ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم . بۈگۈن 2011- يىلى 10 - ئايدا نەشىردىن چىققان < ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەسلەيمەن > دىگەن كىتابنى سېتىۋېلىپ . بىر قۇر كۆز يۈەۈرتۈپ كىرىش سۆز قىسمىنى ئوقۇب باقتىم ۋە تورداشلارمۇ كۆرۈپ باقسۇن دىگەن مەقسەتتە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ ئوتۇرۇپتىمەن . ئالدى بىلەن كىتاب ئۇچۇرلىرىنى يولىدىم .
ئەخمەتجاننى ئەسلەيمەن جۇڭگو تارىخ مەدەنىيەت نەشرىياتى
ئاپتورى: ماھىنۇر قاسىم (ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئايالى)
2011-يىلى10-ئاي 1-نەشرى
2011-يىلى 10-ئاي 1-بېسىلىشى
بەت سانى: ئىككى قىسىم 879
تىراژى:0000
باھاسى:95.00
بۇ كىتابنى مەن ئۈرۈمچىدىكى ئوغۇز كىتابخانىسىدىن ئالدىم .
كىتابنىڭ بىرىنجى بېتىگە دېڭ لى چۈن تەرپىدىن بېغىشلىما يېزىلغان . دېڭ لى چۈننىڭ ماتىرىياللىرنى
بۇ يەردىن كۆرۈڭ 1949 - يىلى 8 ئاي . مەن جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئالاقىلىشىش خادىمى سۈپىتىدە سوۋىت ئىتىپاقى ئارقىلىق شىنجاڭ غۇلجا شەھرىگە كەلدىم . ئەڭ ئالدى بىلەن مەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەيىسى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئۇچىراشتىم ، ئەينى ۋاقىتتا ئەخمەتجان قاسىمى مەركەزگە يولىغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئەھۋاللىرىنى مەن تىلگىرامما ئارقىلىق مەركەز بېيجىڭغا يوللاپ بەرگەن ئىدىم. 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مەن يەنە ئۆز قولۇم بىلەن مەركەز بېيجىڭدىن يولداش ماۋ زىدوڭ ئەخمەتجان قاسىمىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان سىياسى كېڭەشكە تەكلىپ قىلغانلىقىغا دائىر تىلگىرامىنى ئەخمەتجان قاسىمىغا بەرگىنىمدە يولداش ئەخمەتجان بەكمۇ خوشال بولغان ئىدى ۋە دەرھال يولداش ماۋ زىدوڭغا ئۆزىنىڭ سىياسى كېڭەشكە چوقۇم قاتنىشىدىغانلىقىغا دائىر تىلگىراممىنى يولىغان ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتىكى مەرھۇمنىڭ پۈتۈن سۆز ھەرىكەتلىرى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا . مەن بۇنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن . بۈگۈنكى كۈندە يولداش ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئايالى ماينۇر قاسىم خانىم <ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەسلەيمەن> ناملىق كىتابنى يېزىپ چىقىپتۇ . بۇ تەبرىكلەشكە تىگىشلىك بىر ئىش . مەن ئەنە شۇ بىر دەۋىر تارىخىنىڭ تىرىك شاھىدى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تولىمۇ خوشال بولدۇم.
دېڭ لى چۈن
يازغۇچى بېغىشلىمىسى :
ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەش ماركىزىزىم ئىدىيىسىنىڭ جەۋھىرى . مەن پەقەت بېشىمدىن ئۆتكەنلىرىمنى تەسۋىرلەپ يېزىپ چىقتىم . ئۆزۈم بىلمەيدىغان ئىشلارنى ئارلاشتۇرمىدىم .
ئەخمەتجان قاسىمى بولسا مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم .ھەم مېنىڭ يولدىشىم . 1949- يىلى 8- ئاينىڭ 18- كۈنى جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتىت رەيىسى يولداش ماۋزىدۇڭ ئەخمەتجان قاسىمىغا تىلگىرامما يوللاپ ئۇنى مەركەزدە ئېچىلىدىغان سىياسى كېڭەشكە ۋە دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلغان ، ھەم تىلگىرامىسىدا يولداش ماۋزىدۇڭ :< سىلەرنىڭ كۆپ يىلىق ئىنقىلابى كۆرىشىڭلار ، پۇتۇن جۇڭگۇ دېموكىراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى ، شەرقى شىمالدىكى خەلىق ئازاتلىق كۆرەشلىرىنىڭ غەلبىسى ۋە تەرەقىياتى نەتىجىسىدە ، شىنجاڭنىڭ پۇتۇن ئازاد بولىشىغا ئاز كۈنلەر قالدى . سىلەرنىڭ كۆرىشىڭلار ئاز كۈندە ئاخىرقى پۈتۈن غەلبىنى قولغا كەلتۈرگۈسى>دىگەن ئىدى .
بۇ يۇقىرى باھا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ جاسارىتىگە جاسارەت قوشقان ئىدى. مىڭ ئەپسۇسكى ئەخمەتجان قاسىمى ھەم ئۇنىڭ سەبداشلىرى 1949- يىلى 8- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭگە يىغىنغا قاتناشقىلى كېتىۋاتقان يولدا بەختىسىزلىككە ئۇچۇراپ بەخىتكە قارشى قازا قىلدى ، ئۇ قۇربان بولغان ۋاقىتتا ئەمدىلا 35 ياشتا ئىدى .
بۇ قېتىملىق ئايرۇپىلان ھادىسىسىدە مەن ئىككى قېرىندىشىمدىن ئايرىلدىم . يولدىشىم ئەخمەتجان قاسىمىدىن باشقا مېنىڭ نەۋرە ئىنىم ئوسمانجانمۇ بۇ ۋەقەدە قۇربان بولدى . ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قوغدۇغۇچىسى ئىدى . ئۇ قۇربان بولغاندا بولسا 19 ياش ئىدى .
ئەخمەتجان قاسىمى بىر ئىنقىلاپچى ، ئۇ خەلىقنى ئىنقىلاپقا چاقىرغان ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى خەلىق ئىشلىرىغا ئاتىۋەتكەن .
ئەخمەتجان قاسىمى بىر سىياسيون . ئۇنىڭ ئىدىيىسى تولىمۇ سەزگۈر . نىشانى ئىنىق ئىدى . تولىمۇ مۇرەككەپ قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ئەتىراپ ۋە مۇھىتنى تەپسىلى كۈزىتىپ ماھىرلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلاتتى . ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى پۈتۈن زېھنىنى سەرىپ قىلغان ئىدى .
ئەخمەتجان قاسىم ھەربىيى ئالىم ئىدى . ئۇ خەلىققە باشلامچىلىق قىلىپ گومىنداڭ بىلەن ئەڭ ھەل قىلغۇچ جەڭلەردىمۇ ئارقىمۇ ئارقا غەلبىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى .
ئەخمەتجان قاسىم ياخشى ئاتا ئىدى. ئۇ كۆپ قېتىم باللارنى ياخشى تەربىيەلەش ۋەتەن خەلىققە ياراملىق ئىزباسار قىلىپ چىقىش ھەقىدە سۆزلىگەن ئىدى .
ئەخمەتجان قاسىمى قازا قىلغان ۋاقىتتا مەن ئەمدى 20 ياشتا ئىدىم . ئەخمەتجان قاسىمى مېنى 3 ياشلىق قىزىم ۋە 1 ياشلىق ئوغلۇم بىلەن تاشلاپ كەتكەن ئىدى ، شۇنىڭدىن كىيىنكى كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىم ھەم نۇرغۇنلىغان ياخشى كۆڭۈللۈك كىشىلەر مېنىڭ ياشلىقىم ۋە يالغۇزلىقىم ھەم مېنىڭ جاپادا قالماسلىقىم ئۈچۈن نەچچە رەت ياتلىق بولىشىم توغرىسىدا ماڭا نەسىھەت قىلىشتى ، ئەمما مەن ھەمىسىنى رەت قىلىپ بىر ئۆمۈر يالغۇز ئۆتۈشنى تالىدىم . مېنىڭ قەلبىمدا پەقەت بىرلا ئېتىقات ئۇ بولسىمۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش قانچىلىك قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ ئەخمەتجان ماڭغان يولنى ئاخىرغىچە مېڭىپ تاماملاش ، ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرغان ئىككى پەرزەنتنى ياخشى تەربىيەلەش ئىدى . شۇ قالايماقانچىلىق دەۋىرلىرىدە ماڭىمۇ ئادىل بولمىغان ھۆكۈملەر چىقىرىلغان ، ئەمما مەن ئاخىرغىچە پارتىيە ھۆكىمەتنىڭ ئادىل سىياسىتىگە ئىشىنىپ كەلدىم . خۇددى ئەخمەتجان قاسىمى ھايات ۋاقتىدا ئېيتقاندەك :< ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ .>
ئۇ كەتتى ، كېتىشى تولىمۇ تۇيۇقسىز بولدى . ئەمما ئۇنىڭ روھى ھامان ھايات . ئۇنىڭ روھىنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن مەن پارتىيە ۋە ھۆكىمەتنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۇمىدىنى يەردە قويمىدىم . پارتىيە ۋە خەلىق ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلاپ كەلدىم .
تارىخقا ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن ، مەن ئالدى كەينى بولۇپ شىنجاڭ ۋە ئىچكىردىكى نۇرغۇنلىغان موزىيخانىلارغا بېرىپ تەكشۇرۇپ ماتىرىيال توپلاپ تارىخى ماتىرىياللارنىڭ چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلدىم . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، مەن نۇرغۇنلىغان سەبداشلارنىڭ دوستانە ياردىمىگە ئېرىشتىم . كىتابنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇغلۇق چىقىشى ئۈچۈن ئۇلار نۇرغۇنلىغان ياخشى پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردى . مەن ئۇلارغا كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن .
نۇرغۇنلىغان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كىتاب بەزى كەمچىلىكلەردىن خالى بولالمىدى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشىنى ۋە تەكلىپ - پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھپەرلىكىدە ، ئىناق جەمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن ئاتلانماقتا . مەن ئىشىنىمەنكى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ روھى تولىمۇ خوشال بولماقتا . ئۇ دۇنيادا بىزگە كۈلۈمسىرىمەكتە.
تۈۋەندە كىتابنىڭ بىرقىسىم مۇندەرىجىلىرىنى قالدۇردۇم .
作者的话/1
枪声中的婚礼/4
与婆婆谢尔瓦娜相见/10
晃动的摇床/17
公公之死/21
我的坚娜提在天堂吗/27
哪颗是我的星星/29
眼睛上的疤痕/33
迁徙亚尔肯特/35
孤儿院里的异乡生活/42
在阿拉木图读高中/45
中亚大学——“萨国”的拔尖生/48
就读莫斯科东方社会主义者劳动大学/54
返回祖国/57
神秘的玻璃匠/61
监狱里的斗争/75
芬芳的万寿菊/96
“11·7”武装起义/99 临时政府的成立/106
从游击战线走向宣传战线——从枪杆子到笔杆子/110
艾琳巴克战役中击中的子弹/119
军事部长/143
民族军成立/147
三线出击/155
人民代表/190
和平谈判/201
《和平条款》的签订/219
联合政府的成立/238
努力落实《和平条款》/287
张治中先生访问伊宁/303
我们在乌鲁木齐/321
选举受阻/327
مەنبە :
ئەجداد تارىخ تورى http://www.ejdad.com< ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەسلەيمەن > ناملىق كىتابنىڭ بىرىنجى بەتتىن ئۈچۈنجى بېتىگىچە .