ئۇيغۇر ئايال-ئانا-ئائىلە-سەھرا
ئاپتورى:مارلا موسمان (ئايال)
(تىچلىق كارۋىنى قۇرۇلۇشى)نىڭ مەمۇرى ئىجرائىيە دىرىكتورى
ئنگىلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن
ئۇيغۇرچە مەنبەسى:ئايال بىز تور بېكىتى:
www.ayal.biz/ ئۆتكەن ھەپتە مەن نيۇيوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوڭ قۇرۇلتىي بىلەن بىللە ئۆتكۇزۇلگەن‹‹ ئىجتمائى خسلەتلەر يىغىلىشى››غا قاتناشتىم.بۇ يىغىلىش-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ماشابىل فوندى،92-كوچا (Y) ۋە ئىرىكسون (Ericsson)شىركىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى.نۇرغۇن ئاساسى ئاخبارات ۋاستىلىرى،دۇنيا رەھبەرلىرى،نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىرى،پائالىيەتچىلەر،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى ،كىنو چولپانلىرى،كارخانا لىدىرلىرى ،بىلوگگىرلار ۋە ژۇرنالستلار ئەڭ مۇھىم شۇنداقلا ھالقىلىق دۇنياۋى ئشلار ھەققىدە بىرلەشمە سۆھبەتكە جەم بولۇشتى.
سۆھبەتلەر روشەن ھالدا ئافرىقا ھەققىدە بولدى،ئاخىرىدا ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ئىھتىياجىغا مەركەزلەشتى.گىراممىن بانكىسنى قۇرغان دوكتۇر مۇھەممەد يۇنۇستىن باشلاپ ،باش ئىپىسكوپ دسموند تۇتۇ ۋە پشقەدەملەر ۋەكىللىرىدن مارى روبىنسون قاتارلىقلارغىچە ھەر بىرى ئاياللارنىڭ تىخىمۇ ياخشى مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشى،ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھاياتىنى قوغداش قاتارلىق ئاياللار دۇچ كىلىۋاتقان ئاران بىر نەچچە مەسللەر ھەققىدە دىنى ۋە سياسىي رەھبەرلەرگە مۇراجئەت قىلىش لازىملىقى توغىرسدا سۆز قىلدى.
ئەڭ ئاخىرىدا ئاياللار مەسلىسنى يەرشارىلاشقان مۇنازىرىلەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرش توغىرسدىكى ۋەدىلەرنى ئاڭلىغان چىغىمدا ،جۇڭگونىڭ يىراق غەرپ -شنجاڭ ئۆلكىسدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھەققىدە ھىچنىمە ئاڭلىمىغاندىن كىين قاتتىق ئۈمۈدسزلەندىم.ئۇلارنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى –جۇڭگو بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسى سودا يولىدىكى تارىخى يىپەك يولى شەھىرى قەشقەر ‹‹ئالاھىدە ئېىقتسادى رايون››بولۇپ لايىھلەنگەندىن كىين يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.
Neighbors Beshkeiram Village, Kashgar Xinjiang Province, China
جۇڭگونىڭ شنجاڭ ئۆلكىسى ،قەشقەر،بەشكىرەم يېزسدىكى ئاھالىلار
رەسىمدىكى كۆك كۆڭلەك كىيۋالغان ئايال سائادەت (ئنگىلىزچىدە شادىبەس(Shadebeth) دەپ ئىلىنغان بولۇپ.خاتالاشقان بولۇشى مۇمكىن)-ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسيا ئارختىكتورلۇقىدا ئەڭ ياخشى ھاياتلىق شەكلى دەپ قارالغان،ئەسرلەردىن بىرى شنجاڭدا ئەنئەنە بولۇپ كەلگەن بىر كونا ئۇسلۇبتىكى لايدىن سىلىنغان ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.ئۇ قەشقەردىن 11كىلومېتىر كىلىدىغان كىچىك يېزا بەشكىرەمدە تۇرىدۇ.دىگۈدەك پۈتۈن ئۆيلەر قش تاملارغا ئۆزگەرتىلىۋاتقان بولغاچقا ،ئۇنىڭ لاي ئۆيىگە ئوخشاش ئۆيلەر ھازىر ئىنتايىن ئاز.2008-يىلىدىن بىرى ھۆكۈمەت كونا شەھەر قەشقەرنىڭ كۆپ قسم جايلىرىنى قايتا سلىپ،‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرالايدىغان››ئۆي قۇرۇش ئۈچۈن 80پىرسەنت لاي خش ئۆيلەرنى چاققان.
مەن شنجاڭغا ئۆزۇمنىڭ ‹‹تىچلىق كارۋىنى پىلانى››ئۈچۈن ساياھەتكە بارغىنىمدا ،مەن بۇ يەردىكى مەدەنىيەتنىڭ ئاياللار بىلەن ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆزەتتىم.چۈنكى ئاياللارنىڭ بۇ جەمئىيەتتىكى رولى خۇددى مەركىزى تۈۋرۈككە ئوخشاش بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئۇلارنى ئاساس قىلىپ گۈللىنىدۇ.
ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر روزغارچىلىق (household)دا ،نىكاھ –يىگىت ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ تاللىشغا رازى بولۇشى ئاساسدا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.يىڭى توي قىلغان كىلىنچەك ئىرىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ قانداق ئايالىم (Ayalim)-ئۇيغۇر تىلىدا ئايال دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ-بولۇشنى ئۆگىنىدۇ.ئۇ قىينئانىسنڭ تاماق ئېتىش ئۇسلۇبىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ،شۇنداقلا ئىرى ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېتىشنى ئۆگىنىدۇ.ئەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىر نەچچە يىل ياشىغاندىن كىين ياش بىر جۈپلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بىرىپ،ئائىلىنىڭ جەمەت مۈلكىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
مەن سائادەت بىلەن ئۇنىڭ لاي تام ئۆيىنى زىيارەت قىلغاندا كۆرۈشكەن ئىدىم،شۇ چاغدا ئۇنىڭ تىراگىدىيلىك يىگانە تۇرمۇش ھىكايسنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم قاتتىق يىرىم بولغانىدى.ئۇ ماڭا ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ بالىسى يوقلۇقىنى ئىيتىپ بەردى.ئۇنىڭ ئىرى بىرىنچى ئايالىدىن بولغان ئوغلى بىلەن ئۇنى تاشلاپ كىتىپ قالغاندىن بىرى ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈپ كەپتۇ.سائادەتنىڭ يېقىن دوستى ۋە خوشنىلىرىدىن باشقا ھىچقانداق ئادىمى يوق ئىدى.ئۇيغۇر يېزىلىرىدا بۇنداق ئائىلىلەر كۆپ ئۇچرايدىكەن.
جۇڭگو شنجاڭ قەشقەر بەشكىرەم يېزىسى
ئائىلە ئەزالىرى دەرەخزارلىق بىلەن ئورالغان كوچىلاردىكى ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا توپلىشدۇ.ئەنئەنىۋى ئويما نەقش بىلەن ياسالغان ياغاچ ئشكلەر تېپىك پىششق كسەك ئۆيلەرنىڭ ئىچكى ھويلىسغا كىرىدىغان تاملىق ئىشكتىن بەلگە بىرىدۇ.بۇ يەردە مودا بولغاندەك ،پۈتۈن ئائىلىنىڭ رەڭگى ئانىنىڭ كىيملىرىنىڭ رەڭگىگە ماسلىشدۇ.
چۆچۈرە تۈگۈش (جۇڭگو شنجاڭ قەشقەر)
نساگۈل ۋە ئۇنىڭ ئىككى قىزى-ئائشە ۋە مەريەم-مەشھۇر كىچىك ‹قۇلاققا ئوخشايدىغان››تاماق چۆچۆرە ئېتىۋاتىدۇ.قوي گۆشى لىقلاپ سىلىنغان تۈگرەلەر يېنىك كۆكتاتلار ۋە قوي گۆشى شورپىسى بىلەن سۇنۇلىدۇ.‹‹تەملىك- Tamlick ››سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹مەززىلىك يەنى "delicious"دىگەنلىك بولىدۇ.
قەدىمى شەھەردىكى قېزىل بۆشۈك
Ayalim - Apa - Aela -Yeza is Uyghur for "Wife - Mother - Family - Village"
بۈگۈن شنجاڭ ئۆلكىسدە 6مىلىيون ئۇيغۇر ياشايدۇ،ئۇلار نوپۇسنىڭ 47%نى ئىگىلىدۇ.شەھەرلەرگە جايلاشقان،قانۇندا بىرلا پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىنغان خەنزۇ مىللىتىگە ئوخشىمىغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ بەش ياكى ئالتە بالىلىق بولۇشى كۆپ ئۇچرايدۇ.دىھقان ئائىلىدىن كىلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن بالىلار ئاخىرىدا يەنە ھەر خىل ئۆيدە ۋە ئېتىزلىقتا تۈرلۈك ئشلارغا ھەمدەمدە بولۇشىدۇ.
ئايالىم-ئاپا-ئائىلە-يېزا-"Wife - Mother - Family - Village"
بىر قىسم ئۇيغۇرچە سۆزلەرگە ئېنگىلىزچە سۆزلەر قوشۇلغان.