تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئېتىقادى
ئاپتورى: بۈلەنت ئارىنچ (تەرجىمىدە: نەپرەت)
نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان قەستەن سەل قاراش ۋە ئىشەنمەسلىكتىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق تۈركىيەدىكى مۇسۇلمان بولمىغان ئاممىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا باشلىدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق بارلىق تۈركىيە ئاممىسىنىڭ، مەيلى قايسى دىننىي ئېتىقادتىكى، ئىرق ۋە تىلدىكى ئامما بولسۇن باراۋەر ھالدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىشتىن بەھرىمان قىلدى.
تۈركىيەدە سانى ئاز دىندار ئامما گرىك پراۋۇسلاۋىيە دىنى مۇرىتلىرى، ئەرمىنىيەلىكلەر، ئاسسۇرىيەلىكلەر ۋە باشقا خىرىستىئان دىنىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە يەھۇدىيلار بار، ھەممىسى پۈتكۈل تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىمى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق شەكىلدىكى مۇسۇلمان بولمىغان رايونلارنى كەمسىتىش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى تەكلىپىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، پىرىزدېنت ئابدۇللاھ گۈل بىر تەرەپتىن ئىستانبولدىكى گرىك پراۋۇسلاۋىيە مۇرتلىرى پوپى بارسولېموۋ بىلەن ( Bartholemew) كۆرۈشتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھاتاي ۋىلايىتىدىكى بىر خىرىستىئانلار چېركاۋى ۋە يەھۇدىيلار چېركاۋىنى زىيارەت قىلدى، بۇ تۈركىيە پىرىزدېنتىلىرىغا نىسبەتەن بىرىنچى قېتىملىق ئىش.
2009-يىلى 8-ئايدا، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان مارمارا دېڭىز شاھزادىسى تاقىم ئاراللىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال بۈيۈكئادا ئارىلىدا ھەر قايسى ئاز سانلىق دىننىي رەھبەلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ قىينچىلىقى ۋە پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. بۇمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى دىنلارنى مەدەنىيلىك ھالدا سىغدۇرۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئېنىق سىگنالى. مۇئاۋىن باش مىنىستىر بولغان مەنمۇ 2010-يىلى 3-ئايدا ئاز سانلىق دىننىي ئامما ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتۈم ھەمدە ئايرىم-ئايرىم 2010-يىلى ۋە 2011-يىلى ئەرمەن ۋە گرىك پراۋۇسلاۋىيە دىنى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئوخشاشلا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ئەگەمەن باغىچمۇ ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئاز سانلىق دىندار ئاممىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيەدىكى ئاز سانلىق دىندار گۇرۇھلار مۇناسىۋەت ئورنىتىش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەت سىياسىتىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. 2010-يىلى 5-ئايدا، باش مىنىستىر ئەردوغان بىر باياناتقا رەسىمىي ئىمزا قويۇپ، مەمۇرىي خادىملار ۋە ئاممىنىڭ ئاز سانلىق دىندار ئاممىغا ھەر قانداق شەكىلدىكى كەمسىتىش قىلمىشىدا بولسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈردى ھەمدە تۈركىيەدىكى مۇسۇلمان ئەمەس ئاممىنىڭ مۇتلەق باراۋەرلىكتىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ نەچچە يىلدىكى ھەرىكەتلەرگە قارىتىلغان تەييارلىقلار ئەمەلىيەتتە بۇرۇنلا باشلانغان ئىدى. 2003-يىلى 8-ئايدا، ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت بىر قاتار قانۇن ئىسلاھاتىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاز سانلىق دىندار ئاممىغا ئالاقىدار مال-مۈلۈك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ئىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىدا، ئاخىرى بىرىنچى قېتىم 365 پارچە زېمىن ۋە قۇرۇلۇش قانۇنلۇق ھالدا ئاز سانلىق دىندار ئاممىنىڭ ئىسمىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلدى. 2008-يىلى، ھۆكۈمەت باشقا سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرىشىغا قارىماي، «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قانۇنى» نى ئۆزگەرتتى ھەمدە ئاز سانلىق دىننىي تەشكىلاتلارنىڭ يەر-مۈلۈك سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلدى (ھەمدە سوممىسى چەكلەنمىگەن چەتئەل ئىئانىسىنى قوبۇل قىلدى).
2011-يىلى 8-ئايدا، «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قانۇنى» غا قارىتىلغان بىر مۇھىم ئۆزگەرتىش 350 خىل مال-مۈلۈكنى ئاز سانلىق دىندار ئاممىغا قايتۇرۇپ بېرىشكە رۇخسەت قىلدى. بۇ ئۆزگەرتىشنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، ئىستانبولدىكى بايئوغلۇ رايونى پراۋۇسلاۋىيە دىنى قىزلار مەكتىپى ھەمدە يەھۇدىيلار ئىجتىمائىي مەركىزىگە قانۇنلۇق ئورۇن بەردى، بىر ئەسىرگە سوزۇلغان تالاش-تارتىشنى ئاخىرلاشتۇردى.
ئۇنىڭدىن ئىلگىرى 2010-يىلى 11-ئايدا، تۈركىيەنىڭ خالكى ئارىلىدىكى پراۋۇسلاۋىيە دىنى يېتىم بالىلار دارىلتامى پراۋۇسلاۋىيە دىنى پوپىغا قايتۇرۇپ بېرىلدى. ئۆزلىكىدىن دىننىي پائالىيەت قىلىشقا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، بىر قىسىم پراۋۇسلاۋىيە دىنى باستېرلىرىغا تۈركىيە دۆلەت تەۋەلىكى بەردى. بۇنىڭدىن سىرت، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كومىتېتى-تۈركىيە دىن باشقۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى ھازىر تۇنجى قېتىم ئاز سانلىق دىننىي ئاممىنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان ھەيئەت ئەزالىرىنى قوبۇل قىلدى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار باشقۇرغۇچىسىغا ئاز سانلىق دىندار ئاممىنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان سورۇنلارنى يېڭىلاش ھوقۇقى بەردى، بۇ سورۇنلار گۈكچە ئادا چاناققەلئە رايونىدىكى تارىخى ئۇزۇن ئايا نىكولا چېركاۋى، يەنە ئىسكەندەرۇن شەھىرىدىكى ئاسسۇرىيەلەرنىڭ كاتولىك دىنى چېركاۋى ۋە گرىكلارنىڭ كاتولىك دىنى چېركاۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە خېلى كۆپ ساندىكى خىرىستىئانلار چېركاۋى ۋە يەھۇدىيلار چېركاۋىنى يېڭىلاشمۇ بار.
يەرلىك دائىرىلەر يەنە نۇرغۇن مۇھىم تارىخىي ۋە سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە تەدبىرلەرنى قوللاندى. تۈركىيە كۈلتۇر ۋە ساياھەت مىنىستېرلىكى قارا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ترابزون رايونىدىكى 1600 يىللىق تارىخقا ئىگە پاناگىيا سۈمەلا موناستىرىنى يېڭىلىدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تاۋاپ قىلىش 2010-يىلى 8-ئايدا ئۆتكۈزۈلدى، بارسولېنوۋ رىياسەتچىلىك قىلدى، يەنە گرىتسىيە، روسىيە، گرۇزىيە، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن نەچچە يۈز تاۋاپچى قاتناشتى.
باشقا بىر ئابىدە خاراكتېرىدىكى ئىش بولسا 2007-يىلى 3-ئايدا 1100 يىللىق تارىخقا ئىگە ئەرمەن ئاغتامار چېركاۋىنى يېڭىلاش ھەمدە ئېچىۋېتىش ئىدى. مەزكۇر چېركاۋدىكى ئۈزۈلۈپ قالغىلى 95 يىل بولغان تىلاۋەت قىلىشقا ئەرمەن خىرىستىئانلىرىنىڭ پوپى ئارام ئاتەشيان رىياسەتچىلىك قىلدى، نەچچە مىڭ مۇرتنىڭ كېلىشىنى جەلپ قىلدى.
بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈركىيەدىكى مۇسۇلمان ئەمەس ئاز سانلىق دىندار ئامما ئۇزۇندىن بۇيان دۇچ كەلگەن ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇردى. نەچچە ئەسىردىن بۇيان تۈركىيە مۇسۇلمانلىرى يەھۇدىي مۇرىتلىرى ۋە خىرىستىئان مۇرىتلىرى بىلەن تىنچلىققا بىللە تۇرۇپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن. بىز ئۇلار نۆۋەتتە يەنىلا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى قارار قىلدۇق، ئۆز ئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. تۈركىيەدىكى يەھۇدىي مۇرتلىرى ۋە خىرىستىئان مۇرتلىرى باراۋەر ھوقۇقتىكى تولۇق ھوقۇقلۇق پۇقرالىققا ئىگە، بىز بۇ رېئاللىقنىڭ تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل ئاممىسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.
مەنبە: ئاپتورى بۈلەنت ئارىنچ ھازىر تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، نەپرەت تەرجىمە قىلدى.
مەنبە.ئوكيان تورى