查看完整版本: [-- قۇرئان كەرىمنىڭ سىرى(2) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> قۇرئان كەرىمنىڭ سىرى(2) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

13899196193 2012-03-10 20:11
[attachment=15567] [attachment=15568]                              
                          ئەئۇزىبىللاھى مىنەششەيتانىراجىم بىسمىللاھىر رەخمانىر رەخىم
                                                                 365                                                                               «قۇرئان كەرىم»دە بىر كۈن(يەۋم)سۆزى 365قىتىم ئۇچرايدۇ.بىلگنىمىزدەك يەرشارىنىڭ قوياش ئەتراپىدا تولۇق ئايلىنىشىغا 365 كۈن كىتىدۇ.يەر شارى قوياش ئەتراپىدا ئايلانغاندا ئوخشاشلا ئۆز ئوقىدىمۇ دەل 365 قىتىم ئايلىنىدۇ.
قۇرئاندا بىر كۈن(يەۋم)سۆزىنىڭ 365 قىتىم ئۇچرىشى ناھايىتى مۇھىم بىر بايقاشتۇر.چۈنكى بۇ تەر شارى ئوربىتىسى ھەققىدە بىزگە ئەسىرلەر ئاۋۋال ئۇچۇر بەرمەكتە.يەر شارى بىلەن قوياش ئارىسىدىكى 365 كۈنلۇك ئاستىرونومىيىلىك ئايلىنىش قۇرئاندا ئوچۇق بىلدۈرۇلمەكتە.

                                   نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسى ۋە 44-ئۇزۇنلۇق

زامانىمىز ئالىملىرى ھازىرچە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسىنىڭ قەيەردىلىكىنى تولۇق جەزىملەشتۈرەلىدى.پەقەت بەزى ئالىملار بۇ كىمىنىڭ ئاغرى تىغىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.ئوخشاشلا تەۋراتتا كىمىنىڭ تۇرۇپ قالغان يىرىنىڭ ئارارات(ئاغرى تىغى)ۋە ئەتراپىدا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەلتە.''....ۋە كىمە يەتتىنچى ئايدا،ئاينىڭ 17-كۈنىدە ئارارات تاغلىرى(ئاغرى)ئۈستىگە جايلاشتى''(«ەۋرات»،تەكۋىن4\8).
«قۇرئان كەرىم»دە بولسا نۇھ كىمىسى جايلاشقان يەر«ھۇد»سۈرىسىنىڭ 44-ئايىتىدە ئۇچرايدۇ:ى زىمىن،سۈيىڭنى يۇتقىن،ئى بۇلۇت،تارقىغىن'دىيىلدى،سۇ سۇغۇلدى،ئاللاھنىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت)ھۆكۈمى ئىجرا قىلىندى،كىمەجۇدى(تىغى؟)ئۈستىدە توختىدى، 'زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن'دىيىلدى(«ھۇد»سۈرىسى،44-ئايەت).بۇ يەردە كىمىنىڭ جايلاشقان يىرى سۈپىتىدە جۇدى قىسمى كۆرسىتىلمەكتە.پەقەت بەزى تەرجىمىلەردە''جۇدى''ئورنىغا''جۇدى''تىغى''دەپ تەرجىمە قىلىنغان.ھالبۇكى قۇرئاندا''جۇدى تىغى''ئەمەس،بەلكى ''جۇدى''ئىسىملەر ئۇچرايدۇ.
قۇرئاندا نۇھ كىمىسىنىڭ جايلاشقان يىرىنىڭ 44-ئايەتتە تىلغا ئىلىنىشى ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ئەھۋال.چۈنكى تەۋراتتا كىمىنىڭ جايلاشقان يىرى دەپ كۆرسىتىلگەن ئاغرى تىغى ۋە ئەتراپى 44-ئۇزۇنلۇقتا.بىلگنىنمىزدەك يەر يۈزىدىكى ھەر قانداق بىر جاي كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇق رەقەملىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.19-ئەسىردە لوندۇندىكى گرېۋىچ نۇقتىسى خەلقارا باشلانغۇچ مىرىدىئانى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى.خەرىتىدە جەمئىي 360 ئڭزۇنلۇق ۋە 180كەڭلىك بار.

                                         ھەج ۋە 22-كەڭلىك
                
ئەسىرلەردىن بىرى مۇسۇلمانلار ھەجئىبەدەتلىرىنى ئورۇنلىماق ئۈچۇن دۇنيانىڭ ھەر يىرىدىن مەككىگە سەپەر قىلماقتا.ئوخشاشلا ناماز ئوقۇغاندا بىز يۈزلىنىدىغان قىبلىمۇ يەنە مەككىدىكى كەئبەدۇر.
مۇسۇلمانلارنىڭ داۋاملىق يۈزلىنىدىغان بىر مۇھىم مەركەزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى«قۇرئان كەرىم»دە ئۆزىنى يوشۇرماقتا.ھەريىلى مىليونلارچە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئورۇنلىماق ئۈچۇن بارىدىغان يىرى-مەككە22-كەڭلىكتە.«قۇرئان كەرىم»دىكى «ھەج»سۈرىسىمۇ دەل 22-سۈرىدۇر.
خەرىتىلەردە جەمئىي 360ئۇزۇنلۇق180كەڭلىك بارلىقىنى ۋە خەلقئارا باشلانغۇچ  مىرىدىئاننىڭ گرېنۋىچ ئىكەنلىكىنى بايا سۆزلىگەندۇق.
مانا بۇ خەلقئارا ئولچەمگە كۆرە،ھەج مەركىزىنىڭ يىرى قۇرئان بىلەن خەۋەر بىرىلمەكتە.

                                           جىنىس ۋە 23-خروموسوم جۈپلىكى
ئىنسانلارنىڭ ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ گىن تۈزىلىشى خوروموسوملارغا باغلىق ھەمدە dna لارمۇ بۇ خروموسوملاردا ئورناشقان.
جىنىسنىڭ ئىنىقلىنىشى بولسا 23- خروموسوم جۈپلۈكىگە باغلىق.يەنى ئەر بىلەن ئايال ئارىسىدىكى ۋۇجۇد پەرقى 23-خروموسوم جپلۈكىدىن كىلىدۇ.ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ 23-خروموسوم جۈپلىكى xxشەكلىدە بولسا ئايال جىنىسلىق،xyبولسا ئەر جىنىسلىق بولىدۇ.
ئەر-ئايال پەرقىنى ساقلايدىغان 23-خروموسوم جۈپلىكىگە قارىتا«قۇرئان كەرىم»مۇ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدۇ.چۈنكى قۇرئاندا''ئەر''ھەم''ئايال'' سۆزى ئايرىم-ئايرىم 23قىتىم تەكرارلىنىدۇ.
يىقىنقى زامانلاردا ئىرىشىلگەن ئىلمىي نەتىجىلەرنى قۇرئان ئەسىرلەر ئاۋۋال خەۋەر بەرمەكتە.ئەر بىلەن ئايال ئارسىدىكى پەرقنىڭ 23رەقىمىدە يوشۇرىنىشى ئوچۇق بىر شەكىلدە تىلغا ئىلىنماقتا.

                                            ھەرىنىڭ گىن نومىرى
بايا چۈشەندۇرگىنىمىزدەك،جانلىقلارنىڭ گىن شىفىرى بولغان dnaلارخروموسوملاردا ئورناشقان.مەسلەن،دۇنيانىڭ ھەر يىرىدىكى ھەرىلەرنىڭ خروموسوم سانى ئوخشاش ھەم ئۆزگەرمەستۇر.
ئومۇمەن ھايۋانلارنىڭ چىشى ۋە ئەركىكىگە ئوخشاش ساندا خروموسوم بار.پەقەت ھەرىنىڭ ئەھۋالى باشقىلىرىدىن بىر ئاز پەرلىقتۇر.چۈنكى ئەركەك ھەرە16تاق خروموسومغا،چىشى ھەرە 16جۈپ خروموسومغا ئىگە.
ھەرە مانا بۇ جەھەتتىن پەرقلىق،بۇ پەرقتە«قۇرئان كەرىم»مۇ ئىشارەت بەرمەكتە.قۇرئاندا باش ماۋزۇسى«نەھل(ھەرە)»ئىسىمدا بولغان بىر سۈرە بار،بۇ سۈرە دەل 16-سۈرىدۇر.شۇنىڭدەك ھەرىمۇ16خروموسوملۇق بىر جانلىك ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر يىرىدىكى ھەرىلەرنىڭ خروموسوم سانى ئوخشاش.
بىزدىكى مەنىسى''ھەرە''بولغان«نەھل»سۈرىسى گىن ئىلمى يوق بىر زاماندا ئىنسانلارغا مۇھىم بىر مەلۇمات بەرگەن.

kokoyun 2012-03-10 22:53
داۋامى...؟

ahlak 2012-03-10 23:06
قالتىس ئىسىل  تىما يوللاپسىز ..  

ئۇيغۇرزادە 2012-03-11 08:07
ياخشى تېمىكەن، رەھمەت.
ئەلكۈيى مۇنبىرىدە ئسىلامدىن چىققانلىقىنى ئېنىق جاكارلىغان، «مەن تەڭرى» دەپ خۇدالىق دەۋاسى قىلغان  ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسماننى تەنقىدلەپ «ئاۋانگارتلىق گۇمراھلىقمۇ؟» دېگەن تېمىدا ئوبزور يازغان. كۆرۈپ بېقىڭلار. تېما يېڭى چىقتى.

hiyal0097 2012-03-11 12:25
بۇ ئە. ئوسمان دىگىنى پەرھات تۇرسۇننىڭ جورىسى ئوخشىمامدۇ ؟ پەرھات تۇرسۇننىڭ << مەسىھ چۆلى>> دىگەن بىر ئەسىرىنى ئوقۇپ ھىچنىمىنى چۈشىنەلمىگەن ئىدىم ، كىيىن يالقۇن روزى نىڭ << تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كۇلدۇرما >> دىگەن ئەسىرىدىن
بۇ ئادەمنىڭ خىرىستىئان ئىكەنلىگىنى ئۇقۇپ شۇنداق ئۆچ بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم ، ئەمدى ما ئەخمەتجان ئوسمان دىگىنى چىقىپتۇ ، نۇمۇسمۇ قىلماي ئۇيغۇر قەۋمىگە ئۆزىنىڭ يېڭى ئېتىقادىنى جاكالىيالىغانكىن ، ھەقىقەتەن نۇمۇسسىز ئىنسان ئىكەن ، ( اللەنىڭ دەرگاھىغا قايسى يۈزۈڭ بىلەن بېرىشاسەن ) ئۇزاققا قالماي بۇ لاۋزىمۇ ئۆزىنىڭ لاۋۇزا ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات سەھنىسىدىن يوقىمىسا قۇلىقىمنى ساپالدا كىسىپ بېرىمەن

hiyal0097 2012-03-11 12:31
تېما ئىگىسىگە رەھمەت ، ئىسىل تېما ئىكەن

paris 2012-03-11 13:53
داۋامىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز قېرىندىشىم!

天山的野花 2012-03-11 14:54
ئەگەر داۋامىنى كۇرۇشنى خالىساڭلار مىنىڭ كوت كوت بوشلۇقۇمنىڭ  分享 دىگەن يەردە 4 قىسىملىق قۇرئاندىكى مۈجىزىلەر دەپ بار،بىكار بولساڭلار كۇرۇپ كۇياسىلەر

arzuyum 2012-03-13 19:19
ئەسسالامۇ  - ئەلەيكۇم ، اللە ئەجىر ئاتا قىلغاي ، اميىن !

$~bihlan~$ 2012-03-20 11:52
داۋامى

رىشتە 2012-03-20 14:36
داۋامى
ئەسسالامۇ  - ئەلەيكۇم ، اللە ئەجىر ئاتا قىلغاي ، اميىن !

رىشتە 2012-03-23 16:16
تېما ئىگىسىگە رەھمەت ، ئىسىل تېما ئىكەن

ئابدۈللاھ 2012-03-26 22:08
              قۇرئانى كەرىمنىڭ سىرىدىگەن سوزگەنەقلى
قۇرئانى كەرىمنىڭ سىرىنى ئەڭ ياخىشى بىلىدىغان ئادەم،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام،پەيغەمبىرىمىز
دىن قالسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلىرى  (ئولتۇرۇپ قوپۇشتا ھەم سوھپەت بولغانلار) قۇرئانى كەرىمنىڭ  تەپسىر،ساھابىلار تەرپىدىن  يىزىلغان ،ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەرنىڭ قۇر ئانى كەرىمنىڭ سىرىنى بىلىدىغانلاربولسا
مۇپەسسىرلەر ،يەنى قۇرئانى كەرىمگە تەپسىر يازغان ئالىملار ،ھازىرقى زامانغا كەلگەندە قۇرئانى كەرىمنىڭ سىرى
نى بىلىدىغانلار كۆپىيىپ قۇرئانى كەرىمگە ئاغزىغا كەلگەننى ،دەيدىغا نلار كۆىيىپ قالدى.قۇئانىكەرىمنىڭ سىرى
دىگەن بۇكىتاپتا .سۈرەنەجمىنىڭ49ئايىتىدە سۇريا يۇلتۇزىنىڭ ئايلىنىشى،49يىلغا توغراكەلگەن دىيلىپتۇ،لىكىن49
ئايەتتە بولسا .ئاللاھ تائالاھ بىزئاد قەۋمىنى ھالاك قىلدۇق،دىگەن ئايەت ،قۇرئانى كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىس
گەقاراپ باقسۇن

rehmitulla 2012-03-27 11:41
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

13899196193 2012-03-29 22:20
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئابدۇللاھ قىرىندىشىم سىزگە ئۆتكەندىمۇ ئەسكەرتىش بەردىم،سىز بۇ تىمىنى پەقەتلا چۈشەنمەپسىز،سىز مەن يوللىغان ماتىماتىكىلق تىمىلارنىڭ ھەممىسىگە قارشى چىقتىڭىز ،بۆلەك تورداشلار باشقىچە باھالارنى بەرمىدى ھەممىسى ماختىدى،خاپا بولماي باشقىلاردىن مەسلىھەت ئىلىپ ئاندىن قارشى چىقسىڭىز بولامىكى     

مەيمۇنە 2012-04-26 17:48
اللە ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن


查看完整版本: [-- قۇرئان كەرىمنىڭ سىرى(2) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.071617 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us