لاڭ شىيەنپىڭ: نىمە ئۈچۈن جۇڭگۇدىن لىن شۇخاۋ چىقمايدۇ؟

بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى 7 مەكتەپ بىرلەشمە ئىمتىھانىنى 13 مەكتەپكە كېڭەيتكەنلىگىنى ئۇچۇق ئېلان قىلغاندىن كېيىن، «تارىختا ئەڭ ياخشى» دەپ قارالغان ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش جېڭى رەسىمى ئوتتۇرىغا چىقتى. بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى بىلەن چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتى ھەرقايسى چوڭ ئالى مەكتەپلەرنى قۇشۇۋالغان ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش گۇرھىنى قۇرۇپ چىقتى. توڭجى ئۇنۋېرىسىتىتى قاتارلىق 8 تەبئى پەن ئالى مەكتەپلىرىمۇ ئىتتىپاق تۇزۇپ، ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تاللىشىش كۈرشىنىڭ سېپىگە قېتلىدى. ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئېلگىرىمۇ بار ئىدى، ئەمما بۇ قېتىمقسىنىڭ كۆلىمى ۋە سالىمىغى ئۆخشاش بولمىدى. ھازىر نۇرغۇن كېشىلەر ئۇنى مائارىپ ئسلاھاتىنىڭ يېڭى ئۈمىدى ياكى يېڭى نىشانى دىيىشمەكتە.
بۇ نىمە دىگەن كۈلكىلىك ، كۈلكىلىك بولۇشتىن سىرىت يەنە تېخى ئېچنىشلىق! بۇ قېتىمقى ئاتالمىش ئىسلاھات 3چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى. بىرنىچىسى، نەتىجە بىلەن يېڭىش –يېڭلىشىنى بەلگىلىسە ، ئۇ ئالى مەكتەپ ئىمىتىھانى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. ھەمدە بىر يىلىدا 4 قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ دىگەنلىك بولۇپ قالىدۇ. ئەسىلىدە بىر قېتىمدىلا تەقدىر بەلگۈلىنەتتى، ھازىر 4 قېتىم
ئىمىتىھان ئېلىنىپ ، تەقدىر ئاستا-ئاستا بەلگۈلىنىدىغان بولدى. ئۇنداقتا ئۆزگەرتىش ھاجەتمۇ؟ ئەگەر يەنىلا نەتىجىگە
تاينىدىغان ئىش بولسا ، ياكى نەتىجىگە تايانسا بولمايدىغان ئەھۋال بولسا ، ئۇنداقتا سەل مۇرەككەپلەشتۇرۇپ، ئولىمپىك ماتېماتىكا دىگەندەكلەرنى مەيدانغا چىقارماي-ھە! بۇنداق نەرسىلەرگە قارىتا ، مەن ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتىڭلارنىڭ ئىجادى كۈچىنى ھەرگىز بوغۇپ قويماڭلار، بۇ پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ناچار بولغان بىر ئىمتىھان، ئۇندىن كۈرە پەرزەنتىڭلارنى چولپان بولۇش پروگىراممىسى دىگەندەكلەرگە قاتناشتۇرساڭلار ، شۇنىڭدا ئازراق ئىجادى كۈچ بولىشى مۇمكىن ، ھېچ بولمىغاندا ناخشا ئېيتالايدۇ-ئەمەسمۇ! ئولىمپىك ماتېماتىكا دىگەن قانداق نەرسە -ئۇ ! دەپ كەلدىم. ھەممەيلەن ماتېماتىكا پىرى چېن شېڭشېن بىلىمىز،ئۇنىڭ نەنكەي
ئۇنۋېرستىدىكى ئاخىرقى بىر نەچچە يىلدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا مەستانە بولغان ؟ ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا ئۇچراپ قالغاندا، چېن مۇئەللىم، بۇ ئولىمپىك ماتېماتىكا مەسىلىسىنى يېشىپ بەرسڭىز- دىگەندە، ئۇ يېشىپ بېرەلمىگەن. نىمىشقا ، چۈنكى ئۇ
ماتېماتىكا ئەمەس.
· بىر يول بولسا ئالى مەكتەپ ئىمىتىھانىنىڭ تەتۇرى، يەنەبىرسى بولسا ئولمىپىك ماتېماتىكىنىڭ تەتۇرى . بەكمۇ ئېچىنىشلىق! يەنە باشقا يول بارمۇ؟ يەنە بىر ئۈچنىچى يول بار. ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش باشقا ئۇسۇل بىلەن قۇبۇل قىلىپ ئېلىش.فىراپپىسور خۇشال بولسىلا قۇبۇل قىلىنىدىڭ –دىسە، ئۇ فىراپپىسور نىمىسىگە قۇبۇل قىلىندىڭ دەيدۇ؟ چۈنكى ، مىنىڭچە بۇ جەھەتتە سەندە
تالانت باركەن، قۇبۇل قىلىندىڭ –دىيىش دەل ھىس –تۇيغۇغا ئاساسلىنىلغان. ئېلگىرى ئوقوغۇچى قۇبۇل قىلىش ئشىخانسى مەسئۇل بولۇش تۈزۇمى دەيتۇق، ھازىر فىراپپىسور مەسئۇل بولۇش تۈزۇمى دىيىلىدى. ئەمما فىراپپىسور تېخىمۇ ئشەنچىسىز. يەنە
تۇنۇشتۇرۇش خېتى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى، قانداق ئىجتىمائى پائالىيەتكە قاتناشقانلىغى، مەسىلەن: گولىف توپ ئويناشنى بىلىش-بىلىمەسلىگى دىگەندەكلەر. ئەگەر بۇلارنى ئويلىشىپ كەتسە، توغرىسىنى دىسەم، بۇ پۈتۈنلەي مائارىپنىڭ ئاساسى
پىرنىسىپىغا خىلاپ. بۇ ئادىل ئەمەس.
· ئويلاپ بېقىڭلار، يېزىلغان تۇنۇشتۇرۇش خېتىگە ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ بۇنداق ئىشلار تەيۋەندە بىر قېتىم يۈز بەرگەن. ديىلىشىچە :
سنىپ باشلىقىغا نومۇر قېتىشقا بولدىكەن، نەتىجىدە بىر سنىپتىن 10 سنىپ باشلىغى چىققان. ئۇنىڭىدىن باشقا يەنە سەنئەت تالانتى مۇسابىقىلىرىگە ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ مەسىلەن : پىئانىنودا 10 – دەرىجە. ئەگەر بۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ يالغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئۇسۇل تەبئى تالانتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىغىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. چۈنكى تەرجىمىھالى مول، جەمىيەتتە كۆپىنى كۆرگەنلەر بولسا كۆپىنچىسى ئائىلە ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى ،ئوقۇش شارائىتى ياخشى ۋە ياخشى مۇئەللىمدە ئوقۇغانلار. مەسىلەن ،
كىم پىئانىنونى 10-دەرىجىگىچە مەشىق قىلالايدۇ؟ ئەلۋەتتە ئائىلىسىدە پۇلى كۆپ بولغانلار ! باشقا پائالىيەتلەردىچۇ؟ ئەلۋەتتە ئائىلە ئەھۋالى ياخشى بولغانلار ئەۋزەلىككە ئىگە. تۇنۇشتۇرۇش خېتىنى كىمگە ياخشى يېزىپ بېرىدۇ؟ ئائىلىسىدە ھوقۇق ۋە پۇل بولغانلارغا ، مەكتەپ مۇدىرى ئەلۋەتتە تۇنۇشتۇرۇش خېتىنى ياخشى يېزىپ بىرىدۇ. بۇنىسى چۇقۇم ! شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچىنچى قەدەمگە كەلگەندە،ئىمتىھان نەتىجىسىدىن باشقا، ئولىمپىك ماتېماتىكا نەتىجىسىدىن باشقا ئۆلچەم بىلەن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلدىغان ئىش بولسا، بۇ دەل ئادىلسىزلىقتۇر. مۇشۇنداق ئاددى. ئىسلاھاتنىڭ يېڭى بىر يولىنى ئاچتىم ! خاتا !!!!!!!!!!!!!!!!!!! بۇ دەل چېرىكلىكنىڭ باشلىنىشىدۇر!!!!!!!!!
· نىمە ئۈچۈن تەيۋەن، شىياڭگاڭ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىدە بىر ئمىتىھان بىلەن تەقدىرنى بەلگۈلەش بارىلىققا
كەلگەن. چۈنكى ئەڭ ئاخىرىدا بۇنىڭ ئەڭ ئادىل ئىكەنلىگىنى بايقايسىز، بىر ئەڭ ئادىل بولمىغان جەمىيەتتە بىر ئىمىتىھان بىلەن تەقدىر بەلگۈلەش ئەڭ ئادىللىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ تۈزۈلمىنى يولغا قويغاندا نارازىلىق ئەڭ ئاز بولىدۇ.
· ئەگەر بىر ئادىل سېستىمىدا ، خۇددى ئامېرىكىغا
ئوخشاش، بىر ئىمىتىھان بىلەن تەقدىر بەلگۈلەش ھاجەت ئەمەس. ئۇسۇل ئوينىدىڭىزمۇ، ناخشا ئۇقۇدىڭىزىمۇ ، ئىجتىمائى پائالىيەتكە قانتاشتىڭىزمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادىل باھالىنىدۇ. بۇ ھوقۇق ۋە پۇل بولسا ساختا كېنشكىدىن بىرنى ياسىتىش دىگەنلىك ئەمەس،
بۇ ئامېرىكىدا ئىنتايىن قاتتىق كونتىرول قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئامېرىكا ئوقۇتقۇچىللىرى تۇنۇشتۇرۇش خېتى يازسا (ئېلگىرى ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇچى بولغان ۋاقتىمدا ئوقوغۇچىللىرىمغا تۇنۇشتۇرۇش خېتى يېزىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بۇ
چاغدا ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ. نىمە ئۈچۈن ؟ ئەگەر مەكتەپ مەن تۇنۇشتۇرغان ئوقۇغۇچىنىڭ ناھايتتى ناچار ئىكەنلىگىنى بىلىپ قېلىپ، مەكتەپنى ئالداپ كەتكەنلىگىمنى بايقىسا ، مىنى قارا تېزىملىككە كىرگۈزۈپ قويىدۇ. كېيىن مەن قايتا
يازسام ، ھېچكىممۇ مىنىڭ گىپىمىنى ئاڭلىمايدۇ. بۇ ئىنتايىن ئېغىر كىلىدۇ. شۇڭلاشقا تۇنۇشتۇرۇش خېتى يازغاندا مەن ئىنتايىن ئەستايدىل بولىمەن. بۇ نىمە؟ بۇ دەل ئادىللىقىنىڭ ئىپادىسى. ئامېرىكىنىڭ پۈتكۈل سېستىمىسى ئادىل. چۈنكى ئۇلار ئىمتىھان نەتجىسىدىن باشقا قۇبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى قوللىنىدۇ. بۇ سېستىمىنىڭ ئادىللىقى ئىككى تەرەپتە كۆرۇلىدۇ. بىرى، ئادىل بولغان تاللاش سېستىمىسى، يەنە بىرى ئادىل بولغان ئاساسى مائارىپى. بۇ ئىككىلسى ئادىل. ئەمما مەسىلە شۇكى بىزنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرىتى ئادىل ئەمەس، يۇقارقى ئىككى تەرەپ يوق. ناھايتتى ئاددى. بۇ ئسلاھات چۇقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.
· ئاددى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش باللارغا بېرلىگەن ئوقۇش پۇرسىتىنى يەنىمۇ
كۆپەيتىشىنى ئۈمىت قىلىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . ئوبېكتىپ نوقتىدىن ئېيتقاندا ، بۇلار ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋىتىدۇ. جۇڭگۇدا كچىك بالا بولۇش بەكىمۇ ئازاپلىق ئىش. جۇڭگۇدىكى كچىك بالىلار باللىقنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغان،
شات-خۇرام ئوينايدىغان چاغدا ، ئۇلار بارلىق ۋاقتىنى كىتاپ كۆرۇش، ئوقۇتقۇچىغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنىڭ مەسللىرىنى يېشىشكە قاراتقان بولۇپ، ياشلىقنىڭ گۈزەل چاغلىرىنى ئىسراپ قىلۋەتكەن بولىدۇ. مەن شىياڭگاڭ جۇڭگۇ تىلى ئۈنۋېرستىتىدا 4-يىللىقنىڭ
ئوقۇغۇچىللىرىغا دەرس بېرىمەن. تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇتۇشقا بەكمۇ ئامراق. تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلارنى ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. مىنڭىچە ، تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىللىرى ئوماق ھەم سەبى كىلىدۇ. 4-يىللىقنى پۇتتۇرگەن ۋاقتىدا، نۇرغۇن ئىچكىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن مەندىن-
· -لاڭ فراپپىسور ، دادام
ئاناملار مەندىن سەن ئاۋۋال بىر-ئىككى يىل ئىشلەپ ئاندىن ئىچكىرىگە يىنىپ كەل دەيدۇ. مەن ئۇلارنىڭ
گېپىنى ئاڭلشىم كېرەكمۇ-يوق؟ مەن ئۇلارغا – ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار، ئۇلار نىمىنى بىلەتتى. ئۇلار شىياڭگاڭغا كېلىپ ئوقۇپ
باققانمۇ؟ ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇپ باققانمۇ؟ بۇ ئۇلارنىڭ ئارزۇسى خالاس . بىر قاتمال تۈزۈلمە ئاستىدا،ئۇلار سىلەرنى «گۆش توغراش ماشىنسى» غا ئۆزلۈكسىز ئتتىرىپ تۇرىدۇ. بۇ دەل ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلدىغان ئىشى. ئاتا-ئاناڭلار قاچان سىلەرنىڭ ئارزۇيىڭلارغا
ھۆرمەت قىلىپ باققان ؟
· بىزنىڭ بىر تۇققىنىمىزنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ بالىسى ئەدەبىيات فاكولتىتىغا ئۆتكەن بولۇپ، بالىنىڭ بۇ كەسپتە ئوقۇش-ئوقۇماسلىقىغا
قارىتا پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى، دوستلىرى بىرلىشىپ مۇزاكىرىگە چۈشۈپ كەتكەن. بۇ ئادەملەر ئەزەلدىن تىلشۇناسلىقتا ئوقۇمىغان تۇرسا ئۇلار بىلەن نىمىنى مۇزاكىرلىشىدۇ. بەك كۈلكىلىىك، دادىسى، ئانىسى، چوڭ دادا، چوڭ ئانىللىرى ، ئۇرۇق-تۇققان ھاممىللىرى كېلىپ مۇزاكىرە قىلشىپ كەتكەن. بۇ ئىش بەكمۇ كۈلكىلىك. بىر توپ بىلمەيدىغانلارنىڭ كچىك بالىنىڭ قارار چىقىرشىغا ياردەم بىرشى ئاخىرىدا قانداق نەتىجىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ؟ بىر نەچچە زومىگەرلەر ئۆز مەنپەتى بويىچە بىر بىرلەشمە ئىمتىھان تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشتى.
ئاندىن سىلەر ناھايتتى قەتئى ھالدا باللاڭلارنى بۇ «گۆش توغراش ماشىنىسى» غا ئىتتىرىپ بىرىپ ،ئۇلارنىڭ ئەسلىدە بولۇشقا تىگىشلىك ئىجادى كۈچى ، ئەسلىدە بولۇشقا تىگشىلىك بالىلىغىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىدىڭلار. بۇ دەل بىز قىلىۋاتقان ئىشلار!!!!!!!!
· مىنىڭ ئاتا-ئانىلارغا دەيدىغىنىم، بىر بالىنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشى ئۆمۈرلۈك تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ توپلىنىشىغا باغلىق.
ھەرگىزمۇ بىر يارقىن نوقتا تېپىش ئەمەس. ھەرگىزمۇ مەن سىنى مەجبۇرلاپ بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى، چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىغا ئىمتىھان بەردۇرگەن، ئاندىن سەن مۇۋاپپىقىيەت قازانغان –دىمەڭ. ئىش بۇ بۇنداق ئاددى ئەمەس. نىمىشقا ؟ چۈنكى بىر ئادەمنىڭ
مۇۋاپپقىيەت قازىنىشى ئۈزۇن مۇددەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ توپلىنىشىغا باغلىق. شۇڭلاشقا بالىلارنى كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئنتىلىشىلىرىگە قىزىقىدىغان قىلىڭ ، بۇ ئەڭ مۇھىم.بۇ ھەرگىزمۇ بالىلارنى ئۇنىڭ قىلىڭ بۇنى قىلىڭ دىيىش ئەمەس. ھازىر بىز
پۇتۇنلەي تەتۇرسىچە قىلۋاتىمىز. تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان14 ياش ۋاقتىمدا قالاقلار سنىپىغا بۆلۈندىم. شۇ چاغلاردا ياغاچچىلىقىنى ئۈگىنىشكە باشلىدىم. ياغاچچىلىق زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدۇم. مەن بۇ خىل تۈزۈلىمىگە ناھايتتى ئۆچ. مەن ئۆز مىسالىم ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارغا شۇنى دىمەكچى، مەن تولۇقسىزدىكى قالاقلار سنىپىدا ئوقۇپ ، تەسلىكىتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان بىرىپ ئۆتتۇم. ئاندىن ئالى مەكتەپكە ئىمىتىھان بىرىپ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى مەكتەپكە ئۆتتۇم.
· ئەگەر سىلەر مىنى بۈگۈن خېلى ئوبدان جاھاندارچىلىق قىلىۋاتىدۇ- دىسەڭلار، سىلەر ئاتا-ئانىلارغا شۇنداق دەيمەنكى: بىر ئادەمىنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ توپلىنىشىغا باغلىق. ھەرگىزمۇ بىر ئالى مەكتەپنىڭ يارقىن نوقتىسى سەۋەبىدىن بالىڭىزنى ئۆز كشىلىك تۇرمۇشىدىن ۋاز كىچىكىشكە زورلىماڭ!!!!!!!!!!!!!
· مەنبە:http://finance.eastmoney.com/news/1370,20120229193996293.html