باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 568 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «ھايات شۇنداق ئۆگەتكەن» ناملىق كىتاپتىن ئۈزۈندىلەر
ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ئاددىيلىقتا...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10933
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-25
ئاخىرقى: 2012-03-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-07 18:10

«ھايات شۇنداق ئۆگەتكەن» ناملىق كىتاپتىن ئۈزۈندىلەر

«ھايات شۇنداق ئۆگەتكەن» ناملىق كىتاپتىن ئۈزۈندىلەر
 
ئەگەر...

ھاياتتا خۇشال خورام يۈرمەكچى بولسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ!

ھاياتتا بەخىتلىك بولماقچى بولسىڭىز ئەخلاقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ!

ھاياتتا مەڭگۈ پۇت دەسسەپ تۇرماقچى بولسىڭىز ئەقىلگە كۆڭۈل بۆلۈڭ!

ئەگەر يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنداقتا دىنىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ!

 

ئەگەر...

قەلىب مۇھەببەتكە تولسا يۈز نۇرلىنىپ كېتىدۇ.

قەلىب ھەيۋەتكە تولسا پۇت-قوللار بوشىشىپ كېتىدۇ.

قەلىب ھېكمەتكە تولسا تەپەككۇر جانلىنىپ كېتىدۇ.

قەلىب ھاۋايى-ھەۋەسكە تولسا قورساق ۋە شەھۋەت بالاسى جانلىنىپ كېتىدۇ.

 

بىلىم دىگەن نىمە؟

بىلىم مەجھۇل نەرسىنى تونۇش ئەمەس، بەلكى بىلگىنىدىن پايدىلىنىش.

 

ئاقىل ئوتنى ئىسىنىش ئۈچۈن قالايدۇ، ئەخمەق كۆيدۈرۈش ئۈچۈن.

 

يامغۇرى يوق گۈلدۈرماما ئوت –چۆپ ئۆستۈرەلمىگەنگە ئوخشاش ئىخلاسسىز ئەمەل ياخشىلىق كەلتۈرمەيدۇ.


پەزىلەتسىز گۈزەللىك خۇددى پۇراق چاچمايدىغان گۈلگە ئوخشايدۇ.

 

ياخشى كۆرۈش ۋە يىرگىنىشتە چېكىدىن ئاشۇرۋەتمىگىن! دوس دۈشمەنگە دۈشمەن دوسقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

 

يول توسىدىغان بۇلاڭچى ئاللاھقا ئۆز دىنى – ئېتىقادىنى سېتىپ يىگەن كىشىدىن سۆيۈملۈك ۋە يېقىندۇر.

 

ئىنسانلارنىڭ يامىنى ئىككى خىل بولىدۇ: دىنىنى ھاكىم ئۈچۈن ساتقان ئالىم، ئاخىرىتىنى دۇنياسى ئۈچۈن ساتقان ھاكىم.

 

ئەلەم بولمىغىنىدا ئىدى ئىنسان لەززەتتىن ھوزۇر ھېس قىلالمايىتتى. ئەلەمدىن لەززەت، لەززەتتىن ئەلەم ھېس قىلالايدىغانلار ئازلاپ كەتتى...

 

ئىمان بىزگە دائىم كىشىلەرنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئىشەنىچ، راسىتچىللىق، سۆيگۈ، گۈزەل مۇئامىلە قاتارلىقلارنى ئاتا قىلىدۇ.

 

 ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدىن سالامەتلىك مىراس قالىدۇ. كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىدىن نادامەت مىراس قالىدۇ، ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىن مەجنۇنلۇق مىراس قالىدۇ.

 

دىننى چۈشىنىش ئاللانىڭ شەرىئىتىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىنى، ساھابىلەرنىڭ يوللىرىنى ۋە ھاياتى پائالىيىتىنى چۈشىنىش بىلەن بولىدۇ.

 

مۆئمىننىڭ تەبىئىتى ئۈچ: راسىت سۆزلەش، ئامانەتنى ئادا قىلىش، نەپسىگە سېخى بولۇش.

 

ئاقىلنىڭ ئازابى-چۈشەنمەيدىغان كىشى بىلەن سولىنىپ قېلىش.

تەتقىقاتچىنىڭ-ئازابى قارا قورساقنىڭ قول ئاستىغا چۈشۈپ قېلىش.

ئالىمنىڭ ئازابى-ئىلىمىنى جاھىللارنىڭ ئالدىغا قويۇش.

ئەرلەرنىڭ ئازابى-ئاياللار ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغۇچى بولۇش.

ئاياللارنىڭ ئازابى-سۆزلەشتىن چەكلىنىش. 

 

ئاللاھ مال دۇنيانى جەننەتكە يولخېتى قىلىپ ياراتتى. كىشىلەرنىڭ تەمەلىرى ئۇنى دوزاقنىڭ يولخېتى قىلىپ قويدى.

 

بەخىتسىزلىك بىلەن سائادەت ئارىسى ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاش.

جەننەت بىلەن دوزاخ ئارىسى ھايات ۋە ئۆلۈمنى ئەسلەش.

ئىلگىرلەش ۋە كەينىدە قېلىشنىڭ ئارىسى نىشان ۋە غايىنى ئويلاش.

بۇزۇلۇش ۋە تۈزۈلۈشنىڭ ئارىسى قەلىب ئويغاقلىقى.

توغرا خاتانىڭ ئارىسى ئەقىل ئويغاقلىقى.

 

ئەگەشمەستىن ياخشى كۆردۈم دىيىش قۇرۇق دەۋا.

ئىخلاس قىلماستىن ياخشى كۆردۈم دىيىش بالايىئاپەت.

سىرداشماستىن ياخشى كۆردۈم دىيىش ھەسرەت ۋە ئىبرەت.

 

ئۈمىت بولمىغىنىدا ئىنسان ھېچ ئىش قىلمىغان بولاتتى. شۇڭا ئۇ سىز كۆرەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىنىڭ بىرى بوپقالغان.

 

قېرىنداش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: ياخشى خسلەتلىرى بىلەن زىننەتلىنىدىغان قېرىنداش، پايدىلىنىدىغان قېرىنداش ، تايىنىدىغان قېرىنداش. ئەگەر مۇشۇلارغا ئېرىشسەڭ ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلمىغىن! ئۇلاردىن باشقىسىنى پەقەت تاپالمايسەن.

 

ھەرقانداق مۇئەللىپنىڭ كىتابى ئوقۇلىدۇ، ئۇ كىتاپلار سېنىڭ تەپەككۇرۇڭغا ھەرخىل نىشانلار ۋە داۋالغۇشلارنى تاشلايدۇ. كىتاپ ئوقۇساڭ تەپەككۇرى چوڭقۇر، تەبىرى راسىتچىل، قەلىمى ئۆتكۈر، قەلبى رۇس ئادەمنىڭ كىتابىنى ئوقۇغىن!

 

بىز كىچىك بالىغىلا ئوخشايمىز...ھەقىقەتنى يامان كۆرىمىز چۈنكى بىز ئۇنىڭ داۋاسىنىڭ ئاچچىقلىقىنى بىلىمىز، ئۇنىڭ شىپاسىنىڭ ھالاۋىتىدە ئويلانمايمىز. باتىلنى ياخشى كۆرىمىز چۈنكى ئۇنىڭ تەمىدىن لەززەت ھېس قىلىمىز، زەھىرىگە پەرۋا قىلمايمىز.

 

كىشىلەرنى پەرىشتە دەپ مۇئامىلە قىلمىغىن! غاپىل ياشايسەن. كىشىلەرنى شەيتان دەپ مۇئامىلە قىلمىغىن! شەيتانلارچە ياشايسەن. لىكىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمىدا پەرىشتە ئەخلاقى، كۆپىنچىسىدە شەيتان خۇلقى بارلىقىنى ئۇنۇتمىغىن!

 

مەنبە: دوكتۇر مۇستافا سىبائىينىڭ شۇ ناملىق ئەسىرىدىن مۇسلىمبەگ تەرجىمىسى.

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6889
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 240
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە240دانە
ئۆسۈش: 690 %
مۇنبەر پۇلى: 2924 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-03
ئاخىرقى: 2012-05-08

ھاياتتا خۇشال خورام يۈرمەكچى بولسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ!

ھاياتتا بەخىتلىك بولماقچى بولسىڭىز ئەخلاقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ!

ھاياتتا مەڭگۈ پۇت دەسسەپ تۇرماقچى بولسىڭىز ئەقىلگە كۆڭۈل بۆلۈڭ!

ئەگەر يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنداقتا دىنىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ!
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1404
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1404دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 15338 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-05-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-08 00:06

ئاللاھ مال دۇنيانى جەننەتكە يولخېتى قىلىپ ياراتتى. كىشىلەرنىڭ تەمەلىرى ئۇنى دوزاقنىڭ يولخېتى قىلىپ قويدى.
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ