ خاھىشى شۇ بولغاچقىمىكىن  ئۆزۈمچە قىزىقىپ ئېچىپ ساپتىمەن ،توۋا......ئىنسان دىگەن ئۆزىنى شۇنداقمۇ خار قىلىدىكەنكى كۆزۈم كۆرگەننى ئەقلىمگە سىغدۇرالمايلا قالدىم .نەچچەكۈن نامىزىمنىمۇ جايىدا ئوقىيالمىدىم .بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم .مەن شۇنداق دەيمەن كى كۆرمىگەنلەر بەك ھەزەر قىلىڭلا ئادەم ھەرقانچە قىلسىمۇ كۆرۈپ سالغان نەرسىنى  كاللىدىن چىقىرۋەتكىلى بولمايدىكەن.شۇندىن بىرى ھەر ئويلاپ سالسام بىر تەۋبە قىلىمەن .ئاللاھ كۆزۈمنى ئوتتىن ساقلىغاي
    يۇمشاق تۆشەك ئاياللارغا خاس ، ئوغۇل بالا ساۋۇت كېيىپ تۇپراقتا ياتار