باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2783 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قۇرئان كەرىمنىڭ سىرى(2)
دوستلىشىش
13899196193
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10629
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 3138 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-02
ئاخىرقى: 2012-05-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-10 20:11

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرى(2)



                              
                          ئەئۇزىبىللاھى مىنەششەيتانىراجىم بىسمىللاھىر رەخمانىر رەخىم
                                                                 365                                                                               «قۇرئان كەرىم»دە بىر كۈن(يەۋم)سۆزى 365قىتىم ئۇچرايدۇ.بىلگنىمىزدەك يەرشارىنىڭ قوياش ئەتراپىدا تولۇق ئايلىنىشىغا 365 كۈن كىتىدۇ.يەر شارى قوياش ئەتراپىدا ئايلانغاندا ئوخشاشلا ئۆز ئوقىدىمۇ دەل 365 قىتىم ئايلىنىدۇ.
قۇرئاندا بىر كۈن(يەۋم)سۆزىنىڭ 365 قىتىم ئۇچرىشى ناھايىتى مۇھىم بىر بايقاشتۇر.چۈنكى بۇ تەر شارى ئوربىتىسى ھەققىدە بىزگە ئەسىرلەر ئاۋۋال ئۇچۇر بەرمەكتە.يەر شارى بىلەن قوياش ئارىسىدىكى 365 كۈنلۇك ئاستىرونومىيىلىك ئايلىنىش قۇرئاندا ئوچۇق بىلدۈرۇلمەكتە.

                                   نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسى ۋە 44-ئۇزۇنلۇق

زامانىمىز ئالىملىرى ھازىرچە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسىنىڭ قەيەردىلىكىنى تولۇق جەزىملەشتۈرەلىدى.پەقەت بەزى ئالىملار بۇ كىمىنىڭ ئاغرى تىغىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.ئوخشاشلا تەۋراتتا كىمىنىڭ تۇرۇپ قالغان يىرىنىڭ ئارارات(ئاغرى تىغى)ۋە ئەتراپىدا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەلتە.''....ۋە كىمە يەتتىنچى ئايدا،ئاينىڭ 17-كۈنىدە ئارارات تاغلىرى(ئاغرى)ئۈستىگە جايلاشتى''(«ەۋرات»،تەكۋىن4\8).
«قۇرئان كەرىم»دە بولسا نۇھ كىمىسى جايلاشقان يەر«ھۇد»سۈرىسىنىڭ 44-ئايىتىدە ئۇچرايدۇ:ى زىمىن،سۈيىڭنى يۇتقىن،ئى بۇلۇت،تارقىغىن'دىيىلدى،سۇ سۇغۇلدى،ئاللاھنىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت)ھۆكۈمى ئىجرا قىلىندى،كىمەجۇدى(تىغى؟)ئۈستىدە توختىدى، 'زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن'دىيىلدى(«ھۇد»سۈرىسى،44-ئايەت).بۇ يەردە كىمىنىڭ جايلاشقان يىرى سۈپىتىدە جۇدى قىسمى كۆرسىتىلمەكتە.پەقەت بەزى تەرجىمىلەردە''جۇدى''ئورنىغا''جۇدى''تىغى''دەپ تەرجىمە قىلىنغان.ھالبۇكى قۇرئاندا''جۇدى تىغى''ئەمەس،بەلكى ''جۇدى''ئىسىملەر ئۇچرايدۇ.
قۇرئاندا نۇھ كىمىسىنىڭ جايلاشقان يىرىنىڭ 44-ئايەتتە تىلغا ئىلىنىشى ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ئەھۋال.چۈنكى تەۋراتتا كىمىنىڭ جايلاشقان يىرى دەپ كۆرسىتىلگەن ئاغرى تىغى ۋە ئەتراپى 44-ئۇزۇنلۇقتا.بىلگنىنمىزدەك يەر يۈزىدىكى ھەر قانداق بىر جاي كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇق رەقەملىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.19-ئەسىردە لوندۇندىكى گرېۋىچ نۇقتىسى خەلقارا باشلانغۇچ مىرىدىئانى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى.خەرىتىدە جەمئىي 360 ئڭزۇنلۇق ۋە 180كەڭلىك بار.

                                         ھەج ۋە 22-كەڭلىك
                
ئەسىرلەردىن بىرى مۇسۇلمانلار ھەجئىبەدەتلىرىنى ئورۇنلىماق ئۈچۇن دۇنيانىڭ ھەر يىرىدىن مەككىگە سەپەر قىلماقتا.ئوخشاشلا ناماز ئوقۇغاندا بىز يۈزلىنىدىغان قىبلىمۇ يەنە مەككىدىكى كەئبەدۇر.
مۇسۇلمانلارنىڭ داۋاملىق يۈزلىنىدىغان بىر مۇھىم مەركەزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى«قۇرئان كەرىم»دە ئۆزىنى يوشۇرماقتا.ھەريىلى مىليونلارچە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئورۇنلىماق ئۈچۇن بارىدىغان يىرى-مەككە22-كەڭلىكتە.«قۇرئان كەرىم»دىكى «ھەج»سۈرىسىمۇ دەل 22-سۈرىدۇر.
خەرىتىلەردە جەمئىي 360ئۇزۇنلۇق180كەڭلىك بارلىقىنى ۋە خەلقئارا باشلانغۇچ  مىرىدىئاننىڭ گرېنۋىچ ئىكەنلىكىنى بايا سۆزلىگەندۇق.
مانا بۇ خەلقئارا ئولچەمگە كۆرە،ھەج مەركىزىنىڭ يىرى قۇرئان بىلەن خەۋەر بىرىلمەكتە.

                                           جىنىس ۋە 23-خروموسوم جۈپلىكى
ئىنسانلارنىڭ ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ گىن تۈزىلىشى خوروموسوملارغا باغلىق ھەمدە dna لارمۇ بۇ خروموسوملاردا ئورناشقان.
جىنىسنىڭ ئىنىقلىنىشى بولسا 23- خروموسوم جۈپلۈكىگە باغلىق.يەنى ئەر بىلەن ئايال ئارىسىدىكى ۋۇجۇد پەرقى 23-خروموسوم جپلۈكىدىن كىلىدۇ.ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ 23-خروموسوم جۈپلىكى xxشەكلىدە بولسا ئايال جىنىسلىق،xyبولسا ئەر جىنىسلىق بولىدۇ.
ئەر-ئايال پەرقىنى ساقلايدىغان 23-خروموسوم جۈپلىكىگە قارىتا«قۇرئان كەرىم»مۇ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدۇ.چۈنكى قۇرئاندا''ئەر''ھەم''ئايال'' سۆزى ئايرىم-ئايرىم 23قىتىم تەكرارلىنىدۇ.
يىقىنقى زامانلاردا ئىرىشىلگەن ئىلمىي نەتىجىلەرنى قۇرئان ئەسىرلەر ئاۋۋال خەۋەر بەرمەكتە.ئەر بىلەن ئايال ئارسىدىكى پەرقنىڭ 23رەقىمىدە يوشۇرىنىشى ئوچۇق بىر شەكىلدە تىلغا ئىلىنماقتا.

                                            ھەرىنىڭ گىن نومىرى
بايا چۈشەندۇرگىنىمىزدەك،جانلىقلارنىڭ گىن شىفىرى بولغان dnaلارخروموسوملاردا ئورناشقان.مەسلەن،دۇنيانىڭ ھەر يىرىدىكى ھەرىلەرنىڭ خروموسوم سانى ئوخشاش ھەم ئۆزگەرمەستۇر.
ئومۇمەن ھايۋانلارنىڭ چىشى ۋە ئەركىكىگە ئوخشاش ساندا خروموسوم بار.پەقەت ھەرىنىڭ ئەھۋالى باشقىلىرىدىن بىر ئاز پەرلىقتۇر.چۈنكى ئەركەك ھەرە16تاق خروموسومغا،چىشى ھەرە 16جۈپ خروموسومغا ئىگە.
ھەرە مانا بۇ جەھەتتىن پەرقلىق،بۇ پەرقتە«قۇرئان كەرىم»مۇ ئىشارەت بەرمەكتە.قۇرئاندا باش ماۋزۇسى«نەھل(ھەرە)»ئىسىمدا بولغان بىر سۈرە بار،بۇ سۈرە دەل 16-سۈرىدۇر.شۇنىڭدەك ھەرىمۇ16خروموسوملۇق بىر جانلىك ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر يىرىدىكى ھەرىلەرنىڭ خروموسوم سانى ئوخشاش.
بىزدىكى مەنىسى''ھەرە''بولغان«نەھل»سۈرىسى گىن ئىلمى يوق بىر زاماندا ئىنسانلارغا مۇھىم بىر مەلۇمات بەرگەن.
[ بۇ يازمىنى13899196193 2012-03-11 12:24قايتا تەھرىر ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) ئەھمىيەتلىك ..
  • ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇراممايدۇ،ئاللاھ ئازدۇغان كىشىنى ھىچ كىم ھىدايەت قىلاممەيدۇ.
    دۆلىتى يوق مىللەتتىن بىچارە مىللەت يوق، مىللەت ئ ..
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4519
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 101
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە101دانە
    ئۆسۈش: 90 %
    مۇنبەر پۇلى: 650 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-08
    ئاخىرقى: 2012-03-20
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-03-20 11:52

    داۋامى
    دۆلىتى يوق مىللەتتىن بىچارە مىللەت يوق، مىللەت ئوقتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.