باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 576 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوتتۇرا شەرىقنىڭ يۈرىكى ئىراق.
دوستلىشىش
281151976
ئېىسىت بىزدىكى دۆتلۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2723
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 371
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە371دانە
ئۆسۈش: 130 %
مۇنبەر پۇلى: 2145 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-07
ئاخىرقى: 2012-05-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-10 14:55

ئوتتۇرا شەرىقنىڭ يۈرىكى ئىراق.

ئامېرىكنىڭ  ئىراقنى بويسۇندۇرشى ئۆز نۆۋىتىدە ئەرەب دۇنياسنى كونتۇرۇل قىلشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى، مەدەنيەتلەر توقونۇشىدا ئامېرىكا ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتۇپ ، ئىستىراتىگىدىلىك مەركەز يۇرەكنى ئىگەللىۋالدى، شۇنىڭدىن بىرى ئەرەبلەر قانچە ئەسەبىلەشسىمۇ ئامرىكىدىن ئەيمىندىغان بولۇپ قالدى، بىللادىن ئەينى ۋاقتتا شۇنداق دىگەن ( ئامرىكا ئىراققا كىرگەن بىلەن بۇيەردىن كەتمەيدۇ. ))راس شۇنداق بولدى، مۇشۇ ئىش تۇپەيلى ئامرىكا كۇۋەيىتكە ياردەملىشىپ ئىراققا ۋوجۇم باشلىغاندا بىللادىن ئامىركىغا قارشى تۇرۇپ سەئۇدى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنىڭ قارشىسىدا مۇقام تولىغانلىقى ئۇچۇن سەئۇدىدىن ئايرىلىپ ئافغانستانغا كەتكەن ئىدى،

 
كېين ئىچنىشلىق مەغلۇبىيەت بىلەن ئامرىكنىڭ قولىدا ئۆلدى .
ھالا بۇگۇنكى كۇندە ئامرىكا لىۋىيەنى ئىلىپ ئەرەبلەرنىڭ يەنە بىر كۇچنى يوقۇتۇپ سۇرىيەگە يىقىنلاپ كەلدى ، ئىرانغا تەھدىد سالدى، ئامرىكنىڭ مەقسىتى، ئىرانمۇ ؟ ياكى ئەرەبلەرنىڭ يەنە بىر ئۆزىگە قارشى كۇچى بولغان سۇريەمۇ ؟ ئەگەر ئەرەبلەرنىڭ ئاخىرقى كۇچى بولغان سۇريەنى كۆزدىن يوقاتسا ئەرەپ دىگەن بۇ سۆز ئامرىكىغا بەلكىم ھىچقانداق تەھدىد ئىلىپ كىلەلمەس، شۇندىلا پارىس دىگەن بۇ يىگانە دۇشمنى قالىدۇخالاس .
سۇريە مۇھاسىردە قالدى .مېنىڭچە ئىراقنىڭ قولدىن كىتىپ بىللادىن ئافغانىستاننىڭ يوقۇلىشى ، ئۆز نوۋىتىدە ئەرەبلەرنىڭ ۋەيران بولغىندىن دىرەك بىرىپ ئامرىكنىڭ ئالدىدا ھالسىرغىندىن بىشارەت بىردۇ، ئەگەر باشقا دۆلەتلەر سۇريەنى قوللىمىسا بەلىكىم سۇريە تىزلا ھالەك بولىشى مۇمكىن ھىلىمۇ قانداق بولىدۇ
ئەينى چاغدا روسىيە يۇگۇسلاۋىيگە ھەربى جەھەتتىن ئەڭ ئىلغار قوراللارنى ياردەم قىلغان ، ھەممە جەھەتتىن قوللىغان ئىدى . بىراق ئامرىكا غەلبە قىلدى. رۇسىيە مەغلۇپ بولدى، لىۋىيەنىڭ ئشدا ئامرىكا ئوخشاشلا روسىيەنى كولدۇرلۇتۇپ پۇتۇن دۇنيانى ئالداپ كەتتى ، ئافىرقىدىكى ئۆىزگە قارشى كۇشلەرنى تازلىۋالدى، ھازىرچۇ؟ ئوخشاشلا نەيرەڭ ئىشلەتمەكتە ، سۇريەنىڭ ھالاكىتى يقىنلاپ كەلمەكتە. نەچچە مىڭلىغان ش ئا ت نىڭ ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرنىڭ ۋە باشقا ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ سۇريەگە كىرىپ ئۆكتچىلەر بىلەن مۇرنى – مۆرگە تىرەپ جەڭ قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۇرۇلمەكتە بۇ كۇچنى سەل قارغىلى بولمايدۇ.
ئامرىكا كۇچلىرى ئوخشىمىغان ئەھۋاللارغا قارتا ئوخشىمىغان تەدبىرلەرنى تۇزگەن بولۇپ ئامرىكا ئەڭ ئاخرقى تاسادىپى ۋەقەلەر پىلانى بولغان قىتەئەلەر ئارا باشقۇرۇلدىغان بومبدىن مۇداپىئەلىنىش سىستىمىس تاق تۇرۇپ ، يادرۇ بومبىلىر ھەركەتتكە ئۆتكەن بولىشمۇ مۇمكىن . دۇنيانىڭ تىچلىقىنى بۇزىۋاتقىنى ئامىرىكا بولۇپ ئامرىكىنىڭ غوجا بولۇش نىشانى ھەممىگە سەۋەپچى بولىشى مۇمكىن.
 

دۆلتىمىز جوڭخۇانىڭ تىخمۇ قۇدرەت تىپىپ گۇللىنىشنى ئۇمۇد قىلىمىز ، دوس بولىدىغانلارغا دوسلۇق قولىنى بىرىپ دوسىت بولغۇسى بولمىغانلارغا ئەڭ كۇچلۇك كۇچ بىلەن كۇچلۇنىشنى ئۇمۇد قىلىمىز..
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-09

    

سۈرىيە رەھبىرى بەششار ئەسەد بارغانچە يېتىم قالماقتا
      
       سۈرىيە رەھبىرى بەششار ئەسەد بارغانچە يېتىم قالماقتا.ئارمىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەنلەر كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە مىنىستىرلەر كابېنتىدىنمۇ ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەنلەر بولدى.سۈرىيەنىڭ نېفىت ۋە كان بايلىقلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى ئەبدۇ ھۇسامىددىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئىنتېرنېتتە تارقاتقان بىر سىنئالغۇ ئارقىلىق ئېلان قىلدى.ھۇسامىددىن سۆز قىلىپ، «غۇرۇرلۇق ئىنسانلارنىڭ ئىنقىلابىغا ئەمدىلىكتە مەنمۇ قاتنىشىمەن، 33 يىللىق كەسپىي كىملىكىمگە بۇ تۈزۈمنىڭ جىنايەتلىرىگە خىزمەت ئىشلىگەنلىكىم بىلەن چېكىت قويۇشنى تاللىدىم. ئۆيۈمنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى ۋە يېقىن - يورۇقلىرىمنى تۇتقۇن قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، توغرا يولنى تاللىماقچىمەن» دېدى.
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
281151976
ئېىسىت بىزدىكى دۆتلۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2723
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 371
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە371دانە
ئۆسۈش: 130 %
مۇنبەر پۇلى: 2145 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-07
ئاخىرقى: 2012-05-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-10 19:48

ئامرىكىنىڭ ئوينىغان سىياسى كنۇلىردىن ئەقىل لال بولغۇسى؟ ئەگەر رەڭۋازلىققا ئوسكار مۇكاپاتى بەرسە ئامرىكا نەچچنى ئالىتى، قايسى كۇنى پۇتننىڭ لىۋىيەنىڭ ئىشدا بىز ئامرىكىغا ئالداندۇق ديىشى ئادەمنىڭ كۇلگىسىنى كەلتۇردۇ، ؟
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2472
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2472دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30401 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-10 21:03

ئامرىكا ھازىر  كۈچىنى  يەمەنگە مەركەزلەشتۈردىغۇ دەيمەن.
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-09
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 19:10

رۇسىيە ئىراننى جازالاشنى چىن كۆڭلىدىن قوللامدۇ؟
      فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى  رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋنىڭ ئىراننى «مەسئۇلىيەتسىز» دەپ قاتتىق تەنقىدلىگەنلىكىنى قىزغىن ئالقىشلاپ: «ئىراننىڭ يادرو كىرىزىسى پوزىتسىيەسىگە قاراپ، رۇسىيەنىڭمۇ سەۋر قاچىسى توشتى»دېدى. غەربتىكى  ئاخبارات ۋاسىتىلىرى رۇسىيەنىڭ ئىراننى «قاتتىق ئەيىبلىشى» ئامېرىكىنىڭ ئىراننى يېڭىدىن جازالاش قارار لايىھەسىنى ماقۇللاشنى «تېخىمۇئوڭۇشلۇق بولۇشى»غا تۈرتكە بولىدۇ، دېدى. يېقىندىن بۇيان،رۇسىيەنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىراننىڭ يادرو ئېلېكېتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا ياردەملىشىش ۋە ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىش مەسىلىسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرى رۇسىيە «ئىرانغا ساتقىنلىق قىلدى» دەپ گۇمانلىنىپ، ئىران رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەت ئالماشتۇرۇشىدىكى «پېچكا» بولۇپ قالدى، دەپ قارىدى. ئامېرىكا يېقىنقى كۈنلەردە ئىراننى تېخىمۇ قاتتىق جازالاش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى؛ ئىرانمۇ ھەر تەرەپكە قاتراپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، «جازالاشقا قارشى مۇناسىۋەت»نى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل داغدۇغا پەيدا قىلغان ئىران يادرو مەسىلىسى ھەرقايسى ئالاقىدار چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان زور مەسىلىگە ئايلاندى. مىسىردا چىقىدىغان «ئادالەت» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى مەرۋان تاھىت: ئىران يادرو مەسىلىسى ئۆزىنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن باشقا يەنە چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا «پېشكا»لىق رول ئويناۋاتىدۇ، مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش تېخىمۇ قىيىنلىشىۋاتىدۇ، دېدى.
                 غەرب رۇسىيەنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسىنى ئالقىشلىدى
   رۇسىيەنىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، ئىرانغا تۇتقان پوزىتسىيەسى مۇرەككەپلەشتى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ يېقىندا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقىش ئالدىدا ۋە زىيارەتكە چىقىش سەپىرىدە ئىراننى جازالاش مەسىلىسىدە  زىددىيەتلىك بىر قاتار سۆزلەرنى يەنى بىر دەم رۇسىيە ئىراننىڭ نېفىت كەسپىنى جازالاشقا قارشى تۇرىدۇ،«جازالاشنىڭ كىرىزىسقا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ»،دېسە؛ يەنە بىردەم: ئىراننى چەكلىك جازالاشنى چەتكە قاقمايمىز،بۇ قورال جەھەتتە جازالاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى.
   رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مېدۋېدېۋ دانىيەگە زىيارەتكە مېڭىش ئالدىدا دانىيە رادىيو شىركىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىكى سۆزىنى ئېلان قىلدى. خەۋەرگە قارىغاندا، مېدۋېدېۋ: ھازىرغىچە ئىران ئۆزىنى ئازراقمۇ بىلمىدى. بۇ ناھايىتى مەسئۇلىيەتسىزلىك. بۇ كىشىنى ئۆكۈندۈرىدۇ. ئەگەر ئىران ھۆكۈمىتى بۇنى چۈشەنمەستىن يەنىلا ئۆز بېشىمچىلىق قىلسا جازالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ئېھتىماللىقنى چەتكە قاقمايمىز. ئەلۋەتتە جازالاش ياخشى ئىش ئەمەس، چۈنكى بۇنىڭدا ئۈنۈم قازانىش ناھايىتى تەس. ئەمما باشقا بارلىق چارىنىڭ ئۈنۈمى بولمىغاندا نېمىشقا جازالىمايدىكەنمىز؟ دېدى.
   مېدۋېدېۋنىڭ سۆزىنى غەرب دۆلەتلىرى ئالقىشلىدى. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى: رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ سۆزى ئامېرىكىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاخىرىدا ئىراننى يېڭىدىن جازالاش قارار لايىھەسىنى بېكىتىشىنى تېزلىشىنى «تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇشى»غا تۈرتكە بولۇشىغا ياردىمى بولىدۇ، دېدى. رېيتېر ئاگېنتلىقى تەھلىل قىلىپ: بۇ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران دائىرىلىرىنىڭ يادرو مەسىلىسىگە بولغان ئەڭ قاتتىق بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئىرانغا بولغان سەۋر قاچىسىنىڭ توشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، دېدى. بۇ ماقالىدە يەنە ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى يېڭى جازالاش تەدبىرىدە ئىجابىي تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى، ئىران رەھبىرىنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتى ئاز قالدى، دېدى.
   رۇسىيەنىڭ يېقىنقى پوزىتسىيەسىدىن ئىرانلىقلار غەزەپلەندى. ئىراندىكى ئىنگلىزچە ئاخبارات تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى« presstv»: رۇسىيە ئىراننى جازالاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، دېدى. بۇ خەۋەر ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن ئىراندىكى بىر تور ئەھلى قاتتىق غەزەپلىنىپ: رۇسىيە سوۋېت ئتتىپاقىنى موللاق ئاتتۇرغان خاتالىقنى يەنە تەكرارلاۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولغان سادامنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىدىن رۇسىيە بىرەر نەرسىنى ئۆگىنىۋالسۇن، ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە رۇسىيەنىڭ نامى پەقەت تارىخىي كىتابلاردىلا ساقلىنىپ قالىدۇ، دېدى. يەنە بىر تورداش: «رۇسىيە تارىختىن بۇيان، دوستلىرىغا ئاسىيلىق قىلىپ ئادەتلەنگەن. بۇ قېتىم رۇسىيەنىڭ قانداق نەپ ئېلىپ دوستىغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى بەكمۇ بىلگۇم بار» دېدى. «تېھران ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندا باش بەتكە ئوبزور ئېلان قىلىپ: رۇسىيە ئىككى يۈزلىمىچى، دېدى ۋە رۇسىيەنى ئىراننىڭ مەنپەئەتىگە ساتقىنلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد ئىراندىكى رۇسىيەلىك ئۇچقۇچىلارنى ئىراندىن كېتىشكە پەرمان چۈشۈردى ھەمدە رۇسىيەدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئارمىيەسى ئىگىلىۋالغان ئىراننىڭ نەرسىلىرىگە تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ، ئىران رۇسىيەنىڭ «ئاسىيلىق قىلغانلىقى»غا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش، دەپ قارالدى.
                    «رۇسىيە ئىرانغا ساتقىنلىق قىلدىمۇ»؟
  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ ئىران يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ: رۇسىيەنىڭ ئىراننى جازالاش ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى دۆلەت ۋە رايون مەنپەئەتىگە ھەمدە خەلقئارادىكى جايلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىيەتكە چېتىلىدۇ. شۇڭا ئەگەر ھەرقانداق جازا بېرىشتە ئىراننىڭ خەلقئارا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان دەلىل-ئىسپات بولمىسا رۇسىيە بۇنداق خەلقئارا ئويۇنغا قاتناشمايدۇ، دېدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان، رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسى كۈندىن-كۈنگە قاتتىقلىشىۋاتىدۇ. رۇسىيە ياردەم بېرىپ ياسىماقچى بولغان بۇشېر يادرو ئېلېكېتىر ئىستانسىسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، رۇسىيە ئىرانغا سېتىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان« 300S-» بەلگىلىك ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ھازىرغىچە ئىرانغا تاپشۇرمىدى. رۇسىيە يەنە تېھراندا ئۆتكۈزۈلىدىغان يادرو ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى قىسقارتىش خەلقئارا يىغىنىنىڭ ئاخىرقى ھۆججىتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
  رۇسىيە «ئاخبارات گېزىتى» موسكۋادىكى دىپلوماتنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، ئىران رۇسىيەنىڭ غەربكە پايدىلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىدىن ئىنتايىن نارازى بولۇۋاتىدۇ، دېدى. ئىلگىرى ئىران ئالىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ كاتىپى، باش يادرو سۆھبەت ۋەكىلى جەلىلى رۇسىيەدە  زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنغاچقا، جەلىلى زىيارەتنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. رۇسىيە«مۇستەقىللىق گېزىتى»: بۇنداق پوزىتسىيە رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەم رۇسىيەنىڭ ئىراندىكى مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، يەنە كېلىپ ئىراندىن ئىبارەت كونا ئىتتىپاقدىشىغا ئاسىيلىق قىلىش رۇسىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دېدى.
   موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يۇرىنا: رۇسىيە كاسپى دېڭىز رايونىدىكى  ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئەڭ قىزىقىدۇ. بۇ يەرنىڭ مۇقىملىقى رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە تىرانسپورت كارىدورىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. تارىختىن قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي سۈركىلىش دۆلەت مەنپەئەتىدىكى ئەمەلىي توقۇنۇشتىن چىقىۋاتىدۇ. ئەمما ھازىر رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ئورتاق مەنپەئەتى تېخىمۇ كۆپ بولۇۋاتىدۇ. ئىران يادرو مەسىلىسىدە رۇسىيە رايون خەۋپسىزلىكىنى نەزەردە تۇتقان بولۇپ، ئەتراپىدا بىرەر يادرو قورالى بار دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى خالىماستىن، بەلكى ئىراننى مۇۋاپىق دەرىجىدە «چېكىپ»، ئىرانغا كىمنىڭ ھەقىقىي دوست ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرۈپ قويماقچى. شۇنداقلا ئىراننى رۇسىيە قوللىمىسا يەنە كىم قوللايدۇ، دېگەننى چۈشەندۈرۈپ قويماقچى، دېدى.
   ئەمەلىيەتتە، رۇسىيەنىڭ ئىرانغا تۇتقان پوزىتسىيەسى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەكسىچىدەك قىلىدۇ. ئوباما ھۆكۈمىتى بۇلتۇر شەرقىي ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختاتتى، يەنە كېلىپ ئۇكرائىنا سايلىمىدا رۇسىيەپەرەسلەر غەلىبە قىلدى ۋە بۇ قېتىم قىرغىزىستاندىكى قالايمىقانچىلىققا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رۇسىيەنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بارغانسېرى قاتتىقلىشىۋاتىدۇ. غەرب تەھلىل قىلىپ: رۇسىيەنىڭ ئىرانغا تۇتقان پوزىتسىيەنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ مەنپەئەت ئالماشتۇرۇشى سەۋەب بولغان، دېدى. ئامېرىكا «ئالەم بوشلۇقى جېڭى تورى»  «رۇسىيە ئىرانغا ساتقىنلىق قىلامدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ئېلان قىلىپ: مېدۋېدېۋ يېقىندىن بۇيان ئىراننى تەنقىدلەۋاتىدۇ، بۇ غەرب ۋە ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈچۈن «خۇشاللىنارلىق» ئىش. بۇ يەردىكى مەسىلە رۇسىيەدىكى بەزى غەربپەرەسلەر رۇسىيەنىڭ ئىرانغا بولغان تەسىرىنى بەك يۇقىرى مۆلچەرلىۋەتكەن. ئامېرىكا ۋە غەربى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئىراننى رۇسىيەنىڭ «ئىتتىپاقدىشى» دەپ قاراش مۇتلەق خاتا. رۇسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىراندا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىش «قورقۇنچلۇق ئېغىر ئاقىۋەت»تىن دېرەك بېرىدۇ. ئىراننىڭ ئىراق بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئىران سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېگرىلىناتتى، يەنە كېلىپ ئىراندا نۇرغۇن ئەزەربەيجانلار ئولتۇراقلاشقان. يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيەمۇ ئوباما ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلىشنى ئويلايدۇ. چۈنكى، ئوباما ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە «ئەمەلىي پوزىتسىيە» تۇتۇپ، رۇسىيەنى دۈشمەن دەپ قارىمىدى. مانا بۇ مېدۋېدېۋنىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئىراننى تەنقىد قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئاساسىي بولۇشى مۇمكىن.
         شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ۋاڭ خەييۈن«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: رۇسىيە ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئالدى بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ، بولۇپمۇ ئىراننىڭ يادرونى تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە ياكى يادرو قورالى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە ھۆددە قىلالمايدۇ. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ يەنە ئېنېرگىيە جەھەتتە نۇرغۇن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار. رۇسىيەنىڭ ئىراننى جازالاش جەھەتتىكى پوزىتسىيەسىدە ئېغىش بولغان بولسىمۇ، نۇرغۇن توساق قۇردى. ئىراننى ھەقىقىي جازالاشقا يەنە ئارىلىق بار. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىراننى جازالاش مەسىلىسىدە رۇسىيە كۈچىنىڭ بېرىچە «تەيجى گۇمپىسى» ئويناۋاتىدۇ.    
           رۇسىيەنىڭ ئىرانغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ناھايىتى مۇرەككەپ
   رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئىزچىل «ئارقا ھويلىمىز» دەپ قاراۋاتىدۇ، ئىران دەل مۇشۇ ئارقا ھويلىنىڭ بىرىدۇر. رۇسىيە تارىخچىسى ۋىلادىمىر سارىن: بىر نەچچە ئەسىردىن بۇيان، ئىران رۇسىيەنىڭ شەرق سىياسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلدى. رۇسىيەنىڭ دېڭىزدىن چىقىش ئېغىزىنىڭ كۆپىنچىسىدە قىشتا مۇز تۇتقاچقا «ئىللىق ئوكيان»دىن دېڭىزغا چىقىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش چاررۇسىيەنىڭ تارىختىن بۇيانقى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىدىغان نىشانى بولۇپ قالغان، ھىندى ئوكيان ھەم رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان پارىس ياكى ئىران بولسۇن بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. 18-ئەسىردە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان پارىس ئىمپېرىيەسىگە چاررۇسىيە تاجاۋۇز قىلغان؛ 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پارىسلارغا يەنە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىپ، ئىراننىڭ نۇرغۇن زېمىنىنى ئىگىلەپلا قالماستىن يەنە ئىراندىكى كونسۇلىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىغىمۇ ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئەسىردە رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئىراننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى تىزگىنلەشنى تالاشقان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئىراننى  بېسىۋېلىپ، 1946-يىلىغا كەلگەندىلا قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
   ئىرانمۇ رۇسىيەگە گۇمان بىلەن قاراپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىراننىڭ پەھلىۋى خانلىقى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئامېرىكا تەرەپكە ئېغىپ كەتتى. ئىراندا ئىسلام ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ داھىيسى ھۈمەينى «غەرب سىياسىتىگىمۇ، شەرقنىڭ سىياسىتىگىمۇ مايىل بولماسلىق» سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىران ئەمەلدارلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنىمۇ قاتتىق ئەيىبلىدى. ئىران-ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئىران خەلقئارادا ئىنتايىن يېتىم ھالەتتە قېلىپ، ئىقتىساد، قورال-ياراغ جەھەتتە جىددىي ياردەمگە موھتاج بولغاندا رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ئىران بىۋاسىتە چېگرىلانمىغاچقا، ئىرانمۇ رۇسىيەدىن ئېھتىيات قىلمايدىغان بولدى. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقتىن، ئىران رۇسىيەدىن ئېغىر سانائەت ئەسلىھەلىرى ۋە ھەربىي قورال-ياراغلارنى كىرگۈزىدىغان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ قالدى.
   موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىران مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئىۋان ئاندروۋىچ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ھەمكارلىقى ئەڭ مۇھىمى جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان. ئىران رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي تەرەپتىكى ئارىتام قوشنىسى، رۇسىيە بىلەن ئىران بۆلگۈنچى كۈچلەردىن ساقلىنىش، رايون مۇقىملىقى جەھەتتە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ئىران رۇسىيەنىڭ يەنە ئەمەلىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھى. ئەمما ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئەمەس ھەم ئۇنداق بولۇشىمۇ تەس. نۇرغۇن ۋاقىتتا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئامىللىرى رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقتىن رۇسىيە نۇرغۇن نەپ ئالسىمۇ، ئىران بىلەن بولغان ھەددىدىن ئارتۇق يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ دۇنياۋى توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. رۇسىيەنى ھازىر ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقىنى ئىراننىڭ يادرو پىلانىدۇر. بۇ مەسىلىدە رۇسىيە ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىشى زۆرۈر. بېسىم ئىشلىتىش ۋە جازالاشنىڭ نەتىجىسى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش قوزغىشى ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتتىن كۆپ ياخشى. ئۇرۇشنىڭ خەتىرى ھازىر ناھايىتى ئېنىق بولۇۋاتىدۇ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بار.
          ئىران يادرو مەسىلىسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تاكتىكىسى بولۇپ قالدى
   يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئىران «جازالاش ۋە جازالاشقا قارشى تۇرۇش ئاممىۋى دىپلوماتىيە»نى پائال قانات يايدۇردى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇتاكى ئافرىقىدىكى ئۇگاندادىن ياۋروپادىكى ئاۋسترىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنادا زىيارەتتە بولدى. تۈركىيە، بىرازىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن ئىراندا زىيارەتتە بولدى. بۇ دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىراننى جازالاش قارارىنى ماقۇللاش ئۈچۈن ئاز دېگەندە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە توققۇز دۆلەت قوشۇلۇپ ئاۋاز بېرىشى كېرەك. بىرازىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىراندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە: تېھرانغا يېڭى جازا يۈرگۈزۈش «ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ»، «ئادىللىق ئەمەس»،دېدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ«دىپلوماتىيە مىنىستىرى» جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە، «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيو ئىستانسىسى: ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى «بېيجىڭنى ئىراننى جازالاشقا قايىل قىلىش»نى مەقسەت قىلغان، دېدى.تەھلىلچىلەر: خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىراننى جازالاشنى قوللايدىغانلار بىلەن جازالاشقا قارشى تۇرىدىغانلار تىركىشىۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەدىكى ئۆزگىرىش ۋەزىيەتنى ئىراننى جازالاش تەرەپكە بۇرۇشى مۇمكىن. مىسىردا چىقىدىغان «ئادالەت گېزىتى»نىڭ ئوبزورچىسى مەرۋان تاھىت: ئىران يادرو مەسىلىسىدە  قانات يايدۇرۇلغان بۇ زور تاكتىكىدا ھەر قايسى تەرەپلەر ۋەزىيەتنى ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئىران يادرو مەسىلىسى ئۆزىنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن باشقا يەنە چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا «پېشكا»لىق رول ئويناۋاتىدۇ، مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كەتتى، دېدى. مىسىر «بۈگۈنكى دۇنيا گېزىتى»: ئىران يادرو مەسىلىسىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان «قارتا ئويۇنى» ناھايىتى قىزىپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر مەسىلىنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەنىلا ئۆزلىرىگە ئىمكانىيەت قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. قولىدىكى كوزىرنى قانچە كېيىن تاشلىسا ئۆزىنىڭ ھازىر تۇرۇۋاتقان ئورنىغا شۇنچە پايدىلىق بولىدۇ، دېدى.  

مەنبە _ نۇر تورى
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
281151976
ئېىسىت بىزدىكى دۆتلۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2723
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 371
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە371دانە
ئۆسۈش: 130 %
مۇنبەر پۇلى: 2145 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-07
ئاخىرقى: 2012-05-09
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-12 19:56

  سۇريە بىلەن ئىران چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تىركىشىدىغان مۇھىم نوقتا بولۇپ قالدى ، بۇ يەردە ئامرىكنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىش كىرەك ،
روسىيە ئىرانغا ھەرقانچە ئۆچ بولسىمۇ ، ئىراننى قۇللىماي ھىچ ئامالى يوق ، ئىران سۇريەدىن كيىن نۆۋەت نەگە كىلىدۇ ؟
ئەگەر روسىيە ئىرانغا ياردەم بىرىپ ئامرىكىغا قارشى تۇرمىسا ، ئراننىڭ قولدىن كىتىشى 3- دۇنيا ئۇرشىدا روسىيەنىڭ  بارغانچە پاسسىپ ھالەتكە چۇشۇپ قالغىندىن دىرەك بىردۇ.