باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1614 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغانلارغا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11038
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-07
ئاخىرقى: 2012-05-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-07 06:06

چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغانلارغا

چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغانلارغا 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!نۆۋەتتە ئارىمىزدا  چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى بار ياشلار ئاز ئەمەس،مالايسىيانىڭ مۇھىتىنىڭ ياخشىلىقى ھەمدە دىنىمىز بىردەك بولغانلىقى ئۈچۈن مالايسىيانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.شۇڭا كۆپچىلىككە ئاز تولا پايدىسى بولۇپ قالسا دېگەن مەقسەتتە بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن1.مالايسىيا ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت بولغاچ،نەدىلا بولساق ھالال يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ.2.مالايسىيادا نەرسە كېرەكلەر ئانچە قىممەت ئەمەس،ئادەتتە شىنجاڭدا 1يۈەن خەلق پۇلىغا بىر قۇتا مېنىرال سۇ ئېلىپ ئىچىمىز،بۇ يەردە مالاي پۇلى 0.8دىن 1 رېنگىتكىچە،ئادەتتە 10 رېنگىت 4.8 يۈەن خەلق پۇلىى ئەتراپىدا بولىدۇ.3.مۇھىتى ئالاھىدە ياخشى،ئۈرۈمچىدە بولساق 6-ئايلاردا نەنسەنگە بىرمۇنچە چىقىم قىلىپ ئائىلە بويىچە ئوينىغىلى چىقىمىز،بۇ يەردە ئۆيىڭىزدىن تالاغا چىقسىڭىزلا ھەممە يەر نەنسەن بىلەن ئوخشاش،ئەلۋەتتە شەھەر مەركەزلىرىدە ئۇنداق ئەمەس،شەھەر مەركىزىدىن 15 كىلومېتىرچە چەتنىسىڭىزلا ھەممە يەر يېشىلچىلىققا پۈركەنگەن ھالەتتە.4.جوڭگولۇقلارنىڭ مالايسىياغا قەدەم ئېلىشى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندە خېلىلا ئاسان.5.تىل ئۆگۈنۈش مۇھىتى ئالاھىدە ياخشى،مالايسىيا ئېنگىلىزتىلىنى ئاساس قىلىدۇ،مالاي تىلى قوشۇمچە ،ئېنگىلىزچە ئۆگەنمەكچى بولغانلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.6.ھېچقانداق جايدا ناماز چەكلەنمەيدۇ،ھەتتە ھەر بىر ماي قاچىلاش پونكىتى،كىچىك ئادەتتىكى ئاشخانىلاردىمۇ تاھارەت ئالىدىغان ئورۇن،ناماز ئۆتەيدىغان مەسجىدلەر بار.7.مالايسىيادا قىش پەسلى مەۋجۇت ئەمەس،شۇ سەۋەبلىك كىيىم كېچەك ۋە باشقىلارنىڭ پۇلى ئىقتىساد بولۇپ قالىدۇ.8.ئالىي مەكتەپلەرنى تاماملاش ۋاقتى بىر قەدەر قىس،دۆلەت ئىچىدە ئېتراپ قىلىدىغان دېپلوم ئالالايسىز.ئادەتتە جوڭگودا 本科دېپلومنى 4-5 يىلدا ئالساق مالايسىيا دا 2-3 يىلغىچە تاماملاپ بولغىلى بولىدۇ،ئەلۋەتتە ئىمتىھاندا ئۆتەلمەي ئويناپ يۈرسىڭىز ئۇنچە ئاسانمۇ توختىمايدۇ.9.........-------------------------------------------------------تۇرمۇش خىراجەت جەريانى: تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنى مىسال ئالىمەنئەتىگەنلىك تاماق ؛ ئۆيدە ئۆزىڭىز تەييارلاپ يېسىڭىز ئىنتاين ئەرزان توختايدۇ،گاھىدە سىرىتلارغا چىقىپ ھىندىلارنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسىدىن تاماق يەپ قالسام تەخمىنەن 5 رېنگىت ئەتراپىدا
چۈشلۈك تاماق؛ئەرەبلەرنىڭ تامىقىنى يېسىڭىز تەخمىنەن 10 رېنگىت ئەتراپىدا،ھىندىلارنىڭ تامىقىنى يېسىڭىز 7رېنگىت،لەغمەن يەيمەن دېسىڭىز مۇ خۇيزۇلارنىڭ ئاچقان ئاشخانىسى بار،بىر قاچا لەغمەن،سومەن لەرنى 10رېنگىتتىن 12 رېنـىكىچە يەيسىز
كەچلىك تاماق؛ئادەتتە كەچلىك تاماقنى ھىندىلارنىڭ ئەرزان،تېز چىقىدىغان ئاشخانىلىرىدا يەيمەن،تەخمىنەن 5-8رېنگىتكىچە.ھېسابتا كۈنىگە نورمال بولسا 20-30 يۈەن خەلق پۇلى،كۆپرەك بولسا 50 يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا بولىدۇ.ئوقۇشقا چىقىمەن دېگەن ئىكەنسىز ئامال بار ئۆزىڭىز تاماق قىلىپ يېيىشنى ئۆگىنىپ كېلىڭ،ئۆزىمىزنىڭ تائاملىرىغا بۇيەرنىڭ ھېچقايسى تامىقى تەڭ بولمايدۇ ئەلۋەتتە.گۆش شىنجاڭدىكىگە قارىغاندا خېلىلا ئەرزان.
ئۆي ئىجارىسى: بۇ يەردىكى ئۆيلەر ئادەتتە ئىككى خىل ھالەتتە بولىدۇ،بىرخىلى بىنادا يەنە بىرخىلى داچا شەكلىدە سېلىنغان (خەنزۇچە 排屋دەيدىكەن ئۇيغۇرچە نېمە دەيدۇ بىلمىدىم) ئۆيلەر،بىنادا ئولتۇرسىڭىز بىر ياتاق ئۆي تەخمىنەن ئايلىقى 300رېنگىتتىن 600 رېنگىتكىچە،ئىچىدە ئايرىم ھاجەتخانىسى بار ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالسىڭىز 450دىن 600 رېنگىتكىچە كېتىدۇ.
يول كىرا ھەققى،ئاپتوبۇسلار بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى،كورلىدىكى ئابتوبۇسلارغا ئوخشىمايدۇ،خالىغان يېرىدە توختايدۇ.پۇلىمۇ ئادەتتە ئوخشاش بولمايدۇ، بىر بېكەتتە توختاش ۋاقتىمۇ گاھىدا ئوخشاش بولمايدۇ،لېكىن باھاسى 1 رېنگىتتىن 3رېنگىتكىچە بولىدۇ.
تاكسى؛ ئادەتتە باشلىنىش ھەققى 3 رېنگىتتىن باشلىنىدۇ،كېچىسى ئامال بار تاكسىغا چىقمىغان ياخشى،كېچىسى چىقسىڭىز قوش ھەسسىلەپ پۇل ئالىدۇ.
باشقا سورايدىغان سۇئاللار بولسا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ماڭا خەت قالدۇرۇڭ-------------------------------------------------------باشقا سۇئاللار بولسا تورداشلار ئىنكاس قالدۇرسا جاۋاب بېرىشكە ھەمدە ئىزدىنىپ جاۋابىنى بېرىشكە ھەر ۋاقت تەييارمەن.كەمىنە مالايسىياغا كېلىپ ئوقۇۋاتقىلى 3 ئايلارچە بولۇپ قالدى،ئىلگىرى پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن ھەمدە بۇ توغرىسىدا ماڭا ياردەم بېرىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولغاچقا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى تارتتىم،نۇرغۇن زىيانلارغىمۇ ئۇچرىدىم ئەلۋەتتە،شۇ سەۋەب تۈپەيلى مەندىن كېيىنكىلەرگە ئاز تولا ياردىمىم تېگىپ قالسا دەپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.كۆپچىلىكنىڭ پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن ئوقۇش چاقىرىقى ئەكەلتۈرۈش ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىمەن.چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن پاسپورت بولۇش كېرەك،پاسپورتنى قانداق بېجىرىش كېرەك؟پاسپورت بېجىرىش قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ1-چەتئەلدىكى مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇشقا چاقىرىق قىلغانلىق خېتى بولۇشى كېرەك،.چاقىرىقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇنى دۆلىتىمىز ئىچىدىكى بەلگىلىك تەرجىمە شىركەتلىرى ياكى تەرجىمە قىلىش ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ توغرا،مۇكەممەل بولغان خەنزۇچە نۇسخىسىغا ئېرىشىش كېرەك.ئاندىن كېيىن چاقىرىق قەغەزنىڭ ئەسلىسى ۋە تەرجىمە نۇسخىسىنى ئېلىپ ئۆزىڭىزنىڭ نوپۇسى تەۋە بولغان رايون،ناھىيە،شەھەرنىڭ ج خ ئىدارىسىگە بارىسىز،古欧宝大队دەپ خىزمەتخانىسىغا كىرىسىز،ماتېرىياللارنى ئۇلارغا تاپشۇرسىڭىز سىزگە بىر جەدۋەل بېرىدۇ،جەدۋەلنى ئېلىپ چۈشەنمىگەن ئورۇن بولسا تەپسىلى سوراپ قايتىسىز.(بەزى رايونلاردا قانۇنسىز،سىياسىي جىنايەتكە ئارلىشىپ قالمىغانلىق ئىسپاتى تەلەپ قىلىدۇ،بۇنى ج خ ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى سىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ)جەدۋەلنى تەپسىلى تولدۇرغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ،ساقچىخانىنىڭ ۋە ساقچى باشلىقىنىڭ تامغىسىنى ئۇرغۇزىسىز. تامغىلار ئۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پاسپورتقا چۈشكەن رەسىمىڭىزنى ئېلىپ ج خ ئىدارىسىنىڭ 国宝大队 ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىسىز،ئاندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشىڭىز ساقلاش خالاس.------------------------------------------------مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى پاسپورتى چىقمىغانلار باشقا ئامال قىلساڭلار بولىدۇ،پاسپورتى چىقىپ بولغانلار تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىڭلار.پاسپورتىڭىز تەييار بولدى،ئەمدىكى قىلىدىغان ئىش مەكتەپنىڭ ئوقۇش ۋېزىسىنى ئېلىش(پاسپورت ئىچىگە چاپلاپ بېرىلىدىغان مەلۇم ۋاقت شۇ دۆلەت ئىچىدە ئوقۇش خىزمىتى ئېلىپ بارسا بولىدىغان ئىسپات)ئالدىنقى قېتىم چاقىرىق ئەۋەتكەن مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاشۇ مەكتەپكە تونۇشتۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ پاسپورت ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىسىڭىز بولىدۇ.ناۋادا بۇ دۆلەتكە چىقماي باشقا دۆلەتكە چىقىمەن دەيدىغان نىيىتىڭىز بولسا قايتىدىن مەكتەپ ئىلتىماس قىلىسز،ئاندىن كېيىن مەكتەپكە قوبۇل قىلىنسىڭىز مەكتەپ سىزگە ۋىزا چىقىرپ بېرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ۋاقتى قەرەلىدە توغىرلاپ ئايروپىلان بېلىتىدىن بىرنى ئېلىپ قويسىڭىزلا بولدى دېگەن گەپ.------------------------------------------------------تۆۋەندىكىلىرى پاسپورت بېجىرمەكچى ۋا مالايسىغا چىقىپ ئوقۇماقچى بولغانلار ئۈچۈن كېتىدىغان بىر قىسىم رەسمىيەت ۋە خىراجەتلەرەتلەر.مالايسىيادىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تىزىملىتىش ھەققى ئادەتتە سىز تاللىغان كەسپ ۋە مەكتەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ تەخمىنەن 3000 يۈەن خەلق پۇلى دىن 4000 يۈەنگىچە بولىدۇ.بەزى تىل تەربىيىلەش مەكتەپلىرىگە تىزىملاتسىڭىز ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئاز كېتىشىمۇ مۆمكىن،لازىم بولغانلار مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرۇم بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار ياكى مۇنبەردە ماڭا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتسەڭلار مەن ۋاكالىتەن ئۇقۇشۇپ جاۋابىنى بېرىشكە تىرىشىمەن.پاسپورت بېجىرىش،ئىلتىماس قىلىش ھەققى،200 يۈەن ئەتراپىدا.چاقىرىق دېپلوملارنى تەرجىمە قىلىش ھەققى تەخمىنەن 600 يۈەندىن 1000يۈەنگىچە بولىدۇ-------------------يۇقارقىدىن باشقا سۇئاللار بولسا تورداشلارنىڭ ئېلخەت ئادىرسىمغا خەت يوللىسا ياردەم بېرىشكە تەييارمەن.
ئۆز تەجرىبىلىرىمگە ئاساسلىنىپ ئالدى كەينى بولۇپ بىرنەچچەيلەنگە چاقىرىق ئەۋەتتىم،بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا پاسپورت بېجىرىپ بولدى،يەنە بىرەيلەن بىلەن ئالاقىلىشالماي قانداق بولغىنىنى بىلەلمەي قالدىم.نۆۋەتتە مەن مالايسىيادىن ئوقۇش چاقىرىقى ئەۋەتىش،مالايسىياغا كەلمەكچى بولغانلارنى ۋاكالىتەن ئورۇنلاشتۇرۇش،ئايرودىرومدا كۈتىۋېلىش،مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇش،كەسىپ ئۇقۇشۇش،مالايسىياغا كىرىپ چىقىش ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بېرىش... قاتارلىق ئىشلاردا كۆپچىلىككە ياردەم بېرەلەيمەن،ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ ئاز تولا چىقىم قىلىمەن شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاكالىتەن چاقىرىق ئەۋەتىش ئۈچۈن 300يۈەن خەلق پۇلى،ئايرودىرومغا ئالدىغا كۈتىۋالغىلى چىقىش ھەققى ئۈچۈن 150 يۈەن خەلق پۇلى ئىش ھەققى ئالىمەن.باشقا ئىشلار ۋە ئورۇنلار بولسا ئايرىم ئورۇنلاشساق بولىدۇ.
ناۋادا تېمىنى ئوقۇپ بولۇپ ياقتۇرمىغان بولسىڭىز دەرھال ئۆچۈرۈپ باشقا تېمىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ،ئۇقۇشماسلىق بولماسلىق ئۈچۈن ئىش ھەققىم دەپ ئايرىپ يېزىپ قويدۇم،مۇۋاپىق كۆرگەنلەر AlkamAnwar@yahoo.com ئېلخەت ئادىرىسى بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار بولىدۇ.
[ بۇ يازمىنىsirik 2012-03-07 10:44قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
مۇرسالات
9495
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10230
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 520 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-06
ئاخىرقى: 2012-04-25

ئەسسالامۇ   ئەلەيكۇم  رەخمەد  تەپسىلى  چۇشەندۇرۇپسىز.   كوڭۇللەردىن سۇ  ئىچكەي    كوڭۇل.
amallar niyatka baglik
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9656
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 1205 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-05-04
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-07 11:34

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ياخشى تىما يوللاپسىز ،خاپا بولماي چىچى نومۇرىڭىزنى يىزىپ قويامسىز ،ئىلخەت ئادىرسىڭىزغا خەت يازسام تازا ئوڭۇشلۇق بولمىدى.
ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق!!!....
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 925
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 83 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-07 11:50

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دوستلىشىش
ohho~duqu
kvlgenning hemmisi dost emes
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 632
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە632دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 6641 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-05-06
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-07 13:32

مالايسىيەدە تىلدىن قىينالمىدىڭىزمۇ ؟
man kangsay azasian
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1390
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1390دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15423 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-07 13:41

پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن چەتئەلدىكى مەكتەپلەرنىڭ چاقىرىقىنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش خېلى يىللار بۇرۇنلا ئەمەلدىن قالغان ئىدىغۇ ؟يا دىيارىمىزدىكىلەر بىجىرسە ھازىرغىچە تەلەپ قىلامدۇ ئۇنى ؟
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11038
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-07
ئاخىرقى: 2012-05-04
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-07 13:51

2-قەۋەت (latifa) نىڭ يازمىسىغا

ئوقۇۋاتقان بولغاچ دائىم چ چ غا چىقىۋالغىلى بولمايدىكەن،ئادەتتە كەچلىكى تورغا چىقالايمەن،شۇ ۋاقتلاردا چ چ دا مۇڭداشساق بولىدۇ،چ چ نومۇرۇمنى مۇنبەردە قىسقا ئۇچۇر ھالىتىدە يوللىۋەتتىم، بولمىسا قاچىلايدىغانلار بەك كۆپ بولۇپ كېتىدىكەن...
توغرا چۈشەنگەيسىز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11038
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-07
ئاخىرقى: 2012-05-04
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-07 13:57

دەسلەپ كەلگەندە ئېنگىلىز تىلى بىلمىگەچ خېلى تەس توختىدى،لېكىن ئىككى ئاي كىتابنى قولۇمدىن چۈشۈرمەي ۋاقىراپ يۈرۈپتىم،خېلى ئوبدانلا سىڭىشىپ قالدى،يەنە بىرىگە مالايسىيا ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تىن باشقا ئەرەب تىلى ئۆگىنىشكىمۇ ئىنتايىن باب كېلىدۇ،ئەرەبلەر ئىنتايىن كۆپ،ئىتتىكلا چىقىشىپ قالغىلى بولىدۇ ھەمدە ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە ئىجارە ئولتۇرۇش پۇرسىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11038
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-07
ئاخىرقى: 2012-05-04
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-07 13:58

شىنجاڭدا تا ھازىرغىچە تەلەپ قىلىدۇ
amallar niyatka baglik
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9656
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 1205 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-05-04
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-07 16:20

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .2602322669 بۇ نومۇرنى بەك ئىشلىىتىپ كەتمەيمەن .مۇشۇ نومۇرنى ھازىرچە قاچىلاپ تۇرۇڭ.
ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق!!!....