قۇرغاس ناھيىسىدىكى سازلىق ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بۇلوپ ئاساسلىقى كەلكۈن سۇيىنىڭ تەسىرىدىن تاغ باغرىغا يىغىلىپ قالغان قۇم،تۇپىدىن شەكىللەنگەن قىيپاش تۇزلەڭلىك ،بۇ يەردە تۈرلۈك ئۆسۇملوك يىپىنچىلىرى .دۇلەت تەرپىدىن 1-2-دەرىجىلىك قۇغدىلىدىغان ھايۋانلار ،تۈرلۈك سۇ جانلىقلىرى بار.
ئىلى ئۇبلاستىلىق خەلىق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ،قۇرغاس ناھيىلىك خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جالالدىن كامال قاتارلىق 10نەپەر ۋەكىل مۇنداق كۆرسەتتى:<<ئۇزۇندىن بۇيان قۇرغاس ناھيىسىدىكى سازلىقنى قۇغداشقا يىتارلىك ئەھمىيەت بېرىلمدى،مۇئەييەن كۆلەمدىكى سازلىق ئۇخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىللىقا ئۇچرىدى.بىر قىسىم تەبئى كۆللەر قۇرۇپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېتىزلىققا ئايلىنىپ كەتتى،مال بىقىشىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن سازلىقتىكى بىر قىسىم ھايۋانلارنىڭ تۈرى ئازيىېپ كەتتى .>>
ۋەكىللەر مۇنداق تەكلىپلەرنى ئۆتتۇرغا قويدى:
بىرنچىدىن قۇرغاس ناھيىسىنىڭ سازلىق قۇغداش پىلاننى تۈزۇش كېرەك،ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىگە ئاساسەن ،ئوبلاستىلىق خەلىق ھۆكىمىتىگە ئىلى ئۇبلاستىدىكى سازلىقلارنى پىلان ئىچىگە كىرگۈزۇپ ،چوڭ تۈر پىلانى ۋە قۇرلوشلارنى ئېلىپ بارغاندا سازلىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىپ ،تەبئىي سازلىق كۆلىمىنىڭ كىچىكلەپ ،ئىقتىدارىنىڭ چىكىنىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى ،ئىككنچىدىن مۇكەممەل بۇلغان سازلىق قۇغداش ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇپ ،سازلىقلارنى قانۇن بۇيىچە قۇغداش لازىم،ئۈچۇنچىدىن بۇزۋىتىلگەن سازلىقلارنىڭ ئەسلىگە كىلىشى سالمىقىنى زورايتىپ .مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۇرمانچىلىق ،چارۋىچىلىق ،دۇلەت زېمىن بايىلىقى ،مۇھىت ئاسراش،سۇ ئىشلىرى ،ئەدلىيە قاتارلىق تارماقلار بىرلىشىپ قانۇنى ئىجرا قىلىپ ،مەجبۇرىي ھالدا ئەسلىگە كەلتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم
.ئۇنىڭدىن باشقا ،جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى يارتىپ <<دۇنيا سازلىق كۈنى>><<قۇشلارنى ئاسراش ھەپتىلىكى >><<ياۋايى ھايۋانلارنى قۇغداش تەشۋىقات ئېيى>>قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۇرۇپ ،سازلىقلارنى قوغداش تەشۋىقات تەربىيە پائالىيتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش لازىم.
ئىلى كەچلىك گېزىتى 16-فىۋرال ساندىن