بۇ ياشتىكى بالىلار دەل فىزىلوگىيىلىك جەھەتتە يېتىلىشكە باشلىغان،يا جىنىسقا قىزىقىشقا باشلىغان مەزگىل بولۇپ،مەكتەپ تەربىيىسى بالىلارنى بۇ جەھەتتە پەقەت ئاز بىر قىسىم ساۋات بىلەنلا ئۇچراشتۇرالايدۇ.شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى بالىلارغا نىسپەتەن ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىسى ئىنتايىن مۇھىم.ئەلۋەتتە توغرا تەربىيە ئۇسۇلى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم.گەرچە سىزنىڭ نىيىتىڭىز توغرا بولسىمۇ بىراق تەربىيە ئۇسۇلىڭىزدا ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە ساقلانغان دەپ قارايمەن.ئۇ بالىنىڭ قىلغىنى خاتا،بىراق خاتانى سىزدەك تۈزەتسەك توغرا بولامدۇ؟تەربىيىنى شۇنداق قىلساق بولامدۇ؟بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مۇنداق دېگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە:<<ئەگەر ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە تەربىيە قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالسا ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسى نۆلگە تەڭ بولىدۇ>>.مېنىڭچە بۇ گەپ بەك توغرا.سىز ئۇ بالىنىڭ يۈزىدىن يۈزىگە سېلىپ كۆز ئالدىڭىزدا ئىقرار قىلدۇرۇپسىز.بۇ بىر ياخشى ئىشتەك قىلغىنى بىلەن بىراق بۇ بالا بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئۆمۈر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا باشقىچە ھېسىياتتا بولۇشى مۇمكىن.يەنە-ئاتا-ئانىسىغا دەپسىز ئەمدى نىمە ئىشلار بولار .يا بالىغا دەپلا ئاتا-ئانىسىغا دېمىگەن بولسىڭىز،يا ئاتا-ئانىسىزغا دەپلا بالىغا دېمىگەن بولسىڭىز ۋە ياكى بولمىسا بالىغا باشقىچە ئۇسۇلدا تەربىيە قىلغان بولسىڭىزمۇ بولاتتى.شۇ بالىنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنى قويۇپ ئويلاپ بېقىڭ،ئەگەر سىز شۇنداق بىر ئىشنى قىلىپ سالغان بولسىڭىز باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىڭىزغا دېيىشىنى خالامسىز ياكى ئۆزىڭىزگە دېيىشىنىمۇ؟ ۋە ياكى نەق ئىسپاتنى ساقلاپ قويىشىنى خالامسىز،مېنىڭچە سىزگە ئەگىتىپراق شەپىسىنى بېرىپلا قويسا خۇرسەن بولىسىز دەپ ئويلايمەن.ئۇ بالىمۇ شۇنداق ئويلىغاندۇ بەلكىم.
ئىشقىلىپ سىزدىكى ئاچچىق ئەقلىڭىزنى بېسىۋاپتۇ دەپ بىلدىم