بورتالادىن ئۈرۈمچى-غۇلجا تاشيولىغىچە30--40 كىلومېتىردەك كېلەتتى.بورتالادىن چىقىپ مەزكۇر دۆلەت تاشيولىغا يېتىپ بارغۇچىلىك يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە قوي پادىلىرىدەك يۈرگەن كىيىكلەر،جەرەنلەرنى كۆردۇق.ئۇلار يولغا يېقىن يەرلەردىلا يۈرۈپتۇ. بىزنى كۆرسىمۇ قېچىپ كەتمىدى.قۇيرۇقلىرىنى ،قۇلاقلىرىنى مىدىرلىتىپلا قويۇپ،بەخىرامان ئوتلاپ يۈردى. بۇ ھال بىزنى بىرەرىنى ئېتىپ بېقىشقا قىزىقتۇردى.بىز چۈشكەن ماشىنىنىڭ شوپۇرى ھەسەنجانغا ماشىنىنى توختىتىش تەكلىۋىنى بەردىم.مەن ماشىنىدىن چۈشۈپلا بىر يولداشنىڭ مىلتىقىنى ئېلىپ 100 مېتىر ئارىلىقتا تۇرغان يوغان بىر كىيىكنى ئاتماقچى بولدۇم."باشلىق ،بېشىغىلا ئاتسىلا،گۆشى زايە بولمىسۇن"دەپ قالغانلار توۋلاشتى.كىيىك يىقىلدى.ئىككى جەڭچىمىز بوغۇزلاپ كۆتۈرۈپ كەلدى.يول باشلىغۇچى ۋالىنوف كېلىپ:ئېلىپ مېڭىڭلار،كەڭساي ئاشخانىسىغا بەرسەك پىشۇرۇپ بېرىدۇ دېدى. شۇنداق قىلىپ كېچىچە مېڭىپ سائەت 12 لەردە كەڭساي ھەربىي بازىسىغا يېتىپ كېلىپ بەلگىلەنگەن گازارما،ياتاقلارغا ئورۇنلاشتۇق.ئاشپەز ئۇستاملار تاماقلارنى تەييارلاپ،ئاپئاق خالاتلارنى كىيىپ بىزنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن.بىزنىڭ تۇرمىشىمىزدا چوڭ ئۆزگىرىش بولىۋاتاتى.گومىنداڭ تامىقىمىزنى ئۆلچەپ بېرەتتى. تويساق تويمىساق شۇلا ئىدى. گومىنداڭنىڭ قارا جىڭمومىلىرى قوسىقىمىزنى ئاغرىتىپ ماغدۇرىمىزدىن كەتكۈزۈپ،يېرىم جان قىلىپ قويغان ئىدى. مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىغا كەلگەندىن كىيىن قورسىقىمىزمۇ،كۆزىمىزمۇ تويدى.
ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ كەڭسايدىكى مىللىي ئارمىيەنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆردۈق.ئۇلار تەنتەربىيە ھەركەتلىرىنى ۋە ھەربىي مەشىقلىرىنى ھەبىي قىسىم دىجورنىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بارىدىكەن.
كەڭسايدىكى مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى ئىچىدە ھەر مىللەت ياشلىرىدىن باشقا كۆپرەك قىسمى بولۇپمۇ باشلىقلار رۇسلار ئىكەن. بۇلارنىڭ قوراللىرى ئېغىر تىپتىكى قوراللار ئىدى.بىز گۇچۇڭ-مورىلاردا ئۇرۇشۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا زەمبىرەكچىلەر تۇەنىنى ئىلى تەرەپكە يۆتكەپ كەنكەنىدى.بىز كەڭسايغا كەلسەك ،بۇ قوراللار كەڭسايدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ قولىدا تۇرىدۇ.ھەتتا بىرقانچە تاڭكىمۇ بار ئىكەن.بۇلارنى جەڭچىلەر كوماندىرلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە تازىلاۋاتىدۇ. بەزىلىرىنى ئوت ئالدۇرۇپ ماڭدۇرۇشقا تەييارلاۋاتىدۇ...
ئەتىگەن تاماقلىرىمىزنى يەپلا ماشىنىغا ئولتۇرۇپ،غۇلجىغا ماڭدۇق.مەن يولداش كاپىتان ۋالىنوفتىن:
-دۈشمەن ئايرۇپىلانلىرى غۇلجا تەرەپكە ئۇچۇپ كېلەمدۇ؟-دەپ سورىدىم.
-ياق،كەلمەيدۇ،-دېدى ۋالىنوف-چۈنكى تەلكى داۋىنىدا ۋە ئاچالدا زېنت پىلىموت ئەترەتلىرى بار.
تەلكى داۋىنىدىن كېچىچە ئۆتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇلارنى كۆرەلمەي قېلىپتۇق.
مەنبە:"مەن كەچكەن كېچىكلەر "ناملىق كىتاپتىن قىسقارتىلىپ ئېلىندى.